ئۈچ ئەۋلات جەمەتىمنى بىلدىغان -زەينۇرە ئەيسا خانىمنى ئەسلەيمەن
ئادەمنىڭ ھۆرمىتى ئۈزىدە،
ئۈزۈكنىڭ قىممىتى كۈزىدە.
ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىللىردىن
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
مىللەتپەرۋەر شائىر زەينۇرە ئەيسا خانىمنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋرىنى ئاڭلاپ بۇنىڭدىن 8 يىل بۇرۇن يەنى 2013-يىلنىڭ بېشىدا ئابدۇراھمان ئۆزتۈرۈكنىڭ تاكسىمدىكى ئىشخانسىدىكى تۈنجى قېتىم ئۇنىڭ بىلەن كۈرۈشكەن ۋاقىتلاردىكى سۆھبەتلەر بىر-بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن كەچتى. ئۇ كۇنى ئابدۇراھمان ئۆزتۈرۈكنىڭ گوللاندىيەدىن ئالغاچ كەلگەن ئامانىتىنى ئاپىرىپ بەرگىلى بارغان ئىدىم. ئابدۇراھمان ناھايتى ياخشى ۋاقىتتا كەپسەن، بۈگۈن سىنىڭ يۇرتلىقىڭ زەينۇرە ئەيسا خانىم بىلەن بىر فىلىم ئىشلەش ھەققىدە مەن بىلەن سۆھبەتلەشكىلى كەلمەكچى ئىدى. زەينۇرە خانىمنى تۇنۇمسەن؟ دەپ سوردى. ھەئە تۇنۇيمەن. بىزنىڭ ئۇچتۇرپاندىكى تام قوشنىمىز ھەم بىز ئۇلار بىلەن قۇدا -باجىمۇ كىلىمىز. سىڭلىسى مىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى سىنىپ مەسئۇلىم. مەن زەينۇرە ئەيسا خانىمنىڭ ئانىسى ۋە باشقا ئورۇق-تۇققانلىرىنىڭ ھەممىسىنى تۇنۇيمەن. ئەمما زەينۇرە ئەيسا خانىمنى كۈرۈپ باقمىغان، ئەمما نامىنى بۇلۇپمۇ خىتاي تاجاۋۇز ھاكىميىتگە قارشى كۈرۈش قىلغۇچى قەھىرىمان ئايال ئىكەنلىكىنى ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا ئاڭلىغان بۇلۇپ بۇ ئايالغا بەك ھۆرمىتىم بار ئىدى. بۈگۈن كۈرشۈپ تۇنشىش پۇرسىتى بولغۇدەك دەپ كۈلۈپ قويدۇم. ئۇزۇن ئۆتمەي زەينۇرە ئەيسا خانىممۇ ئىشخانغا كىرىپ كەلدى. رەھمەتلىك ئاپسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان بۇ خانىم بىلەن قىسىقچە سالام-سائەتتىن كىيىن مەن بۇلارنىڭ سۆھبىتىگە دەخلى قىلماي دەپ يان تەرەپتىكى ئۆيگە كىرىپ كەتتىم. بىرەر سائەتتىن كىيىن ئابدۇراھماننىڭ چاقىرشى بىلەن ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقتىم. ۋاي ئوغلۇم، سىز ئۇچتۇرپانلىق ئىكەنسىز. ئۇچتۇرپانىڭ قەيەردىن؟ كىمنىڭ بالسى سىز دەپ سوردى. مەن قاشبۇيىدىن، غېنى خۇدابەردىنىڭ ئوغلى دەپ جاۋاب بىرشىمگە ۋاي بالام سىزخۇدابەردى قاراجىم دادام بىلەن بۇمەريەمخان ئاپامنىڭ نەۋرىسى ئىكەنسىز. بىز سىلەر بىلەن ئاتا-بۇۋېلىرىمىزدىن تارتىپ ياخشى تۇنشىدىغان ۋە تام قوشنا بۇلۇپ ئولتۇرغان. مەن سىزنىڭ بۇۋىڭىز، چوڭ دادىڭىز، دادىڭىز ئۈچ ئەۋلات جەمەتىڭىزنى كۆرگەن. سىزنىڭ ھامىڭىز بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇغان، دادىڭىز مەندىن بىر قانچە ياش كىچىك. بىز داۋاملىق مەھەللىدە بىللە ئوينايتۇق. سىزنى كۈرۈپ شۇ مەھەللىدىكى باللىق ۋاقىتلىرىم ئىسىمگە كىلۋاتىدۇ دەپ ئۈزىنىڭ كىچىك ۋاقىتلىردىكى كۆرگەن قۇلۇم قوشنىلار ۋە ئۇلارنىڭ باللارىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ ئۇچتۇرپاندىكى شۇ ۋاقىتىكى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ماڭغاندا چوڭ ئاپىڭىز رەھمەتلىك بۈمەريەمخان ئاپام بىكەتكە ئۇزۇتۇپ چىقىپ پىشانەمگە سۈيۈپ تۇرۇپ ياخشى ئوقۇڭ قىزىم، سىز مەھەللىمىزدىن چىققان ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ماڭغان بىزنىڭ پەخىرلىك ئەقىللىق قىزىمىز دەپ بىر ياغلىق بىلەن بىرقانچا تۇقاچلارنى يوللۇق تۇتقان ۋاقىتىكى سىماسى ھازىرغىچە ئىسىمدە. ھەر قېتىم تەتىلدىن قايتىپ كەلسەم چوڭ ئاپىڭىز ئەقىللىق قىزىم قايتىپ كەپتۇ دەپ ئۆيگە چاقىرۋالاتتى. يازلىق تەتىل مەزگىلى ئۈرۈكلەرنىڭ تازا مەي باغلاپ پىشقان مازگىلى بولغاچقا كىشمىش ئۈرۈكلەرنى ئالدىمغا قۇيۇپ بىرەتتى. شۇ ئۈرۈكلەرنىڭ تەمى ھازىرغىچە ئاغزىمدا بار. سىلەرنىڭ بېغىڭلار بەك چوڭ بولغاچقا ھەرخىل مىۋىلەر بارئىدى. شۇ باغلار ھازىرمۇ بارمۇ دەپ سورىغان ئىدى. بىزنىڭ ئۆيىمىز ناھىيە ئىچىدە بۇلۇپ ناھايتى چوڭ ئالدى-ئارقا ھويلىلىق پىشايۋانلىق ۋە ئۈ مو چوڭلىقتىكى بېغىمىز بۇلۇپ ناھيىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەنمۇ تام قوشنا ئىدۇق. ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغانلارنىڭ كۈپۈنچىسى بىزنىڭ باغنىڭ مىۋېلىرىدىن ئېغىر تەككەنلەر ئىدى. بۇنداق دىيشىمدىكى سەۋەپ بىزنىڭ بېغىمىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئاشخانسى بىلەن بىر تام ئايرىپ تۇراتتى. مەكتەپ ئاشخانسىدىن تاماق يەيدىغانلار باققا ئوغۇرلۇقچە كىرىپ مىۋىلەرنى ۋاشاڭداپ تۇراتتى. بۇنداق ئەھۋاللار بېغى بارلار ئۈچۈن نورمال ئەھۋال ئىدى. ئەپسۇس بۇ كەڭرى ئۆيلىرىمىز ۋە باغلىرىمىز خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلقىنىڭ قۇربانى بۇلۇپ 2016-يىلى مەجبۇرى چېقىۋېتىلدى. چوڭ ئاپام رەھمەتلىك سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ۋەتەننى تەرىك ئېتىپ تۈركىيەەە چىقىپ كەتكەنلىكىڭىز ھەققىدىمۇ سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. چوڭ ئاپام رەھمەتلىك ھايات ۋاقتلىرىدا خىتايلار يۇرتىمىزغا بېسىپ كىرگەننىڭ ياقى ئۇيغۇرلارغا بىركۈنىمۇ ئارامچىلىق بولمىدى، توختىماي ئۆلتۈرۋاتىدۇ، يا بىز ئۇيغۇرلار ئۈلۈپ تۈگەپ كەتمىدۇق، يا بۇ خىتايلار ئۆلتۈرۈشنى توختاتمىدى، بىزمۇ ئۆز ئەركىنلىكىمىز ئۈچۈن نۇرغۇن كۈرەشلەرنى قىلدۇق، ئەمما غەلبە قىلىپ بۇ خىتايلارنى يۇرتىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرالمىدۇق دەپ مەدەنىيەت ئېنقىلابىدا يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ئەھۋاللاردىن بىر نەۋرە ئاكىسى بولغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتىدە گېنىرال بولغان مۇھەممە ئىمىن ئىمىنوفنىڭ قانداق زىيانكەشلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى سۆزلەپ بىرىش ئارقىلىق بىزنىڭ يۇمران قەلبىمىزگە تاجاۋۇزچى خىتايغا بولغان نەپرەت ۋە ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىشتىن ئىبارەت بىر خىل روھنى سىڭدۈرگەن ئىدى ۋە سىزنى بىزگە ئۈلگە قىلىپ قەلەمدە ۋە ئەلەمدى يىتىشكەن قىزىمىز زەينۇرە شۇنداق ياخشى خىزمىتىنى تاشلاپ ۋەتىننىڭ ئازاتلىقىنى ئۈچۈن تۈركىيەگە چىقىپ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى. ئاڭلىشىمچە ۋەتەن مۇستەقىل بولمىغۇچە قەتئىي قايتمايمەن دىگەن ئىرادىدە كۈرەش قىلۋېتىپتۇ دەپ.
زەينۇرە ئەيسا خانىم چوڭ دادىڭىز خۇدابەردى قاراجىم خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ باي پومچىك، خەتەرلىك ئۇنسۇر، چەتئەلگە باغلانغان ئۇنسۇر دىگەندەك قالپاقلار بىلەن ئۇزۇن يىل تۇرمىلاردا يېتىپ نۇرغۇن بايلىقى، يەر-زىمىنلىرى مۇسادىرە قىلىنغان دەپ چوڭ دادامنىڭ تارتقان ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. قىزغىن سۆھبەتتىن كىيىن بىز بىللە ئاق سارايغا ئۇيغۇر ئاشخانسىغا تاماق يىگىلى باردۇق. ئاشخانىدا گوللاندىيەدىن بىرگە كەلگەن دوستۇم مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىدى. تاماق يىگەچ ئۈچەيلەننىڭ سۆھبىتى يەنىلا ۋەتەن، مىللەت ۋە نۆۋەتتىكى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىدىكى كۈرەشلىرىمىز ھەققىدە بولدى. بۈگۈنكى بىر قانچە سەئەتلىك سۆھبەت جەريانىدا زەينۇرە ئەيسا خانىمنىڭ قەلبىدە ۋەتەن – خەلقىنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن يانغان بۇ ئوتنىڭ يېشىنىڭ چۇڭىيشىغا ئەگىشىپ تېخمۇ كۈچىيىپ ماڭغانلىقىنى ئۇنىڭ ئەمىليىتىدىن،قىلغان خىزمەتلىرىدىن ھىس قىلدىم. زەينۇرە ئەيسا خانىم بىر قانچە يىل ئىلگىرى تۈركىيە ھۈكۈمىتى كۈلتۇر مىنىستېرلىكىگە << مەھمۇت قەشقىرى >> ھەققىدە ئۆزبىكىستان ۋە قىرغىزىستاندا بىر سىنارىيا فىلىمى ئىشلەش ئۈچۈن ئۈچ مىليۇن لىرالىق بىر پىروجېكىت ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى ۋە بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىرقانچە قېتىم ئەنقەرەگە بېرىپ مۇناسۋەتلىك ئورۇنلار ۋە كىشلەر بىلەن كۈرۈشكەنلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ ھەل قىلىنمىغانلىقىنى ئۇھسىنىش ئىچىدە ھەسرەت بىلەن سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. بۇ ئۈزەم ئىمكانىيتىمنڭ يىتىشچە فىلىم كىرىشتۈرەلەيدىغانلارغا ھەق بىرىپ ئىشلەتكەن دېسكىلار سىلەرگە بىردىن سوۋغات قىلاي باللىرىم سىلەرگە مەندىن ئەستىلىك بۇلۇپ قالسۇن دەپ سومكىسدىن ئىككى دانە CD دېسكىنى چىقىرىپ دوستۇم بىلەن ماڭا بىردىن بەرگەن ئىدى. دىسكىنى قولغا ئالغان دوستۇم زەينۇرە خانىم سىز ھەققىدە مەن پەقەتلا ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن. بۈگۈن بۇ يەردە تاماق يىيىش پۇرسىتىدە سىزدەك بىر قەيسەر،ۋەتەنپەرۋەر ئايال بىلەن تۇنۇشقانلىقىمغا سىزنىڭ مۇشۇ يېشىڭىزدىمۇ ھىچبىر ئۈمىتسىزلىنىش ئەمەس بەلكى كەلگۈسگە بىزدەك ياشلارغا بولغان ئۈمىدىڭىزدىن ھەقىقەتەن تەسىرلەندىم. ھەممە ئانىلار سىزدەك ۋەتەنپەرۋەر بولغان بولسا، سىزدەك ئۈمىت ئىچىدە كۈرەش قىلىش روھى بولغان بولسا بىزنىڭ تەقدىرىمىز باشقىچە بۇلۇپ بۇ چاققىچە مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ ئەركىن، ھۆر دۆلىتىمىزدە ياشىغان بۇلاتتۇق، بۇ مۇساپىرچىلىققا خاتىمە بەرگەن بۇلاتتۇق دەپ زەينۇرە ئەيسا خانىمغا بولغان قايىللىقىنى بىلدۇردى. بۇ قېتىملىق سۆھبەت ھەقىقەتەن دوستۇم ئىككىمىزگە بىر قېتىملىق ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەمىلىي دەرىس بولدى. چاڭقىغان دىللىرىمىزگە بىر يېڭى روھ سىڭدى. روھىڭىز ئۇ دۇنيادە جەننەتلەردە بولسۇن زەينۇرە ئەيسا خانىم. سىز بىزنىڭ قەلبىمىزدە مەڭگۇ ھايات. سىزنىڭ ئىش-ئىزلىرىڭىز ئاللاھ خالىسا شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل بولغاندا ئۇچتۇرپان باغرىدا ئۈسۈپ يىتىلىپ تاجاۋۇزچى مانجۇ تاجاۋۇزچىللىرغا قاقشاتقۇچى زەربە بەرگەن يەتتە قىزلىرىم قىزلىرىدەك تارىخلاردا داستان بولغۇسى.
2022-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى يېزىلدى.