
«يۇرتۇڭ نەدە بولسا، غۇرۇرۇڭ شۇ يەردە؛ بايرىقىڭ قەيەردە بولسا، يۈرىكىڭ شۇ يەردە » — خاتىرەمدىن
قىش پەسلىدە ياققان قار ئىنسانغا تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىنى ئاتا قىلىپلا قالماي، يەنە قار بۇۋاي ياساش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىچكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى سەنئەت بىلەن ئىپادىلەيدىغان ئاجايىپ بىر پۇرسەتنىمۇ تەقدىم قىلىدۇ. بۇ يىل كىشىلەر ياسىغان قار بۇۋايلار ئىچىدە مېنى ئەڭ جەلپ قىلغىنى — خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئانا ۋەتىنىگە بولغان چەكسىز ئىشتىياقى مۇجەسسەملەنگەن، ئۇيغۇر روھى گەۋدىلەنگەن «ئۇيغۇر قار بۇۋاي» بولدى.
دىياسپۇرادا ۋەتەنسىزلىك دەردىدە قەلبى پۇچلانغان، ۋەتەنگە بولغان ئوتلۇق سۆيگۈسىنى قار ئارقىلىق ئىپادىلەپ چىققان بىر جۇپ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق تۇتقان بۇ قار بۇۋاي لاھىيەسى مېنى چوڭقۇر ھاياجانغا سالدى. بۇ رەسىمدە بىر جۇپ قار بۇۋاي ئاددىيلا قىشلىق بېزەك ئەمەس، بەلكى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ۋەتىنىگە تەشنا بىر قەلبنىڭ ئالىي ئىستېتىك جۇلاسىدۇر.
قارنى ھەرقانداق ئادەم دومىلىتىپ قار بۇۋاي ياسىيالىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭغا ئۆز مىللىتىنىڭ روھىنى سىڭدۈرۈش، سوغۇق مۇز پارچىسىنى بىر مىللەتنىڭ سىماسىغا ئايلاندۇرۇش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. بىر قار بۇۋاينىڭ بېشىدا ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ غۇرۇرى بولغان نەپىس دوپپا، يەنە بىرىنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر قىز-ئاياللارنىڭ گۈزەللىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان خانىم-قىزلار دوپپىسى… ئۇلارنىڭ قوللىرىدا بولسا، ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ مۇقەددەس غايىسى بولغان ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق جەۋلان قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ئەسەر — ۋەتەنگە بولغان چەكسىز ھۆرمەت ۋە مىللەتكە بولغان مېھىر-مۇھەببەتنىڭ سەنئەت تىلىدىكى ئەڭ گۈزەل ئىنكاسىدۇر.
تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ قار بۇۋايلارنى مانا مۇشۇنداق ساپ ئۇيغۇرلۇق روھىدا ياساش — پەرزەنتلىرىمىزگە مىللىي كىملىكنى ئەسكەرتىش، ئۇلارنىڭ كىچىك قەلبىگە «بىز كىم؟» دېگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى سىڭدۈرۈشتىكى ئەڭ جانلىق بىر ئەمەلىي دەرستۇر. بۇ، بالىلارغا سۆز بىلەنلا ئەمەس، بەلكى سەنئەت ۋە ئەمەلىيەت بىلەن بېرىلگەن بىر تەربىيە، مىللىي روھنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ گۈزەل بىر ئۇسۇلىدۇر.

مەن دىياسپورادا ئۇيغۇر روھىنىڭ مەنىۋى ئۇزۇقى بولغان ئۇيغۇرچە كىتابلارنى تارقىتىش، تىل-يېزىقىمىزدىكى خەزىنىلەرنى خەلقىمىزگە يەتكۈزۈش ۋە يازغۇچىلىرىمىزنى يازغان كىتابلىرنى قوللاپ تارقىتىشنى ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچۇم، مىللەت ئالدىدىكى مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىم دەپ بىلىدىغان بىر كىتابخۇمارمەن. مەن ئۈچۈن بىر كىتاب بىر مىللەتنىڭ كەلگۈسىدۇر. شۇڭا، بۇ سەمىمىي مىللىي تۇيغۇ بىلەن «ئۇيغۇر روھى»نى ئەكىس ئەتتۈرگەن بۇ ئەسەرنى ئىجاد قىلغان سەنئەتكارغا ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان ھۆرمىتىم سۈپىتىدە، ئۇلارنى بىر يۈرۈش ئۇيغۇرچە كىتابلار بىلەن مۇكاپاتلاشنى نىيەت قىلدىم.

بۇ ئەسەرنى كىم ئىجاد قىلغان بولسا، مەن بىلەن ئالاقىلىشىشىنى سورايمەن. سىزنىڭ ئۇيغۇر؛ۇق روھى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن سەنئىتىڭىزگە بولغان رەھمىتىمنى، بالىلىرىڭىزنىڭ قەلبىدىكى مىللەت ئوتىنى تېخىمۇ يالقۇنجىتىدىغان ئۇيغۇرچە كىتابلار ئارقىلىق رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن. قەلبىدىكى ۋەتەن سۆيگۈسىنى بىر جۇپ قار بۇۋايغا سىڭدۈرەلىگەن سىزدەك ئوغلانلار بار ئىكەن، مىللىي روھىمىز ھەرگىز يۇقالمايدۇ، بايرىقىمىز مەڭگۈ لەپىلدۇ! مىللىي مۇستەقىلىقىمىز ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2026-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى


