ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى رويىڭ سامان بولماس – ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى
ھەرقتىم گوللاندىيەنىڭ گۈزەل باغ باراۋانلىق داچا ئۆيلىرنى كۆرگەندە خىتاي ئىشغالىيتى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئۇچتۇرپان ناھيىسىدىكى مەن تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئالدى-ئارقا پىشايۋانلىق ساراي ئۆيلەر ۋە بۇ ئۆيلەرنىڭ ئارقىسىدكى ئۈچ مو چوڭلۇقتىكى گۈزەل باغلار كۆز ئالدىمدا نامايەن بولىدۇ. رەھمەتلىك بۇۋام، يەنى دادامنىڭ دادىسى خۇدابەردى نىيازنىڭ دەپ بىرىشچە بۇگۈزەل قورۇ جاينى 1940-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇچتۇرپاندىكى ئەڭ داڭلىق تامچى، ياغاچچى ئۇستاملار بىرلىشىپ ئىككى يىلدا پۈتۈرۈپتىكەن. بۇۋام خۇدا بەردى نىيازتىجارەتچى بولغاچقا ئالدى پىشايۋانلىق ئۆي ۋە كاردۇرلارنىڭ ئاستىنى مەخسۇس مال قۇيدىغانغا ئامبار قىلىپ ياسىتىپتىكەن. 1940-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئۇچتۇرپاندا گومىنداڭ ھۈكۈمىتىگە قارشى ئازاتلىق ھەركەتلىرى ئەۋجى ئالغاندا، گومىنداڭ ھۈكۈمىتى ئىنقىلاب يىتەكچىلىرىنى تۇتقىن قىلىشقا باشلىغان. شۇ چاغدا چوڭ دادام بىر قانچە ئىنقىلابچىنى ئاشۇ ئامبارغا يۇشۇرۇپ قۇتۇلدۇرۇپ قاپتىكەن.

بۇ قورۇ ناھىيە بۇيچە ئەڭ چوڭ قورۇلاردىن بىرسى ئىدى. ئۆينىڭ ئارقىسىدا ئۈچ مو كەلگۈدەك باغ بۇلۇپ باغنىڭ ئىچىدە ئۈزۈم، ئۈرۈك، ئالما، نەشپۈت،شاپتۇل، قارا ئۈرۈك، ياڭاق، كۆك سۇلتان، ئۈژمە، جىنەستە قاتارلىق مىۋىلىك كۈچەتلەر بار ئىدى. ئۆيىمىز ناھىيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ بىلەن قوشنا بۇلۇپ بىر تام ئايرىم تۇراتتى. مەن مۇشۇنداق گۈزەل قورۇدا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ھەم بالىلىق، ئۆسمۈرلۈك مەزگىلىم بۇ قورودا ئۆتكەن بولغاچقا، ئاجايىپ ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىملەر قالغان.
رەھمەتلىك بۇۋام چوڭ تىجارەتچى بۇلۇپلا قالماي بەلكى يۇرۇتنىڭ مۆتىۋەرلىرىدىن ئىكەن. بۇ قورۇ جايلىرىدىن باشقا يەنە ناھيىنىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق يەرلىرىمۇ بار ئىكەندۇق. كىيىنكى كۈنلەردە خىتاي كوممۇنىستىلىرى ھاكىميەتنى قولغا ئالغاندا بۇۋامنى باي پومچىك دەپ تۇرمىغا سۇلاپ، نۇرغۇنلىغان تېرىلغۇ يەرلىرىنى، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنى مۇسادىرە قىلىپتىكەن. مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بۇۋام بىزنى سىرىتلارغا ئېلىپ چىققاندا بۇ يەرلەر ئەسلىدە بىزنىڭ يەرلىرىمىز ئىدى، كىيىن خىتاي كوممۇنىست ھۈكۈمىتى تارتىۋالغان دەپ ئۇھسىنىپ، شۇ ۋاقىتلاردىكى ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بىرەتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە، رەھمەتلىك چوڭ ئاپام، يەنى دادامنىڭ ئانىسى بۈمەريەمخان ”خىتايلار يۇرتىمىزغا قەدەم باسقاندىن بۇيان بىز ئۇيغۇرلارنى تۇتۇپ تۇرمىلارغا سۇلاۋاتىدۇ، ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. شۇنداقتىمۇ بىز تۈگەپ كەتمىدۇق“ دەيتتى. ئۇ يەنە نەۋرە ئاكىسى، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ گېنىرالى بولغان مۇھەممەت ئىمىنوفىنىڭمۇ خىتاي ھۈكۈمىتى تەرپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرلۈشىدىن بىر قانچە يىل بۇرۇن ئۇچتۇرپانغا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن كىلىپ مۇشۇ قورىدا بىر قانچە كۈن تۇرۇپ كەتكەنلىكىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى.

رەھمەتلىك بوۋام ۋاپات بۇلۇشنىڭ ئالدىدا باشقا باللىرىغا بىردىغان مىراسلارنى بىرىپ ئەڭ كىچىك ئوغلى بولغان دادام غېنى خۇدابەردىگە بۇ زىمىننى مىراس قالدۇرۇپتىكەن.
دادام دۆلەت مەمۇرى بولۇشىغا قارىماي دادىسىدىن قالغان چارۋىچىلىق ۋە باغۋەنچىلىككە ۋارىسلىق قىلىپ، بۇ ئۈچ مودىن ئارتۇق باغقا ھەرخىل مېۋىلىك كۈچەتلەرنى قۇيۇپ ئاۋات قىلسا، باغنىڭ بىر تەرىپىدىكى قۇتاندا قوي،كالا، توخۇ قاتارلىق ئۆي ھايۋانلىرىنىمۇ باقاتتى. دادام ھەر دائىم سەن ئالىي مەكتەپنى پۈتۈرۈپ ناھيىگە كىلىپ خىزمەت قىلساڭ دادا مىراس بۇ زىمىنغا سەن ئىگىدارچىلىق قىلىسەن دەيتتى. ئىشلار دادامنىڭ ئارزۇسىدەك بولماي قالدى. مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پىداگوكىكا مەكتىۋىدە خېمىيە ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ئىشلىدىم.
2004-يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا مەكتەپتە دەرىس ئۆتۈۋاتسام دادامدىن تېلفۇن كەلدى. تېلفۇننى ئېلىپلا دادامدىن ئەھۋال سورىشىمغىلا دادام ئازراق چېچىلغان ھالدا: ماۋۇ بىزگە دادا مىراس قالغان قورو-جاينى باغ ۋارانلار بىلەن قۇشۇپ ناھيىلىلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئائىلىلىك بىناسى سالدىغاندا سېتىۋېلىش ئۈچۈن مەكتەپ مۇدىرى كەپتۇ. كىلەر ھەپتە يەنە سۆھبەتكە كىلدىغان بولدى. شۇڭا سەن بىزنىڭ جەمەتىمىزدىن ئەڭ يۇقىرى ئوقۇغان بىرسى بۇلۇش سۈپتىڭ سەن بۇ سۆھبەتنىڭ ئۈستىدە تۇرشىڭ كېرەك شۇڭا خىزمىتىڭدىن بىر كۈن رۇخسەت سوراپ كەل دىدى. دادا سىزنىڭ زىمىننى ساتقىڭىز بارمۇ ؟-دىسەم ياق. مىنىڭ پۇلغا ئېھتىياجىم يوق. زىمىن دىگەن قاققان قۇزۇق. ئۇنى سېتىشقا بولمايدۇ. دادا مىراس زىمىننى قەتئى ساتمايمەن دىدى. زىمىننى سېتىش ئىشلىرى ھەققىدە كۆپرەك ئىشلاردىن خەۋرى بار سوت ۋە يەر باشقۇرۇش ئىدارىسدىكى تۇنۇشلاردىن ئۇچۇر ئىگەللىسەم قانۇنغا ئاساسەن ئۆي-زىمىنلار يولغا توغرا كىلىپ قالسا ھۈكۈمەت چۇقۇم پۇل بىرىپ ئالدىكەن. ئەمما باشقا ھەرقانداق شەكىلدە بېسىم ئىشلىتىپ سېتىۋېلىشقا بولمايدىكەن. شۇڭا دادامغا تېلفۇن قىلىپ دادامنى خاتىرجەم قىلىپ قويدۇم ھەم سۆھبەت كۈنى مەنمۇ ئۇچتۇرپانغا چىقىپ ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ دادا مىراس زىمىننى دادامنىڭ قەتئىي ساتقۇسى يوقلىقىنى شۇڭا بۇ ھەقتە دادامنى قايتا ئاۋارە قىلماسلىقىنى ئەسكەرتىپ سۆھبەتنى ئاخىرلاشتۇردۇق.

2005-يىلى مەن خىزمىتىمدىن ئىستىپا بىرىپ چەتئەلگە چىقىپ كەتتىم. پات-پات دادام-ئاپاملار ۋە ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن كۈرۈشۈپ تۇراتتىم. 2012-يىلىغا كەلگەندە يەنە ئۆينى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىدىن كەلگەن بىر خىتاي، مۇناسىۋەتلىك ئادەملەر ئارقىلىق دادام بىلەن كۈرۈشۈپ تەخمنەن 1 مىليۇن ئەتراپىدا باھالاپتۇ. ئەمما دادام قەتئى ساتمايمەن دەپ يەنە چىڭ تۇرۋالغاچقا ئۇ خىتايمۇ ئالالماپتىكەن. 2014-يىلى 4- ئايدا دادام، ئاكام ئىككەيلەن 50 مىڭ يۈۋەن خىتاي پۇلى، بىزنىڭ قورو-جايلىرىمىزنى، ئاندىن تۆت مەمۇرى كادىرنى كىپىللىككە قۇيۇش شەرتى بىلەن پاسپورت بىجىرىپ تۈركىيەگە كەلدى. مەنمۇ تۈركىيەگە كىلىپ دادام بىلەن بىر ئاي بىللە تۇردۇم. بۇ ئارلىقتىمۇ دادام دەككە دۈككىدە تىزراق قايتىپ كىتىش بولمىسا كىپىللىككە قويغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى خىتاي ھۈكۈمىتى مۇسادىرە قىلۋالدىغانلىقىنى دىگەن ئىدى. دادام بۇ ئاتا مىراس زىمىننى قەتئى ساتمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ، كىيىنكى كۈنلەردە ئۇنى تۆت ئوغلىغا مىراس قىلىپ قالدۇرۇپ قۇيدىغانلىقىنى ۋە مىراس ئارخىپلىرىغا يېزىپ قۇيدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.
2014- يىلنىڭ ئاخىردىن باشلاپ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ « بىربەلۋاغ بىر يول قۇرلۇش » پىلاننىڭ ئوتتۇرغا قۇيلىشى ۋە خىتاي چۈشى سىياسىتى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئاسلىماتسىيا سىياسىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈردى. خىتاي شەھەرلىرى بىلەن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەر، ناھىيلىرى «دوستلۇق» ئورناتتى. ئارقىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرنىڭ كۈلتۈرىنى،مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىش ئۈچۈن
« جازا لاگېرلىرى »غا قاماپ، ئۆيلىرىدىن، يەر-زېمىن، باغ-ۋارانلىرىدىن ئايرىۋەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن مىليونلىغان خىتاي ئاققۇنلىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسي يەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ھۆكۈمەت خىتاي ئاققۇنلىرىغا يېڭى بىنا تۇرالغۇ ھازىرلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئۇمۇمىيۈزلۈك چېقىشقا باشلىدى.
2016 -يىلى 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا تۇيۇقسىز دادام ئۈندىداردا جىددى تېلفۇن قايتۇرشۇمنى دەپ گەپ قالدۇرۇپ قۇيۇپتۇ. تېلفۇن قىلسام ھۈكۈمەتتىن ئادەملەر كىلىپ بىر ھەپتە ئىچىدە ئۆينى بىكار قىلىپ ھۈكۈمەتكە ئۆينى ئۆتكۈزۈپ بىرىش رەسمىيتىنى بىجىرىشنى، بولمىسا بىر ھەپتىدىن كىيىن مەجبۇرى چېقىلدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپتۇ. شۇنچە چوڭ قورو جايىمىزنى 450 مىڭ يۈەنگە باھالاپتۇ. تۆت يىل ئىلگىرى بىر مىليۇنغا ساتمىغان بۇ ئۆي-زېمىن بۈگۈنكى كۈندە 450 مىڭغا مەجبۇرى سېتىلىدىغان بوپتۇ! دادام يەنە ئۆيدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلىدىغانلىقى، بۇنىڭغا قارشىلىق قىلىسا قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىلدىغانلىقى ھەققىدىكى ھۆججەتنى ئاپتۇ. دادامنىڭ يىغلامسىراپ چىقىۋاتقان ئاۋازىدىن ئۇنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئامالىسىز قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم. ئەمما مەن چەتئەلدە بولغاچقا ھېچنىمە قىلىپ بىرەلمىگەنلىكىمدىن ئازابلىناتتىم. راسىت دىگەندەك بىر ھەپتىدىن كىيىن ئۆينىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى تۇشۇپ بۇلالماستىنلا خىتاي ھۈكۈمىتى ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە ئۆي چېقىپ خادىملىرى بىلەن ماشنا ئارقىلىق ئۆينى نەچچە سائەتتىنىڭ ئىچىدە تۈپتۈز قىلىۋېتىپتۇ. دىمەك بىزنىڭ 80 يىلغا يېقىن ئولتۇرغان بۇ ھەيۋەتلىك يوغان قورو جايىمىز ئاشۇنداق ۋەيران بولدى. ئائىلەمنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ قىسمەت مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاچچىق تىراگىدىيەسى.
ئۇنىڭدىن كېين مەن كۆپلىگەن ۋىدىيولاردا دىيارىمىزغا ماكانلاشقان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ «شىنجاڭدا ئەرزان ئۆي، مۇنبەت يەر» گە ئېرىشكەنلىكىنى تەشۋىق قىلىپ، ئىچكىرىدە جان باقالماي يۈرگەن خىتايلارنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. دېمەك ئاققۇن خىتايلار ئىگىسىز قالغان چوڭ ئۆيلەر، باغ-ۋارانلار، يەر-زېمىنلارغا ئاسانلا ئېرىشىپ، ھاياجانلىرىنى باسالماي قالغانىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋۋال ئۇيغۇرلارنى ئائىلە بويىچە ۋەيران قىلىپ، ماكانلىرىدىن ئايرىۋەتكەنلىكى، دېھقانلارنىڭ يەرلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى زاۋۇتلارغا ئىشلەيدىغان مەدىكارلارغا ئايلاندۇرغانلىقى، ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى تامامەن ۋەيران قىلىپ، ئۆز زېمىنىدا جان باقالمايدىغان بىر تۈركۈم مەجبۇرىي ئەمگەك قۇللىرىنى پەيدا قىلغانلىقى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى، بۇنى ئادرىيان زېنزدەك تەتقىقاتچىلارمۇ خىتاينىڭ ھۆججەتلىرىدىن ئېنىقلاپ چىقتى.
كونىلار «يەر دېگەن ئالتۇن قوزۇق»، «ئۆڭكۈر بولسىمۇ ئۆيۈڭ بولسۇن»، «ئۆز ئۆيۈمنىڭ خوشلۇقى، پۇت-قولۇمنىڭ بوشلۇقى» دېگەندەك نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى قالدۇرغان. ئەسىرلەر ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئالدى بىلەن ئۆز ۋەتىنىدىن، تۇپرىقىدىن ئايرىلغان بولسا، بۈگۈن ئۆزى ياشاۋاتقان ئۆي-زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ، يىلتىزىدىن ئايرىلغان قامغاقتەك سەرسان، خاراپ بولۇپ يۈرمەكتە. مۇستەملىكىچى خىتاينىڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-ماكانىنى ۋەيران قىلىش ئىستراتېگىيەسى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-زېمىن بىلەن باغلانغان بىر پۈتۈن ئىگىلىكى، كۈلتۈرىنى ۋە ئەنئەنىسىنى ۋەيران قىلىش بىلەن داۋاملاشماقتا.
مىنىڭ تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئۆيۈم تۈپتۈز قىلىۋېتىلدى، جۈملىدىن مىليۇنلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىلىرى يوق قىلىۋېتىلدى. ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زىمىن ۋە ھۇقۇق-مەنپەتىنى قوغداش كۈرشى توختاپ قالمايدۇ.
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2025-يىلى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى