1948-يىلى 10-دېكابىردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن خاسىيەتلىك بىر ھۆججەتنى ماقۇللىغان ۋە ئۇنى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بىر ئابىدە قىلغانىدى. ئۇ بولسىمۇ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئىنسان ھۆر-ئەركىن سالاھىيەتتە توغۇلغان، ئىنسانلار قەدىر – قىممەت ۋە ھوقۇق-ئىمتىيازدا باپباراۋەر، ھەممەيلەننىڭ ئىززەت – ھۆرمەت، ھۆرلۈك – ئەركىنلىك ۋە ھەق-ئادالەتتىن بەھرىمەن بولۇش ھەققى بار» دەپ يېزىلغانىدى.
ئەپسۇسكى زامانىمىزدا، يەنى ئارىدىن 76 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى زامانىۋىي دۇنيادىمۇ بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتتىن ئەزىز كۆرىدىغان، ئۆزىگە ئوخشىمىغان خەلقلەرنى دۈشمەن بىلىدىغان، ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلغان بىگۇناھ ئىنسانلارنى قاراڭغۇ تۈرمىلەرگە سولاپ زۇلۇم قىلىدىغان ئىنسانلىققا زىت جىنايەتلەر ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتىدۇ.
پۈتۈن دۇنيا ئەھلىگە مەلۇم بولغىنىدەك، نۆۋەتتە، يەنى دەل مۇشۇ مىنۇتلاردا، خىتاي ئىشغالىيتىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار جازا لاگېرلىرىدا ئىنسان قېپلىدىن چىققان خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، كۈلتۈرى، تارىخى ۋە دىنى يوق قىلنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن مەقسەتلىك تارتىۋېلىنىپ، باللار لاگىرىغا ئېلىپ بېرىلىپ مىڭسى يۇيلىپ ئۆز تىلى، كۈلتۈرى، دىنىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇپ جىسمى ئۇيغۇر، روھى خىتاي قىلىپ تەربىيىلنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللار خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىپلا قالماي ، يەنە باسقۇنچىلىققا ، تۇغماسلىققا ، بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلىشقا مەجبۇرلىنىدۇ …
ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندىكى زاۋۇتلاردا قۇل بولۇشقا مەجبۇرلىنىپلا قالماي ، يەنە نەچچە مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى قۇل سۈپىتىدە زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە مەجبۇر بولىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى تەن ئەزالىرى مەجبۇرى ئېلىنىپ ئورگان ئەتكەسچىلىرىگە سېتىلۋاتىلدۇ.
خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى ئامېرىكا ھۈكۈمىتى، كانادا، ئەنگىليە، گوللاندىيە، بېلگىيە، فىرانسىيە، چېخىيە، لىتۋا، تەيۋەن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارلامىنتى ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ ئېتىراپ قىلدى.
2024-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى گوللاندىيەدىكى دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمسى شى جىنپىڭغا 11 تۈرلۈك جىنايەت ئارتىپ ئۇنىڭغا تۇتۇش بۇيرىقى چىقاردى. بۇ 11 تۈرلۈك جىنايەتنىڭ ئىچىدە شەرقى تۈركىستاندا ئېرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئېلىپ باردى دىگەن سوت ھۈكۈمىمۇ ئېنىق ئوتتۇرغا قۇيۇلدى.
2024-يىلى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى ياۋرۇپا پارلامىنتى قارار ماقۇللاپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرىدىغانلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋىپى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇپ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قاتناشقان ئورۇنلارغا قوشۇمچە جازا قوللىنىشى تەلەپ قىلىندى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر كىشلىك ھۇقۇق ئالىي كومسىيۇنى 2022-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى شەرقى تۈركىستاندا ئېغىر كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلكى مەۋجۇت دەپ دوكلات ئېلان قىلدى.
قىسقىسى ، ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا 21-ئەسىردە «ھەرگىز قايتا يۈز بەرمەيدۇ!» دىگەن پاجىئە يۈزبىرىپ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىق داۋاملىشۋاتىدۇ.
ئېنىقكى، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، غەرب دۆلەتلىرى ۋە دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانىي تۇيغۇغا ئىگە خەلقلەرنى كۆزگە ئىلماي، كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ھەربىر ماددىسىنى قەستەن، پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا لۈكچەكلەرچە ئاياغ ئاستى قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجىز – بىچارىلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بولسا «گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق »-لىقىنى كۆرۈپ يەتكەن.
شەخسەن ئۆزۈمنى ئالسام، مەن نېمە ئۈچۈن 2018-يىلى 6- ئايدىن باشلاپ ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ھەر ھەپتە ئاخىرلىرى ئامستېردام دام مەيدانىغا كىلىپ توختىماي خىتاي ھۈكۈمىتگە قارشى نامايىش قىلىمەن؟ چۈنكى، مىنىڭ مىللىتىمدىن بولغان نەچچە مىليۇنلىغان ئۇيغۇر قېرىندىشىم ھېلىھەم خىتاينىڭ جازا لااگېرىدا ئىنسان قېپلىدىن چىققان خورلىقلارنى باشتىن كەچۈرۋاتىدۇ. مېنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى 19 نەپەر بىۋاسىتە تۇغقىنىم بىلەن بولغان ئالاقەم ئۈزۈلگىلى 7 يىلدىن ئېشىپ كەتتى. مەن ئۇلارنىڭ نەدىلىكىنى، ھەتتا ھايات- ماماتلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. مېنىڭ مەجبۇرىي غايىب قىلىۋېتىلگەن 19 نەپەر تۇغقىنىم خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلقىنىڭ جانلىق پاكىتى، ئەمەلىي ئىسپاتى، شۇنداقلا نەچچە مىليۇنلىغان غايىب بولغان ئۇيغۇر ئائىلسىنىڭ جانلىق بىر كارتىنسى. بۇ يىل يەنى
2024-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، گوللانىيەدىكى دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمسى مېنى قانخور فاشىست شى جىنپىڭنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلق جىنايىتىگە ئېچىلىدىغان سوتتا گۇۋاھلىق بىرىشكە تەكلىپ قىلدى.
سوتقا قاتنىشىشقا ئىككى كۈنى قالغاندا، خىتاي ھۈكۈمىتى جازا لاگېرىدىكى دادام بىلەن ئاكامنى ماڭا تېلفۇن قىلغۇزۇپ، ماڭا كۈچلۈك روھىي ۋە سىياسىي بېسىم قىلدى. مېنى سوتقا قاتناشماسلىققا قاتتىق قىستىدى. ئاخىرىدا مېنى ئىندەككە كەلتۈرەلمىگەندىن كېيىن، كېسەل كارۋىتىدا ياتقان دادامنىڭ يېنىغا ئاكامنى جازا لاگىرىدىن يەنە ئەكىلىپ، ئۇنىڭغا سۆزلەتكەن ۋېدىيونى ماڭا ئەۋەتتى. ئاكام مېنى بۇ سوتقا قاتناشماسلىققا، ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ دادام بىلەن كۈرۈشىۋېلىشقا تەكلىپ قىلدى.
ئەمما، مەن خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ توزىقىغا چۈشمىدىم، بەلكى بۇ ۋېدىيونى دۇنيا پۇقرالار سوتىدا پولاتتەك ئىسپات قاتارىدا نەق مەيداندا باش سوتچىغا ۋە بارلىق ئىشتراكچىلارغا كۆرسەتتىم. دادام، ئاكاملار ئارقىلىق مېنى باش ئەگدۈرەلمىگەن خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇلارنى قايتىدىن جازا لاگىرىغا سولاپ قاتتىق قىينىدى. نەتىجىدە، 2024-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى دادامنى جازا لاگىردا قىيناپ ئۆلتۈرۋېتىپ مەندىن ئىنتىقام ئېلىپ مېنى روھى جەھەتتىن قىينىدى.
ئەلۋەتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكە ۋەتىنىمدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەر ۋە باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ياۋۇز-ئىپلاس قولىنى سۇنۇپلا قالماي، يەنە ھۆر – دېمكۇراتىك، بىخەتەر دۆلەت بولغان گوللاندىيەدىكى مەندەك بىر سىياسىي پائالىيەتچىگىمۇ نىيىتىنى بۇزدى. ئۇلار مېنىڭ ئاۋازىمنى بوغماقچى، ئۈنۈمنى ئۆچۈرمەكچى، كۈرەش پائالىيىتلىرىمنى پۈتۈنلەي توختاتماقچى بولدى. شۇڭا، ماڭا نەچچە ئون قېتىملاپ ھەرخىل تەھدىتلەرنى، ھەتتا بىر قانچە قېتىم ئۆلۈم تەھدىتى سالدى.
نەتىجىدە، 2021-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى فىرانسىيەدىكى چوڭ بىر نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كىتىۋاتقاندا قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپ ئېغىر يارىلاندىم. ئەجەبا، ماڭا ئاشكارا قول سالالمىغان خىتاينى بۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسىنى پەيدا قىلمىدى دەپ كىممۇ كېسىپ ئېيتالايدۇ؟ بۇ ۋەقە مېنى خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى نامايىشتىن، كۈرەشتىن، مۇستەقىللىق ئىنقىلابى سېپىدىكى يېگانە ئورنۇمدىن بىر مەزگىل مەھرۇم قىلدى. ئەمما، يارام ساقىيىپ، تېنىم ماغدۇرغا كەلگەندىن كېيىن، مەن ھۆرلۈك – مۇستەقىللىق سېپىدىكى ئاۋانگارت ئورنۇمغا چاقماق تېزلىكىدە قايتىپ كەلدىم. مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىمنى، مەجبۇرىيتىمنى ئادا قىلىش، ۋەتىنىمنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقىمنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن مەن يەنە كۈرەشكە ئاتلاندىم.
ئادالەتنىڭ جاھالەتنى، يورۇقلۇقنىڭ زالالەتنى، ھەقىقەتنىڭ مالامەتنى، جاسارەتنىڭ بەتنىيەتنى يېڭىدىغانلىقىغا بولغان ئىمان – ئىشەنچىم كامىل بولغاچقا، خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى تەۋرەنمەس مەيدانىمدىن، ئاداققىچە ھۆرلۈك جەڭچىسى بولۇش شەرەپ – نىيىتىمدىن بىر تىنىقمۇ ئېزىپ – تېزىپ ۋاز كەچمىدىم.
كۆرۈۋاتىمەن، كۆرۈۋاتىمىز، شاھىت بولۇۋاتىمەن، شاھىت بولۇۋاتىمىز…
كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ھازىر نامدا بار ئەمەلدە يوق، ئىسمى بار جىسمى يوق، غىلىپى بار خەنجىرى يوق، قەلەمدە بار ئەلەمدە يوق تاشلاندۇق ئاسارئەتىقىگە ئايلىنىپ قالدى. زالىم تاجاۋۇزچى، ئىككى قولى قان بىلەن بۇيالغان جاللات خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئالدىدا دۇنيادىكى دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار، رەھبەرلەر، ئاددىي خەلقلەر، ئىشقىلىپ ھەممەيلەن گەپكە كەلگەندە كېكەچ، ھەرىكەتكە كەلگەندە پالەچ بولۇشتىن باشقىغا يارىمىدى.
ئەمما، مەن زالىمنىڭ ئالدىدا رايىش، زۇلۇم مەيدانىدا شاھىت، جاللاتنىڭ قىلىچىغا مۇلايىم بولۇشنى خالىمايمەن. بەلكى، ئۆزۈمدە بار قۇۋۋەت، ھۆرلۈككە ھامىلىدار شىجائەت، غەلىبىگە مەشئەل جاسارەت ۋە ۋەھشىيلىككە قارشى كۈچ – ھەيۋەت بىلەن داۋاملىق ئالغا ماڭىمەن، توختىماي ئالغا ماڭىمەن!
مەن پۈتۈن دۇنيادىكى ھۆرلۈك سۆيەر ھۆكۈمەتلەر، ئىنسانلىقى تىرىك تەشكىلاتلار، ئوقۇمۇشلۇق زاتلار ۋە ھەققانىيەتچى خەلقلەرنى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا، خىتاي ھاكىمىيىتىنى سوراققا تارتىپ جىنايىتىدىن ھېساب ئېلىشقا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا تاماشىبىن بولۇپ قاراپ تۇرماستىن ئۇنى دەرھال توختىتىشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر شارىدىن يىلتىزىدىن يوقىلىپ كېتىشىدە خىتاي جاللاتلىرىغا شېرىك – ھەمسەياق بولۇپ قالماسلىققا، كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ئىززىتى، ھۆرمىتى، قانۇنىيلىقى ۋە ھەيۋىسىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىمەن !
چۈنكى، مەن خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچۇراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاھۇ – زارىنى دۇنياغا ئاڭلاتقۇچى، ئۆز خەلقىمنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرلىكى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى بىر ئەركىنلىك جەڭچىسى!
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى