
1948-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇمۇمىي يىغىنىدا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ماقۇللانغان ۋە بۇ كۈن دۇنيا كىشلىك ھۇقۇق كۈنى قىلىپ بىكىتىلگەن ئىدى. شۇڭا، ھەريىلى 10-دېكابىر دىمكۇراتىك دۆلەتلەردە دۇنيا كىشلىك ھۇقۇق كۈنى خاتىرلىنىپ، بۇ كۈننىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە ھەرخىل تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ.
10- دىكابىر گوللاندىيە تىبەتنى قوللاش تەشكىلاتى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىنى خاتىرلەش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ زۇلمىغا ئۇچۇرغان مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى گوللاندىيەنىڭ ئامىستېردام دام مەيدانىدا جەم بۇلۇپ خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبى موڭغۇلىيە، خاڭكۇڭ، كانتونيە ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى سېستىمىلىق باستۇرۇش ھەركەتلىرىنى ۋە كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلكىنى كۈچلۈك ئەيىبلىدى. خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى خەلىقئارا جەمئىيەتنىڭ، جۈملىدىن گوللاندىيە ھۈكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ دىققىتنى تارتىش ئۈچۈن ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بايرىقى لەپىلدىدى، نۇتۇقلار سۆزلەندى، شۇئارلار توۋلاندى، خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ جىنايەتلرى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن پىلاكاتلار تىزىلدى. جاللات شى جىنپىڭنىڭ جىنايىتىگە قارشى كۈرەش توغرىسىدا خەلىقئارا جەمئىيەتكە كۈچلۈك سىگنال بىرىش ئارقىلىق، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ تىبەت، شەرقىي تۈركىستان ، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، خاڭكۇڭ ۋە كانتونىيەدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى، ئىرقى قىرغىنچىلقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن دۇنيانى خىتاي دۆلىتىگە قارشى ھەركەتكە ئۈتۈشكە چاقىردى.
بۇ قېتىملىق پائالىيەت چۈشتىن كىيىن سائەت 14:00-دە گوللاندىيە تىبەتنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تېرسىڭ جامپا خانىمنىڭ ئېچىلىش سۈزى بىلەن باشلىنىپ ئۇ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۈگۈنكى بۇ پائالىيتىمىزنى مەيلى سىز ئامىستېردام دام مەيدانىدىن ياكى يىراقتىن كۆرۈڭ گوللاندىيە، ياۋروپا، ئاسىيا، ئامېرىكا قىتئەسى، لاتىن ئامېرىكىسى، ئافرىقا ياكى باشقا جايلاردا بولۇڭ، بۈگۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى». بۇ كۈن پەقەت تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار، جەنۇبىي موڭغۇلىيلىكلەر، خاڭكۇڭلىقلار، كانتۇنىيىكلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، ئۇ ھەممەيلەنگە مۇناسىۋەتلىك بولغان مۇھىم كۈن بۇلۇپ، بىز بۇ يەرگە خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ زۇلۇمنى ئاڭلىتىش ۋە دۇنيانى دىققىتنى تارتىش ئۈچۈن يىغىلدۇق. كىشلىك ھۇقۇق مەسلىسى ھەممىمىزگە ئورتاق بۇلۇپ دۇنيانى زۇلۇمغا سۈكۈت قىلماسلىققا چاقىردى.

ئارقىدىن ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر سۆزگە چىقتى. ئۇ سۆزىدە تۆۋەندىكىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىز ئامىستېردام دام مەيدانىغا يىغىلىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈنلەرنىڭ بىرى بولغان «دۇنيا كىشلىك ھۇقۇق كۈنى»نى ياد ئېتىپ – خاتىرىلەپ تۇرۇپتىمىز. بۇنىڭدىن دەل 76 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، يەنى
1948-يىلى 10-دېكابىردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن خاسىيەتلىك بىر ھۆججەتنى قوبۇل قىلغانىدى. ئۇ بولسىمۇ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ئىدى. ئۇنىڭدا «ئىنسان ھۆر-ئەركىن سالاھىيەتتە توغۇلغان، ئىنسانلار قەدىر – قىممەت ۋە ھوقۇق-ئىمتىيازدا باپباراۋەر بولۇپ، ھەممەيلەن ئىززەت – ھۆرمەت، ھۆرلۈك – ئەركىنلىك ۋە ھەق-ئادالەتتىن بەھرىمەن بولسۇن » دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.
ئەمما زامانىمىزدا، يەنى بۈگۈنكى دۇنيادا ھەربىر ئىنساننىڭ كىشىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولۇۋاتامدۇ؟ جاۋابى، ئەلۋەتتە، ياق !!! چۈنكى، نۆۋەتتە مىڭلىغان خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ھەريىلى 15 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق خىراجەتنى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سەرپ قىلىۋاتىدۇ.
بىز بۇ يەردە ئەينى ۋاقىتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا كىشىلىك ھوقۇق خىتاپنامىسىغا قول قويغان دۆلەتلەردىن شۇنى سورىماقچىمىز: سىلەر 77 يىل ئىلگىرى شۇ خاسىيەتلىك خىتابنامىغا قول قويغان ئىدىڭلار. ئەجەبا بۈگۈن نېمىشقا شۇ خەلقئارالىق كېلىشىمنىڭ بۇزۇلۇشىغا، دەسسەپ چەيلەنىشى – پايخان بولۇشىغا قاراپ تۇرىسىلەر؟!! ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىغا نېمىشقا كۆز يۇمۇسىلەر؟! ئەجەبا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىشىڭلار ئۈچۈن ماقۇللانغانمۇ؟!!
دۇنيا ئەھلىگە مەلۇمكى نۆۋەتتە، يەنى دەل مۇشۇ مىنۇتلاردا، شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان بىگۇناھ ئىنسان جازا لاگېرلىرى-زىندانلاردا خارلىنىۋاتىدۇ، قىينىلىپ ھەتتا ئۆلۈمنى ئارزۇ قىلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچكى تەن ئەزالىرى تىرىك تۇرغۇزۇلۇپ ئېلىنىپ – ئوغرىلىنىپ ئاشكارا سېتىلىۋاتىدۇ، قىز – ئاياللار ھەر كۈنى خىتايلار بىلەن مەجبۇرىي توي قىلىشقا زورلىنىۋاتىدۇ، ئۇنىمىغانلار باسقۇنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ. نارىسىدە بالىلار ئاتا-ئانىلىرىدىن مەقسەتلىك تارتىۋېلىنىپ، ئائىلىلەر ئارقا – ئارقىدىن خانىۋەيران بولۇۋاتىدۇ.
ئېنىقكى، كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ھەربىر ماددىسىغا قەستەن، پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا لۈكچەكلەرچە خىلاپلىق قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئاجىز – بىچارىلىقىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بولسا «گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق؛ سەۋزىگە چۇشلۇق چامغۇرى يوق»لىقىنى كۆرۈپ يەتتى.
شەخسەن ئۆزۈمنى ئالسام، مەن نىمە ئۈچۈن ھەپتە ئاخىرلىرى بۇ يەرگە كىلىپ نامايىش قىلىمەن؟ چۈنكى، مىليۇنلىغان ئۇيغۇرلار جازا لااگىرىدا. مېنىڭ 19 نەپەر بىۋاسىتە تۇغقىنىم بىلەن بولغان ئالاقەم ئۈزۈلگىلى 8 يىلدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ نەدىلىكىنى، ھەتتا ھايات- ماماتلىقىنىمۇ بىلمەيمەن. مىنىڭ غايىب بولغان 19 نەپەر تۇغقىنىمنى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقى قىرغىنچىلقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى دەپ كېسىپ ئېيتالايمەن.

بۇلتۇر يەنى 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، گوللانىيەدىكى دۇنيا پۇقرالار سوت مەھكىمسى مېنى قانخور فاشىست شى جىنپىڭنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلق جىنايىتىگە ئېچىلىدىغان سوتتا گۇۋالىق بىرىشكە تەكلىپ قىلدى. سوتقا قاتنىشىشقا ئىككى كۈنى قالغاندا، خىتاي ھۈكۈمىتى جازا لاگىرىدىكى دادام بىلەن ئاكامنى ماڭا تېلفۇن قىلغۇزۇپ، ماڭا كۈچلۈك روھىي ۋە سىياسىي بېسىم قىلدى. مېنى سوتقا قاتناشماسلىققا قىستىدى. ئاخىرىدا مېنى ئىندەككە كەلتۈرەلمىگەندىكىن، كىسەل كارۋىتىدا ياتقان دادامنىڭ يېنىغا ئاكامنى جازا لاگىرىدىن ئەكىلىپ، ئۇنىڭغا سۆزلەتكەن ۋېدىيونى ماڭا ئەۋەتتى. ئاكام مېنى بۇ سوتقا قاتناشماسلىققا، ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ دادام بىلەن كۈرۈشىشىكە تەكلىپ قىلدى.
ئەمما، مەن مۇستەملىكىچى خىتاينىڭ توزىقىغا چۈشمەي، بۇ ۋېدىيونى دۇنيا پۇقرالار سوتىدا ئىسپات قىلىپ نەق مەيداندا باش سوتچىغا كۆرسەتتىم. دادام، ئاكاملار ئارقىلىق مېنى باش ئەگدۈرەلمىگەن خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇلارنى يەنە جازا لاگىرىغا سۇلاپ قاتتىق قىينىدى. نەتىجىدە، 2024-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى جازا لاگىردا دادامنى ئۆلتۈرۋېتىپ مەندىن ئىنتىقام ئالغان بولدى.
ئەلۋەتتە، كوممۇنىستىك خىتاي ھۆكۈمىتى مۇستەملىكە ۋەتىنىمدىكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەر ۋە باشقا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ياۋۇز-ئىپلاس قولىنى سۇنۇپلا قالماي، يەنە دىمكۇراتىك، بىخەتەر دۆلەت بولغان گوللاندىيەدىكى ماڭىمۇ، ئۇيغۇر بولغاندىن باشقا گۇناھى بولمىغان مەندەك بىر سىياسىي پائالىيەتچىگىمۇ نىيىتىنى بۇزدى. ئۇلار مېنىڭ ئاۋازىمنى بوغماقچى، ئۈنۈمنى ئۆچۈرمەكچى بولدى. شۇڭا، نەچچە – نەچچە قېتىم ھەرخىل تەھدىتلەرگە ھەتتا بىر قانچە قېتىم ئۈلۈم تەھدىتى سالدى.
2021-يىلى 10-ئاينىڭ 2-كۈنى فىرانسىيەدىكى خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى چوڭ بىر نامايىشقا قاتنىشىش ئۈچۈن كىتىۋاتقاندا ئېغىر قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچىراپ يارلاندىم. بەلكى ماڭا ئاشكارا قول سالالمىغان خىتاي بۇ قېتىملىق قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلدىمۇ؟ مېنى بىر مەزگىل خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى نامايىشتىن، كۈرەشتىن، مۇستەقىللىق ئىنقىلابى سېپىدىكى يېگانە ئورنۇمدىن مەھرۇم قىلدى. ئەمما، مىنىڭ سالامەتلىكىم ئاستا-ئاستا ئەسلىگە كىلىپ بىر ئاز ياخشىلانغاندىن كىيىن كېيىن، ھۆرلۈك – مۇستەقىللىق سېپىدىكى ئاۋانگارت ئورنۇمغا چاقماق تېزلىكىدە قايتىپ كەلدىم. مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىمنى، مەجبۇرىيتىمنى ئادا قىلىش ۋەتىنىمنى مۇستەقىلىقى، خەلقىمنى ھۆرلىكى ئۈچۈن يەنە كۈرەشكە ئاتلاندىم.
ئەمما، ئادالەتنىڭ جاھالەتنى، يورۇقلۇقنىڭ زالالەتنى، ھەقىقەتنىڭ مالامەتنى، جاسارەتنىڭ بەتنىيەتنى يېڭىدىغانلىقىغا بولغان ئىمان – ئىشەنچىم كامىل بولغاچقا، خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى تەۋرەنمەس مەيدانىمدىن، ئاداققىچە ھۆرلۈك جەڭچىسى بولۇش شەرەپ – نىيىتىمدىن بىر تىنىقمۇ ئېزىپ – تېزىپ ۋاز كەچمىدىم.
كۆرۈۋاتىمەن، كۆرۈۋاتىمىز، شاھىت بولۇۋاتىمەن، شاھىت بولۇۋاتىمىز.
كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى ھازىر نامدا بار ئەمەلدە يوق، ئىسمى بار جىسمى يوق، غىلىپى بار پىچىقى يوق، قەلەمدە بار ئەلەمدە يوق تاشلاندۇق ئاسارە ئەتىقىگە ئايلىنىپ قالدى. زالىم تاجاۋۇزچى، ئىككى قولى قان بىلەن بۇيالغان جاللات خىتاينىڭ ئالدىدا دۇنيادىكى دۆلەتلەر، تەشكىلاتلار، رەھبەرلەر، ئاددىي خەلقلەر، ئىشقىلىپ ھەممەيلەن گەپكە كەلگەندە كېكەچ، ھەرىكەتكە كەلگەندە پالەچ بولۇشتىن باشقىغا يارىمىدى.
ئەمما، مەن زالىمنىڭ ئالدىدا كېكەچ، زۇلۇمنىڭ ئالدىدا سۈكۈتتە، جاللاتنىڭ ئالدىدا بەدرەك بولۇشنى خالىمايمەن.
مەن ئۆزۈمدە بار قۇۋۋەت، ھۆرلۈككە ھامىلىدار شىجائەت، غەلىبىگە مەشئەل جاسارەت ۋە ۋەھشىيلىككە قارشى كۈچ – ھەيۋەت بىلەن داۋاملىق ئالغا ماڭىمەن، توختىماي ئالغا ماڭىمەن.
مەن بۇ يەردە، پۈتۈن دۇنيادىكى ھۆرلۈك سۆيەر ھۆكۈمەتلەر، تەشكىلاتلار، زاتلار ۋە ھەققانىيەتچى خەلقلەرنى ئورنىدىن دەس تۇرۇشقا، خىتاي ھاكىمىيىتىنى سوراققا تارتىپ جىنايىتىدىن ھېساب ئېلىشقا، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا شاھىت بولۇپ قاراپ تۇرماستىن ئۇنى دەرھال توختىتىشقا، ئۇيغۇرلارنىڭ يەر شارىدىن يوقىلىپ كېتىشىدە خىتاي جاللاتلىرىغا شېرىك – ھەمسەياق بولۇپ قالماسلىققا، كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ ئىززىتى، ھۆرمىتى، قانۇنىيلىقى ۋە ھەيۋىسىنى قوغداشقا چاقىرىق قىلىمەن !
چۈنكى، مەن خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىققا ئۇچۇراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلاتقۇچى، ئۆز خەلقىمنىڭ ئەركىنلىكى، ھۆرلىكى، مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى بىر ئەزاسى!
داغدۇغا بىلەن باشلىنىپ، قاتتىق ھاياجان ۋە كۈچلۈك تەنتەنە – ئالقىش ئىچىدە ئاياغلاشقان مەزكۇر پائالىيەتتە چۈشتىن كىيىن سائەت 17:00 كىچە داۋاملاشتى.
پائالىيەت جەريانىدا يەنە ياۋرۇپا شەرقىي تۈرلكىستان مائارىپ جەمىيتى ۋەكىلى، گوللاندىيە خاڭكۇڭنى قوللاش تەشكىلاتى ۋەكىلى، كانتونىيەلىك پائالىيەتچىلەر ۋەكىلى، جەنۇبى موڭغۇلىيە مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋەكىلى، ئۆكتىچى خىتايلار ۋەكىلىمۇ قىسقا – قىسقا سۆز قىلىپ، خىتاي دۆلىتىدىكى كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلكىنى تەنقىد قىلدى. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى جىددىي تەلەپ قىلىدۇ.

پائالىيەتتە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ تىنچلىق ۋە ئادالەتنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكى، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكىتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشى زۆرۈرلۈكى، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلكىگە سۈكۈت قىلىشنىڭ ئېغىر خىيانەت ئىكەنلىكى، تىبەت، شەرقىي تۈركىستان، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، كانتونىيە ۋە خاڭكۇڭ خەلقلىرىنى قوللاپ، خىتاي ھۈكۈمىتىنى كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلكىنى پۈتۈنلەي تۈگىتىشكە مەجبۇرلاش، خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى جىددىي ھەركەتكە ئۈتۈش تەلەپ قىلىندى.
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى


