
گوللاندىيەدە 2025-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى قۇرۇلغىنىغا بىر يىلمۇ بولمىغان سىخوف ھۆكۈمىتىنىڭ يىقىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى گوللاندىيەدە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. چۈنكى گوللاندىيەدە قىسقىغىنە ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىككى قېتىم ھۈكۈمەت يىقىلدى. نىمە سەۋەبتىن قىسقىغىنە ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئىككى قېتىم ھۈكۈمەت يىقىلدى؟ ئىككى قېتىملىق ھۈكۈمەتلەرنى قايسى پارتىيلەر بىرلىكتە قۇرغان؟ نىمە سەۋەبتىن يىقىلدى؟ بۇ ھەقتىكى ئانالىزلىرىمنى قىسقىچە ئورتاقلىشاي.
2023-يىلدىكى بىرلەشمە ھۈكۈمەت قايسى پارتىيلەردىن قۇرۇلغان؟ يىقىلىشنىڭ سەۋەبى نىمە؟
ئالدى بىلەن گوللاندىيەدە 2010-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە جەمئىي 14 يىل باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، گوللاندىيە تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن باش مىنىستىر بولغان مارك رۇتتې ھۈكۈمىتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىمەن.
- مارك رۇتتې I ھۈكۈمىتى (2010–2012): VVD (خەلق ئۈچۈن ئەركىنلىك ۋە دىمۇكراتىيە پارتىيىسى. بۇ پارتىيە كونسېرۋاتىپ-لىبېرال قاراشتىكى پارتىيە بولۇپ باش مىنىستىر مارك رۇتتېنىڭ پارتىيىسى) ۋە CDA (خرىستىئان-دېموكراتلار پارتىيىسى. بۇ پارتىيە كونسېرۋاتىپ لىبېرال پارتىيە) نىڭ ھەمكارلىقى بىلەن قۇرۇلغان.
- مارك رۇتتې II ھۈكۈمىتى (2012–2017): VVD (خەلق ئۈچۈن ئەركىنلىك ۋە دىمۇكراتىيە پارتىيىسى) ۋە PvdA (ئىشچىلار پارتىيىسى) نىڭ ھەمكارلىقى بىلەن قۇرۇلغان.
- مارك رۇتتې III ھۈكۈمىتى (2017–2022): VVD (خەلق ئۈچۈن ئەركىنلىك ۋە دىمۇكراتىيە پارتىيىسى)، CDA (خرىستىئان-دېموكراتلار پارتىيىسى)، D66 (دېموكراتلار66 پارتىيىسى. بۇ پارتىيە سوتسىيال-لىبېرال قاراشتىكى پارتىيە) ۋە CU (خرىستىئان بىرلىكى پارتىيىسى. بۇ پارتىيە ئورتودوكس خرىستىئان-دېموكراتىك قاراشتىكى پارتىيە) نىڭ ھەمكارلىقى بىلەن قۇرۇلغان.
- مارك رۇتتې IV ھۈكۈمىتى (2022-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇرۇلغان –2023-يىلى 7-ئىيۇل): ئالدىنقى ھۈكۈمەتتىكى ئوخشاش پارتىيەلەرنىڭ ھەمكارلىشى بىلەن قۇرۇلغان.
بۇ ھۈكۈمەت 2023-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى سىياسىي پاناھلانغۇچىلار سىياسىتى بويىچە ئورتاق كېلىشىمگە كېلەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن يىقىلغان.
مارك رۇتتې باشچىلىقىدىكى ھۈكۈمەت كۆپ خىل سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كېچۈرگەن. ھۈكۈمەت يىقىلىشىدىن كېيىن سىياسىي تەجىربىسى مول باش مىنىستىر مارك رۇتتې 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ NATO (شىمالىي ئاتلانتىك كېلىشىم تەشكىلاتى) نىڭ 14-نۆۋەتلىك باش كاتىبى بولۇپ خىزمەت قىلىشقا باشلىدى.
مارك رۇتتې IV ھۈكۈمىتى يىقىلغاندىن كېيىن، 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلامىدا خېرت ۋىلدېرس باشچىلىقىدىكى رادىكال ئوڭچى پارتىيە PVV (ئەركىنلىك پارتىيىسى) ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشىپ پارلامېنتتا 37 ئورۇنغا ئىگە بولۇپ ئۆزىنىڭ پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم ھۈكۈمەت قۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇ قېتىملىق ھۈكۈمەتنى ئوڭچىلار پارتىيىسىدىن BBB (دېھقانلار ھەركىتى پارتىيىسى)، VVD (خەلق ئۈچۈن ئەركىنلىك ۋە دىمۇكراتىيە پارتىيىسى)، NSC (يېڭى ئىجتىمائىي كېلىشىم پارتىيىسى) قاتارلىق تۆت پارتىيە بىرلىشىپ بىرلەشمە ھۈكۈمەت قۇردى. باش مىنىستىرلىققا پارتىيىسىز، تەرەپسىز دىك سىخوف سايلاندى. 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى باش مىنىستىر دىك سىخوف (Dick Schoof) رەھبەرلىكىدە «سىخوف ھۈكۈمىتى» قۇرۇلدى.
سىخوف ھۈكۈمىتى 2025-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى خېرت ۋىلدېرس (Geert Wilders) نىڭ پارتىيىسى PVV (ئەركىنلىك پارتىيىسى) نىڭ ھۈكۈمەتتىن چىكىنىپ چىقىشى سەۋەبىدىن سىخوف ھۈكۈمىتىنىڭ يىقىلىشىغا سەۋەبچى بولدى.
خېرت ۋىلدېرسنىڭ ھۈكۈمەتتىن چىكىنىشنىڭ سەۋەبلىرى:
- كۆچمەنلەر سىياسىتىدىكى كېلىشمەسلىكلەر: خېرت ۋىلدېرس 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى كۆچمەنلەرگە قارشى 10 ماددىلىق قاتتىق تەلەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەلەپلەر ئىچىدە سىياسىي پاناھلانغۇچىلارغا پۈتۈنلەي چەك قويۇش ۋە سىياسىي پاناھلىنىش تەلەپ قىلغان كۆچمەنلەرنى قايتۇرۋېتىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار بار ئىدى. لېكىن، ھۈكۈمەتتىكى بىرلەشكەن باشقا پارتىيەلەر بۇ تەلەپلەرنى قوبۇل قىلمىغان ۋە 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىمزالانغان باش ئەھدىنامە (Hoofdlijnenakkoord) نى ئۆزگەرتىشنى رەت قىلغان. بۇ كېلىشەلمەسلىكلەر PVV نىڭ بىرلەشمە ھۈكۈمەتتىن چىكىنىشىگە سەۋەب بولغان.
- PVV نىڭ سىياسىي ئورنى ۋە خېرت ۋىلدېرسنىڭ مەيدانى: خېرت ۋىلدېرس باشچىلىقىدىكى PVV نىڭ 2023-يىلى 22-نويابىردىكى سايلامدا 37 ئورۇن بىلەن پارلامېنتتىكى ئەڭ چوڭ پارتىيە بولۇپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشقا مۇۋەپپەق بولغان. لېكىن، خېرت ۋىلدېرسنىڭ كۆچمەنلەرگە قارشى قاتتىق سىياسەتلىرى، جۈملىدىن سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشنى توختىتىش ۋە قايتۇرۋېتىش تەلەپلىرى ھۈكۈمەتتىكى بىرلەشمە پارتىيەلەر بىلەن كېلىشەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. PVV نىڭ بۇ تەلەپلىرى بىرلەشمە ھۈكۈمەتتىكى باشقا پارتىيەلەرنىڭ، بولۇپمۇ NSC ۋە VVD نىڭ قارشىچە، خەلقئارالىق ئەھدىنامىلەرگە ۋە گوللاندىيەنىڭ لىبېرال قىممەت قاراشلىرىغا زىت دەپ قارالغان.
- بىرلەشمە ھۈكۈمەتنىڭ ئاجىزلىقى: سىخوف ھۈكۈمىتى 2024-يىلى 2-ئىيۇل كۈنى قۇرۇلغان بولسىمۇ، بىرلەشمە ھۈكۈمەت ئىچىدە ئىدىيە جەھەتتىكى كېلىشمەسلىكلەر ۋە PVV نىڭ ئەشەددىي ئوڭچىل سىياسەتلىرى سەۋەبىدىن ئىزچىل جىدەل بولۇپ كەلگەن. ۋىلدېرسنىڭ 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى ئاشكارا قىلغان باياناتىدا، ئەگەر ئۇنىڭ كۆچمەنلەرگە قارشى تەلەپلىرى قوبۇل قىلىنمىسا، ھۆكۈمەتنى يىقىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ تەھدىتىن كېيىن، بىرلەشمە ھۈكۈمەت ھەمراھلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەر مۇۋەپپەقىيەتسىزلىك بىلەن ئاخىرلاشقان ۋە PVV ھۆكۈمەتتىن چىكىنگەن.
خۇلاسە: خېرت ۋىلدېرسنىڭ PVV پارتىيىسى 2025-يىلى 3-ئىيۇن كۈنى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىن چىكىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئۇنىڭ كۆچمەنلەرگە قارشى گوللاندىيە ۋە ياۋرۇپا تارىخىدىكى ئەڭ قاتتىق سىياسەتنى يولغا قويماقچى بولغان تەلەپلىرى (سىياسىي پاناھلانغۇچىلارنى توختىتىش، سىياسىي پاناھلىنىش تەلەپ قىلغان كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش) بىرلەشمە ھۈكۈمەتىكى ھەمراھلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغانلىقىدۇر. بۇ كېلىشمەسلىكلەر PVV نىڭ بىرلەشمە ھۈكۈمەتتىن چىكىنىشىگە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يىمىرىلىشىگە سەۋەب بولدى.
خۇلاسە: ھەر ئىككى قېتىملىق ھۈكۈمەتنىڭ يىقىلىشىدا سىياسىي پاناھلانغۇچى كۆچمەنلەر سىياسىتىدىكى چوڭ ئىدىيە پەرقلىرى ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىمسىزلىقى ۋە يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
سىخوف ھۈكۈمىتى يىقىلغاندىن كېيىن قايتا سايلام ئېلىپ بېرىش قارار قىلىنىپ 2025-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلدىغانلىقى بىكىتىلدى. بۇ قېتىملىق سايلامغا 27 پارتىيە قاتنىشىدۇ. 10-ئايدىن باشلاپ ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ سايلام تەشۋىقاتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ قېتىملىق سايلامدا مۇھىم دەپ قارالغان تېمىلار: دۆلەت مۇداپىيىسى، كۆچمەنلەر مەسىلىسى (بۇنىڭ ئىچىدە مۇھىم بولغىنى سىياسىي پاناھلانغۇچىلار بىلەن ئىشچى بولۇپ كەلگەن كۆچمەنلەر مەسىلىسى) ئۆي مەسىلىسى، ئىقتىساد، سەھىيە-ساغلاملىق قاتارلىقلار.

سايلام نەتىجىسى ھەققىدىكى ئالدىن مۆلچەرلەرگە قارىغاندا Groenlinks-Pvda، D66، CDA، VVD، PVV، JA21 قاتارلىق پارتىيەلەر پارلامېنتتا ئەڭ ئاز بولغاندا 10 دىن ئارتۇق ئورۇنغا ئېرىشكەن چوڭ پارتىيەلەر قاتارىغا كىرگەن. بۇ پارتىيەلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىلەردە JA21 دىن باشقا پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى PVV بىلەن بىرلىكتە ھۈكۈمەت قۇرمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. بۇنىڭ سەۋەبى
خېرت ۋىلدېرسنىڭ ئىلگىركى ھۈكۈمەتتىن چىقىپ كېتىشى باشقا پارتىيەلەرگە ئۇنىڭ ئىشەنچىسىز، مەسئۇلىيەتسىز دېگەندەك تەسىرلەرنى قالدۇرغانلىقىدا دەپ قارالماقتا.
شۇڭا سايلام نەتىجىسىدە ئەگەر PVV ئالدىنقى قېتىمقىدەك ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن ھۈكۈمەت قۇرۇشقا يېتەرلىك ھەمكارلىشالايدىغان باشقا ئوڭچى پارتىيەلەر سانى يېتەرلىك بولماي قالسا، كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن باشقا سولچى پارتىيەلەر بىرلىشىپ، بىر سولچىل ھۈكۈمەتنىڭ قۇرۇلىدىغانلىقىمۇ ئالدىن مۆلچەرلەنمەكتە.
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2025-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى


