كۆيدۈرۈۋېتىلگەن مائارىپچى مەمتىلى ئەپەندى

بۈگۈن، يەنى 5-ئاينىڭ 30- كۈنى ئۇيغۇر تارىخدىكى قاباھەتلىك كۈن. چۈنكى، دەل بۇنىڭدىن 87 يىل ئىلگىركى بۈگۈنكى كۈندە

ئۇيغۇر مىللىتىنى جاھالىيەتتىن، نادانلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنى ئاتىغان ئوت يۈرەك شائىر، ۋەتەنپەرۋەر ئىنقىلابچى، تالانتلىق كومپوزىتور، زامانىۋى مائارىپچى، ئۇيغۇر يېڭى زامان مائارىپىنىڭ بايراقدارى مەمتېلى ئەپەندى (تەۋپىق) كۆيدۈرۋېتىلگەنلىكگە 87 يىل بولغان كۈن.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەرھۇمنى چوڭقۇر سېغىنىش ۋە قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە ئەسلەيمەن.

مەمتىلى ئەپەندى 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە توختاجى ئىسىملىك داڭلىق تېۋىپ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆز زامانىسىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر كىشىلىرىدىن بولۇپ، ئائىلىسى مەرىپەتنى، ئىلىم – پەننى ھىمايە قىلغۇچى مەرىپەتپەرۋەر ئائىلە ئىدى.

مەمتىلى ئەپەندى دۇنياغا كۆزئاچقان يىللار شەرقى تۈركىستاننى مىلتارىست شېڭ شىسەيىنىڭ زۇلۇمى قاپلىغان، زورلۇق-زومىگەرلىك چېكىگە يەتكەن، خەلق نادانلىق ۋە قالاقلىق قوينىدا ئېغىر ھالسىراۋاتقان قاراڭغۇ دەۋر ئىدى.

توختاجى تېۋىپ ئوغلىنىڭ نادان، قالاق بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن ئوغلى مەمتىلىنى ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدىكى تۇنجى پەننىي مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. يېڭىچە پەننىي مەكتەپ ۋە ئۇستازلىرىنىڭ ئەستايىدىل تەربىيىسى ئۇنىڭ يۇمران قەلبىدە ئىلغار دۇنيا قاراشنىڭ شەكىللىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. مەمتىلى ئەپەندى مەكتىپىدىكى ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كىيىن، 1920-، 1921- يىللىرى دادىسى توختاجى بىلەن بىرگە ئىلى، بورتالا، تارباغاتاي قاتارلىق جايلارغا بارىدۇ. ئۇيەرلەردە ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆزى ئېچىلىپ، جاھالەت ۋە نادانلىق ئىسكەنجىسىدىكى خەلقنىڭ ھاياتى بىلەن كەڭ تونۇشىدۇ؛ تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگۈنۈپ، كەڭ دائىرىلىك ئىلىم تەھسىل قىلىپ، خەلقنى بىلىم بىلەن ئويغىتىش ئىرادىسىنى تىكلەيدۇ. نەتىجىدە، نۇرغۇن جەڭگىۋار شىئېرلارنى يېزىپ، خىتاي ھاكىميىتىنىڭ ياۋۇزلۇقىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق خەلقنى جەڭگىۋار روھقا يېتەكلەيدۇ. مەمتىلى ئەپەندىمنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ خەلق ئارسىدىكى نوپۇز – ئابرويىمۇ ئاشىدۇ. بۇنىڭدىن ئەنسىرىگەن جاللات شېڭشىسەي ئۇنى باشقا مەشھۇر كىشىلەرگە ئوخشاش تەقىپ ئاستىغا ئالماقچى بۇلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، مەمتېلى ئەپەندىنىڭ ئۇستازى مۇرات ئەپەندى ئۇنىڭ قابىلىيىتىنى كۆرۈپ يېتىپ، ئۇنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ. مەمتېلى ئەپەندى 1926- يىلى بىر كېچىدە چېگىردىن چىقىپ كىتىدۇ ۋە باشقىلارنىڭ يارىمىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى، يەنى قىرىم ئارقىلىق 1928-يىلى ئىستانبۇلغا بارىدۇ. ئىستانبۇلدا ياشاش، ئوقۇش جەريانىدا ئەتراپلىق ئىلىم تەھسىل قىلىپ، كۆپلىگەن ئىلغار پىكىرلىك كىشلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىلىم ۋە پىكىردە يېتىلگەن بىر زىيالىيغا ئايلىندۇ.

ئۆز خەلقىنىڭ تەقدىرى ۋە ئىسىقبالىغا كېچە – كۈندۈزل كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەمتىلى ئەپەندى، 1931-يىلى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ چېكىدىن ئاشقان زۇلۇمىغا قارشى قوزغالغان قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى قۇشۇنىنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كېڭەيگەنلىكىنى ئاڭلاپ، مىللىتىنى زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۇلارنى نادانلىق، قالاقلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭمۇ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كىلىدۇ. ئارتۇرچنىڭ 24 كەنتىدە 24 باشلانغۇچ مەكتەپ ئېچىپ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن مەرىپەت ھەرىكىتىنى قوزغايدۇ.

 گەرچە 1934-يىلى ئەتىيازدا سىياسىي ۋەزىيەت جىددى ئۆزگىرىپ، سىتالىن شىڭشىسەينى يۆلەپ شەرقى تۈركىستاننى تۇتقۇزۇپ قويغان بولسىمۇ، قەشقەر ۋىلايىتى يەنىلا مەھمۇد مۇھىتىنىڭ قولىدا بولغاچقا، مەمتىلى ئەپەندى 1935-يىلدىن 1937-يىلغىچە ئاتۇشتا ئاقارتىش پائالىيىتىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بارىدۇ. مەمتىلى ئەپەندى 1935- يىلى يازدا بىرخىل فورما كىيگەن نەچچە يۈز نەپەر ئوقۇغۇچىنى تاللاپ، ئىزچىلار ئەترىتىنى تەشكىللەپ، ئۆزى باش بولۇپ مارش ۋە ناخشىلارنى ئېيتىپ، پەيزىۋات، توققۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار ۋە قەشقەر شەھەر ئەتراپىنى ئايلىنىپ، يېڭى مائارىپ ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى تەشۋىق قىلىدۇ. مەمتىلى ئەپەندىنىڭ بۇ جەڭگىۋار ھەرىكىتى قەشقەردە تۇرۇۋاتقان قوماندان ۋە مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغان مەھمۇد مۇھىتىنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىگە ئېرىشىدۇ.

مەمتىلى ئەپەندى نۇرغۇن جەڭگىۋار شېئىرلارنى يازغان بولۇپ، ئۇ يەنە «ئوقۇدى-ئاشتى» ناملىق بىر داستاننى يېزىپ تاماملايدۇ.1937-يىلى 2-ئايدا، مەھمۇد مۇھىتى ھىندىستانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قەشقەرنىڭ سىياسى ۋەزىيتى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، قاباھەتلىك كۈنلەر باشلىنىدۇ. جاللات شېڭ شىسەي كۆزگە كۆرۈنگەن بايلار ۋە ئىلغار پىكىرلىك زاتلارغا قەست قىلىشقا باشلايدۇ. مىللەتنى ئويغىتىش ۋە تەربىيەلەشتەك مۇقەددەس ئىشقا چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان ھەم بۇ يولدا ئاجايىپ تۆھپىلەرنى قوشقان مەمتىلى ئەپەندى، 1937-يىلى 5-ئاينىڭ 4-كۈنى دەرس ئۈتۋاتقان يېرىدىن تۇتۇپ كېتىلىپ تۇرمىغا تاشلىندۇ.

ئەسلىدە، سىتالىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئويغىنىش ھەرىكىتىدىن چۆچۈپ ۋە نارازى بۇلۇپ، قان ئىچەر ئۈچ ھاجىنى 1935- يىلى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتكەن ئىدى. ئۇلار شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساقچى ئىدارىسدە بىۋاسىتە خىزمەت قىلغاچ خەلق ئىچىدىكى مەخپىيەتلىكلەرنى ئۈزلۈكسىز توپلاپ ، نۇرغۇن سىياسىيۇن ۋە كۆزگە كۈرۈنگەن ئەربابلىرىمىزنى تازىلاشقا مەسئۇل بولغان ئىدى. مەمتىلى ئەپەندىممۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرسى ئىدى.ئۇ تۈرمىگە ئېلىنغاندىن كىيىن |«ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسيان ئېتەر، كۆندە مۇشتۇمدەك كىسەك خەت يېزىپ تۈگەپ كېتەر» دىگەندەك ئۆتكۈر مىسرالىق جەڭگىۋار شىئېرلارنى قېنى بىلەن تامغا يېزىپ، ئۆزىنىڭ تىز پۈكمەس روھىنى ئىپادىلەيدۇ.

 1937-يىلى30-ماي كۈنى، سىتالىن ۋە شېڭ شىسەينىڭ سادىق غالچىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىككى دۇنيالىق دۈشمىنى بولغان قادىر ھاجى دېگەن مەلئۇن تۈرمىگە ئوت قويۇپ بېرىپ، مىللەت سەركىلىرىدىن 300 دىن ئارتۇق كىشى بىلەن ئۇنى تىرىك كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.

مەنبە: “مەمتىلى ئەپەندى” ناملىق كىتاپ ۋە تور دۇنياسى

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

2024-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى