گوللاندىيەدە غۇلجا قىرغىنچىلقىنىڭ 27-يىللىقىنى خاتىرلەش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

5-فېۋرال، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى يەنە بىر قېتىم ئېغىر جاراھەتلەندۈرگەن، ۋەھىمىلىك «غۇلجا قىرغىنچىلىقى» بولغان كۈندۇر.

غۇلجا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، مەدەنىيتىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىغان ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەرلەردىن بىرسى بۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخدا خىتاي گومىنداڭ ھۈكۈمىتىگە قارشى دەۋىر بۆلگۈچ ئىنقىلاب پارتىلاپ، 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يەنە بىر قېتىم دۇنياغا ئۈزىنىڭ مۇستەققىلىقىنى جاكارلاپ، 2-قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنى قۇرغان يەردۇر. شۇڭا غۇلجا خىتاي ھۈكۈمىتىگە نىسبەتەن ئەڭ سەزگۈر رايۇنلارنىڭ بىرسى بولۇپ كەلگەن.

بۇنىڭدىن 27 يىل مۇقەدەم، يەنى 1997-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى

نەچچە يۈزلىگەن ئۇيغۇرياش ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنىڭ رەھبەرلىكىدە، مەشرەپ ۋە پۇتبۇل ھەركىتىنىڭ چەكلىنىشى، باللار ۋە ئاياللارنىڭ خىتاي شەھەرلىرىگە ئالداپ ئېلىپ كىتىلىشى، زەھەرلىك چىكىملىكنىڭ يامراپ كېتىشىگە يول قويۇلىشى … قاتارلىق ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى تىنىچ شەكىللىك نامايىش قىلغان.

لىكىن خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ نامايىشتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىپ، ساقچى، قوراللىق ئەسكەرلەر، ساقچى ئىتلىرى ۋە كۆيدۈرگۈچ قوراللارنى ئىشلىتىپ نامايىشنى قانلىق باستۇرغان. ئىككى ھەپتىگىچە ھەربى ھالەت يۈرگۈزۈپ، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ نەچچە مىڭلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرنى تۇتۇپ تۇتقان.

2-ئاينىڭ 5-كۈنى تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى ئۈستى ئۇچۇق بىر مەيدانغا توپلاپ، قېلىن قارنىڭ ئۈستىدە يالاڭئاياق مېڭىشقا مەجبۇرلىغان ۋە يۇقىرى بېسىملىق شىلانكىدا سۇ چېچىپ پۇت-قوللىرىنى توڭلىتىۋەتكەن. پۇت-قوللىرى ئۈششۈپ كەتكەنلەرنىڭ پۇت-قوللىرى كىسۋېتىلگەن. نامايىش يىتەكچىللىرىگە ئۇمۇمىيۈزلۈك ئۈلۈم جازاسى بېرىلگەن. نامايىشقا قاتناشقۇچىلار تا ھازىرۈىچە تۈرمىلەردە قىيىن-قىستاق ئاستىدا ياشماقتا…

ھەريىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەردە غۇلجا قىرغىنچىلقىنى خاتىرلەپ ھەرخىل شەكىلدە خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىگە قارشى نارازىلقىنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ يىل گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلار ئىتىپاقى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللاش تەشكىلاتنىڭ ئورۇنلاشتۇرشىدا، ئامىستېردام دام مەيدانىدا نامايىش قىلدى.

نامايىشتا بۇ قاباھەتلىك كۈن يەنە قايتىدىن ئەسلەندى، خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە ئىرقى قىرغىچىلىقى دام مەيدانىدىكى گوللاند ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئاڭلىتىلدى.

بۇ قېتىملىق نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن باشقا تىبەتلەر، كانتونىيلىكلەر، خاڭكۇڭلىقلارمۇ قاتنىشىپ خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلقىغا قارشى كۈچلۈك نارازىلقىنى ئىپادىلەپ سۆز قىلدى.

نامايىش جەريانىدا «فاشىست خىتاي»، «تېرورىست خىتاي»، «تىرورىست شى جىنپىڭ»، «خىتاي شەرقى تۈركىستاندىن چىقىپ كەت»، «شەرقى تۈركىستانغا مۇستەقىللىق»، «تىبەتكە مۇستەقىللىق»، «كانتونىيەگە مۇستەقىللىق»، «خوڭكوڭغا مۇستەقىللىق»، «خىتاي ھۈكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختات»، «بىزگە ئەركىنلىك كېرەك»، «بىزگە ئادالەت كېرەك» … دىگەندەك شۇئارلار توۋلاندى. نامايىش چۈشتىن كىيىن سائەت 14:00 دىن 16:00 گىچە داۋاملاشتى.

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

2024-يىلى 2-ئاينىڭ 5-كۈنى، گوللاندىيە