خىتاي دۆلىتىنىڭ 74 يىللىقىغا قارشى پائالىيەتتە ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ نۇتۇقى بىر خىتاي ئايال تەرىپىدىن يولسىزلارچە توسقۇنلىققا ئۇچرىدى

10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك دۆلىتىنىڭ دۆلەت قۇرۇلغان كۈنى بۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كۇندە داغدۇغلۇق دۆلەت بايرىمىنى تەبىرىكلەش پائالىيتى ئېلىپ بارىدۇ. ئوخشاشلا، بۇ كۈن خىتاي مۇستەملىكسى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، مانجۇرىيە، جەنۇبى موڭغۇلىيە،خاڭكۇڭ، شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان فالۇڭگۇڭ، خىتاي دىمكۇراتچىلىرى ئۈچۈنمۇ بىر ماتەم كۈنى. شۇڭا، ھەريىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامىستېردام دام مەيدانىدا خىتاي دۆلىتىنىڭ دۆلەت بايرىمىغا كەڭ كۈلەملىك نارازىلىق نامايىش ئېلىپ بېرىلدۇ.

مەن 2018-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامىستېردام دام مەيدانىدا

خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلقىنى، شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ غايىب بولغان 19 نەپەر تۇغقىنىمنىڭ بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ بىر جانلىق كارتىنسى

ئىكەنلىكىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن يالغۇز كىشلىك تىنچ نامايىش باشلىغاندىن تارتىپ، ھەريىلى فالۇڭگۇڭ بىلەن خەلىقئارالىق خىتاي كومپارتىيسىدىن چىكىندۈرۈش مەركىزى گوللاندىيە شۆبىسنىڭ ھەمكارلىقىدا خىتاي كوممۇنىستىك دۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىغا قارشى پائالىيەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلقى ھەققىدە ئىزچىل نۇتۇق سۆزلەپ كىلىۋاتقان بىر ئاكتىۋېسىت.

ھەريىلقى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىغا قارشى پائالىيەتتە، خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئالدى بىلەن ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت مارشىنى ياڭرىتىپ، ئاندىن خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى تولۇق 15 مىنۇت سۆز قىلاتتۇق. ھەر يىلقى پائالىيەت پۈتۈنلەي مۇشۇ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى. ئوخشاشلا، بۇيىلمۇ فالۈنگۇڭچىلار تەشكىلاتىدىن لويۇڭ دېگەن ئايال ماڭا بىر قانچە قېتىم تېلفۇن قىلىپ، مېنى ۋە مەن قۇرۇپ چىققان «ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتى» نى خىتاي كوممۇنىستىك دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 74 يىللىقىغا قارشى پائالىيەتكە تەكلىپ قىلدى.

ئۇ ماڭا: « ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا، تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى كىلىپ بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە كىلىپ قاتناشقان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ 21-ئەسىردە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئەڭ ۋەھشى زۇلمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى گوللاندىيەنەڭ يۈرىكىدە تۇرۇپ پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلاتقان بولساق» دېدى.

ئۇنىڭ سۆزى توغرا ھەم ھەقلىق بولغاچقا، مەن ئۈزەمنىڭ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغانلىقىمنى بىلدۈردىم. ئەلۋەتتە، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلقىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن پۇختا – ياخشى تەييارلىق قىلدىم.

10-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 12:30 بىلەن، بىز بىر قانچە نەپەر ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىغا ئائىت لوزىنكىلارنى ئېلىپ ئامىستېردام دام مەيدانىغا كەلدۇق. ئاۋۋال بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن ئوخشمغان مىللەت ۋە تەشكىلاتلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئادەملىرى بىلەن كۈرۈشۈپ – ئەھۋاللىشىپ، خاتىرە رەسىملەرگە چۈشۈپ بولغاندىن كىيىن، بىزگە كۆرسىتىپ بىرىلگەن ئورۇنغا بېرىپ پائالىيەتنىڭ باشلىنىشنى كۈتۈپ تۇردۇق. سائەت 13:00 دە، رىياسەتچى ۋېكتور ۋېستېركامىپ بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئېلان قىلىش بىلەن پائالىيەت رەسمىي باشلاندى.

ماڭا سۆز قىلىش پۇرسىتى كەلگەندە، مەن ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۆلەت مارشىنى ساماغا ياڭرىتىپ، ئاندىن تەييارلاپ كەلگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلقىغا ئائىت يازمامنى مېكروفىن ئارقىلىق جاراڭلىق ئوقۇپ چىقتىم. ئەلۋەتتە، بۇ ئارقىلىق دام مەيدانىدىكى ئىشتىراكچى خەلقلەرنىڭ تونۇشى ۋە ھىسداشلىقىنى قوزغىدىم. پائالىيىەت كۈنتەرتىپ بىلەن ئوڭۈشلۇق داۋام قىلىپ كىتىۋاتاتتى.

بىر چاغدا رىياسەتچى پېتىر ۋېستېركامىپ مىنىڭ يېنىمغا كېلىپ، بايا جامائەتچىلىككە بەرگەن بايانات خاراكتېرلىك نۇتقۇمنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدى. مەن ئۇنىڭغا، «بىر قېتىم ئوقۇپ جامائەتنى خەۋەردار قىىپ بولدۇمغۇ»دېىسەم، «ئۇنى بىلىمەن، ئەمما سەن يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ بەرگەن بولساڭ» دەپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىپ، مەيدان ئەھلىنى راسا قىزىقتۇرۇپ سۆزلەۋاتسام، يان تەرەپتە تۇرغان بىر خىتاي ئايال تۇيۇقسىز، ئەمما ناھايتى قۇپاللىق بىلەن ئالدىمغا كىلىپ، «سەن دەرھال سۈزۈڭنى توختات!» دېگىنىچە قوللىرىنى شىلتىپ كەتتى. مەن چىرايلىقچە ئۇنىڭغا، سەۋر قىلىپ تۇرساڭ دەپ ئىشارەت قىلغان بولساممۇ، ئەمما ئۇ قىلچە پەرۋا قىلماي، بارغانچە بېرىپ ناھايىتى قۇپاللىق بىلەن مىكروفىنىڭ سىمىنى ياڭراتقۇدىن تارتىپ چىقىرۋەتتى، ئارقىدىن ماڭا قوللىرىنى شىلتىپ توختىماي ۋاقىراپ كەتتى.

مەن بۇ ئايالنىڭ ئۆكتەم – يولسىزلىقىدىن قاتتىق بىئارام بۇلۇپ تۇرسام، ماڭا يېقىنلا تۇرغان بىر قىسىم خىتاي دىمكۇراتچىلىرى ۋە خاڭكۇڭلىقلار يۈگۈرۈپ كىلىپ، بۇ ئايالنىڭ ماڭا قىلغان قۇپاللىقىغا نارازىلقىنى ئىپادىلەپ ئۇنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

مەن ھېلىقى ھازازۇل خىتايغا «سەن كىمۇ؟ نىمە ئۈچۈن مېنىڭ سۆز قىلىشىمغا توسقۇنلۇق قىلىسەن؟» دىيشىمگە، ئۇ قوللىرىنى شىلتىپ يەنە ئالدىمغا كەلدى. نەتىجىدە، دام مەيداننىڭ تەرتىپىنى قوغداۋاتقان بىر قانچە نەپەر ساقچى دەرھال يېنىمىزغا كىلىپ نىمە ئىش بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى. ئۇ خىتاي ئايال ساقچىلارنىڭ ئالدىدا ماڭا ئۆكتەملىك قىلىپ «دىن تەشۋىق قىلىۋاتىدۇ…» دەپ ماڭا تۆھمەت قىلدى. مەنمۇ بوش كەلمەي قولۇمدىكى نوتۇق ئورىگىنالىنى ساقچىلارغا كۆرستىپ بولغان ئەھۋاللارنى دىدىم.

ئارقىدىن، مېنى سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلغان پېىتر ۋېستېركامپقا، سەن بۇ ئەھۋاللارنى ساقچىلارغا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ قوي دەپ، ئۇنىڭ قولىدىكى سۆز قىلدىغانلار تىزىملىكىدىكى ئىسمىمنى ساقچىلارغا كۆرسەتتىم.

مەن سۆز قىلىۋاتقاندا گوللاندىيەدىكى بىر رادىيو قانالىنىڭ مۇخبىرىمۇ مىنىڭ سۈزۈمنى نەق مەيداندا ئاۋازغا ئېلىۋاتقان بۇلۇپ، سۈزۈمنىڭ بۇ ختاي ئايال تەرپىدىن تۇيۇقسىز ھەم قۇپاللىق بىلەن مەجبۇرىي توختۇتۇلۇپ قۇيلىشى بۇ مۇخبىرنىڭمۇ دىقىتىنى تارتتى. بۇ مۇخبىر مەن بىلەن قىسىقچە سۆھبەت ئېلىپ باردى ۋە نەق مەيداندىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزئەينى خاتىرلەپ، بۇ ھەقتە رادىيودا مەخسۇس خەۋەر قىلىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنداقلا، پات ئارىدا ئۈزىنىڭ بۇخەۋەرنىڭ ئۇلنىشىنى ماڭا ئەۋەتىپ بىردىغانلىقىنى ئېيتىپ، ماڭا تەسەللى قىلغانمۇ بولدى.

مىنىڭ سۆزۈمگە قۇپاللىق بىلەن قارشى تۇرغان خىتاي ئايالنىڭ ئىسمى لى خۇن بۇلۇپ، ئۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيسىدىن چىكىندۇرۇش مەركىزىنىڭ، يەنى <<تۈي داڭ 退党>> نىڭ گوللاندىيە شۆبىسى مەسئۇلى ئىكەن. مەن گوللاندىيەدەك بىر دىمكۇراتىك دۆلەتتىن سىياسى پانالىق تىلەپ تۇرۇپ، يەنە باشقىلارنىڭ سۆز قىلىش ئەركىنلىكىگە قۇپاللىق بىلەن قارشى تۇرغان بۇ خىتاي ئايالنىڭ كاللىسىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مۇستەبىت ئىدىيسىنىڭ زەھىرىدىن ھېلىھەم تازىلانمىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدىم.

مەندەك بىرنەچچە يىلدىن بىرى ئامىستېردام دام مەيدانىدا تىنىچ شەكىلدە نامايىش قىلىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلقىنى دۇنياغا تونۇتۇپ، ئۆز مىللىتىنىڭ ھۆرلۈك – ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى بىر ئۇيغۇرنىڭ سۆز – ساداسى ئۆكتەم خىتايلار تەرپىدىن بىر قانچە قېتىم قۇپاللىق بىلەن قارشىلىققا ئۇچرىدى.

مەن ھەرقېتىم مۇشۇنداق قارشىلىققا ئۇچرىغاندا، مېنىڭ يېنىمدا گوللاندىيەدىكى بەش مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئەمەس، بەلكى بىرقىسىم خىتاي دىمكۇراتچىلىرى ۋە خاڭكۇڭلۇقلار يانمۇيان تۇردى. يەنە بىر تۈركۈم خىتايلار بولسا، مېنىڭ سىياسىيدىن قاچىدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىم بىلەن ئوخشاشلا سۈكۈتتە تۇرۇپ، مېنى سىياسىي دەۋا ۋە سىياسىي نىشان قاتارلىق تەرەپلەردە چۇڭقۇر ئويغا سالدى.

مەن بۇ قېتىملىق پائالىيەتتىن بۇرۇن مەن بىلەن نەچچە قېتىم تېلفونلاشقان لويۇڭ بىلەن بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە پاراڭلىشىپ، بۈگۈنكى پائالىيەتتە مىنىڭ سۆز قىلىشىمغا قۇپاللىق بىلەن قارشى تۇرغان بۇ ختاي ئايال ھەققىدە يازما يېزىپ ئېلان قىلدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ۋە ئۇنىڭ كىملىكى ھەققىدە ئۇچۇر بىرىشنى تەلەپ قىلدىم. ئەمما، ئۇ ماڭا بۇ ئىشنى بولدى قىلىشنى، بۇ ھەقتە يازما يازماسلىقىمنى ئۈتۈندى. مەن دىمۇراتىك بىر دۆلەتتە پىكىر ئەركىنلىكىمنىڭ چەكلىنىشنى كەسكىن قۇبۇل قىلمايدىغانلىقىنى دەپ، ئۇنىڭ تەلپىنى رەت قىلدىم. ئۆيگە قايتىش يولىدا ۋاتىسئاپ گۇرۇپپىسىدىكى ئۇچۇرلارغا قارىسام، ۋاتىسئاپتىكى بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئۈچۈن مەخسۇس قۇرۇلغان گۇرۇپىدا، لىن شاڭلىياڭ ئىسىملىك خىتاي ئۆكتىچىسىنىڭ تۈۋەندىكى ئۇچۇرى دىققىتىمنى تارتتى. « قېرىنداشلار كەچلىكىڭلار خەيرىلىك بولسۇن! بۇ ئايالنىڭ دىيىشچە، ئۇ بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇننىڭ ئالاقىلاشقىچىسى ئىكەن. بىر ئۇيغۇر ئاكىمىز سۆز قىلىۋاتقاندا، ئۇ تۇيۇقسىز ھەم قۇپاللىق بىلەن ياڭراتقۇنىڭ سىمىنى چىقىرىۋېتىپ، بۇ ئاكىمىزنىڭ سۈزىنى ئۈزۋەتتى. كېيىن ئۇ ئايالنىڭ دىيىشچە:

ئۆزى كومپارتىيەگە قارشى تۇرغۇچىلارنى چەكلىمەيدىكەن. ئەمما، ئۇيغۇرچە مۇزىكىنى قەتئىي ياخشى كۆرمەيدىكەن.

مەزكۇر ئايال فالىڭگۇڭ ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ خادىممۇ، ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئەمەس بولسا، مەن بۇ قالايمىقانچىلىق چىقارغۇچىنى <قىزىل پاچاق> دەپ تىۋېتىرغا يوللايمەن».

مەن بۇ ئىسپاتلىق ئۇچۇردىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ ساختا دىمكۇراتىيە سىياقىغا كىرۋېلىپ دىكمۇراتىيەنىڭ ئەڭ ئاساسى قىممەت قاراشلىرىدىن بولغان ئەركىن سۆزلەش ھۇقۇقىمنى دەپسەندە قىلغان ئەخلاقسىز قىلمىشنى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا نەق مەيداندا ئېلىۋالغان سىن كۈرنىشى بىلەن ئېلان قىلدىم. نەتىجىدە، تور دۇنياسىدا بۇ سىننىڭ تارقىلشى بىلەن بۇ بىشەم، ھازازۇل ئايالنىڭ ماڭا قىلغان ئۆكتەملىكىگە قارشى مېنى قوللاپ نۇرغۇن ئىنكاسلار يېزىلدى. بىرقىسىم فالىڭگۇچىلارۋە ختاي كوممۇنىتستلىرىغا قارشى ئۆكتىچىلەر، بۇ ئىش بىزنىڭ ھەمكارلىقىمىزغا پايدىسىزلىق ئېلىپ كىلىدۇ. بىز خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى داۋاملىق ھەمكارلىشىمىز بىرگە پائالىيەت قىلىشىمىز كېرەك دەپ، مىنىڭ بۇ ۋېدىيونى ئۈچۈرۋېتشىمنى تەلەپ قىلدى. ئەمما، مەن ئۇلارغا،

«ئەڭ ئاۋال مېنىڭ سۆز قىلىشىمغا قۇپاللىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، مىنىڭ غۇرۇرۇمنى زېدە قىلغان ئۇ ئايال مەندىن ئۈزىنىڭ خاتا قىلغانلىقى ھەققىدە مەندىن كەچۈرۈم سورىسۇن!» دىگەن شەرتنى قويدۇم. ئەمما، ئۇ ئايال مەندىن كەچۈرۈم سورىمىدى.

شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارغا، مەن خىتاي كوممۇنىست ھۈكۈمىتىگە قارشى ھەركەت قىلىۋاتقان خىتاي تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە پائالىيەت قىلىمەن. ئەمما،

بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى شۇكى «ئۇلار شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن بېسۋېلىنغان مۇستەملىكە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى ۋە بىزنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كۈرشىمىزگە ھۆرمەت قىلىشى شەرت» دېدىم.

خىتاي فالىڭگچىلار بۇ سۈزۈمگە ھىچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. شۇنداقتىمۇ، بىر قىسىم خىتاي دىمكۇراتچىلىرى ۋە خىتاي كوممۇنىستلىرىغا قارشى ئۆكىتىچىلەر سۆزۈمگە ئۈزىنىڭ رازىلىقى ۋە ماقۇللىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

2023-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى، گوللاندىيە

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ