تاجاۋۇزچى ھاكىمىيەت چوقۇم يىقىلىدۇ — ئامىستېردامدا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ 77 يىللىقىغا قارشى نارازىلىق نامايىشى

ئامىستېردام، 3-ئۆكتەبىر — گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردام شەھىرىدىكى تارىخىي دام مەيدانىدا خىتاي كوممۇنىستىك تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىغا قارشى كۆلەملىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىملىق نارازىلىق پائالىيىتى گوللاندىيە تىبەتنى قوللاش تەشكىلاتى (Tibet Support Group NL)، ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتى (Stichting Support Uyghurs)، خىتايغا قارشى ئاۋاز تەشكىلاتى (Voice of Anti-CCP NL) ۋە كانتونىيە مۇستەقىللىق پارتىيىسى (Cantonia Independence Party) نىڭ ئورتاق تەشەببۇسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.

پائالىيەتكە خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار، تىبەتلەر، جەنۇبىي موڭغۇللار، كانتونلىقلار، گۇاڭشىلىقلار، مانجۇرىيەلىكلەر ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى، خىتاي خرىستىئان تەشكىلاتلىرى ۋە گوللاندىيەلىك ئادالەتپەرۋەر ئامما بولۇپ 80 دىن ئارتۇق كىشى ئاكتىپ قاتناشتى.

پائالىيەت رىياسەتچىسى، گوللاندىيە تىبەتنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى سېرىڭ جامپا ئېچىلىش سۆزىدە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 77 يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى كۈچلۈك تەنقىد قىلدى.

شۇ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پائالىيەتتە كۆپلىگەن مىللەت ۋە تەشكىلات ۋەكىللىرىمۇ سۆز قىلدى:

  • تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، كانتونىيە ۋە گۇاڭشى ۋەكىللىرى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز زېمىنلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا، شۇنداقلا چىگىرا ئاتلاپ باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى بىرلىككە كېلىپ كۈرەش قىلىش زۆرۈرىيىتىنى تەكىتلىدى.
  • خىتاي خرىستىئان تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى: خىتاينىڭ خىرىستىيان دىنگە قارشى ئېلىپ بارغان زىيانكەشلىكىنى تەنقىد قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئادالەتپەرۋەر كۈچلەرنى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ زۇلمىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى.
  • پائالىيەت جەريانىدا «ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر ئەپەندى سۆز قىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىشىپ خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

نامايىش ئىشتىراكچىلىرى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلمىدا قازا قىلغان بارلىق قۇربانلارغا ئاتاپ ئاق ئەتىرگۈل ۋە تىبەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى ئاق رەڭلىك ياغلىقىنى ئالدىغا قويۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى.

نامايىش ئاخىرىدا كۆرۈنەرلىك بىر تەسىرلىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى. كانتونىيەلىك ئاكتىپ لىيۇ فېيلۇڭ قانخور شى جىنپىڭنىڭ نىقوبىنى تاقاپ، جۈزە رەڭ تۈرمە كىيىمى بىلەن، قولىغا «END CCP» (خىتاي كومپارتىيىسىگە ئاخىر بېرىلسۇن) ۋە «遺臭萬年» (شۇم نامى مەڭگۈگە قالغۇچى) دەپ يېزىلغان شى جىنپىڭنىڭ رەسىمىنى تۇتۇپ، قولى كىشەنلەنگەن ھالدا مەيدانغا چىقتى. ئابدۇرېھىم غېنى ئۇنىڭ بوينىغا ئارغامچا باغلاپ، «تېررورىست شى جىنپىڭ! فاشىست شى جىنپىڭ!» دەپ توۋلىغىنىچە دام مەيدانىدا يېتىلەپ ماڭدى. بۇ كۆرۈنۈش مەيداندىكى نۇرغۇنلىغان يەرلىك ئامما ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتىپ، كۆپلىگەن كىشىلەر توختىماي رەسىم ۋە ۋېدىيوغا ئالدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ پائالىيەت ئۆزگىچە بىر يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى.

تۆۋەندە ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇرنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ 77 يىللىق تاجاۋۇزچىلىقى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىگە قارشى سۆزلىگەن تولۇق نۇتقى:

«ھۆرمەتلىك ئامىستېردام دام مەيدانىغا جەم بولغان ئادالەتپەرۋەر ئامما، سۆيۈملۈك قېرىنداشلار، ھەمكارلاشقۇچى تەشكىلاتلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى!

بۈگۈن بىز گوللاندىيەنىڭ يۈرىكى بولغان تارىخىي دام مەيدانىغا، خىتاي كوممۇنىستىك تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقىغا قارشى كۈچلۈك نارازىلىقىمىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن جەم بولدۇق.

بۇ يەرگە خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار، تىبەتلەر، جەنۇبىي موڭغوللار، كانتونلىقلار، گۇاڭشىلىقلار ۋە بارلىق زۇلۇمغا قارشى ئادالەتپەرۋەر ئامما كەلدى. بىز بۈگۈن خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتىنىڭ 77 يىلدىن بېرى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىقى، زۇلۇمى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە خەلقئارالىق تەھدىتلىرىگە قارشى ئورتاق ئاۋازىمىزنى چىقىرىپ، ئادالەت تەلەپ قىلىمىز!

1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، خىتاي بېسىۋالغان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، كانتونىيە، گۇاڭشى ۋە مانجۇرىيە قاتارلىق زېمىنلاردا مىليونلارچە گۇناھسىز خەلق سىستېمىلىق قىرغىن قىلىندى، زىندانلارغا تاشلاندى ۋە سۈرگۈن قىلىندى. بىزنىڭ كىملىكىمىز، ئېتىقادىمىز، ئانا تىلىمىز ۋە كۈلتۈرىمىزنى يوق قىلىپ، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئارقىلىق مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلماقتا.

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلارچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر جازا لاگېرلىرىدا، مەجبۇرىي ئەمگەكتە ۋە زىندانلاردا خورلانماقتا. ئائىلىلەر پارچىلاندى، ئانىلار بىلەن بالىلار بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىلدى. ئاياللار مەجبۇرىي تۇغماس قىلىندى. پەقەت بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 7-ئاينىڭ 1-كۈنى يولغا قويغان ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» ئارقىلىق، زۇلۇمنى ئۆز چېگراسىدىن ھالقىتىپ، دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى ۋە سۈرگۈندىكى ئەركىنلىك جەڭچىلىرىنى باستۇرۇشنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئۇلار چېگرا ئاتلاپ تەھدىت سېلىش، ئائىلە ئەزالىرىمىزنى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئەركىنلىك ئاۋازلىرىنى ئۆچۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا.

ھۆرمەتلىك خەلقئارا جەمئىيەت ۋە گوللاندىيە خەلقى!

بىز بۈگۈن بۇ يەردىن پۈتۈن دۇنياغا جىددىي ئاگاھلاندۇرىمىز: خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى پەقەت ئىشغالىيەت ئاستىدىكى مىللەتلەر بىلەنلا تەڭ توختاپ قالمايدۇ. ئۇلارنىڭ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىشى، قوشنا دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىشى ۋە دېموكراتىك قىممەت-قاراشلارنى دەپسەندە قىلىشى دۇنيا تىنچلىقىغا كۆرسىتىلىۋاتقان زور تەھدىتتۇر!

شۇڭا بىز بۈگۈن ئامىستېردامنىڭ كۆكىدە ئۆز بايراقلىرىمىزنى بىرلىكتە لەپىلدىتىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئېنىق سىگىنال بېرىۋاتىمىز: بىز ھېچقچان تەسلىم بولمايمىز! بىز ئۆز يۇرتلىرىمىزنىڭ ئەركىنلىكى، مۇستەقىللىقى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئادالىتى ئۈچۈن تىنماي كۈرەش قىلىمىز!

بىز دۇنيادىكى بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ۋە ئادالەتپەرۋەر ئىنسانلارنى خىتاينىڭ بېسىمىغا سۈكۈت قىلماسلىققا، خەلقئارالىق قانۇنلارنى قوغداشقا ۋە بىز بىلەن بىرلىكتە سەپ تۈزۈشكە چاقىرىمىز!

تاجاۋۇزچى ھاكىمىيەت چوقۇم يىقىلىدۇ!

ئەركىنلىك ۋە ئادالەت چوقۇم غەلىبە قىلىدۇ!

ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتى نامىدىن سىلەرگە رەھمەت ئېيتىمەن.

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

بۇ قېتىملىق نامايىشقا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر: