ئىپتار داستىخانىدىكى ھىسلىرىم: كىملىك، ئېتىقاد ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەت

بىرلىك بار يەردە تىرىكلىك بار- ئۇيغۇر خەلق ماقالى

مۇبارەك رامىزان ئېيى پەقەت بىر ئىبادەت مەزگىلىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا قېرىنداشلىق رىشتىلىرىنى چىڭىتىدىغان، ئوخشىمىغان كۈلتۈردىكىلەرنى بىر-بىرىگە يېقىنلاشتۇرىدىغان ئالاھىدە بىر پۇرسەتتۇر. 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ئورۇنلاشتۇرغان بەركەتلىك بىر ئىپتار پائالىيتىگە قاتناشتىم. بۇ پائالىيەت پەقەت بىر قېتىملىق ئىپتارلىق قىلىشلا ئەمەس، بەلكى گوللاندىيە سىياسەتچىلىرى، شەھەر باشلىقلىرى، ۋە تۈرلۈك تۈرۈك تەشكىلاتلىرى بىلەن دەۋايىمىزنى، ئازابىمىزنى ۋە ئۈمۈدىمىزنى ئورتاقلىشىدىغان بىر مۇنبەرگە ئايلانغانلىقى مەندە چۇڭقۇر ھىس تۇيغۇلارنى قالدۇردى.

ئىپتار: مىللىي كىملىكنى نامايان قىلىش مۇنبىرى

ئۇيغۇرلار گوللاندىيە جەمئىيىتىدىكى ئەڭ ئاز سانلىق توپلۇمنىڭ بىرى بولۇشىغا قارىماي، مۇشۇنداق ئىپتار پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، كۈچلۈك كۈلتۈر ئاساسىنى ۋە مىللىي كىملىكىنى نامايان قىلىپ كەلمەكتە. ئىپتار داستىخىنىدىكى ئۆزىمىزگە خاس تائام كۈلتۈرىمىز پەقەت بىر خىل لەززەتلا ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ كىملىكىمىزنى باشقا كۈلتۈردىكى كىشىلەرگە تونۇشتۇرىدىغان، سۆزسىز ئىپادىلىنىدىغان بىر تىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق سورۇنلار بىزنىڭ دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىمىزنى كۈچەيتىپ، ئۆزىمىزنى «بىزمۇ مۇشۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى» دەپ تونۇشتۇرۇشىمىزدا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن بولغان قويۇق دوستلۇق

بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئەڭ يارقىن نۇقتىلىرىدىن بىرى، زەيسىت (Zeist) شەھىرىنىڭ باشلىقى جويس لانگېناكىر (Joyce Langenacker) خانىمنىڭ بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە بولغانلىقىدۇر. جويس خانىم  ھەر يىلى ئۆتكۈزىدىغان «ئۇيغۇر يېمەك-ئىچمەك يەرمەنكىسى»نى ئىزچىل زىيارەت قىلىپ، بىزنى قوللاپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما جەمئىيەتنىڭ ئىپتار پائالىيىتىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشپ سۆز قىلىشى ئىدى. مانا بۇ يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە بولغان ھۆرمىتى ۋە قىزغىنلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ گوللاندىيە جەمئىيىتىدىكى ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ.

سىياسىي دىئالوگ: ئاۋازىمىزنى سىياسەت مەيدانىغا يەتكۈزۈش

بۇ ئىپتارلىق پائالىيەتتە يەنە DENK پارتىيىسىنىڭ رەئىسى سىتېۋېن فەن بارلا (Stephan van Baarle) بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللاپناھايتى مۇھىم  سۆز قىلدى. ئۇنىڭ بىلەن يەنە يۈزمۇيۈز سۆھبەتتە بولۇش ئىمكانىيتى بۇلۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتىكى ئەھۋالى ئاڭلىتىلدى. مانا بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەن ئۇنىڭغا 2-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمىدا مېنىڭ تىنچ شەكىلدىكى قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتىمگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان ۋەھشىيلەرچە چىگىرا ئاتلاپ باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ دەلىل-ئىسپاتى بولغان نەق مەيدان سىننى Xسۇپىسىدىن يۇيۇۋەتكەنلىكىنى ئاڭلاتتىم.

سىتېۋېن ئەپەندى بۇ مەسىلىگە يۇقىرى دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلدى ۋە مەندىن بارلىق ماتېرىياللارنى ئەۋەتىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلدى. مەن ئۇنىڭغا ھازىر ساقچىخانىدىن رەسمىي ئەرز-شىكايەت دوكلاتىنى (aangifte) ساقلاۋاتقانلىقىمنى، بۇ ھۆججەتنى ئالغان ھامان ئەڭ كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن ئۇنىڭغا يەتكۈزىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.

يېڭى بىر باشلىنىش: ئايرىم قوبۇل ۋە سۆھبەت

ئەڭ مۇھىم خۇشخەۋەر شۇكى، سىتېۋېن فەن بارلا ئەپەندى رامىزاندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى ئايرىم قوبۇل قىلىدىغان، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغان بولدى.

بۇنداق ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئاساس قىلغان ئۇچرىشىشلار قانچە كۆپ بولسا، بىزنىڭ ئۈزىمىزنىڭ مىللىي ۋە سىياسى كىملىكىمىزنى ئىپادىلەش پۇرسىتى تېخىمۇ كۆپ بۇلىدۇ.مەيلى يەرلىك ھۈكۈمەت باشلىقلىرى بولسۇن ياكى پارلامېنت ئەزالىرى بولسۇن، ئۇلار بىلەن قۇرۇلغان بۇ قويۇق رىشتىلەر بىزنىڭ كىملىكىمىزنى قوغداش ۋە ھەق-ھوقۇقلىرىمىزنى تەلەپ قىلىش يولىدىكى قەدەملىرىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. بىز تىنچلىق، ئادالەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن توختاۋسىز ئىزدىنشكە دالالەت قىلىدۇ.

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

يېزىلغان ۋاقتى 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى