ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
1- ئىسمى-جىسمى ئېنىق بولمىغان تور چۇماقچىللىرىغا قارىتا تەدبىر
بىز خىتاينى قۇيۇپ ئۆز ئارا ئايغى چىقماس جەڭگە-جىدەلگە كىرىپ قالدۇق. مىللىتىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەتىدە قانچە ئىتپاقلىققا، بىرلىشىشكە،پۈتۈن تەشۋىقاتىمىزنى خىتايغا قارتىشقا چاقىرغانسېرى،بۇ جەڭگە جىدەل شۇنچە كۈچىيىپ كىتىۋاتىدۇ. ھچىكىممۇ بۇ جەڭگە جىدەلنى توختۇتۇشقا ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا قۇربى يەتمىدى. ئۇيان ئويلاپ بۇيان ئويلاپ كاللامغا مۇنداق بىر پىكىر كىلىپ قالدى، شۇڭا سىلەر بىلەن ئورتاقىلىشپ باقاي دىدىم. تور تېخنىكىسنى ياخشى بىلدىغان باللاردىن بىر گۇرۇپپا قۇرۇپ ئسىمى-جىسمى ئېنىق بولىمىغان،باش سۈرتى يوق، توختىماي زىدىيەتلىك نەرسىلەرنى يوللاپ پىتنە تارقىتىدىغانلارنىڭ تور ئادىرسىنى ئېنىقلاپ چىقىسا، ئاندىن بۇنىڭغا ئاساسەن بۇ پىتنىخور تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلشىپ، بۇلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىكىنى پارچىلايدىغان، تەشكىلات ۋە شەخىسلەر ئارسىغا زىدىيەت تېرىپ ئۆز ئارا جىدەلگە سېلىپ ئىتىپاقىمىزنى بۇزۋەتكەنلىكىنى،داۋا يۇلدىكى پىداكارغا تۈرۈك تۆھمەتلەرنى چاپلاپ ئابرۇيسىزلاشتۇرۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەرىز يېزىپ باقساق قانداق بۇلار؟
2- ئىسمى-جىسمى ئېنىق ئۆز-ئارا تۇنشىدىغانلارغا قارىتا تەدبىر
مەلۇم مەسلىگە بولغان چۈشەنچىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ئىسىم_جىسمى ئېنىق بولغان ئاپتۇر تەرپىدىن يېزىلغان يازما ياكى سۆزلەنگەن سۆھبەتلەرگە قارىتا ئىلمى شەكىلدە يازما يېزىپ ئېلان قىلىنسىمۇ يەنلا تور دۇنياسىدا تەرەپۋازلىق قىلىپ ئۆز-ئارا توختىماي ئىنكاس يېزىشلارمۇ يەنلا تور دۇنياسىدىكى ئىسىم ۋە جىىسمى ئېنىق بولمىغان تور چۇماقچىللىرىنىڭ تىمىغا ئەمەس بالكى شەخىسنىڭ شەخسىيتىگە ھۇجۇم قىلىش بىلەن زىدىيەتنى تېخمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ پىتنە-پاساتنى تېخمۇ كۈچەيتىۋەتتى. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ماقالىنى يازغۇچى بىلەن بۇ ماقالىغا قارشى رەدىيە يازغۇچى نەق مەيدان سۆھبىتىگە چىىقىپ ئىلمى شەكىلدە مۇنازىرە قىلشقا ئادەتلەنسە، مەسلە نىمە؟ بۇ مەسلە قانداق كىلىپ چىقتى؟ مەسىلنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى نىمۇ؟ قانداق قىلغاندا زىدىيەتنى ئەڭ تۈۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈپ ئىتپاقلىقىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز؟ دىگەندەك مەسىللەردە ئىلمى مۇنازىرە قىلىپ باقسا. رىياسەتچىمۇ بىر تەرەپنىڭ پىكىرنى قۇۋەتلىمەي بىتەرەپ ئورۇندا تۇرۇپ سۇئال سورىسا، بەلكىم بۇنداق زىدىيەتلىك مەسىللەرمۇ ئاستا-ئاستا ھەل بۇلۇپ كىتىدۇ دەپ ئۇيلايمەن. گوللاندىيەدە زىدىيەتنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۇك ئۇسۇلى مۇنداقكەن. ئوخشىمغان پىكىردىكىلەر چىرايلىقچە بىر يەرگە كىلىپ ئۈزنىڭ شەخسىيتىگە ئائىت ئىشلارنى بىر ياققا قايرىپ قۇيۇپ پەقەت شۇ ئورتاق مەسلە ھەققىدىلا پاراڭلىشىپ زىدىيەتنى ئەڭ تۈۋەن نوختىغا ئەكىلدىكەن. بىزمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ باقساق. ئەڭ ئاۋال مىللىتىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان قىممەت قاراش ۋە نوقتىلاردىن پىكىر قىلىپ كىلىۋاتقان زىيالىلىرىمىزدىن باشلاپ ئوتتۇردىكى ئختىلاپنى تۈگىتىش،مىللەتنىڭ ئورتاق ئىرادىسى، نۆۋەتتە جىددى قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاردا بىر يەرگە كىلىپ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئاردىكى كۆڭۈلسىزلىكنى، زىدىيەتنى تۈگىتىشكە قەدەم ئېلىپ باقسا بەلكىم ئىشلار ياخشىلنىپ كىتەر. قېنى باشقىلارنىڭ تېخمۇ ياخشى قانداق تەكلىپ –پىكىرلىرى باركىن، ئۇنىمۇ ئوتتۇرغا قۇيۇپ باقسۇم. كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دەپ. جىم تۇرغاندىن ئىزدىنىپ باقايلى. نىيتىمىز توغرا بولسىلا ئاللاھ نىيتىمىزگە يەتكۈزگۈچى.