ئامىستېردام پارلامېنتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئېتىلغان بىر ئوق

گوللاندىيە پارلامىنتىدىكى تارىخى باشلىنىش

2025-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى گوللاندىيە پارلامىنتىدا Denk پارتىيسىنىڭ رەھبىرى Stephan van Baarle  تەرپىدىن « شىنجاڭ» دىگەن مۇستەملىكە نامىنىڭ ئورنىغا « شەرقىي تۈركىستان» نامىنى ئىشلىتىش تەكلىپى ئوتتۇرىغا قۇيۇلدى.

تەكلىپتە گوللاندىىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايونغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق رەسمىي ئالاقىلىرىدە «شىنجاڭ» ئورنىغا « شەرقىي تۈركىستان» ئىسمىنى قوللىنىشى تەلەپ قىلىنغان. تەكلىپتە يەنە «شەرقىي تۈركىستان» نىڭ تارىخىي ئىسىم ئىكەنلىكى، «شىنجاڭ» نىڭ مۇستەملىكە ئىسمى دەپ قارىلىدىغانلىقى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» ئىسمىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

گوللاندىيە پارلامىنتى 15 پارتىيدىن تەركىپ تاپقان 150 ئورۇنغا ئىگە بۇلۇپ، 50% دىن كۆپ يەنى 76 دىن ئارتۇق ئورۇنغا ئىرىشسسە پارلامىنىتتا ئوتتۇرغان قويغان تەكلىپ قۇبۇل قىلىنىدۇ.

بۇ قېتىم  Denk پارتىيسى ئوتتۇرغا قويغان بۇ تەكلىپنى Groenlink, Pvda, D66,  CDA  قاتارلىق پارتىيلەر قۇللىغان بولسىمۇ، ئەمما گوللاندىيە پارلامىنتىدا كۆپ سانلىق ئورۇننى تەشكىل قىلغان ھاكىمىيەت بېشىدىكى سىياسى پارتىيلەر خىتاي بىلەن بولغان دىپلۇماتىك ۋە ئىقتىسادى مەنپەتنى كۆزدە تۇتۇپ قارشى تۇرغاچقا،  76 ئورۇنغا ئىرشەلمەي رەت قىلىندى.

گەرچە بۇ تەكلىپ رەت قىلنسىمۇ خىتاي ھۈكۈمىتىگە كۈچلۈك سىياسى سىگنال بەردى ۋە ئامىستېردام پارلامىنتىدىكى تارىخخ سىياسى قاراغا يول ئاچتى.

ئامىستېردام پارلامېنتىدىكى تارىخىي سىياسى قارار

2025-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى گوللاندىيەنىڭ پايتەختى بولغان ئامىستېردام شەھەرلىك پارلامېنتىدا، Denk پارتىيىسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزاسى سۇلايمان قۇيۇنجى ئەپەندى تەرپىدىن «زۇلۇمنى ئېتىراپ قىلغان كىشى شەرقىي تۈركىستاننى تۇنۇيدۇ» ماۋزۇسىدا  «شىنجاڭ» نامىنىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان» نامىنى ئىشلىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرغا قويۇلدى. تەكلىپتە، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە كۈلتۈرەل كىملىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان «شەرقىي تۈركىستان» نامىنى دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ياخشى كۈردىغانلىقىنى، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ» (يېڭى زېمىن) نامى مۇستەملىكەچى نام سۈپىتىدە ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

Denk پارتىيسىنىڭ ئامىستېردام پارلامىتىدىكى ۋەكىلى سۇلايمان قۇيۇنجى ئامىستېردام پارلامىتىدا سۆز قىلماقتا

 ئامىستېردام پارلامىنتى 13 پارتىيدىن تەركىپ تاپقان 45 ئورۇنغا ئىگە بۇلۇپ %50  دىن كۆپ يەنى 23 دىن ئارتۇق ئورۇنغا ئىرىشسسە پارلامىنىتتا ئوتتۇرغان قويغان تەكلىپ قۇبۇل قىلىنىدۇ.

«شىنجاڭ» نامىنىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان» نامىنى قوللىنىش تەكلىپى Pvda, Groenlinks, D66, Partij van dieren, Denk  قاتارلىق تۆت پارتىيەنىڭ 26 ئورۇنغا ئىرششى بىلەن قۇبۇل قىلىندى. بۇ تارىخى سىياسى  قارار ئارقىلىق ئامىستېردام شەھەرلىك پارلامىنىت خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ يېڭى تېرىتورىيە، يېڭى زىمىن دىگەن مۇستەملىكە «شىنجاڭ» دېگەن نامنىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان» نامىنى ئىشلىتىشنى قوللىدى.

سۇلايمان قۇيۇنجى ئەپەندى بۇ تارىخى سىياسى قارار توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئامىستېردام بۈگۈن پەقەت بىر ئىسىمنى تاللىمىدى، زۇلۇمغا دۇچ كەلگەن خەلقنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، كۈلتۈرەل كىملىكىنى تونۇدى. بۇ قارار كىشلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە كۈلتەرەل كىملىك كۈرىشى قىلىۋاتقان ھەر بىر كىشى ئۈچۈن ئۈمىد نۇرىدۇر».

ئەپسۇسكى، شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ غۇرۇرى ھىساپالانغان بۇ تارىخىي سىياسى قارار

ئامىستېردام شەھەر باشلىقى فېمكە خالسېما خانىم  تەرپىدىن «شەرقىي تۈركىستان» نامى بۆلگۈنچىلىك خارەكتىرىگە ئىگە، خەلقئارادا ئورتاق ئېتىراپ قىلىنمىغان سىياسى نام ئەمەس

 دېگەن سەۋەب بىلەن رەت قىلىنشى دىياسپۇرادىكى شەرقىي تۈركىستا كۆڭلىنى ئېغىر يارلىدى.

7-ئاينىڭ 11-كۈنى مەن رىياسەتچىلىك قىلىپ كىلىۋاتقان «ئۇيغۇر چايخانسى سۆھبەتلىرى» پىروگىراممىسغا سۇلايمان قۇيۇنجى ئەپەندىمنى تەكلىپ قىلىپ بۇ تارىخىي سىياسى قارارنىڭ ئەھمىيىتى ۋە فېمكە خالسېما خانىمنىڭ رەت قىلىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە نەق مەيدان سۆھبىتى ئېلىپ باردىم.

«ئۇيغۇر چايخانسى سۆھبەتلىرى» پىروگىراممىسىدا سۇلايمان قۇيۇنجى ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتىكى سۆھبەت

 سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا گوللاندىيەدىكى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئامىستېردام شەھەر باشلىقى فېمكە خالسېما خانىمنىڭ رەت قىلغانلىقىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەققىمىزنىڭ بار-يوقلىقى ھەققىدە سورىغان سۇئالىمغا، سۇلايمان قۇيۇنجى ئەپەندىمنىڭ بەرگەن جاۋابى فېمكە خالسېما خانىمنىڭ رەت قىلىشنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئىرقى قىرغىنچىلقى ۋە ئۇيغۇر تارىخغا بولغان تۇنۇشىنىڭ كەمچىلكىدىن بولغان بۇلشى مۇمكىن، شۇڭا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ھەقتە ئېتىراز بىلدۈرۈپ خەت يازساڭلار بۇلىدۇ دىدى. سۇلايمان قۇيۇنجى ئەپەندىمنىڭ بۇ سۈزىدىن ئىلھام ئېلىپ دەرھال گوللاندىيەدىكى بارلىق ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددى يىغىلىپ ئېتىراز بىلدۈرشىمىز ھەققىدە ئۈزەمنىڭ شەخسى توربېتىمدە ۋە ئىجتىمائى تاراتقۇلىرىمدا چاقىرىق ئېلان قىلدىم. ھەمدە ئالدىمىزدا يەنى 7-ئاينىڭ 28- كۈنى يەكەن قىرغىنچىلقىنىڭ 11 يىللىقى بۇلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامىستېردام شەھەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ شەھەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ قارارىغا قارشى بايانات بىرىش بىرگە نىمە ئۈچۈن خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتى تبەتنى «شىزاڭ» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئەمما خىتايدىن باشقا بارلىق دۆلەتلەرنىڭ «شىزاڭ» دىمەي «تىبەت» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ئەمما بۇنىڭ بۆلگۈنچىلىك خاھىشى يوقلىقىنى، ئەمما تىبەت بىلەن ئوخشاش تەقدىرداش بولغان خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتى ئىشغالىيتى ئاستىدىكى مۇستەملىكە «شەرقى تۈركىستان» نىڭ بۆلگۈنچىلىك خاھىشى بارلىقىنى نىمگە ئاساسەن ئۇنداق دەيدىغانلىقىغا قاتتىق رەدىيە بىرىپ فېكمە خالسېماخانىمنىڭ شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ مىللىي غۇرۇرىغا قارشى سۆز قىلغانلىقىغا   قاتتىق نارازىلىقىمىزنى ئىپادىلەيدىغانلىقىمىزنى ئالاھىدە ئەسكەرتتىم.

ئامستېردامدا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىغا قارشى نامايىش
بۇ تارىخى سىياسى قارارنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئەھمىيىتى

ئامىستېردام پارلامېنتىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» نامىنى قوبۇل قىلىشى، غەرب دۆلەتلىرىدىكى يەرلىك پارلامىنىتتىن تۇنجى قېتىم بۇ نامنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىنىشى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ  كىملىك كۈرىشىدە تارىخىي بۇرۇلۇش ياراتتى.

بۇ قارار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى داۋاملىشىۋاتقان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، غەرب دۆلەتلىرى،  ياۋرۇپا ئىتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ،خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاي ھۈكۈمىتىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنپ خىتاي ھۈكۈمىتىگەت كۈچلۈك سىياسى سىگنال بەردى. بۇ قارار، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ» نامىنى خەلىقئارا جەمئىيەتكە سىڭدۈرۈش ئۇرنىشغا قارشى ئوچۇق جاۋاب بۇلۇپ، شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ كىملىكىنى قوغداش ھەقلىرىنىڭ خەلىقئارا سەۋىيەدە تۇنۇلۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلارغا ئۈمىت بېغىشلاپ، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ زۇلۇم سىياسىتىنىڭ رەت قىلنىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى.

شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ ئامستېردام دام مەيدانىدا لەپىلدىشى

خۇلاسە، ئامىستېردام پارلامىنتىنىڭ بۇ تارىخ سىياسى قارارى ختاي ھۈكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى ئېتىلغان سىياسى ئوق بولۇپ گوللاندىيەدە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتە خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى كۈچلۈك بىر سىگنال بولۇپ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتىگە قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق كۈرىشىنى قوللاش ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىي كىملىكىنى تونۇش يولىدىكى مۇھىم بىر قەدەم بۇلۇپ تارىخنىڭ شانلىق سەھىپىسدىن ئورۇن ئالدى.

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

يېزىلغان ۋاقتى: 2025-يىلى 7-ئاينىڭ 16-كۈنى

«ئۇيغۇر چايخانسى سۆھبەتلىرى» پىروگىراممىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىنىڭ ئ‍ۇلانمىسى:

https://www.youtube.com/live/l8s_EUXUqrg