بېيجىڭنىڭ دەنھاقتىكى تەشۋىقات قۇلى كىسىپ تاشلاندى

« زۇلۇم يالغانچىلىق بىلەن ئۆزىنى توسىدۇ، ھەقىقەت جەسۇرلۇق بىلەن زۇلۇمنىڭ تېمىنى يىقىتىدۇ.» > —خاتىرەمدىن

مېنىڭ گۇۋاھلىقىمدىن كېيىن، «تىنچلىق ۋە ئادالەت شەھىرى» خىتاينىڭ چاغان بايرىمى پائالىيىتىنى پۈتۈنلەي چەكلىدى

دەنھاق شەھەرلىك پارلامېنتى 2026-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چېگرا ئاتلىغان زۇلمى ۋە دۆلەت ھالقىغان بېسىم سىستېمىسىغا قاقشاتقۇچ زەربە بېرىشتىكى تارىخىي ۋە بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك بىر سىياسىي قەدەم تاشلىدى. دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆز تېررېتورىيەسى ئىچىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بېيجىڭپەرەس يوشۇرۇن كۈچلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنى رەسمىي ئۈزدى. شەھەر باشلىقى يان ۋان زانېن (Jan van Zanen) ھەر يىلى خىتاي چاغان بايرىمىنى ئۇيۇشتۇرغان بېيجىڭپەرەس تەشكىلاتنىڭ ئەمدى قايتا شەھەرلىك ھۆكۈمەت بېناسىنى (Atrium) ئىشلىتىشىنى مەڭگۈلۈك چەكلەپ، ئۇلارنىڭ «ئەمدى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە قارشى ئېلىنمايدىغانلىقى»نى رەسمىي جاكارلىدى.

بۇ جەسۇرانە مەمۇرىي قارارنىڭ چىقىرىلىشىغا شەھەرلىك پارلامېنتنىڭ يېشىللار پارتىيەسىدىن بولغان ئەزاسى خېرا بۇت (Hera Butt) خانىم، شۇنداقلا ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى (PvdA) ۋە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە پارتىيەسى (VVD) قاتارلىق ئۈچ پارتىيە تەرىپىدىن قوزغالغان جىددىي پارلامېنت مۇنازىرىسى ھەمدە مېنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان گۇۋاھلىق نۇتۇقۇم تۈرتكە بولدى.

دېموكراتىيەنىڭ مۇقەددەس زالى ئىچىدە  دېموكراتىك گوللاندىيەدە ئەمەس، بەلكى خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكىدەك ھېس قىلدىم

بۈگۈنكى دەنھاق شەھەرلىك پارلامېنتتىكى جىددىي مۇنازىرە 14-فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن ئېغىر زوراۋانلىق ۋەقەسىدىن كېلىپ چىققان ئىدى. ئاشۇ كۈنى، مەن دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خىتاي چاغان بايرىمى جەريانىدا، يالغۇز كىشىلىك تىنچ نامايىش قىلىۋاتقاندا بېيجىڭپەرەس خىتاي ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرىنىڭ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئىدۇم. دەنھاق شەھەرلىك پارلامېنتتا سۆز قىلىش ئۈچۈن بېرىلگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ئۆزۈم ئۇچرىغان جىسمانىي ۋە روھىي ھۇجۇمنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈرىكىنى زەدە قىلغۇدەك دەرىجىدە تولۇق بايان قىلىپ، مۇنداق خىتاب قىلدىم:

«ھۆرمەتلىك رىياسەتچى، كومىتېتنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزالىرى،

مېنىڭ ئىسمىم ئابدۇرېھىم غېنى. مەن بۈگۈن بۇ يەردە، 14-فېۋرال كۈنى دەل سىلەرنىڭ مۇشۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بېناڭلارنىڭ زالىدا (Atrium) يۈز بەرگەن ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇمنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىسى سۈپىتىدە سۆز قىلىۋاتىمەن. خىتاينىڭ زۇلمىغا قارشى ئېلىپ بارغان تىنچ نامايىشىم جەريانىدا، مەن خىتاي ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرىنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن قوپاللىق بىلەن قىلغان ھۇجۇمىغا ئۇچرىدىم. ئۇلار مېنىڭ بويۇن ۋە قوللىرىمنى ۋەھشىيلەرچە قايرىپ، قولۇمدىكى نامايىش پىلاكىتىمنى بۇلاپ ئېلىۋالدى. ھۇجۇم جەريانىدا ئۇلار قۇلىقىمغا: ”سەن جازا لاگېرىغا مەھكۈم، سەن ئۆلۈمگە مەھكۈم، سېنى ئۆلتۈرىۋېتىمەن“ دەپ پىچىرلىدى. بۇ دەھشەتلىك مەنزىرە ماڭا ئۆزۈمنىڭ دېموكراتىك گوللاندىيەدە ئەمەس، بەلكى خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىن جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندەك ئازابلىق تۇيغۇ بەرگەن ئىدى.

شۇ كۈنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بېناسى گوللاندىيە مېدىيالىرى بىلەن تولغان ئىدى، لېكىن ھەممە مېدىيا سۈكۈتنى تاللاپ خىتاينىڭ بۇ چېگرا ئاتلاپ ئېلىپ بارغان زوراۋانلىقىغا كۆز يۇمدى. ئەگەر شەھەرلىك پارلامېنتتىكى ئاشۇ ئۈچ سىياسىي پارتىيە شەھەر باشلىقىغا جىددىي سوئاللارنى قويمىغان بولسا، ھەمدە ”AD“ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئىرىس ۋان دېن بوم (Iris van den Boom) خانىم جەسۇرانە تۈردە بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلمىغان بولسا، خىتاينىڭ بۇ چېگرا ئاتلىغان زۇلمى مەخپىي قالغان بولاتتى. بۇ ئەھۋال گوللاندىيە تۇپرىقىدا خىتاينىڭ تېخىمۇ ۋەھشىيلەرچە تاجاۋۇزچىلىق قىلىشىغا يول ئېچىپ بەرگەن بولاتتى. سۈكۈتنى بۇزۇپ خىتاينىڭ بۇ ۋەھشى زوراۋانلىق قىلمىشىنى دادىللىق بىلەن ئاشكارىلىغان مۇشۇ ئۈچ پارتىيەگە ۋە ”AD“ گېزىتىگە چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

بۇ ھۇجۇمنىڭ ۋە ئۈزلۈكسىز كېلىۋاتقان ئۆلۈم تەھدىتلىرىنىڭ تەسىرى مېنى روھىي جەھەتتىن ۋەيران قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ۋەھشىي قىلمىشى مېنىڭ روھىي دۇنيارىمغا قاتتىق زەربە بېرىپ، مېنى ئىچ-ئىچىمدىن قاتتىق ئازابلىدى. بۇنىڭ بىلەن مەن ئائىلە دوختۇرۇمنىڭ جىددىي يوللىشى بىلەن ئالاھىدە پىسخىكىلىق داۋالىنىش ئۈچۈن SGGZ غا ئەۋەتىلدىم. بېيجىڭنىڭ ئۇزۇن قولى مېنىڭ سالامەتلىكىمنى ۋە ئامانلىقىمنى ۋەيران قىلماقتا.

مېنىڭ ئۆز مىللىتىمنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قىلىۋاتقان كۈرەشلىرىم ئىنتايىن يۇقىرى شەخسىي بەدەللەرگە تايانغان. مەن 2024-يىلى دەنھاقتا ئۆتكۈزۈلگەن ”دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى“دە (The Court of Citizens of the World) رىم ئەھدىنامىسى بويىچە شى جىنپىڭنىڭ جىنايەتلىرى ئۈچۈن ئېچىلغان ئاشۇ سوتتا، غايىب بولغان 19 ئائىلە ئەزايىمنىڭ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ شۇنداقلا مىليونلىغان غايىب بولغان ئۇيغۇرنىڭ جانلىق كارتىنىسى سۈپىتىدە گۇۋاھلىق بەردىم. خىتاي ھۆكۈمىتى مېنىڭ بۇ سوتتا بەرگەن گۇۋاھلىقىم ئۈچۈن ماڭا قاراتقان بىۋاسىتە ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى سۈپىتىدە، مېنىڭ دادامنى جازا لاگېرىدا قىيناپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم يەنىلا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.

ھۆرمەتلىك رىياسەتچى، گوللاندىيە پارلامېنتىمۇ (Tweede Kamer) يېقىندىلا خىتاينىڭ بۇ چېگرا ئاتلىغان زۇلمىغا قارشى مەخسۇس تەكلىپ لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى. ئارنھەم شەھىرى (Arnhem) ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇق  شەھەر ئالاقىسىنى ئۈزگىنىگە ئوخشاش، دەنھاقمۇ مۇشۇ ئۈلگىگە ئەگىشىشى لازىم. خىتاينىڭ ئۆز جىنايەتلىرىنى ئاقلىشى ئۈچۈن بىزنىڭ شەھەرلىك ھۆكۈمىتىمىزدە خىتايلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى ئۆتكۈزۈشىگە قايتا سەھنە بېرىلمىسۇن! مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئۈستۈڭلارغا ئېلىڭلار!

خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىڭلار ھەمدە مېنىڭ يوقاپ كەتكەن ئائىلەم ۋە دادامنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئېنىق چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىڭلار. خىتاينىڭ مېنىڭ ئائىلەمگە بولغان زىيانكەشلىكىنى دەرھال توختىتىشى كېرەك.

ئەگەر سىلەر مېنى مۇشۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بېناسىنىڭ ئىچىدىمۇ خىتاينىڭ زوراۋانلىقىدىن قوغداپ قالالمىساڭلار، ئۇنداقتا بۇ شەھەرگە بېرىلگەن ”تىنچلىق ۋە ئادالەت شەھىرى“ دېگەن نامنىڭ نېمە قىممىتى قالىدۇ؟ ھەممىڭلارنىڭ ئەستايىدىللىق بىلەن ئاڭلىغانلىقىڭلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت.»

بېيجىڭپەرەس كۈچلەرنىڭ يالغان-تۆھمەتلىرى پاش بولدى ۋە رەت قىلىندى

5-ئاينىڭ 20-كۈنى گوللاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلارنىڭ بىرى بولغان ”AD“ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئامارىنس سىكاما (Amarins Siccama) خانىم «خىتاي تەشكىلاتى ئەمدى شەھەرلىك ھۆكۈمەتتە قارشى ئېلىنمايدۇ» ناملىق بىر بەتلىك تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلدى. بۇ ماقالىدە دەنھاق شەھەر باشلىقى يان ۋان زانېننىڭ كەسكىن سۆزلىرى بىلەن بۇ يىللىق خىتاي يېڭى يىل بايرىمى پائالىيىتىنى تەشكىللىگۈچى كومىتېتنىڭ باشلىقى ئاتوم جۇنىڭ سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەن.

خىتاي تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ئاتوم جۇ (Atom Zhou) بايانات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنغان. ئۇ ھېچقانداق زوراۋانلىقنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەكسىچە

مېنىڭ «بايرام كەپىياتىنى بۇزغان، تاماشىبىنلار ۋە بالىلارغا ۋەھىمە پەيدا قىلغان تاجاۋۇزچى» ئىكەنلىكىمنى دەپ ماڭا تۆھمەت قىلغان ھەمدە مېنى پەقەت «ساقچىلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكى»نى ئوتتۇرىغا قويغان.

مانا بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەجەللىك زەربىگە ئۇچراپ شەرمەندە بولغاندا ئىشلىتىدىغان «ئۆزىنى بىچارە كۆرسىتىش» ۋە «ئوغرى ئۆزى توۋلاپتۇ» قىلىدىغان كونا تاكتىكىسى بولۇپ، بۇ يالغانچىلىققا شەھەر باشلىقى يان ۋان زانېن تەرىپىدىن قاتتىق رەددىيە بېرىلدى.

بېيجىڭپەرەس كۈچلەرنىڭ بۇ يالغان-تۆھمەتلىرى شەھەر باشلىقى يان ۋان زانېن تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىندى. شەھەر باشلىقى خىتاي تەشكىلاتىنىڭ قىلمىشىنى گوللاندىيەنىڭ زېمىن شۆھرىتى ۋە مەمۇرىيەت بەلگىلىمىلىرىگە قىلىنغان ئوچۇق-ئاشكارە خىلاپلىق دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى. ۋان زانېن ئېنىق قىلىپ، رەسمىي بەلگىلىمە بويىچە پەقەت دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرىلا جەمئىيەت تەرتىپىگە ئارىلىشىشقا ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى، خىتاي خادىملىرىنىڭ گوللاندىيە تۇپرىقىدا ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن جىسمانىي كۈچ ئىشلىتىپ ساقچىلىق رولىنى ئوينىشىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شەھەر باشلىقى خىتاي تەشكىلاتىنىڭ قىلمىشىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان نومۇسسىزلىق» دەپ باھالاپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي تەشۋىقات سەھنىسىنى پۈتۈنلەي ۋە مەڭگۈلۈك چەكلىدى. «بىز ئەمدى بۇ بايرامنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بېناسىدا ئۆتكۈزۈشكە سورۇن ھەم پۇرسەت بەرمەيمىز. مەن بۇ تەشكىلات بىلەن ئەمدى ھېچقانداق ھەمكارلىق ئورناتمايمەن،» دەپ بايانات بەردى.

بۇنىڭدىن سىرت، شەھەر باشلىقى يېقىن كۈنلەردە مەن بىلەن ئايرىم، يۈزمۇيۈز كۆرۈشۈپ، مېنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكىم، جىنايى تەكشۈرۈشنىڭ ئىلگىرىلىشى ۋە يوقاپ كەتكەن ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ تەقدىرىنى بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىشقا رەسمىي قوشۇلدى.

گوللاندىيە سىياسىتىدىكى زور بۇرۇلۇش

دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ تارىخىي قارارى ئايرىم بىر ۋەقە ئەمەس. يېقىندىلا گوللاندىيە دۆلەتلىك پارلامېنتىمۇ (Tweede Kamer) خىتاينىڭ چېگرا ئاتلىغان زۇلمىغا قارشى مەخسۇس قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى ماقۇللاپ، سىرتتىن كېلىدىغان مۇستەبىت بېسىملارغا قارشى قانۇنىي مۇداپىئەنى كۈچەيتكەن ئىدى. بۇنىڭدىن بۇرۇن يەنە ئارنھەم (Arnhem) شەھىرىمۇ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى سەۋەبىدىن خىتاي بىلەن بولغان  دوستلۇق شەھەر ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزگەن ئىدى.

دەنھاقتا قولغا كەلگەن بۇ زور غەلىبە بېيجىڭنىڭ ياۋروپادىكى يوشۇرۇن تەشۋىقات تورىغا ئېنىق بىر سىگنال بەردى: غەربنىڭ دېموكراتىك ئورگانلىرى ئەمدى خىتايدەك مۇستەبىت رېجىملارنىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى قورقۇتىدىغان ۋە تەھدىت سالىدىغان ئويۇن مەيدانى بولالمايدىغانلىقىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. دادىسى ھەقىقەت ۋە ئەركىنلىك يولىدا شېھىت بولغان، مەندەك بىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان پائالىيەتچىنىڭ، خىتاينىڭ «تىنچلىق ۋە ئادالەت شەھىرى»دىكى مۇشۇنداق زوراۋانلىقىغا خاتىمە بېرىلىشى — خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ئاتلىغاندىكى باستۇرۇش سىياسىتى ئۈچۈن جاراڭلىق بىر زەربە، دىياسپورادىكى پۈتۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور بىر تارىخىي غەلىبىدۇر.

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

يېزىلغان ۋاقتى: 2026-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى

يازمىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ ئۇلانمىلىرى:

https://www.ad.nl/den-haag/organisatie-chinees-nieuwjaar-niet-meer-welkom-in-haags-stadhuis-volstrekt-in-strijd-met-de-afspraken~abc81dfc/

https://x.com/abdurehimgheni/status/2058837145238855995?s=46