
11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم يەنى 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سابىت داموللام رەھبەرلىكىدە قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى ۋە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلىخان تۈرەم رەھبەرلىكىدە غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى. 2025 – يىلى 16 – نويابىر (يەكشەنبە) كۈنى گوللاندىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردام شەھىردىكى دام مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
سائەت 13:30 باشلندىغان بۇ پائالىيەتكە گوللاندىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن ئامىستېردام دام مەيدانىغا يىغىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتىرلەيمىز، دېگەن پىلاكاتلار بۇلۇپلا قالماي بەلكى بۇ پائالىيەتنى قوللاپ كەلگەن خىتاي ئىشغالىيتى ئاستىدىكى تىبەتلەر، جەنۇبى موڭغۇلىيكلەر، كانتۇنىيلىكلەر، گۇاڭشىلقلار، خىتاي دىمكۇراتىك پارتىيسىنىڭ ۋەكىللىرى، خىتاي ئۆكتىچىلىرى قاتارلىقلارنىڭ قوللىرىدا ئۆزدۆلىتىنىڭ بايرىقىنى ۋە بىر قىسىم پىلاكاتلارنى كۈتۈرۈپ پائالىيەتنىڭ باشلىنىشنى كۈتمەكتە ئىدى.


بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇرېھىم غېنى ئېچىلىش سۈزى قىلىپ ئەڭ ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشىنى قۇيۇپ بايراق چىقىرىش مۇراسىمى قىلىپ ئاندىن بۇ قېتىملىق پائالىيەت ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ بايانات ئېلان قىلدىغانلىقىنى، ئارقىدىن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ھەرقايسي تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭمۇ سۆز قىلدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بايراق چىقىرىش مۇراسىمدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇرچە ۋە گوللاندىچە يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنى خاتىرلەشنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ: «مىڭلىغان شېھىتلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە قۇرۇلغان بۇ مۇقەددەس ئىككى جۇمھۇرىيتىمىز يىللاردىن بۇيان دىياسپۇرادىكى خەلقىمىز تەرپىدىن بىر ئەڭگۈشتەر سۈپتىدە قەدىرلىنىپ كەلمەكتە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەريىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ھەرخىل شەكىلدە جۇمھۇرىيەت كۈنىمىز خاتىرلىنىپ كەلمەكتە. چۈنكى بۇ ئىككى جۇمھۇرىيتىمىز ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىق سىموۋىلى، شۇنداقلا بۇ ئىككى جمھۇرىيتىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك تەجىرىبە ساۋاقلار ۋە جەڭگىۋار مىللىي روھ ھازىر بىز داۋام قىلدۇرۇپ كىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ قىبىلنامىسى ۋە خەلقىمىزنىڭ روھىي ئۇزىقىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككى جمھۇرىيتىمىزنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ غايىبانە روھىغا ۋاراسلىق قىلىش ھەربىر شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ مىللىي ۋە ۋىجدانى بۇرچىدۇر» دىدى. ئارقىدىن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان گوللاندىيەدىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، سىياسى پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر، گوللاند، ۋە ئىنگلىز تىلىدا نوتۇق سۆزلەپ، خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ تارىخى ۋە مۇستەملىكە سىياسىتى، 2017 – يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ زىيانكەشلىكى، شۇنداقلا دۇنيا جامائىتىنىڭ قاتىل خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى تەدبىر ئېلىشىنىڭ زۆرۈرلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.

ئارقىدىن بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان ياۋرۇپا شەرقىي تۈركىستان مائارپ جەمىيتىنىڭ رەئىسى ئوبولقاسىمدىن باشقا يەنە تىبەتلەر، جەنۇبى موڭغۇلىيلىكلەر، كانتۇنىيلىكلەر، گۇاڭشىلىق، جىنلىق، كانتونىيلىكلەر، خىتاي دىمكۇراتچىلىرى، خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئارقا – ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈننى خاتىرلەپ سۆز قىلىپ ئاندىن خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇستەملىكە خەلقلەرگە قىلغان قىرغىنچىلىقىلىرى، زۇلۇم – باستۇرۇشلىرى، شۇنداقلا خىتاي مىللىتى ئىچىدىكى ئوخشىمىغان سىياسىي ۋە دىنىي قاراشتىكى ئىنسانلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىش سىياسىتى ئۈستىدە سۆزقىلىپ، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكچى سىياسىتىنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى ئېچىپ بەردى ۋە خەلىقئارا جەميەتنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىنسان قېلپىدىن چىققان زۇلۇمىنى توختۇتۇشقا چاقىردى. بۈگۈنكى پائالىيەتكە ئالاھىدە دىققەتنى تارتقان بىر نوقتا، خىتاي ئۆكتىچىسى شاۋسۇڭلىننىڭ باياناتى بولدى. شاۋسۇڭلىن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان ( ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 2016-يىلىدىن 2021-يىلغىچە) پارتىيە سېكىرتارى بولغان چېن چۈەنگو بىلەن ھەم بىر يۇرتلۇق ھەم ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشى بۇلۇپ، ئۇ سۈزىدە خالىقئارا جەميەتكە چاقىرىق قىلىپ شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان چېن چۈنگوغا بولغان جازانى دەرھال كېڭەيتىڭلار! پەقەت جاللات چېن چۈەنگونىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئەڭ ئالىي قارا چىقارغۇچى – شى جىنپىڭنىمۇ جازالاڭلار دەپ بايانات ئېلان قىلدى.
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى 2025–يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى









