بۈگۈن، يەنى 2022 – يىلى 9 – ئاينىڭ 11 – كۈنى (يەكشەنبە) گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامىستېردام شەھرىنىڭ دام مەيدانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە <<نۆل ۋىرۇس سىياسىتى>> سەۋەبلىك 40 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە كەلتۈرۈپ چىقارغان سۈنئىي ئاچارچىلىققا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋە ئۇچراۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆتۈرگەن، شۇنداقلا خىتاينىڭ رەزىل سىياسىتى سەۋەبلىك يۈز بېرىۋاتقان ئاچارچىلىق پاجىئەسىگە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى كۆتۈرۈشكەن بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مەقسىدىنى ئەتراپتىكى يەرلىك ئامما ۋە ساياھەتچىلەرگە گوللاند تىلى، ئىنگلىز تىلى قاتارلىق بىر قانچە خىل تىلدا چۈشەندۈردى.
بۇ قېتىملىق نامايىش ئەتراپتىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار نامايىش ئەھلىدىن ئۆزلىرى قىزىققان بەزى مەسىلىلەرنى تېخىمۇ تەپسىلىي سوراپ بىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى ۋە نامايىش ئەھلىنى قوللاپ ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشتى.
بۇ قېتىمقى نامايىشتا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى تېمىسىدىن باشقا، يەنە نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا قەستەن ۋە سۈنئىي پەيدا قىلىنغان ئېغىر ئاچارچىلىق پاجىئەسىمۇ سالماقلىق ئورۇن ئالغان بولۇپ، 21 – ئەسىرنىڭ بىرىنچى چارىكىدە يۈز بەرگەن بۇ پاجىئە نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي زۇلمىغا بولغان تونۇشى ھەم ئەندىشىسىنى يەنىمۇ بىر بالداق كۈچەيتتى.
خىتاي زۇلمىغا قارشى بۇنداق نامايىش بۇنىڭدىن كېيىن ھەر شەنبە كۈنى ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئىزچىل ئېلىپ بېرىلماقچى. گوللاندىيەدىكى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ نامايىش جامائىتىگە قېتىلىشىنى كۈچلۈك ئۈمىد قىلىمىز.
يېزىلغان ۋاقتى: 2022-يىلى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى







