ئىزچىمەن، بوران تەخەللۇسىدا يازغان كىتابلىرى ئارقىلىق تور دۇنياسىدا كۆپ ئۇيغۇرلارغا تۇنۇشلۇق بولغان ئاكىمىزنىڭ ئەسلى ئىسمى ئابلىز ئابدۇلھەق بۇلۇپ بۇ ھايات ۋاقتىدا ئۈزى يېزىپ بەرگەن تەرجىمالى. مەن ھىچقانداق ئۆزگەرتىش كىرگزمەي ئېلان قىلدىم. ئابلىز ئابدۇلھەق ئاكىمىز 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىستانبۇلدا 73 يېشىدا ۋاپات بولدى. ئاللا ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن. ئامىن.
مىنىڭ ئىسمىم ئابدۇلئەزىز ئابدۇلھەق بوران . تۈركىيىدە قوللانغان ئىسمىم ئىزچىمەن يۇشۇرۇن تەخەللۇسۇم . مەن 1950-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. دادام ئابدۇلھەق داموللا ھاجىم قەشقەر خانلىق مەدىرىستە ئوقۇغان ئوقۇمۇشلۇق، ئابرۇيلۇق كىشى ئىدى.
- 1950-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان .
- 1957-1963-يىللاردا ئۈرۈمچى 5-باشلانغۇچتا ئوقۇغان
- 1963-1967-يىللاردا ئۈرۈمچى 5-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان
- 1969-1970-يىللاردا ئۈرۈمچى ئۇلانبايدا سۈت فېرمىسىدا قايتا تەربىيە ئالغان
- 1970-1972-يىللاردا ئۈرۈمچى كىچىك ماشىنا چوڭ رېمونت زاۋۇتىدا ئىشچى بولغان
- 1972-1976-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتىدا خىمىيە فاكولتىتېدا ئوقۇغان
- 1976-1980-يىللاردا شىنجاڭ پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە پەن-تېخنىكا تەرجىمانلىقى قىلغان
- 1980-1993-يىللاردا شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىدا خىمىيە فاكولتىتېدا خىمىيە لېكتورلىقى قىلغان
- 1982-1984-يىلى تىيەنجىن نەنكەي ئۇنىۋېرسىتى خىمىيە فاكۇلتېتىدا خىمىيەدىن بىلىم ئاشۇرغان
- 1993-يىلى قازاقىستانغا قاچقان
- 1994-يىلى تۈركىيە ئىستانبۇلغا كەلگەن
- 1996-2010-يىلى ئىستانبۇل سۇ ئىدارىسىدا ھامىدىيە بۇلاق سۇ شىركىتىدە لابورانت بولۇپ خىىيە لابۇراتۇرىيىسىدە ئىشلىگەن
- 2010-2019-يىلى يۈرەك تۇمۇر ۋە دىئابىت كېسىلى سەۋەبىدىن پىنسىيىگە چىقىپ قېرىلار ساناتورىيىسىدە ياتقان

يازغانلىرىم:
- 1976-يىلى «يېزىلاردا مېتان گازىدىن پايدىلىنىش تېخنىكىسى» دېگەن 400 بەتلىك كىتابنى خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. بۇ كىتاب شنجاڭ خەلق نەشرىياتىدا نەشىر قىلىنغان
- 1980-يىلى پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا بيولوگىيە كەسىپلىرى ئۈچۈن 600 بەتلىك نىئورگانىك ۋە ئانالىز خىمىيە دەرسلىك كىتابى خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ شاپىگرافتا بېسىلغان
- 1982-يىلى «ياغاچلىق تېخنىكىسى» دېگەن 400 بەتلىك كىتاب تۈزۈپ ياشلار نەشرىياتىدا ئۇيغۇرچە بېسىلغان
- 1983-يىلى «باشلانغۇچ ماتىماتېكىسىدىكى قىيىن مەسىلىلەر چۈشەندرۈلىشى» دېگەن 450 بەتلىك كىتاب ختايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان. بۇ كىتاب شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتىدا بېسىلغان
- 1985-يىلى «ئەڭ ئېغىر تەبىئى ئېلېمېنت ئۇران»دېگەن 350 بەتلىك كىتاپ شىنجاڭ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتىدا خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بېسىلدى
- 1988-يىلى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش نەشرىياتىدىن «قىزىقارلىق خىمىيە تەجىربە ئۇيۇنلىرى» دېگەن خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان كىتاپ تەھرىرلىگىمدىن كېيىن بېسىلدى
- 1990-يىلى «ئوتتۇرا مەكتەپ خىمەيىسىدىكى قىيىن مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈش» دېگەن 500 بەتلىك كىتاپ خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىدىن بېسىلدى
- 1992-يىلىدىن1993-يىلىغىچە باشلانغۇچ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن شىنجاڭ ياشلار نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «يىللىق ئىمتىھان سۇئاللىرى تۈزۈش گۇرۇپپىسىغا قاتنىشىپ 60 پارچىدەك پايدىلىنىش كىتابى توپلىمى بېسىلدى»
- 1980-1990-يىللار ئارىسىدا «شىنجاڭ پەن تېخنىكا گېزىتى»، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»، ،«شىنجاڭ ياشلار ژۇرنىلى»،«شىنجاڭ بىلىم- كۈچ» ژۇرنىلى قاتارلىق مەتبۇئاتلارغا 100 پارچىدىن ئارتۇق قىسقا پەننى ساۋات ماقالىسى يازدىم.
- 1988-1989-يىللىرىدا «شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇيغۇرچە ئىلمى ژۇرنىلى» غا «سىگمۇند فرېئۇد پىسىخولوگىيە تەلىماتى»، «پىسىخوئانالىز تەلىماتى»، «بور خىمىيىسىنىڭ يۈزلىنىشى – بور ھىدراتلىرىنىڭ كەلگۈسى» قاتارلىق ئىلمى ماقالىلارنى ئېلان قىلدىم
- 1999-يىلى ئىستانبۇل بۇلاق سۇ شىركىتىدە بۇلاق سۇ خىمىيىلىك ئۆزگۈرىشىنى كۈزىتىش ئارقىلىق بۇلاق سۇ قاتتىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدىن يەر تەۋرەشتىن ئالدىن مەلۇمات ئۇسۇلىنى (يەر تەۋرەشتىن 8 سائەت بالدۇر) كەشىپ قىلدىم
تۈركىيىدە يازغان ۋە تەرجىمە قىلغان كىتابلىرىم
- «شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق ئۇسۇلى ھەققىدە ئىزدىنىش» ياكى مۇستەقىللىقىمىزدىن ئۈمىد بارمۇ؟ 1997 -يىلى يازغان ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىنغان 200 بەتلىك كىتاب
- «شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق يولى» ياكى يا مۇستەقىللىق يا ئۆلۈم، 2000-يىلى يېزىلغان 500 بەت، ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرچە بېىلغان
- «شەرقى تۈركىستان ئازاتلىق يولى تەجرىبىلىرى» ياكى جاسۇس كىم؟ ھىكايىسى 700 بەتلىك2002-يىلى ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىنغان
- «پروف ئەخەت ئەندىجان: جەدىتچىلىكتىن مۇستەقىللىققىچە چەتئەللەردە تۈركىستان ئۈچۈن كۈرەشلەر» 1100 بەتلىك تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە ئىستانبۇلدا بېسىلدى.
- «جون تۇلان: ئادولۇف ھىتلېر بىيوگرافىيىسى» 1800 بەتلىك كىتاب 2012-يىلى خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە ئىستانبۇلدا بېسىلدى
- «ئادولف ھىتلېر: كۈرەش يولۇم- قاۋغام» 1000 بەتلىك 2010-يىلى خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە ئىنتېرنەتتە ئېلان قىلىندى تەرجىمىنىڭ داۋامى كېيىنگە قالدى
- «سىگمۇن فرۇئىد بىئوگرافىيىسى» 500 بەت 2011-يىلى خىتايچىدىن ئۇيغۇرچە تەرجىمە داۋامى كېيىنگە قالدى. ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىندى
- «ئابراخام ماسلوۋ پىسىخولوگىيىسى» 300 بەت 2012-يىلى خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە، داۋامى كېيىنگە قالدۇرۇلدى ئىنتېرنېتتە ئېلان قىلىندى
- «ناپالىيون بوناپارت بىئوگرافىيىسى» 2000 بەتلىك خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا، داۋامى كېيىنگە قالدۇرۇلدى،
- «چېرچىل بىيوگرافىيىسى» 2000 بەتلىك خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا داۋامى كېيىنگە قالدۇرۇلدى
- «سولژىنىستېيىن: گۇلاك تاقىم ئاراللار لاگىرى» 2000 بەتلىك خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا داۋامى كېيىنگە قالدى.
- «مىتروخىن: ك گ ب مەخپى ئارخىبى» 2000 بەتلىك خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا، داۋامى كېيىنگە قالدۇرۇلدى.
- «لىدېل خارت يازغان: 2-دۇنيا ئۇرۇش تارىخى » 2000 بەتلىك تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە داۋامى كېيىن تەرجىمە قىلىنىدۇ
- 1989-يىلى ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىدە ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىندىم. قىسقا ۋاقىتتىن كېيىن گۇناھسىز دەپ قويىۋېتىلدىم ئەمما دەرس ئۆتۈشتىن مەنئى قىلىندىم
- «ناپالىيون بوناپارت بىئو گرافىيىسى»خىتايچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە داۋامى كېيىن ئىشلىنىدۇ.2000 بەتلىك

قۇشۇمچە ئىزاھات: مەن ئابلىز ئاكىمىز بىلەن 2009-يىلى يىللىرى تۇنۇشقان. 2012-يىلى يىلى 3-ئايدا ئىستانبۇلدا تۈنجى قېتىم يۈز تۇرانە كۈرۈشۈپ كۆپ پىكىرلەشكەن. شۇنىڭدىن بۇيان ئىزچىل تور ئارقىلىق كۈرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇراتتىم. ھەرقېتىم ئىستانبۇلغا بارغاندا يوقلاپ باراتتىم. بىللە تاماق يەپ، موزىخانلارنى بىللە زىيارەت قىلىپ يازغان كىتابلىرى ھەققىدە سۇئاللارنى سورايتىم. نىمە ئۈچۈن << يا مۇستەقىللىق يا ئۈلۈم >> دىگەن كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىدىنى، نىمە ئۈچۈن گىتلىرىنىڭ، ناپالىئوننىڭ، چېرچىلنىڭ چوڭ ھەجىملىك بىئوگىرافسنى ، شۇنداقلا پىسخولوگىيەگە ئائىت كىتابلارنى، ل گ ب ئارخىپى ناملىق چوڭ ھەجىملىك كىتابلارنى تەرجىمە قىلىشتىكى مەقسىدىنى سورىغاندا، بۇ ئاكىمىزنىڭ بەرگەن جاۋابىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم ھەسسىلەپ ئاشقان ئىدى.
بىزنىڭ چەتئەللەردە قىلغان كۈرەشلىرىمىز بىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىزغا قانداق پايدا – زىيانلارنى ئېلىپ كىلىدۇ؟ دىگەن تىمىدا كۆپ ئىزدىنىپ ئاخىرى بۇ سۇئالغا جاۋاب ئۈچۈن پروف ئەخەت ئەندىجاننىڭ << جەدىتچىلىكتىن مۇستەقىللىققىچە چەتئەللەردە تۈركىستان ئۈچۈن كۈرەشلەر>> ناملىق 1100 بەتلىك كىتابنى تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانلىقنى نۇرغۇن مىساللار بىلەن سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. مەن پات ئارىدا << ئابلىز ئابدۇلھەق ئىزچىمەننى ئەسلەيمەن >> ناملىق بىر يازما يازماقچى. بۇ يازمامدا بۇ ھەقتە تەپسىلى توختۇلىمەن.
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ئېلان قىلغان ۋاقىت 2023-يىلى 1-ئاينىڭ23-كۈنى