گوللاندىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر يەرمەنكىسى ھەققىدە

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

كۈلتۈر دىمەك- مەۋجۇتلۇق دىمەكتۇر.

خاتىرەمدىن

دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ساننىڭ ئۆزلۈكسىز ئېششىغا ئەگىشىپ ھەرقايسى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردىكى ئىمكانىيەتلەردىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلقىنى ئاڭلىتىش بىلەنلا قالماي، ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى يەرلىك خەلقلەرگە تۇنۇشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ قوللىشىغا ۋە ھېسداشلىقىغا ئېرىشىپ كەلمەكتە.

 گوللاندىيەدىكى ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيتى بۇ جەھەتتە ئىزچىل پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرىدۇر. بۇ تەشكىلات 2009-يىلى گوللاندىيەدە قۇرۇلغان بۇلۇپ، 2013-يىلىدىن باشلاپ گوللاندىيەنىڭ زەيىست شەھىرىدە ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنانى ئىجارىگە ئېلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىجتىمائىي، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتقان ئىدى. 2014-يىلى 4- ئايدا بۇ تەشكىلات تۈنجى قېتىم گوللاندىيەدە << ئۇيغۇر يىمەك-ئىچمەك >> يەرمەنكىسنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يەرلىك خەلقلەرگە تۇنۇشتۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسنى ئاچقان ئىدى. شۇنىڭ ياقى ھەريىلى ئىككى قېتىم بۇ خىل ئ‍جتىمائىي پائالىيەتنى ئ‍ىزچىل ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ ، 2019-يىلى باشلانغان خىتاي ۋىروسى تەھدىتى ۋە دۇنيا خارەكتېرلىك يولغا قويۇلغان  ۋىروسقا قارشى قامال قىلىش، ھەرخىل چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن بۇ پائالىيەتلەرمۇ ئىككى يىلدىن ئارتۇق توختاپ قالغان ئىدى. بۇ يىلدىن باشلاپ چەكلىملەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشى بىلەن، ياۋرۇپا شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيتى 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 18-،19-كۈنلىرى زەيسىت شەھرىدە كۆلىمى بىرقەدەر چوڭ بولغان << ئۇيغۇر يەرمەنكىسى >> پائالىيتىنى ئۆتكۈزدى. بۇ پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا زەيىست شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى كوس يانسېن (Koos Janssen) ئەپەندىم  ، بەزى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، جازا لاگېرى شاھىتلىرىدىن قەلبىنۇر سىدىق خانىم، قاتارلىقلار قاتناشتى. جازا لاگىرى شاھىدى قەلبىنۇر خانىم جازا لاگىردىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى شەھەر باشلىقىغا تەپسىلى ئاڭلاتتى. شەھەر باشلىقى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى ئەيىبلەپ ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر يەرمەنكىسنىڭ ئۇيغۇرلارنى يەرلىك خەلقىلەرگە تۇنۇشتۇرۇشتا ئالاھىدە رولى بارلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىپ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قولىدىن كېلدىغان ياردەملەرنى قىلىدىغانلىقنى بىلدۈردى. << ئ‍ۇيغۇر يەرمەنكىسى >> نىڭ ئىككىنجى كۈنى جازا لاگىرى شاھىتلىرىدن ئۈمەر بەككالى ۋە فىرانىسيەدە ياشاۋاتقان جازا لاگىرى شاھىدى گۈلباھار جېلىلوۋا تۈرۈكلەرگە ئۈزىنىڭ جازا لاگىرىدكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللىرىنى ئاڭلاتتى.

بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ھەرخىل ئۇيغۇر تائاملىرىدىن كاۋاپ، سامسا، پولو، نان، ھەرخىل پېچىنە پىرەنىك، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئىپادىلەيدىغان ھەرخىل كىيىم-كېچەكلەر، دوپپىلار، ئۇيغۇر كىتاپلىرى قويۇلدى. گوللاندىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار، گوللاندىيەلىكلەر، تۈركلەر ۋە باشقا مىللەتلەر شۇنداقلا گېرمانىيە، بېلگىيەدىن، فىرانسىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلارمۇ ئىشتىراك قىلىپ لەززەتلىك ئۇيغۇر تائاملىرىدىن ھۇزۇرلاندى. بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس ئوينايدىغان ئورۇنلار ھازىرلىنىپ باللارنىڭ خوشال -خورام ئويناپ ،ئۆز ئارا تونۇشۇشىغىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىلدى.

دىئاسپورادا << ئۇيغۇر يەرمەنكىسى>> ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيتى  نىمە؟ بۇنى تۈۋەندىكى نوقتىلارغا يىغىنچاقلاشقا بۇلىدۇ  

  1.  ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى شۇ دۆلەتتىكى يەرلىك خەلقلەرگە تۇنۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈزىگە خاس كۈلتۈرگە ئىگە، خىتايدىن پەرقلىق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تېخمۇ جانلىق شەكىلدە تونۇشتۇرغىلى بۇلىدۇ
  2. شۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىنى تېخىمۇ يېقىندىن تونۇشىنى، ئۆز-ئارا چۈشۈنۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ جامائەتلىشىپ ياشاشنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلدۇرغىلى بۇلىدۇ
  3. بالىلارغا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلۇق مىللى كىملىكىنى ھېس قىلدۇرغىلى، بۇلۇپمۇ ئۇيغۇردىن ئىبارەت بىر توپلۇمنىڭ مەۋجۇتلىقىنى، ئۆزىنىڭ بۇ توپلۇمنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇغىلى بۇلىدۇ
  4. بۇنداق بىر پائالىيەتنىڭ پەقەت ئ‍ۆز-ئارا ھەمكارلاشقاندا،ئاندىن روياپقا چىقارغىلى بۇلىدىغانلىقىتىن ئىبارەت ھەمكارلىق تۇيغۇسىنى ھېس قىلدۇرغىلى بۇلىدۇ
  5. دىياسپۇرادا سېتىۋېلىش بىر قەدەر قىيىن بولغان ئۈيغۇر كۈلتۈرىگە ئائىت كىيىم -كىچەك، ھەرخىل دوپپا، بايراق، ئىزنەك، كىتاب قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق بۇلار قەدىرىيەتلىرىمىزنىڭ قىممىتىنى ھىس قىلالايمىز

      ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر توپلۇمى ۋەتەننڭ كىچىكلىتىلگەن بىر كارتىنسى

يېرىدىن ئايرىلغان يەتتە يىل يىغلار، يۇرتىدىن ئايرىلغان يەتمىش يىل دەپ،  ۋەتەن ھەسىرتىدە ئۆرتىنگەن قەلىبلىرىمىز مانا مۇشۇنداق دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇر توپلىملىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي  پائالىيەتلەرى ئارقىلىق ئازراق بولسىمۇتەسەللى تاپىدۇ. شۇنداقلا ئۈزىمىزنى بۇ توپلۇمنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىدۇردۇ. ئۈزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلۇق مەسئۇلىيتىمىزنى، مەجبۇرىيتىمىزنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۈزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش پەقەت مانا مۇشۇنداق توپلىشىپ ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەركەت قىلغاندىلا ئۆزىمىزنىڭ يات تۇپراقلاردا يالغۇزچىلىقنى ھىس قىلدۇرمايدۇ. شۇنداقلا ئېرىپ  ئاسمىلاتسىيە بۇلۇپ كىتىشدىن ساقلايدۇ. ئۆزىمىزنىڭ ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ  روھىيتىنى ئۇيغۇر روھى بىلەن ياشارتىپ مەنىۋىيتىمىزنى ئۇيغۇرلۇق بىلەن تۇيۇندۇردۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا دىياسپۇرادا << ئۇيغۇر يەرمەنكىسى>> ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق غەرب ئەللىرىگە شانلىق تارىخى كۈلتۈرىمىز ۋە ئۆرىپ ئادەتلىرىمىزنى تۇنۇشتۇرۇشتا رۇلى ناھايتى چوڭ. بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈر ئاساسىنىڭ كۈچلۈك مىللەت ئىكەنلىكىنى، بىراۋلارنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىغا ئەمەس، بەلكى چۈشىنىشى ۋە ھۆرمەتلىشىگە لايىق مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى نامايەن قىلالايمىز. خىتاي كۈلتۈرى بىلەن ئ‍الاقىسى، باغلىنشى مۇناسىۋتى بولمىغانلىقىنى ئەملىي پائالىيەتلىرىمىز ئارقىلىق ئىسپاتلاپ  21-ئەسىردە <<قايتا يۈزبەرمەديدۇ>> دىگەن قەتلامنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا يۇرتى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بىرۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى بىردىن-بىر يول ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئەركىن، ھۆر ياشاش ئىرادىسنى نامايەن قىلالايمىز.