گاگانىڭ يۈرىكىدە ئادالەت ساداسى: ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنى گوللاندىيە سىياسەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى

بەدىنىم جاراھەتلەنسىمۇ، روھىم سۇنمايدۇ – خىتاينىڭ مۇستەملىكىچىلكىگە، ئېرقى قىرغىنچىلقىغا قارشى كۈرۈشۈم توختىمايدۇ! – خاتىرەمدىن

شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، 2026-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى جۇمە كۈنى كەچتە گاگانىڭ يۈرىكىدە – ئادالەت ۋە تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ شەھەردە – يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى چىقىرىش پۇرسىتىگە ئىرىشتىم. خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشى (transnational repression) مېنىڭ بەدىنىمدە جاراھەت ئىزى قالدۇرغان بىلەن، ئەمما روھىمدىكى خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىگە بولغان قارشىلىق ئۇتىنى ئۆچۈرەلمىدى. مەن روھىمدىكى خىتاي قورقۇنچىنى ئاللاھ بۇرۇن چېقىۋەتكەن. خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ماڭا قىلغان تەھدىتلىرى، زوراۋانلىقى ۋە «سەن جازا لاگىرىغا لايىق، سەن ئۈلۈمگە لايىق، سېنى ئۆلتۈرىمەن» دېگەن سۆزلىرى مېنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئازاتلىق كۈرشىدىن توختىتالمىدى. چۈنكى مەن بىلىمەنكى، ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان ھەر بىر قەدەم بېيجىڭنىڭ زۇلمىنى تېخىمۇ ئېچىپ تاشلايدۇ.

جۈمە كۈنى گاگادا  DENK پارتىيەسى تەرپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئالاھىدە ئىپتار پائالىيىتگە تەكلىپ قىلىندىم. ئىپتار پائالىيىتىگە ئۇيغۇرلۇقنىڭ سىمۋولى بولغان بادام دوپپام  بىلەن زالغا كىرىپ ئۈچىرەت ساقلاپ تۇرسام، زالنىڭ كىرىش ئېغىزىدا تىزىملاش خادىمىنىڭ كۆزى مېنىڭ بېشىمغا چۈشتى. ئۇ بىر دەقىقە توختاپ، يېنىمغا كېلىپ، يۇمشاق ئاۋاز بىلەن سورىدى:

«سىز… ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇرمۇ؟»

دوپپامدىن تونۇغان ئىدى! ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ھۆرمەت ۋە قىزغىنلىق بار ئىدى. مەن بېشىمنى لىڭشىتىپ «ھەئە» دېگەندە، ئۇ دەرھال مېنى ئۈچىرەتتىن چىقىرىپ، زالنىڭ ئىچىگە باشلاپ – مەخسۇس مېھمانلار ئورنىغا باشلاپ باردى. ئۇ يەردە ئولتۇرغۇزۇپ قويغاندا، ئۇنىڭ يۈزىدىكى تەبەسسۇم ماڭا شۇنى دېدى: «سىزنى بىلىمىز، سىزنىڭ كۈرۈشىڭىزنى قەدىرلەيمىز.»

بۇ بىر كىچىك ئىش ئەمەس – بۇ مېنىڭ يالغۇز نامايىشلىرىمنىڭ، دادامنىڭ لاگېردا قازا قىلىشىنىڭ، خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان تەھدىتلىرىگە قارشى داۋاملىق ئاۋاز چىقىرىشىمنىڭ نەتىجىسى. دوپپام – پەقەت بىر كىيىم ئەمەس، ئۇ مېنىڭ كىملىكىم، ئۇيغۇرلۇقىم، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەركىنلىك تەلىپىنىڭ سىمۋولى. بۈگۈن ئۇ دوپپا مېنى تونۇتتى، مېنى قوغدىدى، مېنىڭ ئاۋازىمنى تېخىمۇ ئاڭلىتىدىغان پۇرسەت بەردى.

بۈگۈنكى بۇ ئىپتارلىق پائالىيەتتە بۇ پارتينىڭ لىدىرى ۋە پارلامېنت ئەزاسى Stephan van Baarle ۋە بۇ پارتىيدىن بولغان گاگا شەھىرىنىڭ Wethouder  Nur Icar بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشتۈم. بۇ ئۇچرىشىش پەقەت بىر ئىپتار پائالىيىتى ئەمەس، بەلكى مېنىڭ كۈرۈشۈمگە بولغان كۈچلۈك قوللاشنىڭ يېڭى بىر باسقۇچى ئىدى. DENK پارتىيەسىنىڭ لىدېرى ۋە گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى سىتېۋىن فەن بارلى  Stephan van Baarle 2025 -يىلى 9-ئاپرېل كۈنى پارلامېنتتا تارىخىي بىر تەكلىپنى يەنى خىتاينىڭ مۇستەملىكە ئىسمى «شىنجاڭ» (Xinjiang – يېڭى زېمىن دېگەن مەنىدە) نىڭ ئورنىغا، تارىخىي ۋە خەلقىمىز تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان» (Oost-Turkestan / East Turkestan) ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىشنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدى. بۇ تەكلىپ گەرچە پارلامىنىتتا قۇبۇل قىلىنمىغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ مۇستەملىكە سۆزىنى رەت قىلىپ، بىزنىڭ كىملىكىمىزنى ئېتىراپ قىلىشنىڭ مۇھىم بىر قەدىمنى باسقان ئىدى.

بۇ قېتىملىق ئىپتارلىق پائالىيەتىكى ئۇچرىشىشتا مەن Stephan van Baarle غا تۈۋەندىكى تەكلىپىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم.

ھۆرمەتلىك ستېفان فەن بارلى ئەپەندىم، مەن 14-فېۋرال ئادالەت ۋە تىنچلىقنىڭ سىمۋولى بولغان گاگا شەھەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ يېڭى يىل تەبرىكلەش پائالىيتىدە خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى تىنىچ شەكىلدە قارشىلىق بىلدۈرۋاتسام خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن جىسمانىي ھۇجۇمغا ۋە ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىدىم. بۇ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ گوللاندىيە تۇپراقلىرىدىكى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەركىتىنىڭ جانلىق بىر مىسالى. بۇ ھەقتە بىر قانچە نۇپۇزلۇق گېزىت ئۇيغۇر ئاكتىۋىست خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ زوراۋانلىقىغا، خورلىشىغا ئۇچۇردى دەپ ماقالە ئېلان قىلىندى. سىزدىن بۇ ۋەقەنى گوللاندىيە پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى تەلەپ قىلسام بولامدۇ؟ بىز بېيجىڭنىڭ ئۇزۇن قوللىرىنىڭ گوللاندىيەدەك بىر دىمكۇراتىك دۆلەتتە دېموكراتىيە ۋە بىخەتەرلىكىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك دەپ سورىسام، مەن X تە بۇ ھەقتىكى نەق مەيدان مەيدان ۋېدىيونى كۆردۈم، بۇ ھەقىقەتەن خىتاينىڭ چىگىرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەركىتىگە كىرىدۇ دەپ ئۈزىنىڭ كاتىۋىغا مېنى تۇنۇشتۇرۇپ خىتاينىڭ بۇ زوراۋانلىقى ھەققىدىكى بارلىق ماتىرىياللارنى دەلىل ئىسپات بىلەن يولاپ بىرىڭ، مەن گوللاندىيە پارلامىنتىدا بۇنى ئوتتۇرغا قۇيۇشقا تىرشىمەن دىدى.

ئارقىدىن گاگا شەھرىنىڭ Nuri Icar wethouder ئەپەندىم بىلەن كۈرۈشكەندە تۈۋەندىكى تەكلىپىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم.

ھۆرمەتلىك Nuri Icar wethouder، 14-فېۋرال كۈنى مەن سىلەرنىڭ گاگا شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا خىتاي يېڭى يىل بايرىمى پائالىيتىگە قارىتا تىنچ شەكىلدە قارشىلىق قىلۋاتقان ۋاقتىمدا، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە زوراۋانلىق قىلشىغا ئۇچىراپ ماڭا ئۈلۈم تەھدىتى قىلدى. گوللاندىيە پۇقراسىنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى ئىچىدە خىتاينىڭ تەھدىتىدىن قوغدىنالماسلىقىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ئاللىقاچان ئوخشىمىغان پارتىيەلەر تەرىپىدىن شەھەرلىك كېڭەشتە شەھەر باشلىقىغا سوئال قويۇلدى. سىزدىن بىخەتەرلىك تەرتىپلىرى ۋە پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىڭىزنى تەلەپ قىلىمەن. بىز بىرلىكتە گاگانىڭ « تىنچلىق ۋە ئادالەت شەھىرى» دىگەن سىموۋۇللۇق نامىنى قوغداپ قېلشىمىز كېرەك دىدىم. ئۇ گاگا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تەرەپتىن بۇ ھەقتە قۇلىدىن كىلدىغان تىرىشچانلىقنى قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ مېنىڭ سالامەتلىكىمگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقى – جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن – مېنى چەكسىز مىننەتدار قىلدى.

بۇ ئۇچرىشىش ماڭا شۇنى كۆرسەتتىكى، خىتاينىڭ ياۋروپادىكى پائالىيەتچىلەرگە سالغان تەھدىتلىرى ئەمدى پەقەت شەخسىي مەسىلە ئەمەس – بۇ گوللاندىيەنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى، دېموكراتىك قىممەتلىرى ۋە ئادالەت پرىنسىپى مەسىلىسىگە ئايلاندى. DENK پارتىيەسىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى، Stephan van Baarle نىڭ «شەرقىي تۈركىستان» ئاتالغۇسىنى قوللاش تەكلىپى – بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرەشىمىزگە كۈچ بېرىدۇ.

ئىپتار پائالىيتىدە بۇ ئىككى سىياسەتچىنىڭ مېنى مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ بەرگەن ۋەدىسى ماڭا شۇنى ھىس قىلدۇردى: بېيجىڭنىڭ زۇلمىغا قارىغاندا بىزنىڭ ئادالەت كۈچىمىز تېخىمۇ كۈچلۈك.

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

يېزىلغان ۋاقتى: 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى