گوللاندىيە خەلىقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلقى ھەققىدە مۇنازىرە ئورۇنلاشتۇردى

2023-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ گوللاندىيە شۆبىسى قوللىشى بىلەن  گوللاندىيەنىڭ كۇلەمبورخ (Culemborg) شەھىرىدىكى كۇلەمبۇرخ كەچۈرۈم كەچۈرۈم تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا بىر سۆھبەت مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلدى.

سۆھپەتتە ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان كۇلەمبۇرخ شەھەرلىك خەلىقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۆھبىسنىڭ مەسئۇلى كوس ئەپەندى بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ كۈن تەرتىپىنى قىسىقچە تۇنۇشتۇردى. شۇنداقلا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قىسىقچە بايان قىلىش ئارقىلىق بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە توختۇلۇپ مۇنداق دىدى: «بۈگۈنكى پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنىڭ سەۋەبى كۇلەمبورخ شەھەرلىك تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇش پۈتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىسى ئوئەيۇم ئەل ئوسادنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسى ئۈچۈن تەييارلىغان خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئېغىر كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلكى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن، كىشىنى تەسىرلەندۈردىغان، 2023-يىللىق نېنسو موكاپاتىغا ئىرىشكەن ھۆججەتلىك  فىلىمنى، شۇنداقلا جازا لاگىرىدا خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ئىشلىگەن قەلبىنۇر سىدىق خانىمنىڭ ھىكايىسى يېزىلغان قىسقا فىلىمنى كۈرۈش، شۇنداقلا ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىغا ئائىت تىزىلغان تەشۋىقات ماتىرىياللرى ئارقىلىق خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلقىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشنىش ئارقىلىق بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىق مەسلىسىدە بىزنىڭ رۇلىمىز نىمە؟ بىزنىڭ قانداق قىلىش مەجبۇرىيتىمىز بار؟ دىگەندەك رىتورىك سۇئاللارنى قۇيۇش ئارقىلىق بۇ سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

فىلىمنى قۇيۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ئەركىن مۇنازىرە ئېلىپ بىرىش ئۈچۈن سەھنىگە خەلىقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ گوللاندىيە شۆھبىسى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسى سىتەيىن دېكىلېرىك، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتۇرى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق كىشلەر سەھنىگە چىقىپ نەق مەيداندا كىشلەرنىڭ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئارزۇسى، ئەخمەتجان قاسىم

كىشلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقان سۇئاللار ئۇيغۇرلار نىمە ئۈچۈن خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچىرايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى نىم؟ بىز نىمە ئىش قىلىپ بېرەلەيمىز؟ خىتايدا 56 مىللەت ياشايدىكەن نىمە ئۈچۈن شەرقى تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركى مىللەتلەر بۇ قىرغىنچىلىققا ئۇچۇرايدۇ؟ ياۋرۇپا ئىتىپاقى، گوللاندىيە ھۈكۈمىتى، خەلىقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى توختۇتۇش ئۈچۈن نىمە ئىش قىلىلۋاتىدۇ؟ بىز قانداق قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلالايمىز؟

كەچ سائەت 19:00 دە باشلىنىپ ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان مېھمانلار ئۇيغۇر مۇزىكىسىدىن ۋە پىچىنەوپىرەنىكلەردىن ھۇزۇرلاندى. ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق داۋملاشقان بۇ پائالىيەتكە يەرلىك گوللاندىيەلىكلەردىن باشقا، گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇرېھىم غېنى ، جازا لاگىرى شاھىدى قالبىنۇر سىدىق، ئالىمجان تۇردى ئوتيۈرەك قاتارلىقئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى.

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

2023-يىلى 9-ئاي، گوللاندىيە

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ