ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىنىڭ ئۈچۈنجى يىللىقىدا ئامىستېردامدا خىتاي بايرىقى ۋە شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتى كۆيدۈرۈلدى

2025-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى كەچتە ، گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامىستېردام شەھرىنىڭ دام مەيدانىدا ئون نەچچە سىياسى پائالىيەتچى ھاۋانىڭ سوغاق قار يامغۇر يېغىشىغا قارىماي, 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈزبەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ  ئۈچىنچى يىللىقىنى خاتىرىلەپ بايانات ئېلان قىلىش بىلەن بىرگە, شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شى جىنپىڭ ھاكىميتىنىڭ  يىمىرىلىشىنى، شۇنداقلا خەلىقئارانىڭ ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلقىنى توختۇتۇشقا چاقىرىق قىلىپ نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

بۇ قېتىملق نامايىشنى ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇرېھىم غېنى ئورۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ، نامايىشقا جازا لاگىرى شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق، كانتونىيەلىك سىياسى پائالىيەتچى جاڭ پېيكۈن، لىيۇفېيلۇڭ، گۇاڭشىلىق ۋېىي جىجىيەن، ختاي ئۆكتىچىسدىن جىياڭ خۇڭ، سۇڭ شاۋلىن قاتارلىىقلارمۇ قاتناشتى.

ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇرېھىم غېنى گوللاند تىلىدا سۆز قىلىپ، بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كەتكەن 44 ئۇيغۇرغا ھىسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشنى قۇيۇپ سۈكۈتتە تۇرۇش بىلەن باشلىدى. ئاندىن 44 ئۇيغۇرنىڭ ئۈلۈپ كىتىشگە خىتاي ھۈكۈمىتى سەۋەبچى ئىكەنلىكى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىدى: بىز بۈگۈن ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئۈچ يىل بۇرۇنقى ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىنى ئەسلىگىنىمىزدە، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق، مەجبۇرى ئاچارچىلىق ۋە بىئولوگىيەلىك تىرورلۇققا قارشى ھەركىتى يۇقىرى پەللىگە چىققان، ئىرقى قىرغىنچىلىق تېخىمۇ ۋەھشى ئۇسۇللاردا داۋاملىشىۋاتىقان ۋاقىتلار ئىدى. خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ نۆل كوۋىد سىياسىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى قاتتىق قامال قىلىش تىرورلۇق ھەركىتى 4 ئايدىن ئاشقان ۋاقىتتا، 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايۇندىكى بىر بىنادا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. بىنا پىچەتلەنگەن، ئىشىكلەر سىرتىدىن قۇلۇپلانغان بىنا ئەتراپى قورشاۋدا بۇلۇپ كىشلەرنىڭ بىناغا كىرىپ چىقىشمۇ چەكلەنگەن، ھەتتا ئوت ئۈچۈرۈش ئەسلىھەلىرىمۇ پىچەتلەنگەن بۇلۇپ، ئوت كونترولدىن چىقىپ كەتكەن بۇلۇپ، ئوت ئۈچۈرۈش خادىممۇ ۋاقتىدا يىتىپ كىلىپ ئوت ئۈچۈرۈش مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلماي مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغان ئىدى. نەتىجىدە 44 ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز ئوتتا كۈيۈپ ئۈلۈپ كەتتى. خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ ئوت ئاپىتى ھەققىدە ئۈزىنىڭ مەسئۇلىيتىدىن قېچىپ، مەسئۇلىيەتنى ئوتتا كۈيۈپ كەتكەن بىگۇناھ خەلىققە ئارتتى. دۇنيا خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ بۇ ئادالەتسىزلىكىگە سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك. ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كەتكەن 44 ئۇيغۇر ۋە باشقا يارلانغانلار ئۈچۈن خىتاي ھۈكۈمىتى چۇقۇم جاۋابكارلىققا تارتىلشى كېرەك.

جازا لاگىرى شاھىدى قەلبىنۇر سىدىق ( جازا لاگىرىدا خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولغان ) جازا لاگىرىدا كۆرگەن كەچۈرمىشلىرنى سۆزلەپ خىتاي ھۈكۈمىتىگە بولغان غەزەپ نەپىرتىنى ئىپادىلەپ، خەلىقئارا جەمىئىيەتنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

شىڭ سۇڭلىن (شىڭ سۇڭلىن ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇندا پارتىيە سېكىرتارى بولغان چېن چۈەنگو بىلەن ھەم بىر يۇرتلۇق ھەم ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداش بۇلۇپ) سۈزىدە خەلىقئارا جەميەتكە چاقىرىق قىلىپ:: ئۇرۇمچى ئوت ئاپىتىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭلار! 44 ئۇيغۇر شېھىتلىرىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭلار!  شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان چېن چۈنگوغا بولغان جازانى دەرھال كېڭەيتىڭلار! پەقەت جاللات چېن چۈەنگونىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ئەڭ ئالىي قارار چىقارغۇچى – شى جىنپىڭنىمۇ جازالاڭلار! شى جىنپىڭ تەخىتىن چۈشسۇن دەپ بايانات ئېلان قىلدى.

ئارقىدىن جياڭ پېيكۇن (كانتونىيە مۇستەقللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى)، ۋېي جىجيەن (گۇاڭشى مۇستەقللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى، خىتاي دېموكراتىيە پارتىيىسىنىڭ گوللاندىيەدىكى ئەزاسى)، جىياڭ خۇڭ ( خىتاي ئۆكتىچىسى)، لىيۇ فېيى لۇڭ (كانتونىيە مۇستەقللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچى) قاتارلىقىلارمۇ ئار-ئارقىدىن سۆز قىلىپ ئۈرۈمچى ئوت ئاپىتىدە كۈيۈپ كەتكەن 44 ئۇيغۇرغا ھىسداشلىقىنى بىلدۈرۈدى، شۇنداقلا بىز ئەركىنلىكنى خالايمىز، شى جىنپىڭ تەخىتتىن چۈش! ھەرقايسى مىللەت ئۈز تەقدىرىنى ئۈزى بەلگىلشى كېرەك! دەپ،  خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ ۋەھشىيلەرچە ئېلىپ بارغان زۇلمىنى ئەيىبلەپ، خەلىقئارا جەمىيەتنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى جازا يۈرگۈزىشكە چاقىردى.

ھاۋانىڭ ناھايتى سوغاق بۇلشىغا قارىماي نامايىش ناھايتى جانلىق كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىپ خىتاي دۆلەت بايرىقى، شى جىنپىڭ ۋە چېن چۈەنگونىڭ سۈرىتى كۆيدۈرۈلۈپ ئامىستېردام دام مەيدانىدا ئوت يالقۇنى پەيدا بولدى. نامايىشچىلار «شى جىنپىڭ، چېن چۈەنگو سەنمۇ كۈيۈپ باق! سىنىڭ ھاكىميىتىڭ ھامان بىر كۈنى مۇشۇ ئوتتا كۈيۈپ كۈل بۇلۇپ كەتكەن بايراقتەك ۋەيران بۇلىدۇ. سەن ھامان بىر كۈنى قانۇننىڭ جازاسىغا ئۇچىرايسەن! بىز سەندىن چۇقۇم قىساس ئالىمىز! شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق، تىبەتكە مۇستەقىللىق، جەنۇبى موڭغۇلىيەگە مۇستەقىللىق، كانتونىيەگە مۇستەقىللىق، خىتاي خەلقىگە ئەركىنلىك» دەپ شۇئارلارنى توۋلاپ ئامىستېردام دام مەيدانىنى زىلزىلگە سالدى.

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

يېزىلغان ۋاقتى 2022-يىلى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى