دەنھاق شەھەر باشلىقىنىڭ ئابدۇرېھىم غېنىنى قوبۇل قىلىشى — خىتاينىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشىغا قارشى ئەخلاقىي سىگنال

2026-يىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى، خەلقئارا تىنچلىق، قانۇن ۋە ئادالەتنىڭ سىمۋولى دەپ تونۇلغان دەنھاق (Den Haag) شەھىرىدە ئالاھىدە سىياسىي ۋە ئىنسانىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۆرۈشۈش بولدى. دەنھاق شەھەر باشلىقى يان فان زانېن (Jan van Zanen) مېنى، يەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ئاتلىغان باستۇرۇشىنىڭ بىۋاسىتە زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان، يالغۇز كىشىلىك نامايىشلىرى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا ئالاھىدە قوبۇل قىلىپ، 30 مىنۇتقا يېقىن داۋام قىلغان سەمىمىي سۆھبەت ئېلىپ باردى.

بۇ كۆرۈشۈشكە شەھەر باشلىقى بىلەن بىللە، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك باش مەسلىھەتچىسى رومبۇت ئالكېما (Rombout Alkema) ئەپەندىمۇ قاتناشتى. بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ئالىي مەسئۇلنىڭ سۆھبەتتە بىرگە بۇلشى دەنھاق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشقا ئادەتتىكى پۇقرانىڭ دەرد ئېيتىشى سۈپىتىدە ئەمەس، خىتاينىڭ ياۋروپادىكى چېگرا ئاتلىغان باستۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك جىددىي سىياسىي مەسىلە سۈپىتىدە قارىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

مېنىڭچە بۇ كۆرۈشۈش خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە روھىي تېرورىغا قارشى ھەققانىيەت ۋە ۋىجداننىڭ قولغا كەلتۈرگەن مەنىۋى غەلىبىسىدۇر. سۆھبەت جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىمنى تەپسىلىي يېزىپ، ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.

1. دەنھاقتىكى زوراۋانلىقتىن سىياسىي ئادالەتكە: 14-فېۋرال زوراۋانلىق ۋەقەسى

بۇ كۆرۈشۈشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى 2026-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنىگە تاقىلىدۇ. شۇ كۈنى دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ زالىدا (Atrium) خىتايلار چاغان بايرىمى ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. مەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دىققەت تارتىش ئۈچۈن تىنچ شەكىلدە يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلدىم.

قولۇمدا بىر پىلاكات بار بۇلۇپ ئۇنىڭدا «شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىردىنبىر كاپالىتى» دەپ يېزىلغان ھەم خىتاي ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا تانكىلار بىلەن بېسىپ كىرگەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قانلىق قولى بىلەن ئېتىۋېتىلگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. مەقسىتىم ئاممىۋى تەرتىپنى بۇزۇش ئەمەس، ئاممىۋى تەرتىپكە ھۆرمەت قىلغان ھالدا، بىرەر ساقچى ياكى ئامانلىق خادىمى كېلىپ مېنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتكۈچە پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئىدى.

لېكىن خىتايلار ھەر تەرەپتىن كېلىپ بوينۇمنى، قوللىرىمنى قايرىدى، پىلاكاتلىرىمنى تارتىۋالدى. شۇ پەيتتە ئۆزۈمنى ئادالەت ۋە تىنچلىق شەھىرىدە ئەمەس، خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۆيۈمدىن جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندەك ھېس قىلدىم. شۇڭا «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك! ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختات!» دەپ ۋاقىراپ باشقىلارنىڭ دىققىتنى تارتىپ ئۈزەمنى خىتاينىڭ قۇلىدىن قۇتۇلۇپ چىقىشقا تىرىشتىم.

خەلقئارا قانۇن نۇقتىسىدىن بۇ ۋەقە پەقەت بىر كىشىنىڭ جىسمانىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ئەمەس. بۇ دېموكراتىك جەمئىيەتلەردە قانۇن بىلەن قوغدىلىدىغان ئىپادە ئەركىنلىكى، سىياسىي پىكىر بىلدۈرۈش ئەركىنلىكى ۋە تىنچ يىغىلىش ھوقۇقىغا قارىتىلغان ئوچۇق تەھدىت بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سۈكۈتكە دۇچار قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

دەنھاق خەلقئارا سوت مەھكىمىسى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى قاتارلىق نۇرغۇن خەلقئارا ئادالەت ئورگانلىرى جايلاشقان شەھەر. شۇنداق شەھەرنىڭ ھۆكۈمەت بىناسى ئىچىدە بىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ زوراۋانلىققا ئۇچرىشى ئالاھىدە سىياسىي سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە ئىدى. شۇ سەۋەبتىن 2026-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى مېنى شەھەرلىك كېڭەش يىغىنىغا گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. گۇۋاھلىقىمدىن كېيىن بىر قانچە پارتىيە شەھەر باشلىقىدىن مەن بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ۋە سالامەتلىكىمنى ئۆز ئاغزىمدىن ئاڭلاشنى تەلەپ قىلدى. ئاخىرى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى شەھەر باشلىقى مېنى «شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىچىدە زوراۋانلىققا ۋە روھىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى» سالاھىيىتىم بىلەن رەسمىي قوبۇل قىلدى.

2. چېگرا ئاتلىغان باستۇرۇش ۋە ئائىلەمنىڭ پاجىئەسى

سۆھبەتتە شەھەر باشلىقىغا پەقەت 14-فېۋرالدىكى خىتايلارنىڭ ماڭا قىلغان ھۇجۇمنىلا ئەمەس، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋازىمنى يوق قىلىش ئۈچۈن قىلغان روھىي تېرورلۇقىنى ۋە ئائىلەمنىڭ قىسمىتىنىمۇ ئېيتتىم.

مەجبۇرىي غايىب قىلىش. 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاندىكى 19 ئائىلە ئەزام بىلەن بارلىق ئالاقەم ئۈزۈلدى. ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى يوق. ئائىلەم خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچۇرغان مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ جانلىق بىر مىسالىدۇر.

روھىي ئىشكەنجە ۋە شانتاج. 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 12-كۈنگىچە دەنھاقتىكى دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسىدە شى جىنپىڭنى رىم ئەھدىنامىسى بويىچە سوتلاش ئېلىپ بېرىلدى. مەن بۇ سوتقا گۋالىق بىرىشكە تەكلىپ قىلىندىم. گۇۋاھلىق بېرىشىمدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى خىتاي لاگېردا تۇتۇپ تۇرغان كېسەل دادام بىلەن ئاكامنى ئېلىپ چىقىپ، ماڭا تېلېفون قىلدۇردى. ئاندىن ئېغىر كېسەل ھالەتتە كارىۋاتتا ياتقان دادامنىڭ، ئاكامنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ماڭا نەسىھەت قىلىۋاتقان ۋېدىيوسىنى تېلېگرامدىن ئەۋەتتى. مەقسىتى مېنى روھىي جەھەتتىن ئىشكەنجىگە ئېلىپ، گۇۋاھلىق بېرىشتىن ۋاز كەچتۈرۈش ئىدى.

مەن خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ بۇ روھى ئىسكەنجىگە ئېلىپ بويسۇندۇرۇش ھىيلە -مىكىرىگە بويسۇنمىدىم، سوتقا بېرىپ گۇۋاھلىق بەردىم ۋە شۇ ۋېدىيونى سوتتا كۆرسەتتىم. سوت خادىملىرى ئورنىدىن تۇردى، بەزىلىرى يېنىمغا كېلىپ قولۇمنى تۇتۇپ ماڭا ھېسداشلىق بىلدۈردى، «خىتاينىڭ زۇلمىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان پائالىيىتىڭگە ھۆرمەت قىلىمىز» دېدى. شۇ ۋېدىيونى شەھەر باشلىقىغىمۇ كۆرسەتتىم. ئىختىيارسىز كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتتى.

دادامنىڭ ئۆلۈمى. ئىككى ئاي ئۆتكەندە دادامنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىدىم. بۇ خەۋەرنى «ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى» نىڭ مۇخبىرى شۆھرەت ھوشۇر ئىسپاتلىدى. مېنىڭچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى مەندىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قىلدى.

شەھەر باشلىقى مەندىن «ھازىر ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭىز بىلەن ئالاقىڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىدى. مەن: «مېنىڭ تېلېفونۇم پۈتۈن دۇنياغا ئۇلىنىدۇ، پەقەت خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئائىلەمگىلا ئۇلانمايدۇ» دېدىم. ئۇ ھەيران قالدى.

3. سەككىز يىللىق كۈرەش: ئەلچىخانىدىن «نورمال ياشاۋاتىدۇ» خېتىگىچە

شەھەر باشلىقىغا سەككىز يىلدىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋام قىلغان كۈرىشىمنى ئاڭلاتتىم.

ئائىلەم بىلەن ئالاقە ئۈزۈلگەندىن بىر يىل كېيىن، يەنى 2018-يىلىدىن باشلاپ يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىشقا باشلىدىم. نامايىشلىرىم ئامستېردامنىڭ دام مەيدانى، گوللاندىيە پارلامېنتى ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى، پارىژدىكى ئېفىل مۇنارى، جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا بولدى. نامايىش جەريانىدا خىتاي ئىشغالىيتى ئاستىدىكى ۋەتىنىمنىڭ ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە نۇرغۇن پارتىيە رەھبەرلىرى ۋە ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتۈم. پادىشاھ ۋىللېم-ئالېكساندېر، باش مىنىستىر ماركې رۇتتې ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلوكقا خەت يېزىپ، دىپلوماتىك يول ئارقىلىق خىتاي ئەلچىخانىسى ياكى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىن 19 ئائىلە ئەزامنىڭ ئىز-دېرىكىنى سوراپ بېرىشنى تەلەپ قىلدىم. گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى خىتاي تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى ئېيتتى، لېكىن خىتاي ئىككى يىلغا يېقىن جاۋاب بەرمىدى.

شۇنىڭ بىلەن 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى قولۇمغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېلىپ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ، بىۋاسىتە جاۋاب تەلەپ قىلدىم: «خىتاي ھۆكۈمىتى! مېنىڭ غايىب بولغان 19 ئائىلە ئەزام قەيەردە؟ مەن بۈگۈن سەندىن ھېساب ئالغىلى كەلدىم. مېنىمۇ تۇتۇپ جازا لاگېرىغا سالامسەن؟ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرىسەن!» ئەلچىخانىنىڭ ئامانلىق خادىمى ئالدىمنى توستى. ساقچىلار كېلىپ مېنى تۇتۇپ كەتتى. بۇ كۆرۈنۈش ئەلجەزىرە ئارقىلىق دۇنياغا تارقالدى.

بۇ ۋەقەدىن تەخمىنەن بىر ئاي كېيىن، گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ماڭا بىر خەت يەتكۈزدى. بۇ خەتنى ئەسلىدە خىتاي ئەلچىخانىسى گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگە ئەۋەتكەن ئىدى. ئىككى يىلغا يېقىن سۈكۈت قىلغان خىتاي، ئەلچىخانا ۋەقەسى دۇنياغا تارقالغاندىن كېيىنلا جاۋاب بەردى. خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى :

∙      ئاكام ئابلىكىم غېنى 2017-يىلى 8-ئايدا «ئاممىنى توپلاپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش» نى باھانە قىلىپ 5 يىل 6 ئايلىق قاماققا؛

∙      ئابلىكىمنىڭ چوڭ قىزى پاتىمە ئابلىكىم 2019-يىلى 3-ئايدا 6 يىل 6 ئايلىق قاماققا؛

∙      ئاكام مىجىت غېنى 2018-يىلى 5-ئايدا 16 يىل 6 ئايلىق قاماققا؛

∙    تۇرغۇن ھامۇدۇن 2019-يىلى 5-ئايدا 16 يىل 6 ئايلىق قاماققا؛

∙    ئادىل ھامۇدۇن 2019-يىلى 5-ئايدا 3 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان.

خەتتە يەنە ئانامنىڭ 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى كېسەلدىن ۋاپات بولغانلىقى يېزىلغان. خەتنىڭ ئاخىرىدا ھېچقانداق ئىزاھات يوق، پەقەت «قالغان ئائىلە ئەزالىرى جەمئىيەتتە نورمال ياشاۋاتىدۇ» دېيىلگەن. يەنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماقنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغان، لېكىن قالغانلىرىنى «نورمال» دەپ ئاتىغان.

مەن بۇ «نورمال» دېگەن ئىبارىگە ئىشەنمىدىم. ئۇ كىشىلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا تېلېفونۇم ئۇلانمايتتى. شۇڭا ئەلچىخانا ئالدىدا يەنە نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ ئەلچىخانىنىڭ خەت ساندۇقىغا سالدىم ۋە ۋېدىيو بايانات ئېلان قىلدىم: «ئەگەر ئائىلە ئەزالىرىم ھايات ۋە نورمال بولسا، تېلېفونۇم نېمىشقا ئۇلارنىڭ بىرىگىمۇ ئۇلانمايدۇ؟ سەن دىئاسپورادىكى بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تېلېۋىزورىڭدا ئۇلارغا قارشى سۆزلىتىپ، ”بىز ياخشى ياشاۋاتىمىز“ دېگۈزۈپ دۇنيانى ئالدىدىڭ. ئەمدى مېنىڭمۇ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمدىن بىرىنى تېلېۋىزورىڭدا ماڭا قارشى سۆزلىتىپ باق!» خىتاي ھۆكۈمىتى بىر كىشىنىمۇ كۆرسىتەلمىدى. مېنىڭچە بۇ «نورمال ياشاۋاتىدۇ» دېگەن گەپكە ئىشەنمەسلىكىمگە يېتەرلىك ئاساس.

شەھەر باشلىقىغا 19 ئائىلە ئەزامنىڭ سۈرىتىنى ۋە مەن چوڭ بولغان قورا-جاينىڭ خىتايلار تەرىپىدىن مەجبۇرىي چېقىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان سۈرەتنى كۆرسەتتىم.

بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىشىم كېرەك. 2020-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەلچىخانىغا كىرگىنىمدىن كېيىن خىتاي ئەلچىخانىسى شىكايەت قىلىپ، دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئەلچىخانا ئالدىدىكى نامايىشىمنى رۇخسەت قىلمىدى. بۇنىمۇ شەھەر باشلىقىغا ئېيتتىم.

4. سىياسىي تەلەپلەر

سۆھبەتتە شەھەر باشلىقىغا ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە ئۈچ ئۆلچەملىك 3D شەرقىي تۈركىستان خەرىتىسىنى سوۋغا قىلدىم. ئاندىن تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇم:

(1) غايىب بولغان ئائىلە ئەزالىرىمنىڭ ئىز-دېرىكى. دەنھاق شەھەر باشلىقى سۈپىتىدە، دەنھاقتىكى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ياكى گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ دىپلوماتىك يوللىرى ئارقىلىق 19 ئائىلە ئەزامنىڭ ھايات-ماماتىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېرىش.

(2) ئۇيغۇر ئاۋازىغا يول ئېچىش. گوللاندىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇر ئاۋازىنى ئاڭلىتىشقا يول ئېچىش ۋە كىشىلىك ھوقۇق كۈرىشىمنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان خىزمەتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش.

(3) بىخەتەرلىك. چېگرا ئاتلىغان تەھدىتلەرگە قارشى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئويلىشىش.

شەھەر باشلىقىغا خىتايلارنىڭ ئادالەت ۋە تىنچلىق شەھىرىدە چاغان بايرىمى ئۆتكۈزۈشىنى چەكلىگەنلىكى ئۈچۈن رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم.

5. نېمە ئۈچۈن گوللاندىيە؟ بالىلىرىم ۋە ئۈمىدىم

شەھەر باشلىقى مەندىن نېمە ئۈچۈن باشقا دۆلەتلەرنى ئەمەس، گوللاندىيەنى تاللىغانلىقىمنى سورىدى. ئوتتۇرا مەكتەپتە دۇنيا تارىخىدا گوللاندىيەدەك كىچىك بىر دۆلەتنىڭ ئالتۇن دەۋرىدە دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى ئوقۇپ ناھايىتى قىزىققان ئىدىم. كېيىن گوللاندىيەنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىدا دۇنياغا داڭلىق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. گوللاندىيە تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، ۋەتىنىمگە قايتىپ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى يېڭى تېخنىكا بىلەن قوراللاندۇرۇشنى ئويلاپ بۇ يەرگە كېلىپ پاناھلىق سورىدىم. ھازىرغىچە 20 دىن ئارتۇق تېخنىكىنى ئىگىلىدىم. ۋەتەنگە قايتىش ھازىرچە مۇمكىن بولمىدى، لېكىن ھامان بىر كۈنى ۋەتىنىم ئازاد بولۇپ، بۇ تېخنىكىلار بىلەن خەلقىمگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن.

شەھەر باشلىقى بەش بالام بارلىقىنى ۋە خىتاينىڭ زوراۋانلىقىنىڭ ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى سورىدى. 14-فېۋرالدىكى ۋېدىيونى كۆرگەندە بالىلىرىم: «دادا، سەن خىتايلاردىن قورقمايسەن! ساقچىدىن قورقمايسەن! سەن باتۇر، بىز سەندىن پەخىرلىنىمىز!» دېدى.

خۇلاسە

بۇ كۆرۈشۈش پەقەت بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ھال-ئەھۋالىنى ئاڭلاش ئەمەس ئىدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، مەجبۇرىي غايىب قىلىش سىياسىتى ۋە چېگرا ئاتلىغان باستۇرۇشى ياۋروپاداكى سىياسىي ئورگانلار ئالدىدا يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

دەنھاق خەلقئارا ئادالەتنىڭ پايتەختى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يەردە ئاڭلىتىلغان مەسىلە پەقەت بىر ئۇيغۇرنىڭ پاجىئەسى ئەمەس، بەلكى خەلقئارا قانۇننىڭ قانچىلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ۋە دېموكراتىك جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆز پىرىنسىپلىرىنى قوغدىيالايدىغان-قوغدىيالمايدىغانلىقىنى سىنايدىغان سىناقتۇر.

شەھەر باشلىقى ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك باش مەسلىھەتچىسىنىڭ مەن بىلەن سەمىمىيلىك بىلەن پاراڭلىششى، ماڭا قىلىنغان زوراۋانلىققا ھىسداشلىق قىلىشى قىلىشى خىتاينىڭ ماڭا قىلغان روھىي تېرۇرلۇق سۈيقەستىنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ ماڭا ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا بولغان بىر مەنىۋى غەلىبىدۇر.

(ئەسكەرتىش: بۇ ماقالىنىڭ ئىنگلىزچە ئەسلى نۇسخىسى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ژۇرنىلى «Bitter Winter»دا ئېلان قىلىنغان. ئىنگلىزچە ئەسلى نۇسخىسىنى تۆۋەندىكى ئۇلنىشتىن كۆرەلەيسىز: https://bitterwinter.org/a-moral-signal-in-the-hague-against-chinas-transnational-repression/ )