
گەپ ئېغىزدىن چىققىچە گەپنى ئادەم باشقۇرىدۇ، ئېغىزدىن چىقىپ كەتكەندىن كىيىن گەپ ئادەمنى باشقۇرىدۇ- ئۇيغۇر ماقالى
مەن ئادەتتە ۋاتسئاپ (WhatsApp) توپلاردا سۆز قىلىپ كەتمەيمەن، شۇنداقلا بۇنداق سورۇنلاردا ئانچە ئاكتىپمۇ ئەمەس. لېكىن، بەزى ۋاقىتلاردا باشقىلارنىڭ «سەن توغرىلىق گەپ بولۇۋاتىدۇ، ئاڭلاپ بېقىپ ئىپادە بىلدۈرۈپ قويساڭ ياخشى بۇلاتتى» دەپ، باشقىلارنىڭ سۆزلىرىنى ئايرىمخانامغا ئەۋەتىپ قويغىنى سەۋەبىدىن، ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن سۆز قىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەنمەن.
ئۆزىنى «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى پارلامېنتى» دەرنىكىنىڭ باشلىقى دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان يارمەمەت بارات، ئۆزى قۇرغان «راستچىللار توپى» دا ماڭا قارىتا بەزىبىر تۆھمەتلەرنى قىلدى. مەن بۇنىڭغا قارىتا ئۆزۈمنىڭ پىكىرلىرىنى دەلىل-ئىسپات بىلەن ئوتتۇرىغا قويسام، «پاكىتنىڭ ئالدىدا پىل ئۇسىراپتۇ» دېگەندەك، ئۇ مېنىڭ بارلىق سۆزلىرىمنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، پەقەت ئۆزىنىڭ بىر تەرەپلىمە سۆزلىرىنىلا قالدۇردى.
1. يارمەمەت باراتقا قويۇلغان سوئال
«قورسىقىڭ ئاغرىمىسا تاۋۇز يېيىشتىن قورقما» دېگەن ئۇيغۇر ماقال – تەمسىلى بار، يارمەمەت بارات ئەپەندىم! ئەگەر قورسىقىڭىزدا ئاغرىق بولمىسا، مېنىڭ سۆزۈمنى نېمىشقا ئۆچۈرۈۋەتتىڭىز؟ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرەلمەي جىمىپ قالغان يارمەمەت بارات، 2025-يىلى 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئايرىمخانامغا 6 مىنۇت 25 سېكۇنتلۇق ئاۋازلىق ئۇچۇر قالدۇرۇپتۇ. ئۇ سۆزىدە مېنى: «“ئۇيغۇر ھەرىكىتى“ تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى رۇشەن ئابباس ۋە مۇدىرىيەت ئەزاسى، كانادا ئالبېرتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇكەررەم قۇربانلارنىڭ 2025-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى تەيۋەن سەپىرىنى، ئۇلارنىڭ تەيۋەن دېموكراتىيە پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مومىن چېن بىلەن كۆرۈشۈپ ”ۋەتەن ساتقانلىق“ قىلمىشلىرىنى ماختاپ يازما يېزىپسىز، بۇنىڭغا نېمە دەيسىز؟» دەپ بىر پارچە رەسىم بىلەن فەيىسبوك ئۇلنىشنى قالدۇرۇپ قۇيۇپتۇ.
2. ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن لاھىيلەپ ئابدۇرېھىم غېنىغا قىلىنغان تۆھمەت
تۈلكە قۇيرىقىدىن ئىلنەر- ئۇيغۇر ماقالى
ماڭا قىلىنغان بۇ سىياسى تۆھمەت شۇنچىلىك ئۇستىلىق بىلەن لاھىيلەنگەنكى بۇنى كۆرگەن ھەرقانداق ئىنسان بۇ ئىشنىڭ باش ئاخىرنى بىلىپ سېلىشتۇرۇپ ئەقىلى تەپەككۇر قىلمىسا چۇقۇم ئىشىنىدۇ. « كاللا ئىشلىمىسە پۇت- قولغا ئارام يوق» دىگەندەك ئۈزى ماڭا ئىۋەرتكەن رەسىم بىلەن فەيىسبوك ئۇلنىشىنى سېلىشتۇرۇپ يەكۇن چىقارمايلا ماڭا ئىۋەرتىشىدىن « تۈلكە قۇيرىقىدىن ئىلنەر» دىگەندەك ئۈزى قۇرغان قىلتاققا ئۈزى چۈشۈپ رەسۋا بۇلىشنى ئويلىيالمىغانلىقىدىن يارمەمەت باراتنىڭ قايسى سەۋىيەدىكى بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلۋالغىلى بۇلىدۇ. بەلكى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلغان ۋەزىپە شۇ بولغاندىكىن ۋەزىپە تاپشۇرغۇچىغا بولغان چەكسىز ساداقىتىدىن ھىچ گۇمانلانمىغاندۇر. بەلكى مۇشۇنداق قىلش ئارقىلىق ئۈزىنىڭ ۋاتسئەپ گۇرۇپىلىرىدىكى مەددالىقىدىن پايدىلىنىپ نادان خەلقىنى ئىشەندۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ماڭا يەنە بىر تۇزاق قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇلشى ناھايتى ئېنىق.
مەن گوللاندىيەدە 10 نەچچە يىل بىئو-خېمىيە ئانالىزچىسى بۇلۇپ ئىشلەش جەريانىدا نەرسىلەرگە ھىسيات بىلەن ئەمەس بەلكى مەنتىقە، ئەقىل، مىتود بىلەن ئانالىزقىلدىغان بىر سېستىمىنى ئۈگىنىپ چىقتىم. بۇ ئۇسۇلنىمۇ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرشىگە تەقلىد قىلىپ ئۇچۇرغان مەسىللەرنى ئىلمىي ئۇسۇلدا كۈزىتىپ ئانالىز قىلىدىغان ھەتتا مۇناسىۋەتلىك شەخىسلەرگىمۇ سۇئال قۇيۇپ مەسىلنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلاپ چىقىشقا ئادەتلەندىم. شۇڭا يارمەمەت باراتنىڭ ماڭا قۇرغان باشلانغۇچ سەۋىيەدىكى ئۇيۇننى بىر كۈرۈپلا بىلۋالدىم. مەن ھىچقاچان رۇشەن ئابباسنىڭ تەيۋەندە قىلغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە يازما يېزىپ باقمىدىم. يارمەمەت بارات ئەۋەتكەن رەسىم ھۆججىتى بىلەن ئۇلىنىشنى ئېچىپ سېلىشتۇرۇپ كۆرسەم، ئەسلى ئەھۋال مۇنداق ئىكەن: «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى 2025-يىلى 23-ئىيۇل كۈنى فەيسبۇك (Facebook) بېتىدە «رۇشەن ئابباس ۋە مۇكەررەم قۇربان خانىملار تەيۋەن سەپىرىدە» ناملىق بىر يازما ئېلان قىلغان ۋە بۇ يازمىغا 17 ئادەمنى تېگ (Tag) قىلىپ بىراقلا ھەمبەھىرلەپ ئېلان قىلغان ئىكەن. تىزىملىككە قارىسام، ئەڭ ئالدىدا بەختىنۇر ئابدۇرېھىم (Behtinur Abdurehim) دېگەن ئىسىم تۇرۇپتۇ، مېنىڭ ئىسمىم بولسا 8-قاتارغا تىزىلغان. شۇ سەۋەبتىن ئېكراندا مېنىڭ ئىسمىم ئەمەس، بەلكى تىزىملىك بېشىدىكى ئىسىم كۆرۈنىدۇ. مەن تۆۋەندە بۇ يازمىنىڭ ئۇلىنىشىنى ۋە ئەسلى كۆرۈنۈشىنى پاكىت سۈپىتىدە ئەۋەتىمەن، سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭلار.
بۇ ئۇلنىشتا ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى ئۈزىنىڭ فەيىسبوك ھىساباتىدا 2025-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى ئېلان قىلغان « رۇشەن ئابباس، مۇكەررەم قۇربان خانىملار تەيۋەن سەپىرىدە » ناملىق يازمىسى
بۇ رەسىملەر يارمەمەت بارات ماڭا تۆھمەت قىلىپ ئىۋەرتكەن رەسىم بىلەن ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان ماقالىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ سېلىشتۇرمىسى


دېمەك، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى»نىڭ رۇشەن ئابباسنىڭ تەيۋەن سەپىرى ھەققىدە يازما ئېلان قىلغىنى راسىت، ئەمما بۇ يازمىنى مېنىڭ يازغىنىم پۈتۈنلەي يالغان ۋە ئويدۇرما. ئەگەر مەن شۇنداق يازما يازغان بولسام، «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈن دەرنەك»نىڭ تور ئاپشاركىلىرى ۋە غۇلام ئوسمان ئۆزىنىڭ «قۇرتۇلۇش يولىدا» ناملىق ساختا ھېساباتى ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن مەخسۇس سىنلارنى ئىشلەپ ماڭا ھۇجۇم قىلىپ بولغان بولاتتى. پۇلاتتەك پاكىت ئالدىدا ماڭا تۇزاق قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى دەرنەكنىڭ بۇنداق ئىشلىرى ئاز ئەمەس.
3. غۇلام ئوسماننىڭ كونا تاكتىكىسى، سۈكۈتى ۋە مىنىڭ ئىسپاتىم ئالدىدىكى چارىسزلىقى
بۇنداق ماڭا قەرەللىك ھۇجۇم قىلىش، مەن رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان « ئۇيغۇر چايخانسى» دا ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبەتداشلارنى قارلاش ئارقىلىق ماڭا تۆھمەت قىلىش غۇلام ئوسمان ئەترىتى ئۈچۈن يېڭىلىق ئەمەس. بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي ئىلگىرى، يەنى 2025-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى غۇلام ئوسمان ئۈزىنىڭ يۇتۇبىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆرىيەت نەشىرىياتى قانىلىدا «ئوغرى بولساڭ ئىنساب بىلەن بول، قازاننى ئالساڭ تۇۋقىنى قوي» ناملىق سۆھبىتىنىڭ 10مىنۇت 51 سىكىنۇتلۇق يىرىدە مىنىڭ 6 يىلك بۇرۇن غۇلام ئوسمان رەھبەرلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۈكۈمىتىنى قوللاپ توغلۇق ئابدۇرازاققا سوئال قويۇپ يازغان بىر ئىنكاسىمنى قەستەن كېسىپ ئېلىپ ماڭا ھەم ھاقارەت ھەم تۆھمەت قىلغان ئىدى.

مەن بۇنىڭغا قارىتا غۇلام ئوسمان ئاكا: «بۇ ئىنكاسنى مېنىڭ يازغىنىم راسىت، ئەمما سىز دېگەندەك بۈگۈن ئەمەس، بەلكى 6 يىل بۇرۇن سىزنى قوللاپ يازغانىدىم. سىز بۇنى ھازىر يېزىلدى دەپ تۆھمەت قىلسىڭىز بولمايدۇ، قېنى پاكىتىڭىزنى كۆرسىتىڭ؟» دەپ چىرايلىق ئىنكاس يازسسام، «پاكىت ئالدىدا پىل ئۇسراپتۇ » دىگەندەك تاشپاقا گۇمپىسنى ئىشقا سېلىپ ھازىرغىچە جاۋاب بەرمەي سۈكۈتتە تۇرۋېلىغلىق.
بۇ ۋېدىيونىڭ ئۇلنىشى:
https://www.youtube.com/watch?v=RR5znsbWPJ0&t=657s
غۇلام ئوسمان يۇقىرقى ۋېدىيودا مىسال ئېلىپ سۆزلىگەن مىنىڭ 6 يىل بۇرۇن يازغان ئىنكاسىمنى يالغان مەن بۇ ۋېدىيونى سۆزلەشتىن بىر قانچە كۈن ياكى بىر قانچە ئاي بۇرۇن يازغان ئىنكاس دىسە ئىسپاتىنى كۆرسەتسۇن.
6. يارمۇھەممەت باراتنىڭ قوللانغان «فوتوشوپ ھىيلىسى»
ئەمدى يارمەمەتنىڭ تۆھمىتىگە كەلسەك: ئۇ ئەۋەتكەن ئۇلىنىشتىكى يازمىنىڭ ئەسلى تېكىستىدىكى ئىسىملارنى فوتوشوپ (Photoshop) ئارقىلىق تەھرىرلەپ، «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» دېگەن ئىسىمنى چىقىرىۋېتىپ، مېنىڭ ئىسمىمنى ئالدىغا چىقىرىپ، بۇ يازمىنى خۇددى مەن يازغاندەك كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغان. ئەگەر يارمەمەت توغلۇقتا زەررىچە جۈرئەت بولسا، مەن ئۇنى «ئۇيغۇر چايخانىسى»غا تەكلىپ قىلىمەن. كېلىڭ، دەلىل-ئىسپاتلارنى سېلىشتۇرۇپ خەلققە كۆرسىتەيلى. «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك»، خەلق كىمنىڭ يالغانچى، كىمنىڭ راستچىللىقىغا ئۆزى باھا بەرسۇن!
قۇشۇمچە: بەزىلەر بۇلار بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، ئىشىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىۋېرىڭ. بولمىسا زېھنىڭىز چېچىلىپ ئىشڭىزغا تەسىر يىتىدۇ، ئىت قاۋار، قارۋان يۈرەر دەپ ئىنكاس يېزىپ مېنى قوللىغانلارغا رەھمەت.
دۇنيانىڭ رەزىلىكىنى رەزىللەر كەلتۈرۈپ چىقارمىغان بەلكى رەزىللىككە سۈكۈت قىلغانلار دەپ، غۇلام ئوسمان ۋە سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان دەرنىكىنىڭ ئۈزىدىن باشقا بارلىق تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ ئوبرازىنى چۈشۈرۈپ توردا سېسىتىش ئارقىلىق كىشلەرنىڭ روھىنى سۇندۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ. بۇلار بىلەن ياخشى تۇنشىدىغان بىرسى بۇلۇش سۈپتىم بىلەن بىر قانچە قېتىم چىرايلىق پاراڭلىشايلى، ئۇنداق توردا يازما ۋە رەسىملارنى كىرىشتۈرۈپ تارقىتىپ يۈرمەڭلار ياخشى بولمايدۇ دەپ چىرايلىق گەپ قىلدىم. ئەپسۇس ھىچقانداق سادا چىقمىدى. بەلكى تېخىىمۇ غالجىرلىشىپ كەتتى. شۇڭا مەنمۇ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۈتۈپ قويدۇم. غۇلام ئوسمانغا قۇيۇپ بىرىپ سۈكۈتتە تۇرساق شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىق يۇلىدا ئىزدىنىش دەپ 5- قىسىم كىتاۋىغا خام ماتېرىيال بۇلۇپ بىرىمىز. شۇڭا مەنمۇ يېزىپ ئېلان قىلىپ قويدۇم. بۇمۇ بىر تارىخى ئىسپات بۇلۇپ ساقلىنىپ قالىدۇ. مىنىڭ مەقسىدىم مۇشۇ. باشقا مەقسىدىم يوق.بۇنداق باشقىلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۈرەلمەي باشقىلارنى سېسىتىش ئارقىلىق دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار ئارسىدا تەپرىقچىلىق پەيدا قىلىپ ئۈزىنى ماختايدىغان گۇمانخور غۇلام ئوسمانچىلارنىمۇ تەنقىد قىلىش مەندەك بىر تەنقىدچىنىڭ مىللەت ئالدىدىكى بىر بۇرچۇم دەپ ئويلايمەن.
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2025-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى


