شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش ھەربىر شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ مىللىي ۋە ۋىجدانى بۇرچى
مىللىي بايراملىرىنى خاتىرىلىمەيدىغان مىللەت تارىخ ئىزى يوقالغان مىللەت. خاتىرىلىگۈدەك مىللىي بايراملىرى، مىللىي قەھرىمانلىرى تۇرۇپ خاتىرىلىمىگەن مىللەت نادان مىللەت. بۇنداق مىللەت تارىخ سەھنىسىدىن سۈپۈرۈلۈپ تاشلىنىدۇ. – خاتىرەمدىن 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ ئامستېردام دام مەيدانىدا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان يالغۇز كىشىلىك نامايىشىمنىڭ ئەڭ يارقىن، ئەڭ …
