گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرىگە ئوچۇق خەت

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك (ئۇيغۇر خەلق ماقالى)
گوللاندىيەدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئېلىپ بارغان سىياسى پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىسدە گوللاندىيە پارلامىنتىدا 3 – ئاينىڭ 27- كۈنى ش ت دىكى جازا لاگىردىن قۇتۇلۇپ چىققان ئۈمەربېك ئالى ئاكىمىزنىڭ گۇۋالىق بىرش پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرلۇپتۇ، بۇنى ئاڭلاپ بەك خوش بولدۇم ھەم شۇنداق سۈيۈندىم. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پەيشەنبە كۈنى گوللاندىيە جامائىتى ۋاتساپ توپىدا سادىقجان سەلەي گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان، ۋەتەندىن خىتاي ئىشپىيۇنلىرىنىڭ تېلفۇن تەھدىدىگە ئۇچرىغان ۋە ئائىلسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلاردىن بىر كىشى پارلامېنتتا گۇۋاھلىق بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاۋازلىق ئۇچۇر قالدۇرۇپتۇ. مەن بۇنى خەلقىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى گوللاندىيە سىياسى قاتلىمىدىكىلەرگە بىلدۈرۈشنىڭ ئىنتايىن ياخشى پۇرسىتى دەپ قاراپ، دەرھال مەندە يېتەرلىك دەلىل – ئىسپاتلارنىڭ بارلىقى، ۋەتەندىن خىتاي جاسۇسلىرى ئۇرغان تېلفۇن خاتىرىلىرىدىن تارتىپ خىتاينىڭ تۈرلۈك يوللار بىلەن ئامستېردامدىكى نامايىشلىرىمغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى، ھەتتا ماڭا تەھدىد سېلىپ تىللىغانلىقىغا ئائىت سىن كۈرۈنۈشلىرىگىچە بارلىقى، ئۆزەمنىڭ بۇ ھەقتە گۇۋاھلىق بېرىشكە تەييارلىقمنىڭ تولۇقلىغىنى ۋە گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرىنىڭ بۇلتۇر ماڭا يازغان«سىز گوللاندىيەدە بىرەر تەھدىد ياكى بېسىمغا ئۇچرىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بىز كۆپ مەمنۇن بۇلىمىز» دىگەن خېتىنىڭ روھىي بويىچە تاشقى ئىشلار مىنىستېرىگە خەت يازغانلىقىمنىمۇ ئېيتىپ ئۇچۇر قالدۇرغان ھەم ئالدىنقى ئايدا دۇبەيدىكى بىر تېلۋىزىيە قانىلنىڭ مەن بىلەن خىتاينىڭ ماڭا سالغان تەھدىتلىرىنى ئاساس قىلىپ ئۆتكۈزگەن مەخسۇس سۆھبەتنىڭ ئۇلنىشنىمۇ ئىۋەتكەن بولساممۇ، ئەپسۇس ھىچقانداق جاۋاب قايتۇرماي كەچ بولغاندا سادىق ھاجىم مىنىڭ ئايرىمخانامغا « بۇنىڭغا باشقا ئادەمنى بېكىتىپ بولدۇق» دەپ ئۇچۇر قالدۇرۇپ قويۇپتۇ. ئاندىن مەن: «بۇ ئىشلارنى كىم ئورۇنلاشتۇردى؟ كىم گۇۋاھلىق بېرىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن مېنى ئورۇنلاشتۇرمىدىڭلار؟ ئاشۇ كۈندىكى گۇۋاھلىقنىڭ مۇھىملىقى ۋە پۇرسەت خاراكتىرلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن دەلىل ۋە ۋەزىن جەھەتتە كىمنىڭ كەچمىشى تەسىر قىلالايدىغان بولسا، شۇنى چىقىرىش لازىم ئىدى. شۇڭا بۇ جەھەتتە ئۆزەمنى ئەڭ لايىق دەپ قارايتتىم » دەپ سادىق ھاجىمغا ئۇچۇر قىلسام جاۋاب قايتۇرمىدى. ئاندىن گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمئىيتىنىڭ مەسئۇللىردىن ئابدۇراھمان قاراجىمغا ئۇچۇر قىلسام، «بۇ ئىشقا ئۇبۇلقاسىم ھاجىم مەسئۇلتى، ئۈزى بىلەن كۈرۈشۈڭ» دىدى. ئوبۇلقاسىم ھاجىملار بىلەن ئالاقىلاشسسام، «بىز تەشكىلاتلار مۇنبىرى دەپ بىر مۇنبەر قۇرغان، مۇشۇ مۇنبەردە مۇزاكىرلىشىپ ئىيسا قارىمنى بېكىتكەنتۇق، يالغۇز مەنلا بېكىتمىدىم» دەپ جاۋاب بەردى. ئىيسا قارىممۇ گوللاندىيەدىكى ئۇزۇن يىللىق سىياسى پائالىيەتلەردە ئاكتىپ بىر ئاكىمىز، ئۇنى بىلىمەن. ئىيسا قارىمنىڭمۇ خىتايدىكى ئىشپىيۇنلارنىڭ تېلفۇن تەھدىتىگە ئۇچرىغىنى ۋە ئائىلسى زىيانكەشلىككە ئۇچۇرغنىىمۇ راسىت، ھەم مەنمۇ ئوخشاش، لىكىن مەن بۇلاردىن باشقا گوللاندىيەدىمۇ 8 ئايلىق نامايىش جەرياندا ئىزچىل خىتايلارنىڭ ھاقارەتلىرىگە ۋە تەھدىتلىرىگە ئۇچراپ كېلۋاتمەن، ھەم مەندە بۇنىڭ سىن ھۆججەتلىرى بار. مېنىڭ گوللاندىيەدەك بىر دېموكراتىك بىر دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن مۇشۇ دۆلەتنىڭ ئۆزىدە خىتاي ئىشپىيونلىرىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىشىمىنىڭ ئۆزى گوللاندىيە قانۇنى ۋە بىخەتەرلىك تەدبىرىنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىشى بولىدۇ. مېنىڭ بۇ ئەھۋاللارنى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇشۇم يەرلىك خەلقلەرنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغاش شۇنىڭدەك ھۈكۈمەتنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئورۇنلىرىنىڭمۇ كۈڭۈل بۇلشىگە چاقىرىق قىلىشتا پايدىسى چوڭ بولىدۇ دەپ ئويلىغان ھەم مۇشۇ نۇقتىلاردىن بۇ گۇۋاھلىق بېرىشكە ئۆزەمنى ئەڭ ماس كېلىمەن دەپ قارىغان ئىدىم. گوللاندىيەدىكى بىر قانچە تېلۋىزىيە قاناللىرى ۋە ھەرقايسى گېزىتلار ش ت دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارنىڭ ئېتنىك قىرغنىچىلقىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى،لېكىن گوللاندىيەلىكلەر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىنى تېخى ھىس قىلغىنى يوق. لېكىن مەن بۇ قېتىملىق گوۋاھلىق پۇرسىتىدە گوللاندىيەدە ئۈزەم ئۇچرىغان خىتاينىڭ تەھدىتلىرىنى گوللاندىيە خەلقىگە ئاڭلىتىپ، خىتاينىڭ پۇرسەت كۈتۈپ زىيانكەشلىك قىلدىغان ئۆچ ئالدىغان خارەكتىرىنىڭ بارلىقىنى گوللاندىيە خەلقىگىمۇ بىلدۈرۈپ، تېخمۇ كۆپ يەرلىك گوللاندىيەلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ئۇلارنىڭ ھىسداشلىقىنى قوزغىيالايمەن دەپ ئويلايمەن. ھەممىڭلار كۈرۈپ تۇرغاندەك ھازىرغىچە ئۈچ گوللاندىيەلىك بىزگە ھىسداشلىق قىلىپ مېنىڭ نامايىشمنى قوللاپ، مەن بىلەن بىللە نامايىش قىلۋاتىدۇ.
              \"\"
مەن تەشۋىقاتتىن ئىبارەت ئىس تۈتەكسىز ئۇرۇشتا ئۈزەمنىڭ مىللەت ئالدىدىكى بۇرچىنى ئاداقىلىپ كىلۋاتقان ئاددى بىر تەشۋىقاتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن گوللاندىيە شەرقى تۈركىستان مۇنبىرىگە بىر قانچە سوئالىم بار. بۇ سۇئالنى قۇيشۇم ھەرگىزمۇ ئۆچمەنلىكتىن كىلىپ چىققان بۇزغۇنچىلىق قىلىش ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئەمەس. بولسا بۇ مۇنبەرنى قۇرغۇچىلار پىدائىلار پروگراممىسى ياكى قېرىنداشلار سىتودىيسى سەھىپىسگە چىقىپ، چەتئەلدە جۈملىدىن گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان، ماڭا ئوخشاش ئەھۋاللاردىن خەۋەرسىز قالغان شەرقى تۈركىستانلىقلارغا مۇنبەرنىڭ قۇرلۇشى ھەققىدە ئېنىق جاۋاب بىرىپ ئۈزلىرىنىڭ ئەھۋالىنى قىسىقچە چۈشەندۈرۈپ تۇنۇشلۇق بەرگەن بولسا،مەنمۇ بۇ ئالتە ش ت مۇنبەر ئەزالىرىدىن ئىككىيلەننى تۇنۇپ كەتمەيدىكەنمەن بەلكى خېلى كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ تۇنماسلىقى مۇمكىن.چۈنكى مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىمەن دەيدىغان ۋە مىللەتنىڭ ئورتاق مەنپەتى ئۈچۈن قۇرۇلغان ھەرقانداق تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرىنى،قۇرۇلۇش غايىسى ۋە ئىش پىرىنسىپىنى شۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار چۇقۇم بىلشى كېرەك دەپ قارايمەن.
1- بۇ مۇنبەر قاچان، كىملەر تەرىپىدىن، نىمە مەقسەتتە قۇرۇلدى؟ رەھبەرلىرى كىملەر؟ ئەزالىرىچۇ؟ رەھبەرلىك ئاپپاراتىنى كىملەر سايلاپ چىقتى؟
2- نىمە ئۈچۈن بۇ مۇنبەر قۇرۇلۇشتىن بۇرۇن بۇنداق بىر مۇنبەرنىڭ قۇرۇلدىغانلىقى ھەققىدە گوللاندىيەدىكى كەڭ ئۇيغۇر جامائىتىنى خەۋەردار قىلىنمايدۇ؟
3- نىمە ئۈچۈن خارلىمدا يېڭدىن قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئۇچۇر ۋە تەشۋىقات جەمئىيتى ئەزالىرىدىن بىرەرسى بۇ مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ تىزىملىكىدە يوق؟
4- گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان زور كۆپچىلىك ئۇيغۇرلار بىخەۋەر ھالەتتە قۇرۇلغان بۇ مۇنبەر ئۆزىنى گوللاندىيەدىكى ش ت لىقلارغا ۋەكالىتەن قارار چىقىرشغا سالاھىيەتلىك دەپ قارامدۇ؟ بۇسالاھىيەتنى ئۇلارغا كىم بەرگەن؟
يۇقارقى سۇئاللارنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئوچۇق خەت يېزىشىم ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ پارلامېنتتا گۇۋاھلىق بېرىشىگە ھەسەت قىلىش، ئۆزەمنى كۆرسىتىش ۋە ياكى داڭلىقلار بىلەن رەسىمگە چۈشىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بارلىق ئىمكانىيەت ۋە پۇرسەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، خەلقىمىز ئۇچراۋاتقان زۇلۇملارنى، خىتاينىڭ رەزىللىكىنى گوللاندىيە خەلقىگە تېخىمۇ ياخشىراق بىلدۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىتىمىزنىڭ تەقدىرىگە ۋە مىللىي مەنپەتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا كۆڭۈل بۈلۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى داۋاسىنى قىلۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئورتاق تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ۋاكالىتەن قارا چىقىرىۋاتقان شۇ تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بۇلۇش يالغۇز مىنىڭلا ئەمەس گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق ش ت لىقلارنىڭمۇ ھەققى بار دەپ قارىغىنىم ئۈچۈندۇر. شۇڭا بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرەتتىم. بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق ئىشلاردا كۆپچىلىك خەۋاردار قىلىنماي ئۆز بېشىمچىلىك بىلەن ئىش قىلىنسا داۋاملىق قەلەم تەۋرىتىمەن.كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. تۈۋەندىكىسى مەن ئالدىنقى ئايدا گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىگە يازغان خېتىمنىڭ ئۇيغۇرچىسى. ئۇنىمۇ مۇشۇ مۇناسىۋەت بلەن ئېلان قىلدىم.
\"\"
گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاسىيا ئىشلىرى بۈلمىنىڭ ياردەمچى دىرىكتورى ئارىيەن فان دېن بېرىخ
سىزنىڭ ئالدنقى يىلى پادىشا ئالىيلىرى، باش مىنىستېر مارىك روتى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى بىلوكقا ۋاكالىتەن سەمىمىيلىك بىلەن يازغان خېتىڭىزدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ كۆپ خۇرسەن بولغان ئىدىم. ئەپسۇس خىتاي ئىشخالىيتى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشپ ئېتنىڭ قىرغىنچىلىق دەرىجسگە يېتىپ دۇنيانىڭ داڭلىق ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ كۈندىلىك خەۋەرلىرىدە قىزىق نوختا بۇلۇپ كەلمەكتە. بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ قايغۇلۇق خەۋەرلەر بىزنىڭ يۈرەكلىرىمىزنى ئىزىپ كۈندىلىك خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزغا ئېغىر روھى بېسىم ئېلىپ كەلدى. ئۈزەمدىكى روھىي بېسىمنى يىنىكلىتىش شۇنداقلا ئىزدىركىنى قىلالمىغان ئاتا-ئانام ۋە ئورۇق تۇققانلىرىم بىلەن خىتاينىڭ ناتىس كامپىلىرىدىنمۇ ۋەھشى بولغان جازا لاگىرلىردا جان تالشىۋاتقان خەلقىمنىڭ ئاھۇ زارىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ مىللەت ئالدىدىكى بۇرچۇمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 23- كۈندىن ئىتبارەن 5 كۈن گوللاندىيە پارلامىنىت بىناسىنىڭ ئالدىدا ۋە شەنبە-يەكشەنبە ئىزچىل ھازىرغا قەدەر ئامستېردام دام مەيدانىدا يالغۇز كىشلىك تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلقىنى ئامستېردامغا ساياھەتكە كەلگەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىكى خەلىقلەرگە ئاڭلىتىپ كىلۋاتمەن. بۇ ھەقتە بەزى ئاخبارات ۋاستىللىرىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدىم. ئامستېردامدىكى ئىزچىل ئېلىپ بارغان نامايىشمغا چەتئەلىكلەر بەك قىزىقماقتا. ئەپسۇس خىتايلار بۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلماقتا. ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ ھەتتا تەھدىت سېلىپ دىگەندەك ئامىمىۋى سورۇندا ماڭا ھاقارەت قىلدى. بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماي ھەتتا مىنىڭ ئۈيۈمنىڭ ئەتراپى ۋە خىزمەت ئورنىمنىڭ ئەتراپىدىمۇ مېنى كۈزتۈپ يۈرگەنلىكىنى بايقاپ قالدىم. مەن خىتاينىڭ بۇنداق قۇپاللىق بىلەن ماڭا ھاقارەت قىلغان ئەھۋالىدىن ، شۇنداقلا مېنىڭ كەينىمگە پايلاقچىلىققا چۈششى مىنىڭ ۋە ئائىلەمنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى. ئالدىنقى قېتىملىق جاۋاب خېتىڭىزدە باشقا بىرەر دۆلەتتىن كەلگەن ھەر قانداق بىر بېسىمنى ھىس قىلسىڭىز ۋاقتىدا بىزنى خەۋەرلەندۈرشىڭىزنى سورايمەن ۋە مىننەتدار بۇلىمەن دىگەن سۈزىڭىزگە ئاساسەن مەن بۇ خەتنى يازدىم. مەن گوللاندىيەدەك بىر دىمكۇراتىك دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىپ ئۈزەمنى بىخەتەر ھىس قىلىپ خىتاي تاجاۋۇزىللىرىنىڭ شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېتنىك قىرغىنچىلقىنى دىمۇكىراتيە ۋە ئەركىنلىكنىڭ سىموۋىلى شۇنداقلا دۇنيادىكى داڭلىق ساياھەت شەھرى بولغان ئامىستېردامدىكى دام مەيدانىدا ئېلىپ بېرىۋاتىمەن. ئەپسۇس خىتاينىڭ بۇ يولسىز قىلمىشدىن بۇنىڭدىن كىيىنكى نامايىشمنىڭ، ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە خىزمەت ئىشلىرىمنىڭ نورمال داۋاملىششى ئۈچۈن بىخەتەرلىكىمدىن سەل ئەندىشە قىلىپ بىھۇدە كىلىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مىنىڭ ۋە ئائىلەمنىڭ بخەتەرلىكى ئۈچۈن ئامانلىقىمنى قوغدىشىڭلارنى سەمىمىيلىك بىلەن ئۈمىت قىلىمەن.شۇنداقلا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكى ۋە ياكى گوللاندىيە خىتاي ئەلچىخانسى بىلەن بۇ ھەقتە ئالاقە ئورنىتىپ بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى ۋاكالىتەن سۈرۈشتۈرۈپ بىرىشڭلارنى ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى ئاتا-ئانام ۋە ئوررۇق تۇققانلىرىمنىڭ ھاياتمۇ – ھايات ئەمەسمۇ سۈرۈشتۈرۈپ بىرشىڭلارنى تۈۋەنچىلىك بىلەن ئۈمىت قىلىمەن.
https://www.youtube.com/watch?v=X3m9V4GgtaA&ab_channel=UrxunTarim
ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇرېھىم غېنى ئائىلسى
گوللاندىيە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار مۇنبىرى
ئالاقىلاشقۇچىلار:
ئابدۇسالام نىياز:
ئۇبۇلقاسىم ھاجىم ;
سادىقجان ھاجىم:
زەينىدىن :
ئابدۇسالام:
ئابلەت باكىر:
گۈلىستان :
Yezilghan waqti 11-maart-2019