دۇنيا مىقياسىدا تىجارەت قىلدىغان گوللاندىيە پۇل مۇئامىلە ئورگىنى بولغان ING بانكىسى ئالدىدىكى ئۆزگىچە نامايىشنى كۈرۈپ، بىز ئۇيغۇرلارمۇ خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى ئەجەللىك زەربە بىرىش ئۈچۈن بۇلاردىن ئۆرنەك ئالساق بولغۇدەك دەپ ئويلىدىم. شۇ سەۋەبتىن، نەق مەيداندا كۆرگەنلىرىمنى ۋە ھېس – تۇيغۇلىرىمنى خاتىرىلەپ چىقتىم. بەزى تەۋسىيەلىرىم بەلكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ، سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتگە قارشى پائالىيەتلىرىدە مەنپەئەتلىك بۇلۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ياۋرۇپانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيەت ئىزلىرى مۇجەسسەملەشكەن 800 يىللىق تارىخقا ئىگە ئامىسفورت شەھرى، 2023-يىلى ياۋرۇپا بۇيىچە ياشاشقا ئەڭ مۇناسىپ شەھەر دەپ باھالانغان بولۇپ، گوللاندىيەنىڭ قەدىمىي شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان مەزكۇر شەھەردە كۈرۈشكە تىگىشلىك تارىخى ئىزلاردىن قەدىمىي شەھەر سېپىللىرى، شەھەردىكى قەدىمىي ئايلانما كوچىلار، ياۋرۇپا ئوتتۇرا ئەسىر بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆزگىچە تارىخى بىنالار، ئىككىنجى دۇنيا ئۇرشى مەزگىلىدە ناتسىستلار قۇرغان جازا لاگىرلىرى قاتارلىقلار بار.
مەن ھەرقېتىم بىرەر ئىش بىلەن بۇ شەھەرگە كىلىپ قالسام، شەھەرنىڭ تارىخى يەرلىرى، مەدەنىيەت ئىز – ئەنئەنىلىرىنى كۈرۈپ، شەھەر مەنزىرىسىدىن ئىپتىخارلىنىپ ۋە ھۇزۇرلىنىپ قايتاتتىم. بۈگۈنمۇ مەزكۇر قەدىمىي شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ئامىسفورت شەھەرلىك ھۈكۈمەتتە بىجىردىغان ئىشىم بولغاچقا، يەنە كېلىپ ھاۋامۇ ياخشى بولغاندىكىن، بۇرۇنراق بېرىپ شەھەرنىڭ كۈرىدىغان تارىخى يەرلىرىنى كۆرگەچ ئىشلىرىمنى تۈگىتىپ كىلەي دەپ، ۋېلسىپىت بىلەن شەھەرگە قاراپ يولغا چىقتىم.
مەنزىلىمگە يېقىنلاشقاندا، شەھەرلىك ھۈكۈمەتكە يېقىن بىر كوچىغا جايلاشقان گوللاندىيەدىكى چوڭ پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان ING بانكىسىنىڭ ئالدىدا يوغان لوزونكىلارنى تۇتۇپ تۇرغان نامايىشچىلار دىققىتىمنى تارتتى. ھەرقىتىم ئۆزگىچە شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارنى كۆرسەم، ئۇلارنىڭ نامايىشنى كۈزىتىپ يېڭىلىقلىرىدىن تەجرىبە ئىگەللەيتتىم. سەۋەبى، كېيىنكى نامايىشلىرىمدا مۇشۇنداق يېڭىچە ئۇسۇللارنى قوللىنىش ۋە بۇخىل يېڭلىقلاردىن خىتاي دۈشمىنى بولغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى، ئۇيغۇرلار سىياسى پائالىيەتچىلىرىنى خەۋەردار قىلىش ئىدى. بۈگۈنمۇ يەنە شۇ ۋەتەنپەرۋەر تۇيغۇنىڭ تۈرتكىسىدە، قىلىدىغان ئىشىمنى كېيىنگە قالدۇرۇپ، خىياللار ئىلكىدە نامايىشقا مەستانە قالدىم. چۈنكى، بۈگۈنكىسى ھەقىقەتەن مەن ھازىرغىچە كۆرگەن ۋە قاتناشقان نۇرغۇن نامايىشلار ئىچىدىكى ئادەم سانى ئاز، ئەمما تەشكىللىنىشى – ساپاسى ساز بىر نامايىش ئىدى.
نامايىشچىلار شەھەرنىڭ ئادەم توپلانغان مەركىزىدە ئەمەس، بەلكى ئادەملەر ئانچە كۆپ ئۆتمەيدىغان يان كوچىغا توپلانغان بولۇپ، ئۇلاردىن بىر قانچە كىشى يوغان پىلاكاتنى تۇتۇپ بانكىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلسا، يەنە بىر قانچە كىشى بانكىنىڭ كىرىش ئېغزىغا بىر دانە كىرىسلو قۇيۇپ، ING بانكىسى قېزىلما بايلىقلارنى خالىغانچە ئېچىش شىركەتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ ئىكىلوگىيەلىك مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشىغا، يەرشارى تېمپۇراتۇرسىنىڭ ئىسسىپ كىتىپ ھەرخىل تەبئى ئاپەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولماقتا، بۇ قىلمىشلار ئىنسانىيەت جەمىيتىگە غايەت زور تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە، بىز يەرشارىدا ياشاۋاتقان ئىنسانلار بىر ئائىلە كىشلىرىگە ئوخشاش، شۇڭا يەرشارىنىڭ سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم،
ING بانكىسى خەلقنىڭ قويغان ئامانەت پۇللىرىنى يەر شارىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ساھەلەرگە، يەنى قېزىلما بايلىقلارنى خالىغانچە ئېچىشقا مەبلەغ سېلىشنى توختۇتۇش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن خەلىققە سەمىمى چۈشەنچە بىرىشى شەرت دىگەندەك مەزمۇنلاردا سۆزلەپ، ئۈتۈپ كىتىۋاتقانلارغا توختىماي خىتاب قىلاتتى.
بانكىنىڭ ئىچىدە بىر قانچە بانكا خادىمي بۇلارنىڭ نامايىشغا قاراپ ھەيرانلىق ئىلكىدە بىر-بىرسىگە قارىشىپ تۇراتتى. بانكىنىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئىككى نەپەر ساقچى تۇرغان بولۇپ، ئۇلار نامايىشچىلارنىڭ نورمال نامايىش قىلىش ھۇقۇقىنى قوغداپ، نامايىشچىلار بىلەن بانكا خادىملىرى ئوتتۇرىسىدا بىرەر ئۇقۇشماسلىق -كۆڭۈلسىزلىك يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى. مەن نامايىشنى بىردەم تاماشا قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاردىن نامايىشنىڭ سەۋەبى ۋە يەتمەكچى بولغان مەقسىتىنى بىلمەكچى بولدۇم.
نامايىشچىلار Extinction Rebellion يەنى «يوقىتىلىشقا ئىسيان» دېگەن تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى ئىكەن. بۇ بىر خەلقئارالىق تەشكىلات بولۇپ، ئۇلار پۇقرالارنىڭ زوراۋانسىز قارشىلىق قىلىش ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، يەرشارىنىڭ ئىكىلوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ بۇزغۇنچىلقىقا ئۇچرىشىنى، شۇنداقلا جەميەتنىڭ ۋەيران بۇلۇش خەۋپىنى ئازايتىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. مەن بۇ تەشكىلاتنىڭ نۇرغۇن پائالىيەتلىرىنى تېلىۋېزور ۋە ئىجتمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىن كۈرۈپ تۇراتتىم. بۇلار گوللاندىيەنىڭ يۇقىرى سۈرەتلىك يوللىرىدا، ھەتتا پايتەخت ئايرودرومىدا تىنىچ شەكىلدە، ئەمما كەڭ كۈلەمدە نامايىش قىلىپ، قاتناشنى – تەرتىپنى پالەچ ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلار ئىنسانىيەت جەمىيتنىڭ تەبئىي ئاپەتلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەرشارىنى قوغداشتەك ئىنسانىي ۋەزىپىسنى ئادا قىلۋاتقان يەرشارى ساقچسى ئىدى. بۇلار پەقەت يەرشارى كىلىمات ئۆزگىرشىگىلا قارشى نامايىش قىلىپ قالماي، بەلكى يەنە زۇلۇم ئىچىدە ئىڭراۋاتقان، دۇنياغا پەريادىنى ئاڭلىتالمايۋاتقان مىللەت – خەلقلەرنىڭ ئاۋازىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈنمۇ نامايىشلارنى ئورۇنلاشتۇراتتى.
مەن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلقىنى توختۇتۇش ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالماسلىقنى تەشەببۇس قىلىپ، بۇ خىل تاۋارلارىنى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان شىركەتلەرنىڭ ئالدىدا ئورۇنلاشتۇرغان نامايىشغىمۇ قاتناشقان، ئۇيغۇر قىرغىنچىلقى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى -جىنايىتى ھەققىدە خىتاي ھۈكۈمىتىگە نەپرىتىمنى بىلدۈرۈش پۇرسىتىگىمۇ ئىرىشكەن ئىدىم.
نامايىشلارنىڭ بىر قېتىملىقى ئامىستېردامدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ساتقان A&D كىيىم-كىچەك دۇكىننىڭ ئالدىدا بولغان بولۇپ، نامايىشچىلاردىن بىرقىسمى ھەتتا قىپيالىڭاچ بولۇشۇپ، «ئۇيغۇر قۇللار تىككەن كىيىمنى كىيگەندىن يالىڭاچ يۈرگىنىمىز شەرەپ !» دېيىشىپ شوئارلارنى توۋلاشقان ئىدى. يەنە بىر قىسىملىرى بولسا، دۇكاننىڭ ئەينەك دېرىزە – ئىشىكلىرىگە جەلپكار رەڭلەردە «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق كىيىملەرنى سېتىۋالماڭ»، «بۇ كىيىملەرنى كىيگەندىن يالىڭاچ يۈرۈش شەرەپ !» دەپ يېزىشقان ئىدى.
بۇ تەشكىلاتنىڭ ئامىسفورت شەھرىدىكى ING بانكىسنىڭ ئالدىدىكى بۈگۈنكى نامايىشىنىڭ مەقسىدى، مەزكۇر بانكىنىڭ نېفىت، تەبئىي گاز، كۆمۈر قاتارلىق قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشقا مەبلەغ سالماسلىق، بانكىنىڭ بۇ ئادالەتسىز قىلمىشىغا خەلقنىڭ سۈكۈت قىلماي قارشى تۇرۇشى، جەمئىيەتنىڭ تەبئىي مۇھىتنى قوغداش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئىكەن.
تۇيۇقسىز «تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك، تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك !» دېگەن ئاۋازلار ئاڭلىنىپ، نامايىشچىلار سېپىدىكى بىر ئايالنىڭ ئالدىغا ئىككى كوروپكا قويۇلدى. ئاندىن كوروپكا ئاغزى ئېچىلىپ، ھەممەيلەنگە تۇغۇلغان كۈن سوۋغىسى – پىرەنىك تارقىتىلدى. ئايال كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، «مەن بۇيىل 67 ياشقا كىردىم، بۈگۈن مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم. بۇ قۇتلۇق كۈننى سىلەر بىلەن بىللە نامايىش قىلىپ ئۆتكۈزگەنلىكىمدىن خوشالمەن» دەپ، ئۈزىنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئىپادە قىلدى. نامايىشچىلار توغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئېيتىپ ئايالنىڭ تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلىشىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە نامايىشنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلار داۋاملىق ھالدا ياڭراتقۇ بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەقسىدىنى چۈشەندۈرمەكتە ئىدى.
مەن ئاۋۋال ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمنى چۈشەندۈرەي دەپ گەپ باشلىشىمغىلا، ئۇلار «بىز ئۇيغۇرلارنى بىلىمىز، بىز خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلقىنى توختىتىشى ئۈچۈن بىر قانچە قېتىم نامايىش قىلغان» دېيىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ۋە ھېسداشلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى. ئەلۋەتتە، ئىلگىرى مەن بۇ تەشكىلات ئەزالىرى قىلغان ئىككى قېتىملىق نامايىشقا قاتناشقان ئىدىم. مەن ئۇلاردىن 10 مېتر ئوزۇنلۇقتىكى ئاق رەختكە ING بانكىسىنىڭ لوگوسىنى چۈشۈرۈپ يوغان خەتلار بىلەن نامايىشىنىڭ مەقسىدىنى نامايەن قىلغان لوزۇنكىسىنى قەيەردە ياساتقانلىقىنى سورىدىم ۋە كۈتۈرۈپ يۈرۈشكە قۇلاي، قاتلاپلا كىچىك سومكىغا سالغىلى بۇلىدىغان بۇنداق لوزۇنكىنى ئۆزۈمنىڭمۇ ياساتماقچى ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم. چۈنكى، مىنىڭ لوزۇنكىلىرىم پىلاستىك ماتېرىيالدىن ياسالغان بولغاچقا، قاتلىغىلى بولمايتتى، كۈتۈرۈپ يۈرۈشمۇ قولايسىز ئىدى. ئۇلار ماڭا رەختتىن ياسالغان لوزۇنكىلارنىڭ ئېلىپ يۈرۈشكە ناھايىتى قۇلايلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، قەيەردە ياساتقىلى بۇلىدىغانلىقىنى تەپسىلىي دەپ بەردى. ئۇلار يەنە، بىز ئۇيغۇرلار بىلەن بىللە خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى نامايىش قىلشنى ھەرۋاقىت خالايمىز، دېيىشتى.
مەن ئۇلارنىڭ ئالاقىلشىش نۇمۇرىنى ئېلىپ ۋە ئۇلارغا ئۇتۇق تىلەپ، خوشلاشماقچى بولۇپ تۇرسام، بانكا ئىچىدىن كاستۇم – بۇرۇلكا كىيىۋالغان بانكا خادىمى چىقىپ كەلدى، ئۇ ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە پاراڭلىشىپ، ئۇلارغا بىردىن ۋاراقچە تارقاتتى ۋە ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ھەر ۋاقىت تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مەن بانكا خادىمىنىڭ نامايىش يىتەكچىسى بىلەن سەمىمىيلىك بىلەن پاراڭلاشقىننى كۈرۈپ، ئىچىمدە بۈگۈنكى نامايىش بىلەن ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان ۋە بېرىۋاتقان نامايىشلارنى سېلىشتۇرۇپ، بىز نامايىشنى خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ مەنپەئەتىگە زەربە بولىدىغان ئەجەللىك يەرلەردە، يەنى
خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنى ئېلىپ بېرىشىغا ياردەملەشكەن تېخنىكا شىركەتلىرى، تەتقىقات مەركىزى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى ساتقان شىركەتلارنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بارساق، ئۇيغۇر قىرغىنچىلقىنىڭ رۇياپقا چىقىشغا ئاستىرىتتىن ياردەم بەرگەن ياكى ئۇيغۇر زامانىۋىي قۇللار تەرىپىدىن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى سېتىپ پايدا تاپقان شىركەتلەرنىڭ شەرمەندىچىلكىنى ئاشكارىلاپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى توختۇتۇشنى تەلەپ قىلساق ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى – يۇقىرى بۇلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم.
شۇنداقلا ئۆزۈممۇ خىتاي ھۈكۈمىتگە قارشى نامايىش ئىسىتىراتىگىيەمنى تەڭشەپ، نىشاننى يەرلىك خەلققە، ساياھەتچىلەرگە ئاڭلىتىشتىن بىۋاستە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا، ئۇيغۇر مەجببۇرىي ئەمگىكىگە چېتشلىق ئورۇنلارنىڭ ئالدىدا تىنچ نامايىش قىلىشقا ئۆزگەرتىشنى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشپ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ رۇياپقا چىقىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىدەك رەزىلىكىنى ئېچىپ تاشلاشنى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۈكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشماسلىقى، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلقىنى توختۇتۇش ئۈچۈن ئىنسانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشى، غەربنىڭ – ئىنسانلىقنىڭ – مەدەنىيەتنىڭ كىشلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا خىتاي بىلەن تىجارەت قىلىشى ۋە ھەمكارلىشىشىنى تەلەپ قىلىش ئاساسىدا قىلىشنى ئويلاشتىم.
ئىشىنىمەنكى، مۇشۇنداق قىلغان ۋاقتىمىزدا، خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى پائالىيەتلىرىمىزدە تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيمىز.
2024-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئامسفورت