شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى مۇستەقىللىق كۈنى ئامىستېردام دام مەيدانىدا خاتىرىلەندى

11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم، يەنى 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى سابىت داموللام رەھبەرلىكىدە قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى ۋە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلىخان تۈرەم رەھبەرلىكىدە غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى.

2023 – يىلى 12 – نويابىر (يەكشەنبە) ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردام دام مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

سائەت 10:30 باشلانغان بۇ پائالىيەتكە گوللاندىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن ئامىستېردام دام مەيدانىغا يىغىلغان ئۇيغۇرلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ۋە «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈننى خاتىرلەيمىز» دېگەن پىلاكاتنى كۈتۈرۈشۈپ، ئاۋال دام مەيدانىنى ئايلىنىپ نامايىش قىلدى. ئارقىدىن،

شەرقىي تۈركىستان دۆلەت مارشىنى ياڭرىتىپ، بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

بايراق چىقىرىش مۇراسىمدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇرچە ۋە گوللاندچە يېقىنقى زامان تارىخىمىزدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنى خاتىرلەشنىڭ ئەھمىيتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەپ:

«مىڭلىغان شېھىتلىرىمىزنىڭ ئىسسىق قانلىرى بەدىلىگە قۇرۇلغان بۇ مۇقەددەس ئىككى جۇمھۇرىيتىمىز يىللاردىن بۇيان دىياسپۇرادىكى خەلقىمىز تەرپىدىن بىر ئەڭگۈشتەر سۈپتىدە قەدىرلىنىپ كەلمەكتە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەريىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ھەرخىل شەكىلدە جۇمھۇرىيەت كۈنىمىز خاتىرلىنىپ كەلمەكتە. چۈنكى بۇ ئىككى جۇمھۇرىيتىمىز ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىق سىموۋولى، شۇنداقلا بۇ ئىككى جۇمھۇرىيتىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن قىممەتلىك تەجىرىبە ساۋاقلار ۋە جەڭگىۋار مىللىي روھ ھازىر بىز داۋام قىلدۇرۇپ كىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ قىبىلنامىسى ۋە خەلقىمىزنىڭ روھىي ئۇزىقىدىن ئىبارەت. بۇ ئىككى جمھۇرىيتىمىزنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭ غايىبانە روھىغا ۋاراسلىق قىلىش ھەربىر شەرقى تۈركىستانلىقنىڭ مىللىي ۋە ۋىجدانى بۇرچىدۇر» دىدى.

ئارقىدىن بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان گوللاندىيەدىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، سىياسى پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر، گوللاند ۋە ئىنگلىز تىلىدا نوتۇق سۆزلەپ،

خىتاي ئىشغالىيىتىنىڭ تارىخى ۋە مۇستەملىكە سىياسىتى، 2017 – يىلىدىن باشلاپ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىگەن ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ زىيانكەشلىكى، شۇنداقلا دۇنيا جامائىتىنىڭ قاتىل خىتاينىڭ جىنايەتلىرىگە قارشى تەدبىر ئېلىشىنىڭ زۆرۈرلىكى قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئايرىم – ئايرىم سۆز قىلدى.

بۈگۈنكى بۇ پائالىيەتكە ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە تىبەتلەر، كانتۇنىيلىكلەر، ،خاڭكۇڭلۇقلار، جىنلىقلارمۇ قاتنشىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇستەملىكە خەلقلەرگە قىلغان قىرغىنچىلىقىلىرى، زۇلۇم – باستۇرۇشلىرى، شۇنداقلا خىتاي مىللىتى ئىچىدىكى ئوخشىمىغان سىياسىي ۋە دىنىي قاراشتىكى ئىنسانلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىش سىياسىتى ئۈستىدە سۆزقىلىپ، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكچى سىياسىتىنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى ئېچىپ بەردى.

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

2023-يىلى 11-ئاينىڭ 13-كۈنى