
شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، موڭغۇل ۋە خوڭكوڭ ئىتتىپاقى گوللاندىيە پارلامېنتىنى بۇ قانۇنغا قارشى ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.
ياۋروپا پارلامېنتى 30-ئاپرېل كۈنى بىر قارار قوبۇل قىلىپ، خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تەرىپىدىن 2026-يىلى 12-مارت كۈنى ماقۇللانغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» غا قارتا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى. مەزكۇر قانۇن 2026-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدۇ.
بۇ نەتىجە ئاساسلىقى ئوخشىمىغان دىنىي، ئېتنىك ۋە سىياسىي مىللەتلەرنىڭ ئاكتىپ پائالىيەتلىرى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىرلىشىپ، ياۋروپا سىياسەتچىلىرىنى بۇ قانۇننىڭ تۈپ مەقسىتى مىللىي كىملىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى باستۇرۇش ئىكەنلىكىگە قايىل قىلدى. دىنىي ۋە مىللىي پەرقلەردىن ھالقىپ، بۇ قانۇنغا قارشى ئورتاق ئىتتىپاق قۇرۇشتىن ئىبارەت مۇشۇنداق بىر ئەندىزە ھازىر گوللاندىيەدىمۇ ئۈنۈم بەرمەكتە؛ يەنى گوللاندىيەدە يېڭىدىن قۇرۇلغان بىر ئىتتىپاق ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەم باستى.
گوللاندىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇل ۋە خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۆزئارا بىرلىشىپ، «جۇڭگو ۋە ئىچكى ئاسىيا كىشىلىك ھوقۇق ئىتتىپاقى»
(HR in China and Inner Asia Coalition) نى قۇرۇپ چىقتى. مەزكۇر ئىتتىپاق 2026-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى گوللاندىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى (Tweede Kamer) تاشقى ئىشلار دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.
بۇ جىددىي ئۇچۇرشىشنىڭ ئاساسلىق مەقسىدى پارلامىنىت تاشقى ئىشلار كومتىتىغا تەپسىلى مەلۇمات بېرىش ئارقىلىق، ئىتتىپاق ۋەكىللىرى بۇ قانۇننىڭ خەتەرلىك، سىستېمىلاشقان بىر ئاسلىماتسىيە قورالى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇلار بۇ قانۇننىڭ خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى زىمىنلار— تىبەت، شەرقىي تۈركىستان، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە خوڭكوڭ قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆزگىچە تىلى، كۈلتۈرى، دىنىي كىملىكى ۋە تارىخىي مىراسىنى سىستېمىلىق تۈردە يوقىتىش ھەمدە ئۇلارغا بىرلا «جۇڭخۇا (خىتاي) مىللىي كىملىكى» نى مەجبۇرىي تېڭىش ئۈچۈن ئالاھىدە لايىھەلەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەسىلىنىڭ ئىنتايىن جىددىي ۋە ۋاقىتنىڭ قىسقىلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، پارلامېنت كومىتېتى ئەزالىرى 30 مىنۇتلۇق يىغىن جەريانىدا شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت ۋەكىللىرىگە ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككى مىنۇتتىن گۇۋاھلىقىنى ئاڭلاش پۇرسىتى بەردى.
ئۇيغۇر ۋەكىللىرى خىتاينىڭ بۇ يېڭى قانۇنىنىڭ ھازىرقى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى، جۈملىدىن مەجبۇرىي مۇستەملىكىچە ياتاقلىق مەكتەپ سىستېمىسىنى قانداق قانۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلار بۇ سىستېمىنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۆز ئانا تىلىنى، كۈلتۈرىنى ۋە دىنىنى يىلتىزىدىن ئايرىش ئۈچۈن تۈزۈلگەنلىكىنى، ئەجەللىك خەۋپىنىڭ بولسا «جىسمى ئۇيغۇر، روھى ۋە خىتايلاشقان يېڭى بىر ئەۋلادنى يېتىشتۈرۈش» ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. بۇنىڭدىن باشقا، ئۇلار بۇ قانۇننىڭ 10- ۋە 63-ماددىلىرى ئۈستىدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، بېيجىڭنىڭ زۇلۇم ۋە باستۇرۇش قولىنىڭ چېگرا ھالقىپ كىتىۋاتقانلىقنى تىلغا ئالدى. ۋەكىللەر گوللاندىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن چېتىشلىق بولغان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش (Transnational Repression) ۋە تەھدىتلەرگە كۈنسېرى كۆپ دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ گوللاندىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ۋە دېموكراتىك ئەركىنلىكىگە ئوچۇق-ئاشكارە دەخلى-تەرۇز ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
تىبەت ۋەكىللىرىمۇ بۇ ئەندىشىلەرنى جەزملەشتۈرۈپ، بۇ قانۇننىڭ تىبەت كۈلتۈرى ۋە دىنىي كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان ئاخىرقى ئەجەللىك زەربە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. ئۇلار كومىتېتتىن، گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2025-يىلى ئاپرېلدا پارلامېنت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان تىبەتكە ئائىت قارارلارغا قانداق ئەمەل قىلىۋاتقانلىقىنى سىستېمىلىق تۈردە نازارەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
سۆھبەت جەريانىدا، ئىتتىپاق ۋەكىللىرى گوللاندىيە پارلامېنتىدىن خىتاينىڭ بۇ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» غا قارشى رەسمىي بىر پارلامېنت تەكلىپ-قارارى (motie) چىقىرىشنى جىددىي تەلەپ قىلدى.
ئىتتىپاق ۋەكىللىرى گوللاندىيە پارلامېنتىدا قوبۇل قىلىنىدىغان كۈچلۈك بىر پوزىتسىيە ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر «Motie» نىڭ باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئىنتايىن كۈچلۈك بىر ئۆرنەك يارىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. بۇنداق بىر قارار ياۋروپا مىقياسىدا ماس قەدەملىك ئىنكاس قايتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ياۋروپا پارلامېنتىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى دەرىجىلىك سىياسەتلەرنى يولغا قويۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلالايدۇ.
بۇ جىددىي ئۇچۇرشۇشقا خىرىستىيان دېموكراتلار پارتىيەسى (CDA) نىڭ پارلامېنت ئەزاسى Maas van Lanschot ۋە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە خەلق پارتىيەسى (VVD) نىڭ پارلامېنت ئەزاسى Nicole Maes قاتارلىق نوپۇزلۇق سىياسەتچىلەر قاتناشتى. ئۇلار نۆۋەتتىكى گېئوپولىتىكىلىق رېئاللىقتا خىتاينىڭ دۇنيادىكى غايەت زور كۈچىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» نىڭ نەقەدەر ئېغىر ۋە جىددىي خەۋپ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇلار ئىتتىپاق ۋەكىللىرىگە: ”خىتاي بەك كۈچىيىپ كەتتى، ئەمما بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىمىز“ دەپ ۋەدە بەردى.

يىغىن ئاخىرىدا، پۈتۈن ئىتتىپاقداش تەشكىلاتلارنىڭ رەسمىي ئىمزا ۋە لوگولىرى بېسىلغان 3 بەتلىك رەسمىي ئەرزىيەت خېتى (Petition) پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قولىغا رەسمىي تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
بۇ قېتىملىق بىرلەشمە ھەرىكەت، چەتئەللەردىكى خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ مۇستەملىكچىلىكىگە قارشى ھەركەت قىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بېيجىڭ زۇلمىغا قارشى كۈرىشىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا بىرلەشمە سەپ قۇرغاندا، بىر نىيەت، بىر ئاۋاز بىلەن ھەرىكەت قىلغاندا قانچىلىك كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك بولالايدىغانلىقىنىڭ ئېنىق بىر ئىپادىسى بولۇپ قالدى.
ئابدۇررېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2026-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى


