بارىن ئىنقىلابىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەيمەن

بارىن ئىنقىلابىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەيمەن

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

بۈگۈن 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە يەنى 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى شەرقى تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدا بارىن ئىنقىلابى پارتىلغان كۈن.بۇ كۈن خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ تۆمۈر سىپىل ئىچىدە 40 يىل قۇللۇق ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن شەرقىي تۇركىستان خەلقىنىڭ، قۇل بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، قەلبىدە ئازاتلىق، مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ ئوچمىگەنلىكىنىڭ ۋە ئوچمەيدىغانلىقىنىڭ قەتئىي سىگنالىنى بەرگەن كۈن.بارىن ئىنقىلابى شەرقىي تۇركىستان خەلقىنىڭ<<بىزتېخى  ھايات، بىزگە ئازاتلىق كېرەك>> دىگەن ساداسىنى پۇتۇن دۇنيا جاكارلاپ تارىخ سەھىپىسدىن شانلىق ئورۇن ئالغان ئىنقىلاب.

بۇندىن 30 يىل ئىلگىرى ، قىزىلسۇ ئوبلاستى تەۋەسىدىكى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا خىتاينىڭ «پىلانلىق تۇغۇت، دىنى ئېتىقادنى چەكلەش، شەرقى تۈركىستانغا كۆچمەن يۆتكەش، ئىرقى كەمسىتىش» قاتارلىق سىياسەتلىرىگە، شۇنداقلا دېھقانلارنىڭ ھەرخىل ھاشالارغا مەجبۇرلىنىشى قاتارلىق زۇلۇمغا قارشى 200 ئەتراپىدا دېھقانلار تىنىچ ھالدا ھۈكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن. خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ بىگۇناھ ئاق كۆڭۈل دېھقانلاردىن 50 ئەتراپىدا نامايىشچىلارنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۋەتكەن. كۈپۈنچىسى تۇتقىن قىلنىپ تۈرمىلەرگە سۇلنىپ قىيىن قىستاققا قىيناپ ئۆلتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن خەلىقنىڭ غەزپى قوزغۇلۇپ زەيدىن يۈسۈپ باشچىلقىدا 2000 دىن كۆپ دېھقانلار ساقچىخانا ۋە ھۈكۈمەت ئورگانلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. ساقچىلارنىڭ بىرقىسىم قۇراللىرى تارتىۋېلنىپ، خىتاي ئەسكەرلىرىدىن 5 ئەسكەر ئەسرگە ئېلىنغان ۋە قوزغۇلاڭچىلاردىنمۇ بىرقىسمى خىتاي ئەسكەرلىرىگە ئەسىرگە چۈشكەن. ھەتتا خىتاي ھۈكۈمىتى ھۈكۈمتى ئىنقىلابچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ئەسىرلەرنى ئالماشتۇرغان. زەيدىن يۈسۈپ باشچىلقدىكى بۇ ئىنقىلاب خىتاي ھۈكۈمىتى جاللاتلىرىدىن دىڭشىياپىڭ، جىياڭزىمىن، لىى پىڭ قاتارلىقلارنى قاتتىق چۈچۈتكەن. بۇ جاللاتلار بارىن ئىنقىلابىنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ باشقا شەھەر ۋە يېزىللىرىغا كىڭيىپ كىتىشتىن قاتتىق قورقۇپ، ئىنقىلابنى تۈپ يىلتىزدىن يۇقىتىش ئۈچۈن زامانىۋى ئورۇش ئەسلىھەلىرىنى ئىشقا سېلىپ قانلىق باستۇرۇش نەتىنجىسدە، 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلىنىپ يەتتە كىچە كۈندۈز داۋاملاشقان بۇ ئىنقىلاب، خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ ئاسماندا تور، يەردە قاپقان قۇرۇپ پۈتۈن يېزىنى مۇھاسىرگە ئېلىپ ئۆيمۇ-ئۆيگە كىرىپ قىرغىنچىلىق قىلشى بىلەن قانلىق باستۇرۇلغان. بارىن ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان بىر خىتاي ئەسكىرى كىيىن ئامرىكىغا قېچىپ چىقىپ،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارىن يېزىسىدا ئېلىپ بارغان قوراللىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدە كۆرگەنلىرىنى ئاسكارىلىغان. ئۇنىڭ دىيىشچە پۈتۈن بارىن يېزسسىدىكى خەلىق مەيلى ئىنقىلابقا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغان بولشىدىن قەتئىنەزەر، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ باللىرىنى ئىمتىۋاتقان بىگۇناھ ئاياللارنى ھەتتا نارسىدە بۇۋاقلارنىڭمۇ ۋەھشىيلەرچە ئېتىپ ئۆلتۈرۈگەن.

بارىن يېزىسىدىكى باستۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبلىك خەلقئارا جەمئىيەتمۇ خىتاينى ئەيىبلەپ كەلمەكتە.  خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىى 1999-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھۇقۇقلىرى  ھەققىدە 92 بەتلىك مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بارىن ئىنقىلابىنى باستۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە جاۋابكار بۇلۇش ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.

بارىن ئىنقىلابى،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەڭگۈ تىز پۈكمەيدىغان بىر قەھرىمان مىللەت ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايغا مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق روھىنى ئويغاتقان بىر دەۋىر بۆلگۈچ ئىنقىلاب. بىز شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇلۇپ تاشقان مىللىي غۇرۇر، پۈتمەس-تۈگمەس روھىي جاسارەت ۋە مىللىي ئىرادىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بۇ شەرەپلىك بارىن ئىنقىلابىنى سۈينىش ۋە پەخىرلىنىش ئىچىدە ئەسلەيمىز. شۇنداقلا بۇ ئىنقىلابتا ئۈزنىڭ قىممەتلىك ھاياتى ۋە بارلىقىنى خەلىقنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن قۇربان قىلغان ئاشۇ شەھىتلىرىمىزنى قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە ئەسلەيمىز.شۇنداقلا بارىن ئىنقىلابى تارىخنى ياراتقان ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەنىۋى بايلىقى بولغان زەيدىن يۈسۈپ قاتارلىق مىللىي قەھىرمانلىرىمىزنى پەخىرلىنىمىز. شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا قارشى كۈرەش ئىرادىسى نامايەن قىلغان بۇ كۈننى مەڭگۇ ئۇنۇتمايمىز.شەرقى تۈركىستانلىقلار دۇنيادىكى باشقا ھۆر خەلىقلەرگە ئوخشاش ھۆر تۇغۇلغان. بىز شەرقى تۈركىستانلىقلار خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ مۇستەملىكىسدىن قۇتۇلۇپ ئۈزىمىزنىڭ ھۆرلۈكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىمىز. بارىن روھىي تۇتاشتۇرغان بۇ ئوت شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگىچە داۋاملاشقۇسى. ياشسىۇن شەرقى تۈركىستان مۇستەقىلىقى. بارىن ئىنقىلابىنى ئۇنۇتمايلى.

ئابدۇرېھىم غىنى ئۇيغۇر 2020. يىلى 4. ئاينىڭ 5. كۈنى