
نامايىش- زۇلۇم ئاستىدا ياشاۋاتقان مىللەتنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتالايدىغان ئەڭ ئاددى بىر ھەركەت- خاتىرەمدىن
10-ئاينىڭ 1- كۈنى خىتاي كوممۇنىستىك دۆلىتى قۇرۇلغانلىق خاتىرە كۈنى بۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى بۇ كۇندە داغدۇغلۇق تەبىرىكلەش پائالىيتى ئۆتكۈزىدۇ. بۇ كۈن خىتاي مۇستەملىكسى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، مانجۇرىيە، جەنۇبى موڭغۇلىيە، خاڭكۇڭ ، كانتونىيە، گۇاڭشى، خەلقلىرىنىڭ ئار – نومۇسلۇق كۈنى بولۇپلا قالماي، يەنە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان فالۈنگۇڭ ۋە خىتاي دىمكۇراتچىلىرى، خىتاي خىرىستان دىنىي جەمىيەتلىرى قاتارلىق خىتاي نەسىللىك جامائەتلەر ئۈچۈنمۇ ماتەم كۈنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، خىتاي كوممۇنىستىك دۆلىتى قۇرۇلغان شەرمەندە كۈننى لەنەتلەپ، ھەر يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كەڭ كۈلەملىك نامايش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
گوللاندىيەدە خىتاي تاجاۋۇزچى دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 76 يىللىقىغا قارشى گوللاندىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان « ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتى»نىڭ ھەمكارلىششى بىلەن، خىتاي كوممۇنىستىك دۆلىتى ئىشغالىيتى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، جەنۇبى موڭغۇلىيەلىكلەر، خاڭكۇڭلۇقلار، كانتونىيلىكەر،گۇۋاڭشىلىقلار شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىميىتىگە قارشى خىتاي دىمكۇراتچىلىرى، خىتاي خىرىستان دىنىي جەمىيتى قاتارلىق 9 تەشكىلات بۇ يىلمۇ تەشكىللىنىپ، 9-ئاينىڭ 28-كۈنى ئامىستېردام دام مەيدانىدا << خىتاي دۆلەت بايرام كۈنى ئەمەس، بەلكى ماتەم كۈنى>> ، << مىللىي پاجىئەنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن دەس تۇرۇڭ! >> نامىدا پائالىيەت ئېلىپ باردى.
پائالىيەت كۈن تەرتىپى بۇيىچە، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار باشلىنىشتا بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇپ، 1949-يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستىك دۆلىتىنىڭ زىيانكەشلىكىدە قازا قىلغان ھەر قايسى مىللەت كىشلىرىگە ماتەم بىلدۈردى. ئۇنىڭدىن كىيىن، تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، 1989-يىلدىكى تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىدا ھايات قالغانلارنىڭ ۋەكىللىرى، خاڭكۇڭ دېموكراتىيەسىنى قوغداش ھەرىكىتىگە قاتناشقان پائالىيەتچىلەر، كانتونىيلىك، گۇۋاڭشىلىق سىياسى پائالىيەتچىلىرى، شۇنداقلا خىتاي كوممۇنىستىك دۆلىتىگە ئۆكتىچىلىك قىلىۋاتقان خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

سۆز نۆۋىتى ئۇيغۇرلارغا كەلگەندە، مەزكۇر نامايىشنى ئورۇنلاشتۇغۇچىلاردىن بىرى بولغان « ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتى»نىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇرېھىم غېنى ئاۋۋال شەرقى تۈركىستان دۆلەت مارشىنى ياڭرىتىپ، پۈتۈن دام مەيدانىدىكى زىيارەتچى ۋە ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە كۈچلۈك جەلپ قىلدى. ئاندىن راۋان گوللاند تىلىدا ئۆزىنىڭ باياناتىنى ئېلان قىلدى:
بىز نىمە ئۈچۈن بۈگۈن ئامىستېردام دام مەيدانىغا يىغىلىپ نامايىش قىلىۋاتىمىز؟ ئەلۋەتتە، بۇ ھەمىمىزگە ئايان. خىتاي ئىشغالىيتى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيە، كانتونىيە، خوڭكۇڭ ۋە مەزلۇم خىتاي خەلقى 75 يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىستىك دۆلىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلمەكتە. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن << قايتا تەكرارلانمايدۇ >> دەپ داغدۇغىلىق جاكارلانغان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» پاجىئەسى بۈگۈن مۇشۇ مىنۇتلاردىمۇ شەرقى تۈركىستاندا تەكرارلىنىۋاتىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك ھۈكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگىرىلىرنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشنى مەقسەت قىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئۆتكۈزىۋاتىدۇ. مېنىڭ خىتاي ئىشغالىيتى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستاندا غايىب بولغان 19 نەپەر ئائىلە ئەزالىرىم دەل بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ جانلىق ئىسپاتى، پولاتتەك دەلىلى، شۇنداقلا مىليۇنلىغان غايىب بولغان ئۇيغۇرنىڭ جانلىق – ھەقىقىي مىسالى. نۆۋەتتە، بەش مىليۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرجازا لاگېرلىرىدا ئىنسان قېلپىدىن چىققان خورلۇقلارنى باشتىن كەچۈرۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە دىنى ۋەيران بولۇۋاتىدۇ. بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىپ، ئۆز ئانا تىلى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە مىڭ يىلدىن ئاشقان ئېتىقادىنى يوقىتىۋاتىدۇ، خىتاي مىللىتى بۇلۇپ ياشاشقا زورلىنىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇر ئاياللىرى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلىنىپلا قالماي، يەنە ھەر كۈنى باسقۇنچىلىققا ئۇچراپ، تۇغماسلىق ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرىلىۋاتىدۇ، تۇغۇلاي دەپ قالغان بالىلىرى خىتاي قاتىللىرى تەرىپىدىن تەھدىت بىلەن چۈشۈرۈلىۋاتىدۇ.
ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاي زاۋۇتلىرىدا قۇل بولۇشقا مەجبۇرلىنىپلا قالماي، يەنە نەچچە مىڭ كىلومېتر يىراقلىقتىكى خىتاي ئۆلكىلىرىدە قۇل سۈپىتىدە زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تەن ئەزالىرى مەجبۇرىي ئېلىپ سېتىلىۋاتىدۇ.
2024-يىلى مايدا، مەن گائاگادىكى دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 8-ئىيۇلدىن 12-ئىيۇلغىچە شى جىنپىڭنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى گۇۋاھلىق بېرىشكە تەكلىپ قىلىندىم. گۇۋاھلىقتىن ئىككى كۈن بۇرۇن 10 يىلدىن بۇيان ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغان ئاكام ئابلىكىم غېنى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ماڭا تېلفۇن قىلىپ، دۇنيا پۇقرالار سوتىغا قاتناشماسلىق ھەققىدە تەربىيە قىلدى. ئارقىدىنلا تېلىگىرامما دېتالى ئارقىلىق دادامنىڭ ئېچىنىشلىق ئېغىر كىسەل ھالەتتە كارىۋاتتا ياتقان سىنئالغۇسىنى ئەۋەتىپ، مېنى روھى جەھەتتىن قىيناپ، خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتتىن چەكلىمەكچى بولدى.
كىشىنى چۆچۈتىدىغان بۇ تەھدىت، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نۇرغۇن قەبىھ قىلمىشلارنىڭ بىرى. ئاكام ۋە دادامنىڭ سىنلىرى خىتاي تەرىپىدىن مېنى ھېسسىيات جەھەتتە كونترول قىلىشقا ئىشلىتىلدى. دادام خېلى بۇرۇنلا جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن، ئاندىن ئۇ يەردە ساقايماس – ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئىدى. گەرچە دادامنىڭ سىن – كۆرۈنۈشتىكى بىچارە – مەھكۇم ھالىتى يۈرەك – باغرىمنى قان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن باشقا بارلىق پاجىئەلەرنىڭ جىنايەت مەنبەسى زالىم خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى بولغاچقا، مەن ئىرادەمدىن يانمىدىم. خىتاينىڭ پىسخىكىلىق ھۇجۇمىغا تەسلىم بولۇشنى، باش ئېگىشنى قەتئىي رەت قىلدىم. مەن ھەتتا بۇ سىننى دۇنيا پۇقرالار سوتى مەزگىلىدە يەنە بىر پاكىت سۈپىتىدە كۆتىرىپ چىقىپ، كوممىنىستىك خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىنى نەق مەيداندا پۈتۈن دۇنياغا يەنە بىر قېتىم نامايەن قىلدىم. ئىشىنىمەنكى، خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ ئېغىر تەھدىتلىرىگە باش ئەگمەي دۇنيا پۇقرالار سوتىدا بەرگەن گۇۋالىقىمنى، سوتتىن كىيىن شى جىنپىڭغا خەلىقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان قارارنى ئاڭلىغان بولسا دادام ۋە ئاكام مەندىن پەخىرلىنەتتى ۋە غۇرۇرلىناتتى. بۇ دەلىل -ئىسپاتلىرىم ۋە جەسۇرلۇقىمدىن سوتچىلار، تەتقىقاتچىلار، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئادۋوكاتىمۇ ھەيران قالدى. ھەتتا ماڭا تەسەللىي بەردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى مېنى روھى جەھەتتىن قىيناپ قارشىلىق ھەركىتىمنى توختىتالمىغاندىن كېيىن، دادامنى ۋە ئاكامنى قايتىدىن جازا لاگىرىغا قاماپ مەندىن ئۆچ ئالغان بولدى. ئىككى ئايدىن كېيىن ، يەنى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى ، مەن بىر دوستۇمدىن دادامنىڭ جازا لاگېرىدا قازا قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئېچىنىشلىق خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ خەۋەر مېنى روھىي جەھەتتىن ئازابلاشنىڭ ئورنىغا، زالىم خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ -نەپرىتىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ۋە ئادالىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھىمنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى.
مەن پۈتۈن قايغۇ – ھەسرىتىمنى كۈچ – قۇۋۋەتكە ئايلاندۇرۇپ، غەزەپ – نەپرىتىمنى خەنجەر قىلىپ، تاجاۋۇزچى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ يۈرىكىگە ئۇرىمەن، ھاياتىمنىڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە بۇنى داۋاملاشتۇرىمەن. خىتاي كوممۇنىست – فاشىست ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىسى ئاخىرلىشىپ، بىز شەرقى تۈركىستانلىقلار ئەركىن – ھۆر ياشىغىچە، مەن بۇ كۈرەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمەن .
خىتاي كوممۇنىست-فاشىست ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقى جەزمەن ئاخىرلىشىدۇ. بىز ئۇيغۇر خەلقى ئەركىنلىك ۋە ئىززەت-ھۆرمەت ئىچىدە ياشايمىز. مەن ئۇ كۈن كەلگىچە كۈرەش ئىرادەمدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيمەن.
قىسقىسى، خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيا ئورتاق تىرىشىشى كېرەك !
باياناتلاردىن كىيىن، شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق، تىبەتكە مۇستەقىللىق، جەنۇبى موڭغۇلىيەگە مۇستەقىللىق، خوڭكۇڭغا مۇستەقىللىق، كانتونىيەگە مۇستەقىللىق، فاشىست شى جىنپىڭ، تېرورىست شى جىنپىڭ، بىزگە ئەركىنلىك كېرەك. خىتاي ھۈكۈمىتى، ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلقىنى توختات دېگەندەك شۇئارلار دام مەيدانى ئاسمىنىنى ئۇزۇنغىچە لەرزىگە سالدى. نامايىش قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئۈچ سائەت داۋاملاشتى.
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
2025-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى