
تىل بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ مۇھىم ئامىللىردىن بىرسى- خاتىرەمدىن
1999-يىلى 17-نويابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ ۋە مەدەنىيەت مەھكىمسى يىغىن ئېچىپ 2-ئاينىڭ 21-كۈننى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» قىلىپ بىكىتكەن.
دۇنيا ئانا تىل كۈنىنىڭ ئەسلى نامى ئانا تىل ھەرىكىتى كۈنىدۇر. بۇ كۈن ئەسلىدە بېنگال تىلىنى قوغداش يولىدا ساقچىلارنىڭ ئوقىدا قۇربان بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى بولۇپ كەلگەن. 1952-يىلى بېنگال دۆلىتى پاكىستانغا تەۋە بولۇپ، خەلق بېنگال تىلىنى مەزكۇر دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت تىلى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغان، شۇ يىلى 2- ئاينىڭ 21-كۈنى ساقچىلار بىر توپ نامايىشچىغا ئوق چىقىرىپ، نەق مەيداندا بەش ئادەمنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن. بېنگال دۆلىتى 1971-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى پاكىستاندىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ بەش نەپەر «تىل قەھرىمانى» ئۈچۈن ئابىدە تىكلىگەن.
ب د ت ماقۇللىغان مەزكۇر قارارنامىدە، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى دۇنيا ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىش، ئانا تىل ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىش، تىللارنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە سەرخىللىقىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان.
سىتاتىستىكا قىلىنىشچە، دۇنيادا جەمئىي 7000 دىن كۆپ تىل بار بولۇپ، بۇ تىللارنىڭ 96% ىنى پەقەت 4 پىرسەنت ئىنسان قوللىنىدىكەن. ب د ت پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددى مىراس ئىشلىرى مەسئۇلى سىمىس دۇنيادىكى يېرىمدىن كۆپ تىللارنىڭ يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىنى، ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر تىلنىڭ يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنى، ئەگەر ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىلمىسا، يەنە نەچچە يۈز يىلدىن كېيىن يەرشارىدا پەقەت نەچچە يۈز تىل قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھەرقانداق بىر تىلنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە تەرەققى قىلىشى، شۇ تىل ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن مىللەتنىڭ روھى، سىياسى، ئىجتىمائىي ھاياتىدا شەكىللەندۈرگەن كۈلتۈرى، مەدەنىيتى، ئۆرپ-ئادەتلىرى، قىممەت قاراشلىرى پەقەت ئۇلار ئۆز زىمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە بولغاندىلا ئاندىن قىممىتىنى تاپىدۇ ۋە ئۆز تىلىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ تېخىمۇ تەرەققى قىلىدۇ. ئەپسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى بولغان شەرقى تۈركىستان خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ مۇستەملىكىسگە چۈشۈپ قالغاندىن بۇيان خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئاسلىماتسىيە سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرى ئارسىدا ئانا تىل يېزىق ئۈزۈكلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ بىر قانچە قېتىم يېزىق ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇرلاندى. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلار يەنىلا ئانا تىلى يۇقالماي ئەۋلاتمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
تۈركىي تىللارنىڭ يىلتىزى ھېسابلىنىدىغان ئۇيغۇر تىلى قەدىمكى تىللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىق ئىشلىتىش تارىخىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن. تۇرپان ئاستانىدىن قېزىلغان بىر قەدىمىي قەبرىدىن مىلادى 480-يىلى يېزىلغان بىر ھۆججەت بايقالغان. بۇ ھۆججەت سوغدى يېزىقى ئاساسىدا تۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە يېزىقتا يېزىلغانلىقى ئىسپاتلانغان. بۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلار 740 -يىلى قۇرغان ئۇرخۇن-ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋىرىدە ئىشلىتىپ كەلگەن ئۇرخۇن-يېنسەي دەرياسى بۇيدىكى مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىدىكى ئۇرخۇن-يېنسەي يېزىقلىرىدىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان يېزىقلارنى ئىشلىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار ئىشلىتىپ كەلگەن ئۇيغۇر يېزىقلىرى تارىختا باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيتىنڭ تەرەققىىياتىغا ناھايتى زور تۆھپىلەرنى قوشىقان. 13 -ئەسردە بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى، مەشھۇر پىداگوك تاتا تۇڭا قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا موڭغۇل يېزىقىنى ئىجات قىلغان بولۇپ، موڭغۇللار ۋە مانجۇلار بۇ يېزىقنى ئىشلەتكەن، موڭغۇللار تا ھازىرغىچە بۇ يېزىقنى ئىشلىتىپ كەلمەكتە.
ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئارخىلوگ، تارىخشۇناس، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقلىرى تەتقىقاتچىسى قۇربان ۋەلىنىڭ يازغان «بىزنىڭ تارىخى يېزىقلىرىمىز» دىگەن كىتابنىڭ 5-بېتىدە تۇرپاندىكى قەدىمىي قەبىرىلەرنى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان ئارخولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بۇلۇشچە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادى 480-يىللاردىن باشلاپ قەدىمقى تۈرۈك-ئۇيغۇر تىلنى قوللىنىشقا باشلىغانلىقىنى تارىخ ۋەسىقىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغانلىقىنى يازىدۇ.
ئارخىلوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردىن قارىغاندا ئۇيغۇرلارقەدىمدىن بۇيان تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ قەدىمىي خەلىقلەردىن بىرى بۇلۇپ يېزىق ئىشلىتىش تارىخمۇ تۈركى مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ بالدۇر يېزىق قوللانغان ۋە كۆپ قېتىم يېزىق ئالماشتۇرغان مىللەت بۇلۇپ ئۆز دەۋرىدىكى سىياسى، دىنىي، مەدەنىي ئامىللارنىڭ تەسىردە كۆپ خىل تىل-يېزىق ئىشلەتكەن مىللەت بۇلۇپ ئۇيغۈلار ھازىرغىچە كۆك تۈرۈك يېزىقى، تۈرۈك-رونىك يېزىقى، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى،ئۇرخۇن-يىنسەي يېزىقى، سوغدى يېزىقى، مانى يېزىقى، بىراھىمى يېزىقى، سانسىكىرىت يېزىقى، ساك يېزىقى، چاغاتاي يېزىقى قاتارلىق 13 خىلدىن ئارتۇق يېزىق قوللانغان.
11-ئەسىردا ياشىغان بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرى يازغان «تۈركى تىللار دىۋانى»، يۈسۈپ خاس ھاجىپ يازغان «قۇتادغۇ بىلىك» قاتارلىق كاتتا ئەسەرلەر ئۇيغۇر تىلدا يېزىلىپ، دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت مەھكىمسى 2008-يىلنى «دۇنيا مەھمۇد قەشقەرى يىلى» قىلىپ بېكىتكەنىدى.
ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سېستىمىسى، تۈركىي تىللار ئائىلسى، شەرقى تۈرك تىل تارمىقى ئۇيغۇر-قارلۇق تىل توپلىمىغا تەۋە. ئۇيغۇر تىلى تۈركى تىللاردىن ئۆبەك تىلىغا ئەڭ يېقىن تىل. دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان 100 تىل ئىچىدە ئىچىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ 98-ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى مەلۇم.
نەچچە مىڭ يىللىق مۇكەممەل كۈلتۈرگە ئىگە بۇلۇپ، دۇنيانىڭ ماددى ۋە مەدەنىيەت غەزىنىسگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قۇشۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى بۈگۈن خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىدا يۇقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر مائارىپىدىن پۈتۈنلەي چەكلەندى. يازغۇچىلار ئۇيغۇر تىلدا كىتاپ يازغانلىقى ئۈچۈن جازا لاگىرىغا قامالدى. مىليونلىغان بالىلار، ياشلار، ھەتتا چوڭلار ھەر خىل باھانىلەر بىلەن تۈرمە ۋە لاگېرلارغا سولىنىپ خىتايچە ئۈگىنىشكە مەجبۇرلاندى. ھازىر ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار ئانا تىل بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، ئۆز تىلىدا سۆزلەش، يېزىش، كىتاب نەشر قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدى.
ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ، ئۇنى مۇھاجىرەتىتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىش مۇھىم مەسئۇلىيەتكە ئايلاندى. بۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدا ئانا تىلنى قوغداش سادالىرى بارغانسىرى كۈچەيدى. ۋەتەن ئىچىدە بۇ تىلنى قوغداپ قېلىشنىڭ ھىچبىر ئىمكانىيتى بولمىغاچقا دىياسپۇرادا ئانا تىلنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئاناتىل مەكتەپلىرى ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلدى، تورلاردا ئانا تىل ئۈگتىش كۇرۇسلىرى ئېچىلدى.
ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 21- كۈنى، دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» نى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلەپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىمەن دەۋاتقاندا، ئانا تىلىمىزنى قوغداش تېخىمۇ مۇھىم، تېخىمۇ تەخىرسىز مەسىلىگە ئايلاندى، شۇڭا ئانا تىل بايرامنى تەبرىكلەش ۋە ئۇنىڭ رۇھىنى جانلاندۇرۇش ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە.

دىياسپۇرادا ئۇيغۇر تىلنى قوغداپ قېلىش بۇئانا تىلىمىزنى كىيىنكى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈپ بىرش ئۈچۈن ئىمكانىيتىنىڭ يىتىشچە تىرشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان مىللەتنىڭ ئىزباسارلىغا ئانا تىلنى ئۈگۈتىشنى ئۈزىنىڭ ئىمانىي، مىللىي، ۋىجداني بۇرچۇم دەپ بىلگەن پىداكارلارغا كۆپ رەھمەت. سىلەرمۇ بىر كۈنى تارىخىنىڭ سەھىپىسدىن بۇ ئانا تىل كۈننى بارلىققا كەلتۈرۈش يۇلىدا بەدەل تۈلەپ دۇنيادا ئانا تىل كۈنى قىلىپ خاتىرلەشكە ئاساس سالغان، بۇ يولدا بەدەل تۈلىگەن بېنگاللىق ئوقۇغۇچىلاردەك، سىلەرمۇ ئۇيغۇر تارىخىدا ئۇيغۇر ئانا تىلنى قوغدىغۇچىلار دىگەندەك شەرەپلىك ناملار بىلەن تارىخ سەھىپىسدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالسىلەر. سىلەر بىر مىللەتنىڭ روھىنى قوغداش ئۈچۈن بەدەل تۈلەۋاتسىلەر. بىز سىلەردىن ئىپتىخارلىنىمىز، غۇرۇرلىنىمىز.
ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن بۇ يولدا توختاۋسىز پىداكارلىق كۆرسىتىۋاتقان بارلىق ئەزىزىلەرنىڭ ئانا تىل بايرىمىنى چىن كۆڭلىمدىن تەبرىكلەيمەن.
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
2025-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى قايتا يېزىلىپ تۇلۇقلاندى.