دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ 20-يىللىقىغا 6 تەكلىپ

ئەلنىڭ كۈزى ئەللىك– ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20-يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دولقۇن ئەيسا، ئەركىن ئەكرەم، پەرھات يۇرۇڭقاشنىڭ 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ فېيىسبۇك ھىسابىدا د ئۇ ق تەشۋىقات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەختىيار ئۆمەر بىلەن  د ئو ق نىڭ 20-يىللىقىغا نەزەر نەق مەيدان سۆھبەت پىروگىراممىسى ئېلىپ بېرىلدى. مەن بۇ پىروگىراممىنى باشتىن ئاخىر تۇلۇق كۈرۈپ چىقتىم. بۇ سۆھبەتتە پەرھات يۇرۇڭقاش «مىيۇنخىن خىتابنامىسى» ھەققىدە توختۇلۇپ، بۇ خىتابنامە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۇنجى رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندىم تەرپىدىن ئىنگىلىزچە تەييارلىنىپ، ئاندىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بىراقلا ئېلان قىلىنغان دەپ سۆزلىدى.

 2005-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى ئەركىن تارىمنىڭ «مىيۇنخىن خىتابنامىسى» ھەققىدە ئەركىن ئالىپتېكىن ۋە ئەركىن ئەكرەم بىلەن قىلغان زىيارىتىدە  ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ بۇ خىتابنامىنى ئەڭ دەسلەپتە ئۆزىنىڭ ئىنگىلىزچە تەييارلاپ ئېلان قىلغانلىقىنى ئاندىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ ئىجىرائىيە كومتىتىنىڭ يىغىندا ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ ئىنگىلىزچىسى بىلەن بىرمۇ-بىر سېلىشتۇرۇپ ئاندىن ئۇيغۇرچىسىنىمۇ ئېلان قىلغانلىقنى ھەم خىتايچىسىنىمۇ تەرجىمە قىلىپ، ئۇنىمۇ ئېلان قىلدىغانلىقىنى سۆزلىدى. ئەمما نىمە ئۈچۈن بۇ خىتابنامىنىڭ ئىنگىلىزچىسىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ توربېتىدىن تاپقىلى بولمايدۇ؟ قۇرۇلتاينىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇرچىسى بىلەن خىتايچىسىمۇ بار. ئەمما ئۇيغۇرچىسى بىلەن خىتايچىسىنىڭ مەزمۇنى ئوخشاش ئەمەس. نىمە ئۈچۈن بىر خىتابنامىنىڭ ئۇيغۇر تىلدىكىسى بىلەن خىتاي تىلدىكىسى ئوخشىمايدۇ؟ ئەڭ دەسلەپتە ئېلان قىلىنغان ئىنگىلىزچىسى نىمە ئۈچۈن قۇرۇلتاي توربېتىدە يوق؟

مەن 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 3- ۋە 4-كۈنلىرى مىيۇنخىندا ئېچىلدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20-يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىنىڭ باش تەپتىشى پەرھات ياقۇب، مۇئاۋىن باش تەپتىش ئۈمەرجان ئىمىن، باش كاتىب تۇيغۇن ئابدۇۋەلىگە تۈۋەندىكى ئالتە تەكلىپنى سۇندۇم، ھەم ئۇلار بىلەن تېلېفۇندا كۈرۈشۈپ بۇ ئالتە تەكلىپنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ قۇرغۇچىسى، سابىق رەئىسى، مىيۇنخىن خىتابنامىنىڭ يازغۇچىسى ئەركىن ئالىپتېكىن، قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا، قۇرۇلتىينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم، قۇرۇلتاينىڭ دائىمى ئىشلارغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش، قانۇن كومتىتىنىڭ مۇدىرى مەمەت توختى، ئىجىرائىيە كومتىتىنىڭ مۇدىرى ئۈمەر قانات  قاتارلىقلارغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ خەلقىمىزگە جاۋاب بىرىشنى تەلەپ قىلدىم. ئۇلار تەكلىپىمنى ئوقۇپ چىقىپ «بىز بۇ تەكلىپنى چۇقۇم مۇناسىۋەتلىك كىشلەرگە يەتكۈزۈپ جاۋاب ئالىمىز» دىدى.

  1. تەكلىپ:  مىيۇنخىن خىتابنامىسنىڭ تۈزگۈچىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئۈزى مىللەتكە ئۇچۇق شەكىلدە مىيۇنخىن خىتابنامىسىنىڭ ئىنگىلىزچە، ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچىسىنىڭ نىمە ئۈچۈن ئۈخشىمايدىغانلقىنى ھەققىدە ۋېدىيولۇق جاۋاب بەرسە!
  2. تەكلىپ: 5-ئاينىڭ 3-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىدۇ. بۇ دوكلاتنى ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە ئەركىن ئالىپتېكىن دادىسى ئەييسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 74 يىلدىن بۇيان يۇشۇرۇن ساقلىغان «شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن» ھەققىدىكى مۇتلەق مەخپى ھۆججەتنىمۇ دۇنياغا ئېلان قىلىپ، بۇ ھۆججەتنى ئۈزى قۇرۇپ چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا تاپشۇرۇپ بەرسە! ئەركىن ئالىپتېكىن «مەن بۇ مۇتلەق مەخپى ھۆججەتنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئېلان قىلىمەن» دىگەن ئىدى. بۇ قېتىم ئېلان قىلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق پەيتى. ئەركىن ئالىپتېكىن بۇ قېتىملىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ 20-يىللىقىدا بۇ مۇتلەق مەخپى ھۆججەتنى ئ‍ۆزى قۇرۇپ چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا تاپشۇرۇپ بەرسە!
  3. تەكلىپ: 5-ئاينىڭ 3-كۈنىغىمۇ ئاز قالدى. ش ت نىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ھەققىدىكى دوكلات ئېلان قىلىشقىمۇ ئاز قالدى. ئۇنىڭدا نىمىلەر يېزىلغان ئېلان قىلغاندا بىلىمىز.شۇ چاغدا بىر نىمە دەيلى. بۇ دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كىيىنمۇ يەنە خەلقئارالىق يىغىنلاردا، بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى يىغىنلىرىدا، ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسى يىغىنلىرىدا ، ياۋرۇپا پارلامىنتى يىغىنلىرىدا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پارلامىنتىدا، تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىدە يىغىنلار ۋە كۈرۈشۈشلەر بولغاندا يەنىلا بۇرۇنقى مۇقامدىكى كونا داۋا ئۇسۇلى بۇيىچە «ئۇيغۇر ئازسانلىق مىللەت ئىدى، خىتاي ھۈكۈمىتى بىزگە زۇلۇم قىلدى، قىرغىنچىلىق قىلىۋاتىدۇ…» دەپ زۇلۇمنىلا ئاڭلىتىش بىلەن چەكلەنمەي شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىللىرى تەرپىدىن بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى دوكلات ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، يەنى 5-ئاينىڭ 3-كۈندىن كىيىنكى ھەرقانداق يىغىن، دوكلات تەييارلاش ئىشلىرىدا  ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا زىمىنى شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ئىكەنلىكىنى،خىتاي ھۈكۈمىتى شەرقى تۈركىستاننى بېسۋالغاندىن كىيىن «ئۇيغۇرلارغا ئاپتۇنۇمىيە بىرىمىز» دەپ  ئاپتۇنۇمىيەنىمۇ بەرمەي بەلكى ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىق مىللەت دەۋالغانلىقىنى دەلىل-ئىسپات بىلەن ب د ت يىغىنلىرىدا ئوتتۇرغا قۇيۇپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى» دىگەن زىمىننىڭ ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىي زىمىنى «شەرقى تۈركىستان» دەپ ئاتىلدىغانلىقىنى، خىتاي ھۈكۈمىتى مۇستەملىكە قىلغاندىن كىيىن مۇستەقىل بىر دۆلەتنى ئاپتۇنۇمىيە دەرىجىسگە، ئۇيغۇرلارنى ئاز سانلىق مىللەت دەرىجىسگە چۈشۈرۈپ قويدى. بىزنىڭمۇ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ ئۈزىمىزنىڭ ئىگلىك ھۇقۇقىمىزنى قولغا ئېلىش ھەققىمىز بار دەپ سۆزلىيەلەمدۇ؟ ھەم دوكىلات تەييەرلىيالامدۇ؟ شۇمۇنداق قىلغاندا ب د ت نىڭ خەلىقئارا قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن بۇلىدۇ. ئۇچاغدا ھىچقانداق بىر دۆلەت بىزنى بۆلگۈنچى دەپ ئەيبلىيەلمەيدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 5- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق يۇلىدا ئىسلاھات خارەكتېرلىك يېڭىچە بىر قەدەم باسالامدۇ؟ دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە ئېنىق بىر ۋېدىيولۇق جاۋاب بەرسە ياكى بايانات ئېلان قىلسا. ئەگەر بايانات ئېلان قىلسا ئۇيغۇرچىلا ئەمەس، بەلكى ئىنگىلىزچىسنىمۇ قۇشۇپ ئېلان قىلسا!
  4. تەكلىپ : ئەركىن ئەكرەم 2006-يىلى ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ تەشەببۇسى بىلەن  «شەرقى تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىشنىڭ ئسىتىراتىگىيەلىك يول خەرىتىسنى يېزىپ چىقتىم» دەپ سۆزلەپ كىلىۋاتقىلى 15 يىلدىن ئاشتى. ئەمما ھازىرغىچە بۇ ئسىتىراتىگىيەلىك يول خەرىتىسى خەلىققە ئېلان قىلىنمىدى. مەن بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى بىلەن بىر قانچە قېتىم كۈررۈشتۇم. ھەتتا 2021-يىلى 11 – ئاينىڭ 11 – كۈنىدىن 14 – كۈنىگىچە چېخىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى پراگ شەھىرىدە چاقىرىلغان 7 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتينىڭ شۇ چاغدىكى باش تەپتىشى ئابلىكىم ئىدىرىس ئارقىلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا سۇنغان تەكلىپىمگە ھىچقانداق جاۋاب ئالامىغاندىن كىيىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ چېختىكى 7-نۆۋەتلىك يىغىنىغا قاتنىشىش سالاھىيتىمدىن ۋاز كىچىپ ئۈزەمنىڭ قارشىلقىنى بىلدۈردىم ۋە بۇ ھەقتە بايانات ئېلانمۇ قىلدىم. ئارقىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۈزىنىڭ تور تېلۋېزىيەسىدە چېختىكى 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ سىتىراتىگىيەلىك يول خەرىتىسگە تۈزتىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلدىغانلىقنى ئېلان قىلدى. ئەمما يىغىندىن كىيىن تا ھازىرغىچە ئېلان قىلىنمىدى. نىمە ئۈچۈن بۇ سىتىراتىگىيەلىك يول خەرىتىسى ئۇچۇق شەكىلدە ئېلان قىلىنمايدۇ. ئەركىن ئەكرەم بۇ قېتىملىق سۆھبەتىمۇ يەنىلا بۇ سىتىراتىگىيەلىك يول خەرىتىسى ھەققىدە سۆزلەپتۇ. ئەركىن ئەكرەم بۇ سىتىراتىگىيەلىك يول خەرىتىسىنى بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيغا سۇنسام رابىيە قادىر خانىم بۇنىڭغا قۇشۇلماي قۇبۇل قىلغىلى ئۇنمىغان دىگەن. ئەمدى قۇرۇلتايدا رابىيە قادىر يوق. ئەركىن ئەكرەم ئۈزى قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى. نىمە ئۈچۈن ئېلان قىلىنمايدىغانلىقى ھەققىدە ئەركىن ئەكرەم ۋېدىيولۇق ئۇچۇق شەكىلدە خەلقىمىزگە جاۋاب بەرسە!
  5. تەكلىپ: مۇكاپات- جازا ئۇسۇلىنمۇ قوللانسا! دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھازىرغىچە ئاچقان يىغىنلىرىدا ياخشى خىزمەت قىلغانلارنى، مەسئۇلىيتى ۋە مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىپ كىلىۋاتقان قۇرۇلتاي رەھبەلىرى، ئەزالىرى ۋە قۇرۇلتاينى قوللاپ كىلىۋاتقانلارنى رىغبەتلەندۈرۈش يۈزسىدىن ماددى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ مۇكاپاتلاپ كىلىۋاتىدۇ. مۇكاپاتلاش ياخشى ئىش. مۇكاپاتلاش بىلەن جازالاشنىمۇ تەڭ ئېلىپ بارسا! يەنى قۇرۇلتاي نىزامنامىسغا خىلاپلىق قىلغانلارنى، ئۈزنىڭ مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيى ۋە مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلالمىغان، ئىنتىزامسىزلىق قىلغانلارنى، مىللەتنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلغانلارنى جازالايدىغان بىر قائىدە تۈزۈپ ئېلان قىلسا!
  6. تەكلىپ: مەن بىر شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئىمكانىيتىمنىڭ يىتىشچە مەسئۇلىيتىمنى، مەجبۇرىيتىمنى ئادا قىلغۇچى، بۇ يولدا ئىزدەنگۈچى، سىياسى ئاكتىۋېسىت بۇلۇپلا قالماي بەلكى دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسى پائالىيتىنى كۈزۈتۈپ كىلىۋاتقان بىر مۇستەقىل كۈزۈتكۈچى. مەن يالغۇز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينڭلا قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىنىلا ئەمەس بەلكى باشقا باشقا تەشكىلات ۋە ئاكتىۋېستىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى ئىزچىل كۈزتىپ كىلىۋاتىمەن. ھەم ئۆزۈم بايقىغان مەسىللەرنى دادىللىق بىلەن ئانالىز قىلىپ تەنقىد يازمىلارنى يېزىپ كىلىۋاتىمەن. تەنقىدىم ھەرگىزمۇ شەخىسنىڭ خارەكتېرىگە، شەخسىيتىگە ئەمەس بەلكى قىلىۋاتقان ئىشلاردىكى ياسالمىلىق، بىيۇكىراتلىق، مەنمەنچىلىك، ساختىلىق، يالغانچىلىق، كۆز بۇيامچىلىق ئىشلىرىغا قارىتا ئۈزەم كۈزەتكەن ئىشلارنىڭ شاھىدى بۇلۇش شۇنداقلا بۇ ئىشلارغا مۇناسىۋەتلىك كىشلەر بىلەن پىكىرلىشىش ئارقىلىق مەسىللەرنى ئانالىز قىلىپ خەلىقىمنىڭ ئاۋازى بۇلۇپ ئۈزەمنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى تەنقىدى يازمىلار ئارقىلىق ئىپادىلەپ خەلقىم بىلەن ئورتاقلىشىپ تەشكىلات بىلەن خەلىق ئوتتۇرسىدا چۈشنىش ھاسىل قىلىشتا بىر كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كىلىۋاتىمەن. بۇمۇ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق يۇلدىكى بىر ئىزدىنىشم، شۇنداقلا بىر ئۇيغۇرلۇق بۇرچۇم دەپ قارايمەن. بىر جەمىيەتنىڭ نورمال تەرەققىياتىدا ئىلمىي تەنقىدنىڭ نەقەدەر كۈچى بارلىقىنى دىمكۇراتىك غەرب دۇنياسىدا تۇرۇپ ھىس قىلىۋاتىمىز. مەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينى، دولقۇن ئەيسانى، ئېلشات ھەسەن كۆك بۆرىنى، ئەركىن سىدىقنى ھىچبىر ۋاقىت دەلىل- ئىسپاتسىز تەنقىد قىلمىدىم ۋە تۆھمەت قىلمىدىم. ئەگەر شۇنداق قىلغان بولسام ماڭا دەلىل-ئىسپات بىلەن كۆرسەتسە مەن ئۇلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن. نىمە ئۈچۈن  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىدىن دولقۇن ئەيسا، ئېلشات ھەسەن كۆك بۆرە، ئەركىن سىدىق ئۆزلىرىنىڭ تېۋىتردا، شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتينىڭ شەخسى تىۋېتىر ھىساباتىدا مېنى قارا تىزىملىككە تىقىپ قۇيىدۇ؟ مىنىڭ ئۇلارنىڭ تىۋېتىردا قىلىۋاتقان تەشۋىقاتلىرنى كۈزىتىش، قوللاش، تەنقىد قىلىش بىر ئۇيغۇرلۇق بۇرچۇم. مەندەك بىر سىياسى پائالىيەتچىنىڭ تىۋېتىردىكى خىتايغا قارشى تەشۋىقاتىمنى ئۇلارنىڭمۇ قوللاش، تەنقىد قىلىش، تەكلىپ بىرىش مەسئۇلىيتى بار. مېنى ئۇلار تىۋېتىردا قارا تىزىملىكتىن چىقىرۋەتسە.  مەمەت توختى ئەپەندىممۇ مېنى فەيىسبوك ھىساباتىدىكى قارا تىزىملىكتىن چىقىرۋەتسە!

ئەسكەرتىش: يەنە مېنى بۇ تەكلىپنى توردا ئېلان قىلماي قۇرۇلتاي رەھبەرلىرىگىلا ئىۋەرتىپ ئىچكى قىسىمدىلا ھەل قىلسا، توردا يېزىپ سازايى قىلماي دەپ تەنقىد قىلدىغانلارغا جاۋابىىم شۇكى، مەن ھەرقېتىم تەكلىپ -پىكىر بەرگەندە ئەڭ ئاۋال مۇناسىۋەتلىك ئادەملەر بىلەن ئالاقىلشىپ تەكلىپىمنى ئىۋەرتىمەن ھەم ئۇلار بىلەن تېلىفۇندا كۇرشىمەن. بەزەنلىرى تېلفۇننىمۇ ئالمايدۇ ھەتتا ئىۋەرتكەن ئۇچۇرۇمغا جاۋابمۇ قايتۇرمايدۇ. بۇ ئىشلارنى يەنە ئىچكى قىسىمدا مەخپى تۇتۇشنىڭ نىمە ئەھمىيتى بار؟ بۇ ئىشلارنى خەلقىمىز بىلىشى كېرەك. بۇ قېتىم قۇرۇلتاي باش تەپتىشى پەرھات ياقۇب بىلەن تېلفۇندا كۈرۈشۈپ بۇ يازمىنى بىر ھەپتىدىن كىيىن توردا ئېلان قىلىپ خەلقىمگە بىلدۈرىمەن دىسەم ، ھە بۇلىدۇ خەلىق بىلىشى كېرەك ئىشلار ئىكەن دىدى. شۇڭا ئېلان قىلدىم.

ھۆرمەت بىلەن ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

2024-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى