ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ كۈچلۈك قارارى: خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە بېرىلگەن زەربە

پارلامېنت ئەزالىرى كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن بېيجىڭنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قانۇنىنى، موسكۋانىڭ ئۇرۇشىنى قوللىشىنى ۋە تەيۋەنگە قىلغان بېسىمىنى ئەيىبلەيدىغان تەۋسىيەنامىنى ماقۇللىدى.

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

«دۇنيانىڭ رەزىلىشىپ كېتىشىنى رەزىللەر ئەمەس، بەلكى رەزىللەرنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا سۇكۇت قىلغانلار كەلتۈرۈپ چىقارغان»-  ئالبېرت ئەينشتېين

2026-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتى خەلقئارا سىياسەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر ئاۋاز بېرىشنى ئېلىپ باردى. بېلگىيەلىك ياۋروپا پارلامېنت ئەزاسى ھىلدە ۋاۋتمانز (Hilde Vautmans) تەييارلىغان «ياۋروپا بىرلىكى – خىتاي سىياسىي مۇناسىۋىتى» توغرىسىدىكى يېڭى دوكلات 454 ئاۋازنىڭ قوللىشى (86 كىشى قارشى، 110 كىشى بىتەرەپ) بىلەن زور كۆپ سانلىق ئارقىلىق ماقۇللاندى. ياۋروپا كېڭىشى، كومىسسىيەسى ۋە ياۋروپا بىرلىكى ئالىي ۋەكىلىگە قىلىنغان بۇ تەۋسىيەنامە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى-تاشقى سىياسەتلىرىگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا بېرىلگەن ئاشكارا ھەم كەسكىن جاۋاب بولدى.

بۇ ھۆججەتنىڭ سىياسىي قىممىتىنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئۆتمۈشتىكى قەدەملىرىگە قاراش زۆرۆر. 2022-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، ياۋروپا پارلامېنتى تارىخىي قارار ئارقىلىق خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ۋە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېغىر خەۋپىنى شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.

تۆت يىلدىن كېيىن، خىتاي خەلق ۋەكىللەر ئۆمىكى2026-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى تەستىقلىغان ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» 2026-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولدى. ياۋرۇپا ئىتىپاقىنىڭ بۇ قېتىملىق دوكلاتىدا بۇ ئاتالمىش «ئىتتىپاقلىق قانۇنى»نىڭ ئاسمىلاتسىيە سىياسىتىنى تېخىمۇ تىزلەشتغردىغانلىقىدىن ئېغىر ئەندىشە قىلدىغانلىقى ئوتتۇرغا قۇيۇلغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ قانۇن ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ئېتنىك كىملىكىنى تەلتۆكۈس يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئاسسىمىلياتسىيە قانۇنىدۇر. شۇنداقلا، بۇ قانۇننىڭ 63-ماددىسىدا دېموكراتىك دۆلەتلەردە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، ھونگونگ ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى نىشانغا ئېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلگىنىدەك، بۇ بەلگىلىمە خەلقئارا قانۇنغا ۋە ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپتۇر.

ھىلدە ۋاۋتمانز تەييارلىغان بۇ دوكلات خىتاينىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ھەم خەلقئارا تەرتىپكە قىلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك خىرىسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى:

شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك: دوكلاتتا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى باستۇرۇشلارغا قارىتا بېيجىڭغا بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەك بۇيۇملىرىنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنى تەلتۆكۈس ئىجرا قىلىش ۋە سىياسىي مەھبۇسلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى: دوكلاتتا بېيجىڭ رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنىڭ «ھەل قىلغۇچ تۈرتكە بولغۇچىسى» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى. خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوشۇمچە ئىشلىتىلىدىغان تەڭپۇڭ تېخنىكا، زاپچاس ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى، ھەمدە خىتاي ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيە ھەربىي خادىملىرىنى ئۇكرائىنادا ئۇرۇش قىلىشقا تەربىيەلىگەنلىكىگە ئائىت ئىسپاتلانغان ئۇچۇرلار ئېغىر ئەنسىزلىك بىلەن ئەيىبلەندى.

تەيۋەن بوغۇزى: تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھازىرقى ۋەزىيەتنى زورلۇق بىلەن ياكى مەجبۇرلاپ ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرۇپ، رايوندىكى دېموكراتىك شېرىكلەر بىلەن يېقىن بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئورنىتىش، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز دېڭىز ئارمىيەسى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ۋە بىرلىككە كەلگەن مانېۋىرلارنى ئېلىپ بېرىش تەۋسىيە قىلىندى.

ئىقتىسادىي خەتەرنى ئازايتىش (De-risking): خىتاينىڭ ئېلېكتىر ئاپتوموبىل سانائىتى ئېغىر تەھدىت دەپ قارالدى. ھەمدە ياۋروپانىڭ زۆرۈر خام ئەشيا، دورا تەركىبلىرى ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ساھەلىرىدە خىتايغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك تايىنىنىشىنى ئازايتىشى تەلەپ قىلىندى.

دوكلاتنىڭ ئاپتۇرى ھىلدە ۋاۋتمانز بۇ بېلەت تاشلاش نەتىجىسى ھەققىدە توختىلىپ: «بۈگۈنكى كۆپ سانلىق ئاۋاز ياۋروپانىڭ خىتايغا قارىتا سىياسىتىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسىدۇر» دەپ باھا بەردى. ئەمما، بۇ يەردە ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق ۋە جىددىي بىر مەسىلە بار. ياۋروپا سىياسەتچىلىرى پەقەت قارارلارنى تەستىقلاپ، ئەمەلىي ئىجرا قىلىنمايدىغان باياناتلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئەخلاق ۋە ۋىجدانىي بۇرچىنى يۇيۇپ قۇتۇلۇپ قالماسلىقى كېرەك. سۆزدىن ئەمەلىيەتكە ئۆتمىگەن قارارلار خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئىرادىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، دۇنياغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. گەرچە بۇ تەۋسىيەنامىنىڭ بىۋاسىتە قانۇنىي مەجبۇرلاش كۈچى بولمىسىمۇ، ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىسسىيەسى ۋە ئەزا دۆلەتلەرگە كۈچلۈك سىياسىي مۇناسىۋەت يارىتىپ بېرىدۇ.

ئۆتمۈشكە قارىساق، خىتاي ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن ئاجىز مەزگىللىرىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەلىپىگە قۇلاق سالغاندەك كۆرۈنۈپ، يۇمشاق دىپلوماتىك مەيدان تۇتقان ئىدى. ئەمما غەرب دۆلەتلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيانقى پەرۋاسىزلىقى ھەمدە قىسقا مۇددەتلىك سودا مەنپەتلىرىنى پرىنسىپلاردىن ئۈستۈن قويۇشى سەۋەبىدىن، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي دۇنياۋى زور كۈچكە ئايلاندى. بۈگۈن خىتاي ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، كانتونىيە ۋە خاڭكۇڭ خەلقىگىلا ئەمەس، بەلكى بۈتۈن دۇنيانىڭ دېموكراتىك تەرتىپىگە ۋە ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىلىرى خىتاينىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولغان «ئاسسىمىلياتسىيە قانۇنى»غا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خاڭكۇڭ ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنى نىشان قىلغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەك جىنايەتلىرىگە قارىتا ئېنىق قانۇنىي جازا تەدبىرلىرىنى تەلتۆكۈس ئىجرا قىلىشى كېرەك.

خۇلاسىلىگەندە، 2026-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى ماقۇللانغان بۇ تەۋسىيەنامە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 4-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنىنى ئەيىبلىگەن ئالدىنقى قارارىنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك داۋامىدۇر. ئەمما، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قانۇنلىرىغا، چەتئەللەردىكى باستۇرۇشلىرىغا ۋە دۆلەت قوللىغان مەجبۇرىي ئەمگەكلەرگە قارىتا ئىجرا قىلىنىدىغان قانۇنىي جازا تەدبىرلىرىنى يولغا قويمىسا، قەغەزدىكى بۇ سۆزلەر تارىخنىڭ سىنىقىدا يەنە بىر قېتىم قىممىتنى يوقىتىدۇ. بېيجىڭنىڭ تەھدىتىنى توختىتىشنىڭ بىردىنبىر يولى — باياناتلاردىن ئۆتۈپ، قەتئىي، مەجبۇرىي ۋە ئېنىق ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشتۇر.

*ئەسكەرتىش:* بۇ ماقالىنىڭ ئېنگلىزچە ئەسلى نۇسخىسى *Bitter Winter* كىشىلىك ھوقۇق ژۇرنىلىدا «A Strong Vote by the European Parliament: A Blow to China’s Genocidal and Aggressive Policies» دېگەن تېمىدا ئېلان قىلىنغان.  🔗 *رەسمىي ئۇلنىشى:* https://bitterwinter.org/opinion-european-parliament-denounces-chinas-genocidal-and-aggressive-policies