ئۈمىت مۇسابايۇفقا ئۇچۇق خەت ۋە بىر قانچە سۇئاللار

ھەربىر ئۇيغۇر ئۆزنىڭ مىللەت  ئالددىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتىنى تۇنۇيدىغان ۋە  ھىساب بىردىغان بىر ئاڭ شەكىللەندۈرۈش كېرەك! كىمكى ئۈزىنىڭ مىللىتى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيتىدىن ئۈزىنى قاچۇردىكەن ھامان بىر كۈنى ۋىجدان ئازابى چېكىدۇ. – خاتىرەمدىن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۈمىت مۇسابايۇف!

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك تور دۇنياسىدىكى جىددى شەكىلدىكى تالاش تارتىشلارغا ئۈزىڭىزنىڭ كۈزەتكەن نوقتىسىدىن تەھلىل قىلىپ خۇلاسە چىقىرىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ كىلىۋاتىسىز. مەنمۇ سىزنىڭ سۆھبەتلىرىڭىزنى قىزىقىپ كۈرۋاتقان بىرسى بولۇش سۈپتىم بىلەن ھەرقېتىملىق سۆھبەتلىرىڭىزنى كۈرۋېتىپ نۇرغۇن سۇئاللار كاللامغا كىلىدۇ…

 سىز ئىككى يىل شەرقى تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبىلىق ۋەزىپىسنى ئۆتەش جەريانىدا سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قىسىم پائالىيەت ۋە ھەركەتلەر، شۇنداقلا ئوڭچىلارنى بىر بايراق ئاستىغا يىغىش ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقىڭىز ۋە بۇنىڭ كىيىنكى قەدەم باسقۇچلىرى ھەققىدە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كۈزتىپ كىلىۋاتقان بىرىمەن. سىزنى بۇلتۇر گوللاندىيەدە ئېچىلغان شەرقى تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيغا كىلىدىكەن دىگەندە ، مەن يۇقارقى ئەھۋاللار ھەققىدە سىز بىلەن بىر سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بۇ ھەقتە «شەرقى تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيغا بىر نەزەر» دەپ بىر تەرەپسىز ھالدا مۇستەقىل كۈزەتكۈچى سۈپتىدە، بىرەر نەق مەيدان سۆھبەت ياكى بىر يازما يېزىشنى ئۇيلاشقان ئىدىم. ھەم بۇ ھەقتكى پىكىرىمنى شەرقى تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى ئەزالىرىغىمۇ يەتكۈزگەن ئىدىم.  گوللاندىيەدىكى يىغىنغا كىلەلمىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن سىز بىلەن تەپسىلى سۆھبەت قىلىش ئىمكانىيتى بولمىدى.

بىز غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاپ مۇشۇ دۆلەتنىڭ مائارىپىدا ئوقۇپ خىزمەت ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا نۇرغۇن نەرسىلەرنى كۆردۇق ۋە ھىس قىلدۇق. غەرب جەمئىيتىدە ھەربىر ئادەم ئۆزى قىلىۋاتقان خىزمىتىدە ئۇ مەيلى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولسۇن ياكى ئادەتتىكى پۇقرا بولسۇن، ئۈزىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيتى ئاساسىدا ئۈزىنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيتىدىن جاۋابكار بولۇپ خەلقىگە ياكى باشلىقىغا ئۆز خىزمىتىدىن جاۋاب بىردىغان بىر ئاڭ يىتىلگەن ئىكەن. ئەمما بىز ئۇيغۇرلاردىچۇ؟  «شەرقى تۈركىستان»، «ئۇيغۇر» دىگەن ئىسىملارنى قوللىنىپ «شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى»، «ئۇيغۇر دەۋاسى قىلىۋاتىمىز» دىگەن تەشكىلات رەھبەرلىردىن قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيتىدىن خەلىققە جاۋاب بىردىغان بىر ئەھۋالنى ھازىرغىچە كۆرمىدۇق. ھەم بۇنداق ئىشلاردىن سۆز ئېچىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. پەقەت يازما شەكىلدە ياكى ۋېدىيو شەكىلدە چىقىرىپلا قۇيىدۇ، ئەمما بۇ ھەقتە سۇئال سورىغىلى بولمايدۇ. سۇئال سورىساق كەيدۈردىغان قالپاق تەييار.  مەن ھازىرغىچە ئۆزۈم بىر تەرەپ ئورۇندا تۇرۇپ ئۆزۈم ياشىغان ۋە شاھىت بولغان ئىشلار ھەققىدە ھىس قىلغانلىرىم ئاساسىدا مىللىتىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەتىدىكى بىر تەرەپمىلىك، ساختىلىق، بىيۇكىراتلىق ئىشلاردا تەنقىدى يازمىلارنى يېزىپ مۇناسىۋەتلىك شەخىسنىڭ ئىسمىنى بىۋاستە ئاتاپ ئۇچۇق شەكىلدە سۇئاللارنى سوراپ، ئۇلاردىڭ جاۋاب بىرىشىنى تەلەپ قىلىپ بىر قانچە يازمىلارنى ئېلان قىلدىم. بۇ ئارقىلىق

خەلىقنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلاپ مىللىتىمىزنىڭ ئورتاق مەسلىسدە سەگەك تۇرۇشغا، كۈزىتىپ پىكىر قىلىشىغا، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ھەركىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىللەرنى ئانالىز قىلىشغا سەۋەب بۇلۇپ قالسام بۇمۇ مىللىتىم ئالدىدىكى بىر مەجبۇرىيتىمنى ئادا قىلغان بۇلدىكەنمەن دىگەن ئاڭ ئاساسىدا يېزىپ كىلىۋاتىمەن.

ھازىرغىچە  ئەركىن ئالىپتېكىن، دولقۇن ئەيسا، ئۈمەر قانات، پەرھات يۇرۇڭقاش، ئەركىن ئەكرەم، ئەركىن سىدىق، رۇشەن ئابباس، ئابلىكىم ئىدىرىس، ئاتاۋۇللاھ شاھيار قاتارلىقلارغا ئۈزىنىڭ مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيتى دائىرسىدىكى خىزمەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇق خەت ۋە سۇئاللارنى يېزىپ ئېلان قىلغان بولساممۇ، پەقەت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن ئەكرەم ئاكىمىزدىنلا سۇرىغان سۇئاللارغا تەپسىلى جاۋاب بەردى. ئەمما قايىل قىلارلىق بولمايلا قالماستىن، بەلكى ئەسلى سۇئالدىن چەتنەپ كېتىلگەن. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن جاۋاب بەرگىنىگە رەھمەت! قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى سىز كۆپ تەكىتلەيدىغان «تاشپاقا » تاكتىكىسنى ئىشلىتىپ جىملا تۇرۋېلىپ «جىم تۇرۋالسام نىمە قىلالايتىڭ؟!» دەپلا ئۆتكۈزۋەتتى. ئەمما ئۇلار جاۋابسىز قالدۇرغان بۇ سۇئاللار تارىخنىڭ بېتىگە پۈتۈلگەنلىكنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىدى.

ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرلارنى كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بۇ سۇئاللارغا قانچىلىك دىققەت قىلۋاتقانلىقىنى بىلەلەيدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلارنى كۈزەتكۈچىلەر ئۇيغۇرلار يازغان يازمىلارنى داۋاملىق ئوقۇپ ئانالىز قىلىدۇ ۋە بەزىلىرى مەن بىلەن بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. مەن ئۇلارغا «ئەگەر مىنىڭ بۇ يازغانلىرىمغا باشقىچە قاراشتا بولساڭ شۇلارنىڭ ئۈزىدىن بىۋاستە سورىساڭ بۇلىدۇ»-دەپ يازمىدا تىلغا ئېلىنغان شەخىسلەر بىلەن بۇ ھەقتە كۈرشىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

بىز ئەسلىدە  شەرقى تۈركىستان، ئۇيغۇر نامىدا تەشكىلات قۇرۇپ مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىمەن دىگەنلەرنىمۇ كۈزىتىش ، ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىغا ئادىل باھا بىرىپ، ياخشى قىلۋاتقانلارنى قوللاش، ئەمما ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىپ مىللەتنىڭ ئورتاق مەنپەتىگە زىيان سېلىۋاتقانلىرىنى، مىللەتنى پارچىلاۋاتقانلارنى  تەنقىد قىلىپ ئۈزىنىڭ مەسئۇلىيتىدىن مىللەتكە جاۋاب بىرىشكە قىستاش ئارقىلىق خەلىقىمىزنىڭمۇ ھۇشيار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قۇيشىمىز كېرەك ئىدى.

ئەپسۇس ئۇزۇن مۇددەت خىتاينىڭ دىكتاتۇر ھاكىميىتى ئاستىدا ياشاپ ئەركىن تەپەككۇرى بۇغۇلغان خەلقىمىز دىكمۇراتىك دۆلەتتە ياشاپمۇ يەنىلا پىكىر ئەركىنلىكىدىن ئىبارەت ئەركىن تەپەككۇر قىلش، دادىللىق بىلەن ئويلىغانلىرنى ئىپادىلەشتىن ئۈزىنى قاچۇرۇپ روھىيتىگە سىڭىپ كەتكەن دىكتاتۇرلارچە تەپەككۇرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىدەك بىچارىلىكنى ھىس قىلىۋاتىمىز. بۇ بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئەھۋال.  بۇنىڭدىن كىيىن تېخىمۇ كۆپرەك بىر تەرەپ كۈزەتكۈچى سۈپتىمدە  ئۆزۈم كۆزەتكەن ئەھۋاللارنى شەخىسنىڭ شەخسىيتىگە، خارەكتىرىگە كىرمەي، پەقەتلا مىللىتىمىزنىڭ ئورتاق مەنپەتى ھەققىدىكى ئىشلاردىلا داۋاملىق ئۇچۇق خەت شەكىلدە يازما يېزىپ خەلقىمىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلىشۋاتىمەن. شۇڭا سىزگە بىرقانچا سۇئاللارنى سوراش ئارقىلىق سىزنىڭمۇ خىزمىتىڭىزدىكى مەسئۇلىيەتتىن خەلىققە جاۋاب بىرشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن!

1-سۇئال: ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا سىز لىكسىيەلىرىڭىزدە دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار تەشكىلاتلىرى ھەققىدە ئانالىز ئېلىپ بېرىپ ئوڭچى ۋە سولچى تەشكىلاتلارنى كاتوگورىيەگە ئايرىپ چىققان ئىدىڭىز. ھەمدە  10 نەچچە تەشكىلات بىرلىشىپ ئوڭچىللار ئىتپاقىنى شەكىللەندۈرۈپ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھەمكارلىق ئاساسىدا بىرلىك ھاسىل قىلىمىز دىگەندە، «ھەرنىمە بولسا چېچىلاڭغۇ تەشكىلاتلار بىر يەرگە كىلىپ بىر مۇنبەرنى شەكىللەندۈردىغان بولدى» دەپ كۆپچىلكىمىز خوش بولغان ئىدۇق، ئەپسۇس بۇ ئوڭچىللار ئىتپاقىمۇ بىرلىككە كىلپ بىر مۇنبەرنى ھاسىل قىلالمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟

2-سۇئال: سىياسەتچىنىڭ سىياسەتچى بۇلالىشىدكى سەۋەب ئۆز مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنپەتى ئالدىدا ئىچكى-ئىختىلاپ، شەخسى ئادەۋەت، ئۆچمەنلىكنى بىر يەرگە قايرىپ قۇيۇپ بىر ئۈستەلگە كىلىپ ئۆز مىللىتنىڭ تەقدىرى ھەققىدە قانداق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ھەققىدە ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىش ئىدى. ئەمما ھازىرغىچە بۇ يولدا ھىچكىممۇ ھەمكارلىق ئاساسىدا بىر مۇنبەر ھاسىل قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويمىغان ئىدى. پەقەت لىكسىيەلىرىدىلا سۆزلىگەن بىلەن، ئەمما ئەمەلىي قەدەم بېسىشنىڭ يۇلى ئۈستىدە دادىللىق بىلەن باشقا تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىك ھاسىل قىلىش ئاساسىدا چاقىرىق قىلمىغان ئىدى. سىز بۇ ھەقتە دادىللىق بىلەن قىزىل سىزىقىمز «شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى» دەپ گەپنى چوڭ قىلغان 14 تەشكىلاتنى بىر ئارغا ئەكىلىش ئۈچۈن ھەركەت قىلدىڭىز. ھەرقايسى تەشكىلاتلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ باقتىڭىز، ئەمما تەشكىلاتلار بىر ئارىغا كەلمىدى. بۇ سىزنىڭ سەۋەنلىكىڭزدىن بولدىمۇ ياكى باشقا تەشكىلاتلرنىڭ سۈكۈتتە تۇرۋېلشىدىن بولدىمۇ؟ بەزەنلەرنىڭ دىيىشچە «ئۈمىت ئۈزى دىگەن ۋەدىسگە ئەمەل قىلمىدى؟»-دەيدۇ. بۇنىڭغا نىمە دەيسىز؟

3-سۇئال: شەرقى تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى باش بۇلۇپ «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىي دىياسپۇرادىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ۋەكىللىك قىلدىغان بىردىن-بىر تەشكىلاتى» دىگەنگە قارشى توردا ئىمزا توپلاش پائالىيتى ئېلىپ باردىڭىز ۋە 10 نەچچە مىڭ ئىمزا توپلىدىڭىز. بۇ ئىمزا ئارقىلىق بىر دوكلات تەييارلاپ ئۈزىمىزنىڭ غايىسنى ئىپادىلەپ بەزى بىر ئورۇنلارغا بىرىمىز دىگەن ئىدىڭىز. ئىمزا قويغان ئۇيغۇرلار بۇ ۋاقىتتا شەرقى تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى ئەمدى خەلىقئارا سىياسى سەھنىدە يېڭىچە ئىدىئا بىلەن ئوتتۇرغا چىقىدىغان بولدى دەپ سىلەردىن ئۈمىت كۈتكەن ئىدى. سىلەر بۇ ئىمزا بىلەن بىرەر دوكلات تەييارلاپ ئۈزەڭلارنىڭ غايىسىنى ئىپادىلەپ قايسى ئورۇنلارغا بەردىڭلار؟ بۇنىڭ بىرەر ئەملىي پايدىسى بولدىمۇ؟

4-سۇئال: دۇنيادىكى داڭلىق تەنھەركەتچىلەر، سەنئەتكارلار، ژورنالىستلار ئىنسانپەرۋەرلىك نوقتىسدىن خىتايغا قارشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولغانلىقى ئۈچۈن نەچچە مىليۇن ياۋرۇلۇق توختامىدىن، بەزەنلەر خىزمىتدىنمۇ ئايرىلىپ قالسىمۇ، يەنىلا ئۇيغۇر ئۈچۈن ئاۋازچىقاردى. ئەمما خىتايغا قارشى قۇرۇلغان ئاتالمىش شەرقى تۈركىستان، ئۇيغۇر نامىدىكى تەشكىلاتلار ئازراق نەپسىدىن ۋاز كىچىپ خىتايغا قارشى بىرلىك ھاسىل قىلىش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، تېخىدىنمۇ بەكرەك چېچىلىپ كەتتى. سىزچە بۇنىڭدىكى سەۋەب نىمىدۇ؟ خەلقىمىز بۇلارنىڭ ئارقىسدا كونترول قىلىۋاتقان سىرلىق قوللار بار دەپ گۇمان قىلىدۇ. سىزچە شۇنداق سىرلىق قوللار بارمۇ ؟  بار بولسا بۇ ھەقتىكى ئانالىزىڭىزنى ئورتاقلاشسىڭىز؟

5-سۇئال: دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ئورتاق دۈشمىنىمىز بولغان خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا قارشى ئىتپاقلىشالمايدۇ، ھەمكارلىشالمايدۇ، ھەتتا ئۈزىنىڭ ئېنىق مەيداننى ئىپادىلەشتىنمۇ ئۈزىنى قاچۇرىدۇ. ئەمما ئۈزىمىزگە مۇناسىۋەتسىز بولغا تۈركىيەدە بىرئىش بولسا، ياكى سايلام بولسا، ياكى پەلەستىن مەسلىسدە دەرھاللا تور دۇنياسىدا ئۇيغۇرلار ئىككى قۇتۇب بۇلۇپ كەسكىن مۇنازىرلەر ئېلىپ بارىدۇ. ئۇيغۇلارنى كۈزەتكۈچىلەر دەيدۇكى نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۈزەڭلارنىڭ مەسلىسىدە تۈركىيە ياكى پەلەستىن مەسلىسدەك ئىككى قۇتۇبقا مەركەزلىشىش بولمايدۇ؟-دەپ. سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

6-سۇئال: بىزنىڭ چەتئەلدىكى داۋا زادى كىمنىڭ قۇلىدا؟ كىم كونترول قىلىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن ئورتاق دۈشمىنىمىز بولغان خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا قارشى بىرلىك ھاسىل قىلالمايدۇ-يۇ، ئەمما بىرەر يېڭى پىكىردىكى تەشكىلات ۋە شەخىسلەر ئوتتۇرغا چىقسا،  بۇنىڭغا قارشى دەرھال بىرلىك قۇرالايدۇ؟ مەسلەن ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق، ۋارىس چاقان، ئالىمجان ئىنايەت ئۈستى بىرلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيتى ئۈزىنىڭ ئەتراپىدكى تەشكىلاتلارنى يىغىپ بىز بىرلىك ھاسىل قىلدۇق-دەپ ئ‍ۈستى بىرلىككە قارشى بىرلەشتى. شۇنداقتىمۇ خەلقىمىز بۇ ئىككى چوڭ تەشكىلاتنىڭ بىرلەشكەندىن خوش بولغان ئىدى. ئەپسۇس ئۈستى بىرلىك تەشەببۇسى ئەمەلگە ئاشمىغاندىكىن، مەقسەتلىك بىرلەشكەن بۇ ئىككى چوڭ تەشكىلات نىجات تۇرغۇن ۋەقەسىدىن كىيىن بىرلىكى بۇزۇلدى. دىمەك خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا قارشى بىرلىشەلمەي ئۆز مىللىتىگە قارشى ۋاقتىنچە بىرلىشىش سىتىراگىيەسى چەتئەلدىكى ھەرقايسى تەشكىلاتلاردا ئەڭ كۆپ كۈرلىۋاتقان مەسلە. بۇ دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارنى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەركىتىگە ئۈمىتسىز قارايدىغان ھەتتا سەسكەندۈردىغان بىر ھالەت شەكىللەندۈرۈپ قويدى. بىز قانداق قىلىپ بۇ خىل ھالەتنى ئۆزگەرتەلەيمىز؟

7-سۇئال:شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۈكۈمىتى ئاستىغا يىغىلىپ ھەركەت قىلسا،سۈرگۈندىكى ھۈكۈمەت نامىدا قانداق ئىشلارنى قىلغىلى بۇلىدۇ؟ سىزچە خەلقىمىزنىڭ سۈرگۈندىكى ھۈكۈمەت ئاستىغا ئۇيۇشماسلىقىدىكى سەۋەب نىمە؟

8-سۇئال: دىياسپۇرادىكى بىزنىڭ دەۋايىمىز ئامىرىكا دىمكۇراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ پىروجېكىت ئىشلەشمۇ؟ ھازىر بىر قانچە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى  ئامىرىكىنىڭ دىمكۇراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىدىن مەلۇم تۈر بۇيچە ياردەم پۇل ئېلىپ شۇلارنىڭ پىروجېكىتىنى ئىشلەش ئارقىلىق نامىدا دەۋا قىلىۋاتىمىز دەپ خەلىقئارا سەھنىلەردە ھەركەت قىلىۋاتىدۇ. دىمەك بىزنىڭ دىياسپۇرادىكى ھەركىتىمىزدە پىروجېكىت ئىشلەش ئۈنۈملۈك بىر دەۋا قىلىش يۇلىمۇ؟ بۇ يولدا كۆزلىگەن بىر مەقسەتكە يەتكىلى بۇلامدۇ؟

9-سۇئال: كانادا شەرقى تۈركىستان فېدىراتسىيە جەمىيتى رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىم 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى  كانادادا << شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى ۋە ئۇنىڭ خەلىقئارا تىنىچلىقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى >> يىغىن ئاچىدىغانلىقى ۋە بۇ يىغىنغا بىر قانچە تەشكىلاتلارنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. شەرقى تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىينىڭ باش كاتىبى تۇمارىس ئالماس باردىغان بۇلۇپ تىزىمغا ئالدۇرۇپتىكەن. كىيىن بۇ يىغىنغا نىجات تۇرغۇنمۇ قاتنىشىدىغان بولغاچقا تۇمارىس ئالماس بۇ يىغىنغا قاتناشمايدىغان بوپتۇ. بۇ ئىش خېلى كۆپ غۇلغۇلا پەيدا قىلدى. شەرقى تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىينىڭ بۇ يىغىنغا تۇمارىس ئالماسنى ئىۋەرتمەسلىكتىكى سەۋەب زادى نىمە؟ نىمە ئۈچۈن شەخسى مەسىللەرمىللەتنىڭ مەسلىسى بىلەن تۇقۇنىشىپ قالغاندا مىللەتنىڭ ئورتاق مەنپەتىنى چىقىش قىلىپ ھەمكارلىق قىلدىغان بىر ھالەتنى شەكىللەندۈرەلمەيسىلەر؟

10-سۇئال: توغلۇق خەمىتنىڭ نەق مەيدان سۆھبەتلىرىدە بىر قانچە قېتىم سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى ئاتاپ تۇرۇپ ئۈمىت مۇسابايۇف ئەپەندى سىز جىم تۇرۋالدىڭىز؟ نىمىشقا ئوتتۇرغا چىقمايسىز؟ دىگەندەك سىزگە قىلغان خىتابلىرنى ئاڭلاپ قالدىم. سىزھازىرمۇ شەرقى تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيدە بارمۇ؟ كۈپۈنچە تەشكىلاتلاردا ھۇقۇق تۇتۇپ ۋاقتى توشقانلار ۋەزىپىسدىن قالغاندىن كىيىن تەشكىلاتلارنىڭ ئىشلىرىغا يېقىن كەلمەيدىغان، ئىشلارنى ئاقسىتىپ قۇيدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۈرلىۋاتىدۇ. سىزمۇ باش كاتىبلىقتىن قالغاندىن كىين بۇرۇنقىدەك ئاكتىپ بولماي جىمىدە تۇرۋالدىڭىز. بۇنىڭدىكى سەۋەب نىمە؟

11-سۇئال: مەنچە بىزنىڭ دىياسپۇرادى قىلالايدىغان ئىشلىرىمىزدىن نامايىش قىلىش، يىغىن ئېچىش، لوبىچىلىق ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت مۇشۇ ئۈچ ئىش بار ئىكەن. سىز نامايش قىلىش ھىچبىر ئۈنىمى بولمىغان ئىش، شۇڭا مەن نامايىشقا قاتناشمايمەن دىدىڭىز. نامايىش ئارقىلىق دىياسپۇردا ۋەتەن ئىچىدىكى ئاۋازسسىز قالغان خەلقىمىزنىڭ ئاۋازىنى ئاددى پۇقرادىن تارتىپ يۇقىرىسى پارلامنىت ئەزاسى، ھۈكۈمەت خادىملىرىغا ئاڭلىتالايدىكەنمىز. ئەمما ھەممە تەشكىلاتلار يىغىن ئېچىپ، لوبىچىلىقمۇ قىلىپمۇ كىتەلمەيدۇ. چۇقۇم نامايىشمۇ بۇلشى كېرەك. ئۇنداقتا يىغىن ئېچىش ، لوبىچىلىق قىلىش ئارقىلىق نىمە مەقسەتكە يەتكىلى بۇلىدۇ؟ شەرقى تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى لوبىچىلىق جەھەتلەردە نىملەرنى قىلىۋاتىدۇ؟

ئۇيغۇر، شەرقى تۈركىستان نامىدا ھەركەت قىلىۋاتقان ھەرقانداق بىرشەخىس ۋە تەشكىلات ئۈزنىڭ مىللەت ئالدىدا زىممىسگە چۈشكەن مەسئۇلىيتىدىن ۋە مەجبۇرىيتىدىن خەلىققە سەمىمىيلىك بىلەن ھىساب بىردىغان ئاڭ شەكىللەنگەن ۋاقىتتا، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىمىزنى ئەسلگە كەلتۈرۈش ھەركىتىمىزدە چوڭ ئىلگىرلەش بولغان بۇلاتتى. ئەپسۇس بۇنداق ئاڭنى تىكلىمەك بەك تەس ئوخشايدۇ. ئەمما خەلىق ھەرگىز ئۈمىتسىزلەنمەي تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن ئۇلارنىڭ مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىدىن داۋاملىق ھىساب بىرشكە قىستاس ئارقىلىق سۇئاللارنى سوراپ ئۈزىمىزنىڭ ئويغاقلىقىنى ئۇلارنىڭ سەمىگە سېلىپ تۇرشىمىز كېرەك.  خۇددى چېرچىل ئېيىتقاندەك: << رەزىللەر شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچيەلەيدىكى، ئۇنىڭ راستىنلا كۈچى بولغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ياخشى ئادەملەرنىڭ دەس تۇرۇپ قارشى تۇرمىغانلىقىدىن كۈچىيدۇ>> دىگندەك بۇلاۋاتىدۇ.  دىياسپۇرادا تەشكىلات قۇرماق بەك ئاسان، ئەڭ ئاز بولغاندا بىر، ئىككى ئادەم بىلەنمۇ بىر تەشكىلات قۇرۇپ كەتكىلى بۇلىدۇ. شۇڭا بىر تەشكىلاتتىن ھۇقۇق تەگمىگەنلەر يەنە بىر تەشكىلات قۇرۇپ ھۇقۇق تۇتۇپ مىللەتنى كولدۇرلىتىپ يۈرۋاتسىمۇ خەلىق بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىپ تۇرۋاتىدۇ. بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىش مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتىتىن قاچقانلىق بۇلىدۇ. بىز ئۇلاردىن سۇئال سوراپ مىللەتكە قاۋاب بىرشكە قىستايدىغان بىر ئاڭ شەكىللەنگەندە ئۇلارمۇ خەلىقتىن ھېيقىدىغان بۇلىدۇ. بۇ مىللەتنىڭ ئىگىسى باركەن دەپ ئۈزىنىڭ ھەدىنى بىلدىغان بۇلىدۇ. مەن بۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق يەنە باشقا تەشكىلات رەھبەرلىرىگىمۇ ئۇچۇق خەت يېزىپ ئۇلارنىڭ مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيتىدىن جاۋاب بىرشكە مەجبۇرلايمەن. بۇ مىللەت يالغۇز تەشكىلات قۇرغانلارنىڭلا ئەمەس، بەلكى ھەممىمزىنىڭ!

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

2024-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنى، گوللاندىيە