ئەركىن ئالىپتېكىندىن سىيىت تارانچىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب

ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ سىيىت تارانچىنىڭ 10 سۇئالىغا بەرگەن جاۋابى مېنى ھەيران قالدۇردى. ئەركىن ئالىپتېكىن سىيىت تارانچىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بىرىدۇ-يۇ، نىمىشقا «مۇتلەق مەخپى ھۆججەت» ھەققىدىكى مىنىڭ سۇئالىمغا جاۋاب بەرمەيدۇ؟ چۈنكى مەن ئەركىن ئالىپتېكىن بىلەن بىر قانچە قېتىم تېلفۇندا پاراڭلىشىپ دادىسى ئەيسا يۈسۈپنىڭ 70 نەچچە يىلدىن بۇيان مىللەتنىڭ ھەققى بولغان شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ھەققىدىكى «مۇتلەق مەخپى ھۆججەت» مىللەتكە قايتۇرۇپ بىرىش ھەققىدىكى چىرايلىق ئۈتۈنۈشىمگە پىسەنتمۇ قىلماي، ھەتتا «مۇتلەق مەخپى ھۆججەتنى» ئىنكار قىلىپ دادىسىنىڭ خىيانىتنى يۇشۇرۇپ مىللەت ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۋېلشى مېنى ئۈمىتسىزلەندۇردى. ئەركىن ئالىپتېكىن چۇقۇم «مۇتلەق مەخپى ھۆججەت» ھەققىدە مىللەتكە ئۇچۇق جاۋاب بىرشى ئۇنىڭ مىللەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيتى. تۈۋەندىكى ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ سىيىت تارانچىغا بەرگەن جاۋاب خېتىنىڭ تەپسىلاتى.

ئىچىم پۇشۇپ ئولتۇرغان بىر مەزگىلدە، بەزى بىر يۇرتداشلار ماڭا تۈركىيەدىكى “سېيىت پوچى” دەپ ئاتالغان سېيىت تارانچىنىڭ رەھمەتلىك ئەيسا ئەپەندىم، مەسۇت ئەپەندىم، مۇھەممەت ئەمىن بۇغراھەزرەتىم، ئاكام مۇرات ۋە ماڭا «ھاقارەت قىلغان ئاۋازلىق سۈزى» نى ، يەنى ۋاتىىسئەپ گۇرۇلىپىرىدا ئېلان قىلغان ئاۋازلىق سۆزىنى ئەۋەتىشىپتۇ. ئاڭلىسام، چويلىدا توختىمايدىغان بۇرۇنقى يالغان-ياۋىداق، قۇرۇق گەپلەر ئىكەن.

باشلانغۇچ مەكتەپنىمۇ تۈگەتمىگەن، ساۋادى چىقمىغان، قولىغا بىر كىتابنى تۇتغۇزۇپ قويسا، ئوڭ-تەتۈرىنىمۇ بىلەلمەيدىغان بۇ ئادەمنىڭ سۆزلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا بەكمۇ ئىچىم ئاغرىدى.

كۆپلىگەن يۇرتداشلار «سېيىت پوچى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش ئىتلارنىڭ ئېلان قىلغان يازمىلارىغا جاۋاپ بىرىپ، ئۇلارنى مەشھۇر قىلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق» دەيىشكەن بولسىمۇ، ئۆزى ئوقۇيالمىغان تەقدىردە، باشقىسىغا ئوقۇتۇپ ئاڭلاپ، ھەقىقەتنى بىلىپ قالسۇن، دېگەن مەقسەدتە بۇ يازمىنى قەلەمگە ئېلىىش مەجبۇرىيىتىدە قالدىم. مېنى توساشقا تېرىشقان يۇرتداشلىرىمدىن كەچۈرۈم سورايمەن.

ئەييسا يۇسۇپ ئالىپتېكىن 1945-يىلى شەرقى تۈركىستان جمھۇرىيتىنى يىقىتىمۇ؟

1 . سېيىت پوچى «ئەيسا ئەپەندى 1945-يىلى ئۆزبەكىستاندىن خىتاي كونسۇلىنى ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتىنى ئاغدۇرغان» دەپتۇ.

توغرىسى: رۇسلار 12.10.1945 تارىخىدا ئەخمەتجان قاسىمى، ئوبۇلخەيرى تۆرە ۋە رەھىمجان سابىرىنى مىللەتچى خىتاي بىلەن تېنچلىق سۆھبەتلىرى ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىدۇ. سەككىز ئاي داۋام قىلغان تېنچلىق سۆھبەتلىرىدىن كىيىن، 21.01.1946 تارىخىدا مىللىيەتچى خىتاي بىلەن ئىلى ئىنقىلاپچىلىرى ئارىسىدا 11 ماددىلىق بىر بىتىم ئىمزالىنىدۇ. نەتىجىدە، «شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۈكۈمەت» قۇرۇلىدۇ. بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىن كېيىن، ئەھمەتجان قاسىمى 28.6.1946 تارىخىدا غۇلجىغا قايتىپ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ رەسمى تارقىتىلغانلىقىنى رەسمى رەۋىشتە ئېلان قىلىدۇ.

ئۈچ ئەپەندىنىڭ ئ‍الي مۇختارىيات «يۈكسەك ئۆزگۈرلۈك»  تەلەپ قىلىشى ئۇ كۇننىڭ شەرتلىرىگە كۈرە مەنتىقىلىق تەلەپ ئىدى.

2. سىيىت پوچى: «ئەيسا يۈسۈپ، مەسۇت سەبىرى ۋە مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا ئالي مۇختارىيەت تەلەپ قىلغان» دەپتۇ. ئۈچ ئەپەندىلەر، زامانىدا مىللەتچى خىتايدىن ئالىي مۇختارىيات تەلەپ قىلغانلىقىلىرىنى  ھىچقاچان يوشۇرغان ئەمەس. بۇنى بۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ. راھمەتلىك مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا ھەزرەتىم شۇ چاغدا مىللەتچى خىتايدىن شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئالىي مۇختارىيات تەلەپ قىلىشنىڭ سەۋەپلەرىنى 1952- يىلى ئىستانبۇلدا نەشىر قىلغان «شەرى تۈركىستان تارىخى، جوغراپىيەسى ۋە ھازىرقى ۋەزىيتى» ناملىق ئەسەرىدە ناھايىتى ياھشى ئىپادىلەيدۇ. بىراق، شەقى تۈركىستان ئۈچۈن ئالىي مۇھتارىيەت تەلەپ قىلغانلار پەقەت ئۈچ ئەپەندىلەرلا ئەمەس. ئەخمەتجان قاسىمى باشچىلىقىدىكى ئىلى ئىنقىلاپچىلىرىمۇ ئالىي مۇختارىيەت تەلەپ قىلغان.

ئەخمەتجان قاسىمى سېۋىت ئىتىپاقىنىڭ بۇيرىقى بۇيچە ئىش قىلغان.

3. سىيىت پوچى: «ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ نەنسەندە ئۈچ ئەپەندىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستاننى ئازات قىلىش پىلانىنى ئوچۇقلايدۇ، ئەمما ئۈچ ئەپەندىلەر بۇ پىلاننى قۇبۇل قىلمايدۇ» دەپتۇ. بۇ، سىيىت پوچىنىڭ كۆتىگە ئۇرۇپلا تاپقان يالغان- ياپىداق، قۇرۇق گەپلىرىدۇر.

ئەھمەتجان قاسىمى سېۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئۈرۈمچىگە كىلىپ مىللەتچى خىتاي بىلەن تىنىچلىق سۆزلەشمىلىرىنى  باشلايدۇ. بۇ سۆزلەشىشلەرگە كىرىشتىن بۇرۇن ۋە كىيىن ھەر كۈنى ئىككى قېتىم سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى باش كونسولى ئابباسوۋغا داكلات بىرىپ تۇرىدۇ.

مەسۇت سەبىرى ئەپەندىمنىڭ رەھمەتلىك قىزى گۈلتەكىن خانىم ئەنقەرەدە نەشىر قىلغان «قۇتۇلۇش يولى ئىزدىگەن شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ئەسەرىدە گېنىرال جاڭ جى جۇڭ بىلەن تىنىچلىق مۇزاكىرلەر ئېلىپ بېرۋاتقاندا  ئىلى ھەيئىتىنىڭ دادىسى مەسۇت ئەپەندىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ قىسقىچا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «دادام، ئەخمەتجان قاسىمىدىن سورايدۇ، سىلەر مىللەتچى خىتايدىن قانداق تەلەپلەردە بولۇۋاتىسىلەن؟»  دەپ. ئەخمەتجان قاسىمى «ئەركىنلىك» دەپلام جاۋاپ بىرىدۇ، باشقا گەپ قىلمايدۇ.

مەسۇت ئەپەندىم: «ھازىر سىلەرنىڭ قولۇڭلاردا ناھايىتى ياخشى بىر پۈرسەت بار. ئارقاڭلاردا بىر ئارمىيە بار. بىز قولىمىزدا ھىچ بىر نەرسە يوق، نۇرغۇن چوڭ تەلەپلەردە بولدۇق. ئەگەر سىلەر مۇستەقىللىق تەلەپ قىلالمىساڭلارمۇ، ئۇنىڭغا يېقىن بىر تەلەپتە بولۇڭلار» دەيدۇ.

ئەمما ئەخمەتجان قاسىمى باشلىق بۇ ئۈچ كىشىلىك ھەيئەت  «ئەركىنلىك» دىگەن سۆزدىن باشقا بىر گەپ قىلغىلى ئۇنۇمايدۇ.

بۇ سۆزگە مەسۇت سەبىرى ئەپەندىم «سىلەرنىڭ بۇ تەلەۋىڭلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئەمەس، مېنىمۇ قانائەتلەندۈرەلمىدى» دەيدۇ.

كۈكۈمىز كۆك تۈرۈكلەرنىڭ ياغما قەبىلىسىدىندۇر

5. سېيىت پوچى : «ئەركىن بىلەن ئاكىسى مۇرات خىتاي ئانىدىن تۇغۇلغان» دەپتۇ. ئەگەر ئاكام بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئانىسى سېيىت پوچى دىگەندەك خىتاي بولغان بولسا، بۇنى ھەرگىزمۇ يوشۇرمايتۇق. «دادىمىز بىر خىتاي ئايالنى جايلاپ، بىزنى تېپىپتىكەن» دەپ يۈرىۋىرەتتۇق. ئەمما ئەپسۇس، بىزنىڭ د ن ئا تەكشۈرۈشتە بىرئاز موڭغۇل،بىرئاز كەلتىك كۈپۈنچىسى ئورال ئالتاي قەۋىملىرىدىن چىققانلىقىمىز توغۇرلۇق ئىزلار بار. لېكىن خىتاي ئىزى يوق. بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلارىمىز ھەقىقىي يېڭىسارلىق. تارىخچىلار يېڭىسارلىقلارنى كۆكتۈركلەرنىڭ «ياغما» دەپ ئاتالغان بويىدىن كىلىپ چىققانلىقىنى ئىسپاتلاپ بولغان. جەڭگىۋار بىر خەلق بولغان يېڭىسارلىقلار تارىخ بويىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ قېلىچ، قالقان، پىچاق، نەيزە، ئوق-ياسايدىغان فابرىكاسى بولغانىكەن.

سىيىت پوچى كۈرتمۇ؟

سىيىت پوچى ئۆزىچۇ؟ »د ن ئا» تەكشۈرۈش بارمۇ؟ بىچارە «د ن ئا» نىڭ نىمە ئىكەنلىكىنمۇ  بىلمەيدۇ بەلكىم. بەلكى بىلسە ھەقىقەتنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ قىلىشىدىن قورقىدۇ.

راھمەتلىك ئاكىسى تۇرسۇن تارانچى «بىزنىڭ سۇلالىمىز شىمالى ئىراقتىن كەلگەن كۈرت» دىگەنىدى. دىمەك ، تۇرسۇن تارانچى سۇلالەسىنىڭ كىلىپ چىقىشىنى تەكشۈرتكەن.

ئۇ چاغدا سېيىت پوچى كۈرت بولغانلىقىنى نىمىشقا يوشۇرىدۇ؟ تۈركىيەدە بىر ماقال-تەمسىل بار:  «ئەسلىنى ئىنكار قىلغان ھارامزادە» دەيدىغان. كۈرتلەر ئۇزۇن ئۆتمۈش تارىخىغا ئىگە، مەدەنىيەتلىك ، شەرەپلىك بىر مىللەت. زادى سېيىت پوچىنىڭ سۇلالەسى، خىتاي ھۆكۈمەتىنىڭ 1959-يىلى « ئاتا-بوۋىلارىنىڭ چەتئەللىك بولغانلىقىنى ئىسپات قىلالايدىغانلار، خالىسا مەملىكەتتىن كوچۈپ كىتەلەيدۇ» دېگەن قارارى بويىچە شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىپ، ئافغانىستانغا ۋە ئۇ يەردىن تۈركىيەگە كىلىپ جايلاشقان.

ئابدۇللا تىمەننىڭ  ئەيسا ئالىپتېكىنگە 2000 دوللار بەرگەنلىكى سىيىت پوچىنىڭ خىيالى تەسەۋۇرى

6. سىيىت پوچى: «1994-يىلى ئابدۇللاھ تىمەن ئەيسانىڭ ئايلىقىنى ئېلىپ كەلدىم» -دەپ، شۇ چاغدا شەرقى تۈركىستان ۋەقپىنىڭ باش كاتىبى بولغان ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىمگە  2000 دولار بىرىپتىمىش. رەھمەتلىك رىزا بەكىن پاشا ۋەقپىنىڭ رەئىسى ئىدى. ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندىم بۇ پۇلنى ئالدىمۇ، ئالمىدىمۇ، ئالغان بولسا ئەيسا ئەپەندمگە بەردىمۇ بىلمەيەن. ئەگەر ئەيسا ئەپەندىگە بەرگەن بولسا، مىنىڭ مۇتلەق رەۋىشتە خەۋەرىم بولاتتى. چۈنكى مەن 1961- يىلىدىن تارتىپ داداملارنىڭ كىرىم- چىقىملىرىنى ھىسابلاب بىرىش مەجبۇرىيتىدە ئىدىم.  بۇ بۇ خىيالمىۇ  سېيىت پوچىنڭ قوڭغا ئۇرۇپ تاپقان بىر يالغان-ياۋىداق قۇرۇق گەپى. چۈنكى مەھمەت ئەمىن بۇغرا ھەزرەتىم، ئەيسا ئەپەندىم باشچىلىقىدىكى چەتئەللەردە ياشاۋاتقان يۇرتداشلارىمىز 1956-يىلىدا سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئېچىلغان چەتئ‍ەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىرىنجى قۇرۇلتايىدا «ئەگەر مىللەتچى خىتاي سىمۋوللۇق رەۋىشتە بولسىمۇ ھازىردىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلمىسا، گومىنداڭ ھاكىمىيەتى ئاستىدا بولغان تەيۋەن بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پۇتكۈل ئالاقىلار ئۈزۈلىدۇ، تەيۋەندىن ماددى ياردەم ئېلىنمايدۇ ۋە تەيۋەن بىلەن باردى-كەلدى قىلىنمايدۇ» دېگەن قارار ئېلىنغان ئىدى. مىللەتچى خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مۇزاكىرىلەر ھىچ بىر نەتىجە بەرمىگەندىن كىيىن، تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىلار 1966-يىلىدىن كىيىن پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن ئىدى. بۇنداق بىر شارائىتتا ئابدۇللاھ تىمەننىڭ «ئەيسا ئەپەندىمنىڭ ئايلىقىنى ئەلىپ كەلدىم» دىيىشىمۇ مۈمكىن ئەمەستى.

سىيىت پوچى ماسىنىسنى ھىچكىمگە بىكارغا بەرمەس

7. سىيىت پوچى: «ئەيسا ئەپەندىمۇ پايدىلانسۇن دەپ، ئوغلى ئىلغارغا ئەرزان باھادا ماشىنىسىنى ساتقانلىقىنى» ئىپادە قىپتۇ. ھالبۇكى ئەيسا ئەپەندىنىڭ سېيىت پوچىنىڭ ماشىنىسىغا ھىچ ئىھتىياجى يوق ئىدى. چۈنكى تۈركىيە گېزىتىنىڭ ئىگىسى ۋە ئىخلاس شىركىتىنىڭ باشلىقى بولغان ئەنۋەر ئۆرەن ئەپەندى ئىككى يىل ئارىسىدا ئەيسا ئەپەندىگە ئىككى ماشىنا سوۋغا قىلغان ئىدى.

سىيىت پوچى ئەيسا يۈسۈپ ئالىتېكىن ئائىلسىگە پۇل بەرمىدى، بەلكى ئائىلسى بۇيچە ئەيسا يۈسۈپ ئائىلسىدىن يۈز ئۆرىدى.

8. سىيىت پوچى: «مەن بۇلارغا، يەنى ئەيسا ئەپەندىملەرگە يامان جىق پۇل بەردىم» دەپتۇ. ئەگەر ھەقىقەتەن بەرگەن بولسا، ئەلبەتتە رەھمەت ئېيتاتتۇق. ئەمما يالغان! ئۆزىنىڭ بالا- چاقالارىنىڭ ئىھتىياجىنى قامدىماي، ئۇلارنى قاقشىتىپ يۈرگەن ئادەم ئەيسا ئەپەندىگە پىتىنىمۇ بەرمەيدۇ. سېيىت پوچىنىڭ ھازىرغىچە «بەردىم» دىگەن گەپلەرىنىڭ ھىچ بىرىگە ئىشەنمەسلىك كېرەك. ئۆز ۋاقتىدا مىللەتكە «بىز شەرقىي تۈركىستان ۋەقفىنى ياساش ئۈچۈن 1.5 مىليون دولار بەرگەن» دىگەن گەپى يالغان بولۇپ چىققانىدى. يۇرتداشلارنىڭ ئىپادە قىلىشىچە، بىرىش بىر ياقتا تۇرسۇن، سېيىت پوچى غۇلجىدا يۈز بەرگەن نامايىش ۋە قەتلىئامدىن كىيىن، ئىستانبۇلدىكى يۇرتداشلار خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەملىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە يىغقان يۈزمىڭلارچە دوللارنىڭ ھىسابىنى ھازىرغىچە بەرگەن ئەمەس. بۇ پۇلغا سېيىت پوچى مەسئۇل بولغانىكەن.

سىيىت پوچى شەرقى تۈركىستان مىللىي مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەمەس

9.  سېيىت پوچى «شەرقىي تۈركىستان مىللى مۇستەقىللىق مەركىزى» نى مەن قۇرغان دەپ داۋراڭ سېلىپ يۈرۈيدۇ. ھالبۇكى، شەرقىي تۈركىستان مىللى مۇستاقىللىق مەركەزى 1956-يىلى ئىستانبۇل راھمەتلىك مۇھەممەت ئەمىن بۇغرا، ئەيسا ئالپتېكىن، پولات قادىرى، ساتتار چوبان، ئادۋۇكات ئىلخان مۇساباي، تۇردى ئاخۇنباي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىر قانچە زىيالىنىڭ ئىستىراكىدا قۇرۇلغان ئىدى. مۈكەممەل ئىنگىزچە ۋە گېرمانچە بىلگەن تۇردى ئاخۇنباي تەشكىلاتقا «شەرقى تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق مەركىزى» ئىسمىنى بەرگەن. شۇچاغدا بۇ مەركەزنىڭ رەئىسلىكىگە مەھمەت ئەمىن بۇغرا، ئورۇنباسارلىقىغا ئەيسا يۈسۈپ ئالپتېكىن ۋە دائىمى باش كاتىپلىقىغا پولات قادىرى (ئۇيغۇرچە يېزىش-سىزىش ئىشلىرىگە مەسئۇل )، تۇردى ئاخۇنباي (ئىنگىلىزچە ۋە ئالمانچە يېزىش-سىزىش ئىشلىرىگە مەسئۇل) ئىككى نەپەر باش كاتىپ سايلانغان ئىدى. شۇ يىللاردا چەئ‍تەل دۆلەتلەرى، پارلامىنىتلرى، بىرلەشمە مىللەتلەر تەشكلاتى، خەلقارا تەشكىلاتلارغا يېزىلغان رەسمىي خەتلەر شەرقىي تۈركىستان مىللى مۇستەقىللىق مەركىزى نامىدىن يېزىلغان ئىدى.

10.سىيىت پوچى؛ بىزلەرنى «خىتايچى» دەپ قارالاشقا تىرشىپتۇ. يا ئۆزىچۇ؟ دىيىلگەن گەپلەرگە قارىغاندا، سەيىت پوچىنىڭ قازاقىستاندا خىتايلار بىلەن قۇرغان ئورتاق بىر فابىرىكىسى بارىكەن. يەنە شۇنداقلا ئۈرۈمچىدە تىرە فابرىكىسى بارىكەن. ئۈرۈمچىدە ھاراق ئىچىملىك ساتىدىغان دۇككانللىرىمۇ باركەن. ئەگەر مۇشۇ ئىددىئالار توغرا بولسا، ئەجبا سېيىت پوچى خىتايلار بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ تىجارەتىنىڭ بەدەلى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا خىيانەت قىلىشنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئارىسىدا يالغان ئۇچۇر تارقىتىشنى ئۈچ ئەپەندىلەر ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقالارىغا قارشى ئىغۋا يۈرگۈزۈشنى ۋەزىپە قىلىۋالدىمۇ؟

ئۆزى بىر غېرىچ، ساقىلى ئىككى غېرىچ بولسىمۇ، ئىنساننىڭ كۆزىنىڭ ئىچىگە قاراپ تۇرۇپ يالغان گەپ قىلىدىغان، ئىغۋا تارقىتىپ ئىنسانلارنى بىر بىرىگە دۈشمەن قىلالايدىغان، يالغان-ياۋىداق، قۇرۇق گەپلەر بىلەن ئىنسانلارنى تىز ئالدىيالايدىغان خىسلەتلەر بار بۇ جانىۋارنىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ خاراكترىنى بىلگەن كۆپلىگەن يۇرتداشلارىمىز بۇ ئادەم بىلەن ئالاقا قىلمايدۇ، ئارىغا ئالمايدۇ ۋە بادى-كەلدىدىن ئۇزاقتا.

سېيىت پوچى 2019-يىلى مېنى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئالدىدا ئوچۇق مۇنازىرە ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلغان ئىدى. مەن قۇبۇل قىلغانلىقىمنى دەرھال يازما رەۋىشتە ئېلان قىلدىم. ۋاقتىنى يەنى كۈنى، يەر ۋە سائەتىنى سېيىت پوچى بەلگۈلىمەكچى ئىدى. ئەمما سېيىت پوچىدىن ھازىرغىچە ھىچ زۇۋان چىقمىدى. مەن بۇ يەردە سېيىت پوچىنىڭ ۋەدەسىنى ئورۇنداشىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمەن.

ئەسكەرتىش:  مەن 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەركىن ئالىپتېكىننىڭ سىيىت تارانچىنىڭ سۇئاللىرىغا  يېڭى يېزىىقچە بەزەنلىرى تۈرۈكچە يېزىلغان جاۋابنى ۋاتىسئەپتىكى ئۇيغۇر مۇنبىرى دىگەن توپتىن كۈچۈرۈپ ئېلىپ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان يېزىقىغا ئايلاندۇرۇپ ئېلان قىلدىم. مەن پەقەتلا ئۇيغۇرچە ھازرىقى زامان يېزىقىغا ئايلاندۇررغاندا كىلىپ چىققان بەزىبىر خاتالىقلارنى تۈزتىپ قويدۇم. مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان يېرى ئەركىن ئالىپتېكىنغا بىر قانچە قېتىم تېلفۇن قىلىپ بىر قانچە سۇئاللارنى سوراش بىلەن دادىسى ئەيسا يۈسۈپنىڭ «ئەسىر شەرقى تۈركىستان» ناملىق قول يازمىسىنىڭ 500-بېتىدە تىلغا ئالغان  شەرقى تۈركىستاننىڭ بېسۋېلىنغان زىمىن ھەققىدىكى «مۇتلەق مەخپى ھۆججەت» ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققى. بۇنى مىللەتكە قايتۇرۇپ بىرىش ھەققىدە نەچچە قېتىم يازما ياكى تېلفۇن ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىمغا ھازىرغىچە جاۋاب بەرمىگەنلىكى مىنى ئۈمۈتىسىزلەندۇردى. نىمە ئۈچۈن ئەركىن ئالىپتېىن بۇ مۇتلەق مەخپى ھۆججەت ھەققىدە مىللەتكە ئېنىق جاۋاب بەرمەيدۇ؟ مەنمۇ سىيىت تارانچىدەك ئەيسا يۈسۈپ جەمەتىنىڭ شەخسىيتىگە ھۇجۇم خارەكتېرلىك سۇئال قويسام جاۋاب بىرەمسىز؟

2023-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى