مائارىپشۇناس دوكتۇر ھەكىمە ئەرشىدىن خانىم ۋاپاتى ۋە قەشقەرىيە

ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان تۈنجى مائارىپشۇناس ئىلمىي دوكتۇرى ھەكىمە ئەرشىدىن خانىمنىڭ 2023-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى كانادانىڭ ۋانكاۋىر شەھرىدە ئالەمدىن ئۆتتى. مەن بۇ مۇسىبەت خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كۆڭلۇم شۇنداق يېرىم بولدى…

ھەكىمە ئەرشىدىن خانىمنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بۇنىڭدىن 20 نەچچە يىل ئىلگىرى لەنجۇ ئونۋېرسىتدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدىلا  ئۈزۈم ناھايتى قىزىقىپ ھاياجان ئىلكىدە ئوقۇپ چىققان ۋە ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئوقۇپ چىقىشىغا كۈچلۇك تەۋسىيە قىلىغان «20 ئۇيغۇر دوكتۇرى» دىگەن كىتاب ئارقىلىق بىلگەن.

بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىققان ساۋاغداشلىرىم بىلەن بىرگە مەخسۇس ئۇيغۇر دوكتۇرلىرىنىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەققىدە مۇنازىرە قىلىپ ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ  قولغا كەلتۈرگەن نەتىنجىلىرىدىن پەخىرلەنگەن ئىدۇق. ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىق روھى بىزگە روھى ئېنىرگىيە بىرەتتى. بىزنى تىرشىپ ئوقۇپ ئۇلاردەك يۇقىرى ئىلىم-پەن بىلىملىرى بىلەن قۇراللىنىشقا ھەيدەكچىلىك قىلاتتى. بىزنى ئىلىم-پەن بىلىملىرىنى تىرشىپ ئۆگۈنۈش  ئارقىلىق تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتىشكە دالالەت قىلاتتى.

ئەنە شۇ «20 ئۇيغۇر دوكتۇرلىرى»  دىگەن كىتابتىن

مائارىپشۇناسلىق ئىلمىي بۇيچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن شۇنداقلا ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆز مىللىتىنىڭ مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن  ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ

ئاتالمىش ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تاشقى ئىشلار باشقارمىسدا ئىشلەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ بۇ بىلىملىك ئىلىم سۈيەر ھەدىمىز ھەققىدىكى دەسلەپكى چۈشەنچىگە ئىگە بولغان بولسام،

ئۇنىڭ 1980-يىللاردا رۇسىيەلىك گېنىرال ئا. ن. كوروپاتكىن يازغان «قەشقەرىيە» ناملىق كىتابنى ئىنگىلىزچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ ئۇيغۇرلار ئارسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانلىقى

ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ بۇ خانىمغا ھۆرمىتىم ئاشقان ئىدى. « قەشقەرىيە » ناملىق بۇ تەرجىمە كىتابنى ئوقۇغانلار بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردىكى سىياسى تىراگىدىيەسىنى چۈشنىشتىكى قىممىتىنى ھىس قىلالايدۇ. كىيىن بۇ كىتاب خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن چەكلەنگەن كىتابلار كاتىگورىيسىگە كىرگۈزۈلۈپ كىتابخانلاردىن يىغۋېلىۋېلنىپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن .

قەشقەرىيە » ناملىق بۇ كىتاب 1876-يىلى يەنى ياقۇپبەگنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى تارىم ۋادىسىدا قۇرغان «قەشقەرىيە دۆلىتى» ياكى″يەتتە شەھەر″ ھاكىمىيىتى گۇمران بولۇش ھارپىسىدا،

بۇ كىتابنىڭ ئاپتورى گېنىرال ئا. ن. كوروپاتكىن چارروسىيىنىڭ تۈركىستاندىكى باش ۋالىسى (گوبىرناتورى) فون كائوفماننىڭ تەيىنلىشى بىلەن، 64 كىشىدىن تەركىپ تاپقان چوڭ بىر ″ئەلچىلەر ئۆمىكى″ نى باشلاپ قەشقەر، مارالبىشى، ئاقسۇ، باي، كۇچا ۋە كورلا قاتارلىق مۇھىم  شەھەرلەرنى مەخپى كۈزىتىش ئېلىپ بېرىپ، ئاشۇ ئەلچىلەر ئۆمىكى نامىدىن تۈزۈپ چىققان خىزمەت دوكىلاتىدۇر.

بۇكىتابتىن ئا. ن. كوروپاتكىن قاتارلىقلارنىڭ ئەينى زاماندا چارۇسىيەنىڭ بۇيرۇقى بويىچە كېلىشتىكى مەقسىتى، چىڭ  سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ ئارمىيىسىگە دۇچ كەلگەن ياقۇپبەگنىڭ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى چار روسىيىگە ناھايىتى چوڭ پايدا كەلتۈرىدىغان ″چېگرا″ شەرتنامىسى تۈزۈشكە مەجبۇر قىلىش ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋىلىش مۇمكىن.

ھەكىمە ئەرشىدىن خانىمنىڭ جاپالىق  ئەمگكى ئارقىلىق تەرجىمە قىلىنغان

«قەشقەرىيە» ناملىق كىتاب ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى چۈشنىشتە ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپلا قالماي

بەلكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىش، بولۇپمۇ ياقۇپبەگ ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي ئەھۋاللىرىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ھەقىقەتەنمۇ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە كىتاب ئىدى. بۇ كىتابنى ئوقۇغان، شۇنداقلا ئۈزىنىڭ تەتقىقاتىدا بۇ كىتابتىن پايدىلانغان ھەربىر ئۇيغۇر ھەكىمە خانىمغا ئۈزىنىڭ رەھمىتىنى بىلدۈرمەي تۇرالمايدۇ…

بىزبۈگۈن بىر ئىقتىدارلىق ئايال تۆھپىكاردىن ئايرىلدۇق. ئاللاھ  مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن! ئائىلە تائاباتلىرىغا سەۋىر ئاتا قىلسۇن!

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

2023-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، گوللاندىيە

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ