شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش چاقىرىقى ھەققىدە سۇئاللىرىم ۋە تەۋسىيەلىرىم

مەسلىھەتلىك ئىش بۇزۇلماس (ئۇيغۇر ماقال-تەمسىلى)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سالى خۇدايار!

مەن سىزنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىنىدىغان «شەرقى تۈركىستان» -نىڭ  بېسىۋېلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش چاقىرىقىڭىزغا ئاۋاز قۇشۇپ، تەشكىلاتىم نامىدىن ئىمزا قويدۇم ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭمۇ ئىمزا قۇيشىغا چاقىرىق قىلدىم. سىزنىڭ تۈۋەندىكى ئۇلنىشقا چىقارغان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا قارىتا جىددىي مۇراجئەتتىكى بەزى قاراشلىرىڭىزغا قارىتا ھەرخىل ئىنكاسلار، نارازىلىقلار چىقىۋاتىدۇ.

https://docs.google.com/forms/d/e/1FAIpQLSeXA5mpgpjO6tKlW5wYxWQZ37vw7C7QV_gu01yu8FB-WVoHrQ/viewform

مەنمۇ بىر ئىمزا قويغۇچى ۋە باشقا «ئۇيغۇر»، «شەرقى تۈركىستان» نامىدىكى تەشكىلاتلارنىمۇ ئىمزا قۇيۇشقا چاقىرىق قىلغۇچى بۇلۇش سالاھىيتىم بىلەن، بەزى مەسىللەرنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىش ھەققىدە سىگنالدىن سىزگە ئايرىم ئۇچۇر يوللاپ، ھىس قىلغانلىرىم ئاساسىدا سۇئال يوللاپ قويدۇم. سىزدىن ھىچقانداق جاۋاب كەلمىگەندىن كىيىن سىگنالدىن ئىككى قېتىم تېلىفۇن قىلدىم. ئەمما سىز بىلەن كۈرشەلمىدىم. بەلكى ئالدىراشچىلىقتا ۋاقتىڭىز چىقمىغاندۇ. بۈگۈن نەق مەيدان سۆزلەيدىغانلىقىڭىز ھەققىدىكى ئېلانىڭىزنى فەيىسبوكتا كۆرگەندىن كىيىن، نەق مەيدان سۆزلەشتىن بۇرۇن توردا ئېلان قىلىپ خەلقىم بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردىم.  

سورىماقچى بولغان سۇئاللارىم تۈۋەندىكىچە:

  1. بۇ قېتىملىق ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىنىدىغان «شەرقى تۈركىستان»-نىڭ  بېسىۋېلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش چاقىرىقىڭىز سۈرگۈندىكى ھۈكۈمەت نامىدىن ئېلىپ بېرىلدىمۇ ياكى شەرقى تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش تەشكىلاتى نامىدىنمۇ؟
  2. ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسىگە يوللىندىغان تەلەپلەرنىڭ ھەممىسى سىز ئەۋەتكەن ئۇلىنىشتىكى مەزمۇنلار شۇمۇ؟ ياكى ئايرىم بىر دوكىلات تەييارلاپ ئىمزا قويغان تەشكىلاتلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئايرىم يوللامسىلەر؟ ئەگەر ئايرىم بىر دوكىلات يوللىساڭلار ھازىرلانغان دوكلاتنى ئىمزا قويغان تەشكىلاتلارنىڭ كۈرۈپ چىقىشىغا سۇنساڭلار، بىز نېمىگە ئىمزا قويغانلىقىمىزنى ئېنىق بىلىپ قالايلى!
  3. تەلەپلەر ئىچىدىكى تۈۋەندىكى مەزمۇن سەل مۇجمەللىك باردەك ھىس قىلدىم. بەزى تەشكىلاتلار بۇ نۇقتىنى تۇتىۋېلىپ ئۈزلىرىنىڭ ئىمزا قويمايدىغانلىقنى ھەتتا باشقا تەشكىلاتلارنىمۇ ئىمزا قويماسلىققا چاقىرىق قىلىۋاتىدۇ. «ئۇيغۇر سىياسى قانۇنى»-نى «شەرقىي تۈركىستان سىياسى قانۇنى»-غا كۆتۈرۈش: قانۇننىڭ تېمىسىنى يېڭىلاپ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ۋە پۈتۈن خەلقلەرنى، يەنى ئۇيغۇرلارنى، قازاقلارنى، قىرغىزلارنى، ئۆزبېكلەرنى، تاتارلارنى ۋە موڭغۇللارنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان قانۇنغا كۆتۈرۈشىڭلارنى تەلەپ قىلمىز. بۇنىڭدىن مىنىڭ ھىس قىلغىنىم: نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئامىرىكا ھۈكۈمىتى چىقارغان «ئۇيغۇرسىياسى قانۇنى»-نىدا ئۇيغۇردىن باشقا قازاق، قىرغىز قاتارلىق تۈركى مىللەتلەرنىڭ ئىسمىمۇ بار بولغاندىكىن، بۇ «ئۇيغۇرسىياسى قانۇن»-نى «شەرقى تۈركىستان سىياسى قانۇنى»-غا كۆتۈرۈش دېيىش ئارقىلىق بۇرۇن چىقارغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇنى»- نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلماقچىمۇ؟ ئەگەر  بۇرۇنقى «ئۇيغۇر سىياسى قانۇنى»-غا قايتا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلساق، ئۇچاغدا ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسى قايتا ئاۋازغا قويسا، يىتەرلىك ئاۋازغا ئىرىشەلمەي بار بولغان «ئۇيغۇر سىياسى قانۇنى»-نىمۇ يوق قىلدىغان ئىش بۇلۇپ قالارمۇ؟ بۇ نوقتىنى ئويلاشتىڭلارمۇ؟ (بۇ سۇئالغا سالى خۇدايارنىڭ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى فەيىسبوكتا قىلغان قىلغان نەق مەيدان سۆھبىتىدە جاۋاب بىرىپ بولدى. بۇ جاۋابقا مەن قايىل بولدۇم). https://www.facebook.com/watch/live/?ref=watch_permalink&v=907158341117796
  4. بۇ قېتىملىق شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۈكۈمىتى چاقىرىق قىلغان «شەرقى تۈركىستان» نىڭ ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسگە يوللىندىغان ئىمزاغا شەخىس ئەمەس تەشكىلاتلارنىڭ نامىدا يەنى تەشكىلاتنىڭ قانۇنى ۋەكىلى، ياكى تەشكىلات رەئىسى ئىمزا قۇيۇش شەرت ئىكەن. بۇ ناھايتى ياخشى بوپتۇ. ئۇنداقتا مىنىڭ سۇئالىم: سالى خۇدايار بۇ  چاقىرىقنى ئېلان قىلىشنىڭ ئالدىدا بارلىق تەشكىلاتلارغا بۇ ھەقتە بىر ھەمكارلىشىش چاقىرىقى ئېلان قىلىپ ئاندىن يازما شەكىلدىكى ماتېرىياللارنىڭ تەشكىلاتلارغا ئەۋەتىش ياكى بىر بۇ ئىمزالىق پائالىيەتنى ئېلىپ بارماقچى بىز بىلەن ھەمكارلىشىدىغان تەشكىلاتلار بىز بىلەن ئالاقىلىشساڭلار بىز سىلەرگە بۇ ھەقتكى تەپسىلاتلارنى يازما شەكىلدە ئەۋەتىپ بىرىمىز ئوقۇپ چىقىپ تەكلىپ-پىكىرىڭلار بولسا، بىز بىرلىكتە «تەشكىلاتلار مۇنبىرى»، «تەشكىلاتلار ھەمكارلىقى» دىگەندەك بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ شۇ گۇرۇپپا ئىچىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ئاندىن ئىمزا قۇيۇشقا سەپەرۋەرلىك قىلساقمۇ بۇلىدۇ دىگەندەك بىر پىكىرنى ئوتتۇرغا قويشنى ئويلىشىپ باقمىدىڭلار. ھېلى ھەم بولسىمۇ ئىمزا قويغان 60 دىن ئارتۇق تەشكىلاتلاردىن بىر گۇرۇپپا تەشكىللەپ بىر مىللەتنىڭ ئورتاق مەنپەتىدە بىر ھەمكارلىق گۇرۇپىسى قۇرۇپ چىقىپ مىللەتنى ھەمكارلىق ئاساسىدا يىتەكلەپ ماڭالايدىغان بىر يادىرۇ بۇلۇشنى ئويلىشىپ باقتىڭلارمۇ؟  
  5. سۈرگۈندىكى ھۈكۈمەتنىڭ لوبىچىلىق پائالىيتى ھەققىدە نىمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ بۇنىڭدىن كىين يەنە نىملەرنى قىلماقچى؟ خەلىقئارالىق تەشكىلاتلارئالاقە قىلىپ ئۇلارنىڭ يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ سۆز قىلىش پۇرسىتى يارتىشقا تىرىشىپ باقتىڭلارمۇ؟

مىنىڭ تەۋسىيەرىم تۈۋەندىكىچە:

  1. ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسگە قويغان تەلەپلەرنىڭ بىرىنجىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بېسىۋېلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بولغاندىكىن،  ئۇيغۇرنىڭ ئەسلى زىمىنى بولغان «شەرقى تۈركىستان سىياسى» قانۇنى ھەققىدە  سىياسەت چىقرشىنى تەلەپ قىلمىز دەپ ئۆزگەرتىلسە. بۇرۇنقى «ئۇيغۇر سىياسى قانۇنى» ھەققىدە ھىچقانداق گەپ قىلىنمىسا. ئەگەر «شەرقى تۈركىستان سىياسى» قانۇنى تەستىقلىنىپ قالسا، بىزنىڭ ئىشىمىزدىمۇ چوڭ ئىلگىرلەش بۇلۇپ «شەرقى تۈركىستان» دىگەن دۆلەت دەرىجىسگە كۈتۈرۈلگەن بىر سىياسەت بۇلىدۇ.
  2. پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ۋە پۈتۈن خەلقلەرنى، يەنى ئۇيغۇرلارنى، قازاقلارنى، قىرغىزلارنى، ئۆزبېكلەرنى، تاتارلارنى ۋە موڭغۇللارنى، ئۆز ئىچىگە ئالدىغان قانۇنغا كۆتۈرۈشىڭلارنى تەلەپ قىلمىز! بۇ قۇرلارنى قايتا-قايتا ئوقۇپ ئانالىز قىلىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن. شەرقى تۈركىستاننىڭ گەۋدىسى بولغان مىللەت ئۇيغۇر. باشقا مىللەتلەر ئاز سانلىق مىللەت. بىز ئۇلارنى ئۇيغۇر بىلەن تەڭ دەرىجگە كۈتۈرۈپ تەلەپكە كىرگۈزسسەك بولمايدۇ. چۇقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا زىمىنى بولغان شەرقى تۈركىستان دەپ زىمىننىڭ ئۇيغۇرغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئاندىن ئۇيەردە ياشايدىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر دەپ باشقىلارنى تىلغا ئالساق. بۇنداق دىيشىمدىكى سەۋەب: بىز ھازىر ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسىگە شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۆزىمزىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بىر ئىمزا توپلاش پائالىيتى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. بىز ناھايتى ئىنىچكىلىك بىلەن ئويلىشىدىغان بىر مەسلە بار. ئۇ بولسىمۇ شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرنىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقىنى ئەڭ ئالدىدا ئويلىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلار يەنە قازاقىستان، قىرغىزستان قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ ياشايدۇ. ئەمما ئۇيەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىگىلىك ھۇقۇقى يوق، پەقەتلا ئاز سانلىق مىللەت قاتارىدا كىشلىك ھۇقۇقى كاپالەتكە ئىگە. شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇردىن باشقا قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاجىك، تاتار، خۇيزۇ،موڭغۇل،خۇيزۇ، خىتاي قاتارلىق 10 نەچچە مىللەت ياشايدۇ. شەرقى تۈركىستان پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا ئىگلىك ھۇقۇقلۇق دۆلىتى بۇلىشى كېرەك. باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاز سانلىق مىللەت بۇلۇپ ئۇلارنىڭ كىشلىك ھۇقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىپ قۇيشىمىز كېرەك. بولمىسا يەنە قوشنا دۆلەتلەردىكى قازاقىستان، قىرغىزستان، ئۆزبەكىستان، تاجىكستان، خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىككىنجى بىر ئىگىلىك ھۇقۇقلۇق دۆلىتى قۇرۇلۇپ قالغاندەك بىر خاتا تۇيغۇ بىرىپ قۇيمىز. شۇڭا ئۇيغۇرنىڭ ئىگلىك ھۇقۇقلۇق دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئەڭ باشتا چۇقۇم ئەسكەرتىشمىز كېرەك. قالغانلار ئاز سانلىق مىللەت بۇلۇپ ياشايدۇ. بىز ئۇلارنىڭ كىشلىك ھۇقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىمىز. ئۇلار بىلەن خوشنىدارچىلىقتا ئىناق ئۈتۈلەيمىز.
  3. بۇ چاقىرىقىنىڭ يازمىچە شەكىلىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تۈركىيەدىكى خەلىقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكى،مائارىپ جەمىيتى، ئۆلىمالار بىرلىكى، ئۇيغۇر ئاكادىمىيسى قاتارلىق چوڭ تەشكىلاتلارغا ئېلىخەت ئارقىلىق يوللاپ ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى تەشكىلاتلارنىڭمۇ مىللەتنىڭ ئورتاق ئىرادىسىنى ئەكىس ئەتتۈردىغان بۇ مۇھىم ئىشتا ھەمكارلششىنى تەلەپ قىلىپ باقساڭلار! بولمىسا ئۇلار «بىز بىلەن ھىچبىر ئالاقە قىلمىدى، يازمىچە بىرەر نەرسە ئىىۋەتىپ بىزگە بىلدۈرمىدى، بىز نەق مەيدان سۆزلەپ قىلغان چاقىرقىنى ئاڭلىماپتۇق، بىزگە يازما شەكىلدە يوللىغان بولسا بىز چۇقۇم بۇنى ئويلىشىپ ئاندىن ئىمزا قۇياتتۇق…» دەيدىغان باھانەلەر ئارقىلىق ئۈزىنى ئاقلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايسىلەر. بۇنى ئويلىشىپ باققان بولساڭلار!

تارىختىن بۇيان مۇستەملىكچىگە قارشى ئۆزىنىڭ ئورتاق مەنپەتىدە بىرلىككە كىلەلىگەن، ھەمكارلىشالىغان، بىر-بىرىنى قوللىغان مىللەتلەر ئۈزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ، ئۆز-ئۈزىگە خۇجا بۇلۇپ ياشاپ كەلدى. ئەكىسچە بولغاندا ئىچكى ئىختىلاپ، زىدىيەتكە پېتىپ ئىتپاقسىزلىقىدىن  دۆلىتىنى تاجاۋۇزچىلارغا تارتقۇزۇپ، خارلىقتا قېلىپ ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى تارتماقتا. بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمىتى دەل مىللىتىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيالمىغانلىقىمىز مۇستەملىكىگە چۈشۈپ قېلشىمىزنىڭ تۈپ سەۋەبى.

دىياسپۇرادىكى70 نەچچە يىللىق شەرقى تۈركىستان دەۋاسىدا ھىچقانداق بىر تەشكىلات «شەرقى تۈركىستان بېسۋېلىنغان زىمىن» دىگەن ئىمزالىق خەتنى ھىچقانداق بىرتەشكىلات، ھىچقانداق بىر دۆلەتكە سۇنۇپ باقمىدى؟ دىمەك ئەمدى بىر تەشكىلات ئوتتۇرغا چىققاندا نىمە ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلاشمايمىز؟ ئۆز مىللىتىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى بىلدۈرۈشتە ئۈزىنى قاچۇرۋاتقان «ئۇيغۇر»، «شەرقى تۈركىستان» نامىدىكى تەشكىلاتلار ئۆز مىللىتىنىڭىزنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت تارىخى پۇرسەتتىن ئۈزىڭىزنى قاچۇرسىڭىز،ئۇنداقتا «ئۇيغۇر»، «شەرقى تۈركىستان» دىگەن ئىسمنى نىمە مەقسەتتە ئىشلىتىسىز؟! بۇنىڭ ئۈچۈن مىللەت ئالدىدا جاۋاب بىرىڭ!

يېزىلغان ۋاقتى: 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى.

ئەسكەرتىش: سالى خۇدايارنىڭ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى فەيىسبوكتا قىلغان نەق مەيدان سۆھبىتىدە 3-سۇئ‍النىڭ جاۋابىنى بىرىپ بولدى. 4-سۇئال يېڭىدىن قۇشۇلۇپ قايتىدىن ئېلان قىلىندى. 2-ئاينىڭ 15-كۈنى 4-سۇئال تۇلۇقلىنىپ قايتا ئېلان قىلىندى.

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر