
سەۋزىدىن بىخەۋەر گۈرۈچ دەم يەپتۇ– ئۇيغۇر ماقال تەمسىلىدىن
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئىجتىمائىي ھايات تەجىربىللىردە يەكۈنلەپ چىققان « سەۋزىدىن بىخەۋەر گۈرۈچ دەم يەپتۇ » دىگەن بۇ ماقال- تەمسىلدىن ئىشلارنىڭ سەۋەبى ۋە نەتىجىسىنى چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئانالىز قىلماي تۇرۇپ پىكىر بىلدۈرۈشنىڭ خاتالىقىنى بىلەليمىز. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇيغۇر دىياسپورىسىدىكى پات-پات يۈز بىرىپ تۇردىغان ئىختىلاپلارنىڭ بىرى بولغان «شەرقىي تۈركىستان» ياكى «ئۇيغۇرىستان» دېگەن ئىسىملار توغرىسىدىكى ئىچكى جىدەل-ماجىرا، بۇ ماقال- تەمسىلنىڭ مەنىسنى تېخمۇ گەۋدىلەندۈرىدۇ.
2025-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى گوللاندىيەنىڭ پايتەختى بولغان ئامىستېردام شەھەرلىك پارلامېنتىنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەملىكە نامى بولغان«شىنجاڭ» نىڭ ئورنىغا «شەرقىي تۈركىستان» نامىنى قوللىنىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشغا قارىتا، ئامىستېردام شەھەر باشلىقى فېمكە خالسېما خانىمنىڭ بۇ نامنىڭ بۆلگۈنچىلىك تۈسى بارلىقىنى ئېيتىپ ھۆكۈمەتنىڭ قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مەن، ئابدۇرېھىم غېنى بۇنىڭغا قارىتا ئۈزەمنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋااستللىرىدا فېمكە خالسېما خانىمنڭ بۇ سۈزىگە قارىتا گوللاندىيەدىكى تەشكىلاتلارنىڭ بىرلىكتە خەت يېزىپ نارازىلقىمىزنى بىلدۈرۈش چاقىرىقىنى ئوتتۇرغا قويغاندىن كېيىن، كونا ئىنقىلابچىلىرىمىزدىن سىدىق ھاجى روزى ئاكىمىز مىنىڭ بۇ چاقىرقىمغا قارىتا كۈچلۈك تەنقىدىي پىكىرلىرىنى بىلدۈرۈپ ۋېدىيولۇق سۆز قىلدى.
سىدىق ھاجى روزى ئاكىمىز، شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ بارماق بىلەن سانۋالغۇدەك ھايات ئەزالىرىدىن بىرى بولۇپ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئۈزىنىڭ ئۆتكۈر تەنقىدى ئوبزورلىرى بىلەن تۇنۇلغان، شەرقىي تۈركىستان خەلىق ئىنقىلابىي پارتىيسىنىڭ ئەزاسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئون يىل خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ تۈرمىسدە ياتقان ئۇزۇن يىللىق كونا ئىنقىلابچىلاردىن بىرسى. ئۇنىڭ تەنقىدلىرىدە، «شەرقىي تۈركىستان» نامىنىڭ بۆلگۈنچىلىك تۈسى ئالغانلىقى، غەربىي تۈركىستاندىكى باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن بۆلگۈنچىلىك بولىدىغانلىقى، بۇنىڭ دىياسپورىدا ئىككىنجى قېتىملىق چوڭ خاتالىق بولىدىغانلىقى ۋە «تۈركىستان» دېگەن ئىسىمنىڭ 18-، 19-ئەسىرلەردىكى تۈرۈكچىلىك ئېقىمىنى ئاساس قىلغان نام بولۇپ، ھازىر ئەمەلدىن قالغانلىقى قاتارلىق نۇقتىلارنى تىلغا ئېلىپ،
مىنىڭ ئامىتسردام شەھەر باشلىقى فېمكا ھېلىسما خانىمغا خەت يېزىش چاقىرىقىمغا قارشى ئۈزىنىڭ تەنقىدلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيدى. مەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ مىنىڭ پىكىرىمگە قارىتا ئۈزىنىڭ ئويلىغان نوقتىسىدىن دادىللىق بىلەن پىكىر قىلىپ تەنقىد قىلىشنى ياخشى كۈرىمەن ھەم پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىمەن. بىر مىللەتتە دادىللىق بىلەن پىكىر قىلالايدىغان زېھنى ئوچۇق، ئويغاق زىيالار قانچە كۆپ بولۇپ ئىلمىي مۇنازىرلەرمۇ كۆپ بولسا ئۇ مىللەت زىيالىلىرىنىڭ ۋە ئاۋام خەلىقنىڭ ئەقلىي قابىليىتى شۇنچە زەرەتلىنىپ يېڭى-يېڭى ئىجادى پىكىرلەرنىڭ ۋە يېڭى ئىدىيەلەر ئوتتۇرغا چىقشىغا تۈرتكە بۇلۇپ جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملاردا يېڭىچە ئۆزگۈرۈشلەر بارلىققا كىلىدۇ.
ئۇيغۇر دىياسپۇراسىدا يېڭىچە پىكىرلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ئۈچۈن ئىلمىي مۇنازىرە قىلىش، دىيالۇگ قۇرۇش، تەنقىدى ئوبزورلارنى يېزىش ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرغا قۇيۇشتەك ئەركىن پىكىر قىلىش روھى ئىنتايىن كەمچىل ھەتتا يوق دىيەرلىك بۇلۇپ ئۈزىنىڭ پىكىرىدىن باشقا پىكىرلەرنى رەت قىلىدىغان بىكىنمىچىلىك ئەھۋال بەك ئېغىر. ئەسلىدا ئۇيغۇر دىياسپۇراسىدا ۋەتەن، مىللەتنىڭ ئورتاق تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىللەردە ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان نامىدا تەشكىلاتلارنى قۇرۇپ دەۋا قىلىۋاتقان تەشكىلات رەھبەرلىرى، ئۈزىنى سىياسەتچى دەيدىغانلاردىن ئوخشىمغان كۆز قاراشتىكىلەر ئىلمىي مۇنازىرە قىلىپ ئۈزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئۆز-ئارا ئورتاقلاشقان بولسا ئوخشىمغان كۆز قارشتىكلەر ئارسىدىكى جىدەل- ماجىرا، ئىختىلاپلا ئازايغان بۇلاتتى.
دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئەڭ كۆپ بىر-بىرنى تەنقىد قىلىدىغان تىمىلاردىن بىرسى بولغان « شەرقىي تۈركىستان » مۇ؟ ياكى « ئۇيغۇرىستان » مۇ؟ دىگەن بۇ تىما ھەققىدە « ئۇيغۇر چايخانسى » دا مۇنازىرە ئورۇنلاشتۇرشقا خېلى كۈچۈپ باققان بولساممۇ ئەمما ئىمكانىيەت بولمىدى. ئاخىرى سىدىق ھاجى رۇزى ئاكىمىزنىڭ تەنقىدلىرىگە قارىتا مەنمۇئۈزەمنىڭ ئويلىغان كۆز-قاراشلىرىنى ئىلمىي ئۇسۇلدا دادىللىق بىلەن تۈۋەندىكى ئۈچ نوقتىغا يىغىنچاقلاپ ئوتتۇرغا قۇيىمەن.
بىرىنچىدىن، ئۇيغۇريېقىنقى زامان تارىخىمىزدا ئىككى قېتىم يەنى 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە ۋە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجىدا قۇرۇلغان جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ئىسمى «شەرقىي تۈركىستان» بۇلۇپ، بۇ مۇبارەك ئىسىم شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىقىنىڭ سىموۋىلى بۇلۇپ بىزگە مىللىي روھ، مىللى كىملىك ئاتا قىلغان. شۇنداقلا بىز داۋاملاشتۇرۇپ كىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ قىبىلنامىسى ۋە خەلقىمىزنىڭ روھى ئۇزقىدۇر. ئەگەر ۋەتىنىمىزنىڭ تارىخى ھەققىدە ۋىكىپېدىيەدىن ياكى سۈنئىي ئەقىلدىن ئۇچۇرئىزدىسىڭىز ياكى غەرب دۆلەتلىرىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ كىتابلىرى ۋە دوكلاتلىرىنى ئوقۇسىڭىز، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغانلىقى، بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مەغلۇب بولۇشىنىڭ تارىخىي تەپسىلاتلىرى، خىتاي ئىشغالىيىتىگە چۈشۈپ قالغانلىقى ۋە ئىسمىنىڭ «شىنجاڭ» غا ئۆزگەرگەنلىكى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەندۈرۈلگەنلىكىنى كۆرىسىز. بۇ بىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنى ئىپادىلەشتە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما «ئۇيغۇرىستان» دەپ ئىزدىسىڭىز، ھېچقانداق تارىخىي ماتېرىيال تاپالمايسىز. بۇ، بىزنىڭ تارىخىي ھەقىقىتىمىزنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» بىلەن باغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا مەن سىدىق ھاجى روزى ئاكىمىزنىڭ بۇ نامنىڭ بۆلگۈنچىلىك تۈسى ئالغانلىقى دېگەن پىكرىگە قارشى، بۇ ئىسىم بىزنىڭ تارىخىي مىراسىمىز بولۇپ، غەربىي تۈركىستاندىكى دۆلەتلەر بىلەن بۆلگۈنچىلىك ئەمەس، بەلكى تارىخىي-مەدەنىيەت بىرلىكىنىڭ باغلىنىشى.
ئىككىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى يەنى ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» نى كەلگۈسىدە ئۈچكە بۆلۈپ باشقۇرۇش قىياسلىرى ئوتتۇرغا قويۇلۋاتقىلى خېلى بولدى. ئەگەر خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ بۇ پىلانى رىياللىققا ئايلىنىپ راستىنلا «شەرقىي شىنجاڭ»، «شىمالىي شىنجاڭ» ۋە «جەنۇبىي شىنجاڭ» دەپ ئۈچ ئۆلكىگە ئايرىۋەتسە، بۇ ئۈچ ئۆلكىنىڭ ھەممىسىدە ئۇيغۇرلار ياشايدۇ. ئۇ چاغدا بىز قايسى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى «شىنجاڭ» دىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋاسىنى قىلىمىز؟ شۇڭا، «شەرقىي تۈركىستان» بىز ئۈچۈن خىتاي تاجاۋۇزچى دۆلىتىنىڭ ئىشغالىيتى ئاستىدىكى مۇستەملىكە قىلىنغان شەرقى تۈركىستان – يەنى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تۇتۇپ تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا بۇ ئىسىم بۆلگۈنچىلىك ئەمەس، بەلكى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ۋەتىنىمىزنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ساقلاپ تۇرۇشتىكى بىر قالقان.
ئۈچىنچىدىن، ئەجداتلىرىمىزتارىختا ئىككى قېتىم «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن ئىسىمدا دۆلەت قۇرغان ئۇ ۋاقىتلاردا دۇنيادا تۈركىچىلىككە قارشى ئېقىملار كۈچلۈك بولۇپ، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ يىقىلىشى بىلەن تۈركىچىلىك ئېقىمىنى يوقىتىش خەلقئارا سىياسىي ئاتموسفېرادا ئېقىۋاتقان بىر لوبىچىلىك ھەركىتى ئىدى. بىزنىڭ ئىككى قېتىم« شەرقىي تۈركىستان » نامىدا دۆلەت قۇرۇشىمىز دۇنياغا تۈركىچىلىكنى قايتا باش كۆتۈرگۈزگەندەك تەسىر بەرگەچكە، ھېچقانداق دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدۇق. بۇ بىر ھەقىقەت. ھازىرمۇ غەرب دۆلەتلىرىدە تۈركىچىلىككە قارشى ئېقىملار مەۋجۇت، شۇڭا «شەرقىي تۈركىستان» دۆلىتى قۇرىمىز دېسەك، قوللاشقا ئېرىشمەسلىكىمىز ئېنىق. بىراق، ھازىر بىزگە دۆلەت قۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك. ھېچقانداق دۆلەت بىزدىن «كەلگۈسىدە دۆلەت قۇرغاندا دۆلەت ئىسمنى نېمە دەپ قويىسىلەر؟» دەپ سوراپ باقمىدى. ئەگەر شۇنداق ئىمكانىيەت كېلىپ قالسا، كەلگۈسى قۇرۇلماقچى بولغان دۆلەتنىڭ ئىسمىنى دىياسپورىدىكى ئۇيغۇرلار تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس. ۋەتەن ئىچىدە خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا قارشى ئىنقىلاپ قىلىپ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرغانلار بۇنى پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇپ، پارلامېنت قارارى بويىچە بېكىتىدۇ. شۇ چاغدا، مەنمۇ دۆلىتىمىزنىڭ ئىسمىنى ئۆز مىللىتىمىزنىڭ نامى بىلەن «ئۇيغۇرىستان» ياكى «ئۇيغۇرىيە» دەپ ئاتاش تەرەپدارى. شۇڭا، ھازىر بىزنىڭ «شەرقىي تۈركىستان» ياكى «ئۇيغۇرىستان» دەپ تېخى قۇرۇلمىغان دۆلەتنىڭ ئىسمىنى تالىشىپ، ئىچكى جىدەل-ماجىراغا كىرىپ ئېنېرگىيىمىزنى خۇراتمايلى. بارلىق ئېنېرگىيىمىزنى تاجاۋۇزچى خىتايغا قارىتىپ، قانداق قىلىپ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىپ، خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرەيمىز دىگەن مەركىزى نوقتىغا باش قاتۇرايلى.
دۇنيادا نۇرغۇنلىغان مۇستەملىكە ئاستىدىكى دۆلەتلەر مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ ئۈزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەندە، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىسمىنى دىياسپورىدىكىلەر ئەمەس، بەلكى ۋەتەن ئىچىدە قۇرۇلغان – يەنى پارلامېنت، ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ياكى ۋاقىتلىق دۆلەت كېڭىشى قارار قىلغان. بۇنداق مىساللار خېلى كۆپ. ھىندىستان 1947-يىلى ئەنگلىيە مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلغاندا، ئىسمىنى دىياسپورىدىكى ھىندىلار ئەمەس، بەلكى دېھلىدا قۇرۇلغان پارلامېنتى (Constituent Assembly) قارار قىلغان بولۇپ، «ھىندىستان جۇمھۇرىيىتى» دەپ بېكىتىلگەن. پاكىستانمۇ ئوخشاشلا، 1947-يىلى ئايرىلىپ چىققاندا، ئىسمىنى دىياسپورىدىكى پاكىستانلىقلارئەمەس، بەلكى ئىسلامئاباد تا قۇرۇلغان پارلامېنتى بېكىتكەن. بانگلادېش 1971-يىلى شەرقىي پاكىستاننىڭ ئايرىلىشى بىلەن قۇرۇلغاندا، ئىسمىنى دىياسپورىدىكى بانگلالار ئەمەس، بەلكى داككادىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت قارار قىلغان. ئىسرائىل 1948-يىلى قۇرۇلغاندا، ئىسمىنى دۇنيادىكى يەھۇدىي دىياسپورىسى ئەمەس، بەلكى تېل ئاۋىۋدىكى ۋاقىتلىق دۆلەت كېڭىشى (Provisional State Council) بېكىتكەن. ئافرىقىدىكى كېنىيا، گانا قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ مۇستەملىكە دەۋرىدىن كېيىن، ئىسمىنى دۆلىتى ئىچىدىكى پارلامېنت ياكى ئىنقىلابىي كېڭەشلەر قارار قىلغان. بۇ مىساللاردىن كۆرۋېلىشقا بۇلىدىكى، دۆلەت ئىسمى دېگەن تارىخىي-سىياسىي قارار بولۇپ، ئۇنىڭغا دىياسپورىدىكىلەرنىڭ تەكلىپ بېرىشى مۇمكىن، ئەمما ئاخىرقى سۆز ۋەتەن ئىچىدىكى پارلامېنت ياكى ۋاقىتلىق ھۈكۈمەت قارا قىلىدۇ.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، سىدىق ھاجى روزىنىڭ تەنقىدلىرى قىممەتلىك بولۇپ، ئۇ بىزنىڭ ئىلمىي مۇنازىرە ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشىمىزغا تۈرتكە بولدى. ئەمما بىز ئىسىم تالىشىش بىلەن ئېنېرگىيمىزنى خۇراتماي، خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى قانداق ئازات قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنەيلى. كەلگۈسىدە شەرقى تۈركىستان خىتاي تاجاۋۇزچىللىرنىڭ مۇستەملىكىسدىن ئازات بۇلۇپ مۇستەقىل دۆلەت بۇلۇپ قۇرۇلۇش ھارپىسدا، دۆلەت نامىنى ۋەتەن ئىچىدە قۇرۇلغان پارلامېنت بېكىتسۇن – بۇ تارىخىي ھەقىقەت ۋە دۇنيا سىياسى تەجرىبىسىنىڭ يەكۈنى.
قۇشۇمچە: سىدىق ھاجى رۇزى ئاكىمىز 2025-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈزىنىڭ يۇتۇبىدىكى Uyghur today video 8076 ناملىق ۋېدىيوسىدا « ئامىستېردام شەھەر باشلىقىغا نارازىلىق خەت يېزىش چاقىرىقىم» غا قارىتا ئۈزىنىڭ تەنقىدلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ ئۇلنىشتىن كۈرەلەيسىز
ئىزاھات: سىدىق ھاجى رۇزى ئاكىمىز ۋېدىيولۇق تەنقىد قىلغان ۋاقىتتا مەن باشقا بىر دۆلەتتە ساياھەتتە ئىدى. بۇ ۋېدىيودىكى ماڭا قارىتا سۆزلىگەن بۈلكىنى كىسىپ ئېلىپ باشقىلار تورلاردا، ۋاتىسئەپ گۇرۇپىلاردا تارقىتىپ مېنىڭ بۇنىڭغا قارىتا جاۋاب بىرىشىمنى تەلەپ قىلغان. مەن بۇ ۋاقىتتا ساياھەتتە بولغاچقا فەيىسبوكتا «
سىدىق ھاجى رۇزى ئابدۇرېھىم غېنىنى تىللاپ كىتىپتۇ! ئابدۇرېھىم غېنى نىمىشقا سۈكۈت قىلىدۇ دىگۈچىلەرگە!» ناملىق قىسىقچە بىر يازما يېزىپ گوللاندىيەگە قايتىپ بارغاندا ئاندىن تەپسىلى بىر يازما يېزىپ ئېلان قىلدىغانلىقىمنى بىلدۈرگەن ئىدىم. بۇ يازمىنى بۇ ئۇلنىشتىن ئۇقۇيالايسىز.
https://www.facebook.com/share/v/15yyLTMUy1/?mibextid=wwXIfr
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2025-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى