
«ئۆزۈڭ يېمىسەڭ غېمىڭنى، قاغا چوقۇلار تېنىڭنى» — ئۇيغۇر ماقال-تەمسىلىرىدىن
ئەركىن دۇنيادا تۇرۇپ مۇستەملىكە، قۇللۇق تۇرمۇشنى سېغىنىش — مىللىتىمىزنىڭ مۇستەقىللىق كۈرشىدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىتتۇر– خاتىرەمدىن
يېقىندىن بېرى، غەرب ئەللىرىدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر ئاشخانا خوجايىنلىرىنىڭ ئەركىن دۆلەتلەردە ياشاپ تۇرۇپمۇ خىتايچە تەشۋىقات بىلەن شۇغۇللىنىشى، خىتاي خېرىدارلارغا ھەددىدىن زىيادە خوشامەت قىلىپ مىللىتىمىزنىڭ غۇرۇرىنى خۇنۇكلەشتۈرۈشىگە قارىتا يازغان تەنقىدىي ماقالىلىرىم تور دۇنياسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، بەزى كىشىلەر مېنى «ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىدىن پۇتاق چىقىرىۋاتىدۇ، ئاشخانا تىجارىتىگە قارشى» دەپ تۆھمەت قىلىشقا باشلىدى. بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقانلار يا مېنى چۈشەنمەيدۇ، ياكى ھەقىقەتنى قەستەن بۇرمىلاشنى مەقسەت قىلغانلاردۇر.
پاكىت شۇكى: مەن ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئېچىشقا قارشى ئەمەس، ئەكسىچە بۇنى ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى تونۇشتۇرۇشتىكى مۇھىم كۆۋرۈكلەرنىڭ بىرى دەپ بىلىمەن ۋە ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتىمەن.
مەن ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ تەشۋىقاتچىسى
مەن ئامىستېردام دام مەيدانىدا يىللارچە يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلغاندا، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر مەندىن «گوللاندىيەدە ئۇيغۇر ئاشخانىسى بارمۇ؟» دەپ سورىغاندا، مەن گوللاندىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىپ، ئاشخانىلارنىڭ ئىسىملىرىنى بىر-بىرلەپ دەپ بېرەتتىم. «سەن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا بېرىپ، ئۇيغۇر تائاملىرىنى يەپ، كۈلتۈرىمىز بىلەن تونۇشقاچ بىز ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىپ باق» دەپ ئۇلارنى قىزىقتۇراتتىم.
نۇرغۇن ساياھەتچىلەر مەن ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىغا بېرىپ، مەززىلىك ئۇيغۇر تاماقلىرىدىن ھۇزۇرلانغاندىن كېيىن، ئاشخانا خوجايىنلىرىغا: «ئامىستېردام دام مەيدانىدا يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىۋاتقان بىر بادام دوپپىلىق ئۇيغۇر بىزنى بۇ يەرگە ئەۋەتتى، تاماقلىرىڭلار ھەقىقەتەن لەززەتلىك ئىكەن» دېيىشكەن. بۇنىڭدىن مىننەتدار بولغان ئاشخانا خوجايىنلىرى ماڭا تېلېفون قىلىپ: «سەن ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى تەشۋىقاتچىسى ئىكەنسەن، قاچان كەلسەڭ مېھمان قىلىمىز، سەندىن پۇل ئالمايمىز» دېگەن ئىدى. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى سىياسىي پائالىيەتچى بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن، ئۆز مىللىتىمنىڭ كۈلتۈرىنى تونۇتۇۋاتقان ئاشخانىلارنى مانا مۇشۇنداق ئەمەلىي ھەرىكىتىم بىلەن قوللاپ كەلگەن ئىدىم.
ئۇنداقتا مەن نېمىگە قارشى؟
مەن ئاشخانىدا خىتايغا تاماق سېتىشقا قارشى ئەمەس، سودا ئورنىغا ھەممە ئادەم كىرىدۇ. مەن پەقەت تۆۋەندىكى پىرىنسىپلارنى تەۋسىيە قىلىپ كېلىۋاتىمەن:
1. ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەملىكە نامى بولغان «شىنجاڭ» سۆزىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قارشى
ئەركىن بىر دۆلەتتە غۇرۇرلۇق بىر ئىنسان ئۆز ۋەتىنىنى بېسىۋالغان خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتى قۇيۇپ بەرگەن «شىنجاڭ» دېگەن مۇستەملىكە نام بىلەن مىللىي كىملىكىنى ساتماسلىقى كېرەك. بۇ — كۈلتۈر تونۇشتۇرۇش ئەمەس، بەلكى غۇرۇرسىزلىق، ۋىجدانسىزلىق، نومۇسسىزلىق ۋە قۇلچىلىقتۇر. بۇ خۇددى «ئىت ئۇرغۇچىغا ئامراق» دېگەن ماقالنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىپادىسىدۇر.
2. مىللىتىمىزنىڭ ئورتاق قىممەت قاراشلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىگە قارشى
سىز سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن دۆلەتتە «خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەتىنىمىز بولغان شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋېلىپ شىنجاڭغا ئۆزگەرتىۋەتتى، تىلىمىزنى ۋە يېزىقىمىزنى چەكلىدى، ياشاش ئىمكانىيىتى بەرمىدى، مىللىي كەمسىتىش قىلدى…» دەپ ۋەتەندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قېنى بەدىلىگە ۋەتەنداشلىققا ئېرىشتىڭىز. شۇڭا، مىللەتنىڭ نام-شەرىپىنى قوغداش سىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋىجدانىي بۇرچىڭىزدۇر.
خىتاي خېرىدارغا ئادەتتىكى خېرىداردىن نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇپ خوشامەت قىلىش، ھەتتا بۇ خوشامەتچىلىكنى قاچىلىرىغا ۋە ئاغزىغا تاماق سېلىپ قويۇش دەرىجىسىگە ئاپىرىش بىزنىڭ غۇرۇرىمىزنى زېدە قىلىدۇ، مىللىتىمىزنىڭ يۈز-ئابرويىنى تۆكىدۇ.
3. تىبەت ئاشخانىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىڭ
تىبەتمۇ بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئوخشاش خىتاي مۇستەملىكىسىدە بولۇپ، سىياسىي ئەھۋالىمىز ئوخشاش. ئەمما دىياسپورادىكى تىبەت ئاشخانىلىرىدا تىبەت بايرىقىنى ئېسىپ قويىدۇ، خىتايچە خەت يازمايدۇ. سىلەر نېمە ئۈچۈن تىبەتلەرنىڭ بۇ مىللىي روھىدىن ئىلھام ئالمايسىلەر؟! تىبەتلەردەك بايراق ئاسالمىساڭلارمۇ، ھېچ بولمىغاندا «شىنجاڭ» دېگەن مۇستەملىكە نامىنى يېزىقتا ۋە ئېغىزدا ئىشلەتمەڭلار!
4. تاماق تىزىملىكلىرىدىكى خىتاي تىلىنىڭ ئورنىنى ئۇيغۇرتىلى ئالسۇن
ھەممىمىز بىلگەندەك، خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان خىتاي تىلىنى خەلقىمىزگە مەجبۇرىي تېڭىپ ئۈگۈتىۋاتىدۇ. 2000-يىللاردىن باشلانغان ئۇيغۇرتىلىنى مائارىپتىن سىقىپ چىقىرىش جەريانى، 2017-يىلىغا كەلگەندە پۈتكۈل مائارىپتىن چەكلىنىش بىلەن ئاياغلاشتى. ۋەتەندىكى پەرزەنتلىرىمىز ئانا تىلىنى ئۆگىنىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى. ئەھۋال شۇنداقكەن، دىياسپورادىكى ئاشخانىلاردا ئۆزىمىزنىڭ تاماقلىرىغا ئۆز تىلىمىزدا ئىسىم يازماي، زالىم مۇستەملىكە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىگە ئاۋاز قوشقاندەك، خىتاي تىلىدا يېزىش ئىنساننىڭ ئىچىنى ئۆرتەيدۇ. مېنىڭ تەۋسىيەم:
تاماق تىزىملىكىدىكى خىتاي تىلىنىڭ ئورنىنى ئۇيغۇر تىلى ئالسۇن، بۇ ئۇيغۇر تاماقلىرىمىزنىڭ ھەققىدۇر. ئۇنىڭ يېنىغا ياشاۋاتقان دۆلىتىڭلارنىڭ تىلىنى يانداش قىلىپ يېزىڭلار، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ كۆپ ۋە ئۈزۈلمەيدىغان خېرىدارلارغا ئېرىشەلەيسىلەر. ئۇيغۇر يېزىقى ئاشخاناڭلارغا ئۆزگىچە تۈس قوشىدۇ، چۈنكى غەرب كىشىلىرى ئۆزگىچە مەدەنىيەتلەرگە قىزىقىدۇ. بۇ ئارقىلىق ھەم تىلىمىزنى ساقلاشقا، ھەم مىللىتىمىزنى تونۇتۇشقا تۆھپە قوشالايسىلەر.
5. كۆزۈڭلارنى ئېچىڭلار، يېڭى بازار ۋە خېرىدارغا يۈزلىنىڭلار
نۇرغۇنلىرىڭلار «خىتاي خەلقىسىز سودىمىز ئاقمايدۇ» دەپ قارايسىلەر. خىتايلار بىزنىڭ تاماقلىرىمىزنى ئەزەلدىن ياخشى كۆرەمتى؟! مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس! بۇ خەلقىمىزنىڭ يىللاردىن بېرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ئاشخانا ئېچىپ، تاماقلىرىمىزنى تونۇتقانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
سىلەر ھازىر خىتايدا ئەمەس، ئەركىن دۇنيادا. خۇددى «قۇدۇقتىن چىقمىغان پاقا»غا ئوخشاش، ئەتراپىڭلاردا پەقەت خىتايلارلا باردەك، ئۇلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن مىللىي غۇرۇرىڭلارنى ئاياغ ئاستى قىلىشىڭلار بىزنى ئەجەپلەندۈرىدۇ. سىلەر ئۇ قۇدۇقتىن چىقىپ كەتكىلى ئۇزۇن بولدى. ئەتراپىڭلاردا يۇغان بىر دۇنيا ۋە ئۇنىڭدا ئاشقازىنى بار، تاماق يەيدىغان مىليۇنلىغان، مىلياردلىغان خەلق بار. ئەگەر كۆزۈڭلارنى ئېچىپ، يەرلىك كىشىلەرگە تەشۋىقات قىلساڭلار، خىتايدىن نەچچە ھەسسە كۆپ خېرىدار تاپالايسىلەر. دەسلەپتە بۇ ئىشلار تەستەك تۇيۇلغان بىلەن، كېيىن ئۇ توختىماي سۇ بېرىدىغان بىر بۇلاققا ئايلىنىدۇ.
دىياسپورادا مانا مۇشۇنداق يەرلىك خەلىقلەرگە ئۇيغۇر تاماقلىرىنى تۇنۇشتۇرۇپ روناق تاپقان، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارلارغا ئۇلاشقان، ئۈزىنىڭ مىللىي غۇرۇرى بىلەن سودا قىلىپ گۈللەنگەن ئاشخانىلارنىڭمۇ سانى خىلى بار. مىللىي غۇرۇرى بىلەن سودا قىلىپ گۈللەنگەن ئاشخانىلارنى مەن بار كۈچۈم بىلەن قوللايمەن ۋە تەشۋىقاتتا ياردەمچى بولىمەن.خەلقىمىزمۇ مەمنۇنلۇق ئىلكىدە سىلەردىن خوش بولىدۇ، سىلەرنى قوللايدۇ.
تەنقىدنىڭ كۈچى ۋە ئۈنۈمى
مەن ئىزچىل تەنقىد قىلىش ۋە جەمئىيەتسۇناس دوكتۇر، پىروفېسسور ئابدۇرېشىت جەلىل قارلۇق ئەپەندى بىلەن «ئۇيغۇر چايخانىسى»دا «خىتايلىقلىشىش ۋە ئۇيغۇر ئاشخانىسى» تېمىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئۇيغۇرلار مەمنۇنلۇقىنى بىلدۈردى. ئۇلار ئىلگىرى ئاشخانا خوجايىنلىرىغا چىرايلىقچە ئەسكەرتىپ ئاڭلىتالمىغان ئىكەن. بۇ ئۆتكۈر تەنقىدلەردىن كېيىن، بىر قىسىم ئاشخانىلار ۋېۋىسكىلىرىدىكى «شىنجاڭ» دېگەن سۆزنى چىقىرىۋەتتى، تاماق تىزىملىكىگە ئۇيغۇرچە قوشتى. بۇ بىزنىڭ غەلىبىمىز! چۈنكى خەلقنىڭ غەزەپ-نەپىرتىدىن تەپ تارتىدىغان، شەرمەندە بولۇشتىن ئەنسىرەيدىغان بىر كەيپىيات شەكىللەندى. ئەمما يەنىلا خىتاي ئەلچىخانىلىرى بىلەن ئالاقىسى بار بىر قىسىم جاھىللار ئۆز پەدىسىدە مېڭىۋاتىدۇ. مەن بىر سىياسىي پائالىيەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ پىلانلىق تەشۋىقاتلارغا قارشى كۈرىشىمنى داۋاملاشتۇرىمەن.
ئۇيغۇر خېرىدارلارغا خىتابىم
بىز خېرىدارلارمۇ مەسئۇلىيەتچان بولۇشىمىز كېرەك. ئەگەر ئاشخانىلاردا مۇستەملىكە نامىنى ۋە خىتايچە تىزىملىكلەرنى كۆرسەك، چىرايلىقچە ئەسكەرتەيلى. ئەگەر ئاڭلىمىسا، غۇرۇرىمىزنى دەپسەندە قىلغان ئاشۇ ئاشخانىلاردا تاماق يېمەسلىك ئارقىلىق مەيدانىمىزنى بىلدۈرەيلى. رەسىم ۋە ۋېدىيولارغا ئېلىپ تەنقىد قىلايلى. تىجارەتچىنى خەلقنىڭ مەيدانى تەربىيەلەيدۇ.
ئاخىرقى خىتابىم
مەن خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر سىياسىي پائالىيەتچى، بۇ غايەمدىن قەتئىي ۋاز كەچمەيمەن. مېنى سوتقا ئەرز قىلىمەن دەپ تەھدىت سالغانلارغا شۇنى دەيمەن: مەن ھەر ۋاقىت تەييار! مىللىتىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداش يولىدا تارتىدىغان ئەزىيەتلەر مېنىڭ ئىرادەمنى تېخىمۇ پولاتتەك تاۋلايدۇ.
سىز بىلەن مېنى باغلىغان باغ ئۇيغۇرلۇق بېغى بولسىمۇ، بىزنى ئايرىپ تۇرغان تۈپ پەرقىمىز — سىزدىكى خىتايغا بولغان قۇللۇق بىلەن مەندىكى خىتايغا بولغان ئىسيانكارلىقتۇر. كىمنىڭ تارىخنىڭ شەرەپلىك بېتىدىن، كىمنىڭ شەرەپسىز بېتىدىن ئورۇن ئالىدىغانلىقىغا كېيىنكى ئەۋلادلار باھا بېرىدۇ. كىمنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئۈچۈن كۆيگەنلىكىنى تارىخ ئۆزى ئىسپاتلايدۇ.
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى


