ۋىجدان كامىراسى ۋە مەنپەت كامىراسى

23-ئاپرېل كۈنى، گوللاندىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى NOS نىڭ ئىنستىگرام سەھىپىسىدە ئامېرىكىلىق فوتوگراف كارول گۇزى (Carol Guzy) تەرىپىدىن تارتىلغان بىر پارچە سۈرەتنىڭ ئامىستېردامدىكى word press photo تەرپىدىن « 2026-يىللىق ئەڭ ياخشى سۈرەت» بۇلۇپ باھالانغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى كۈرۈپ قالدىم. دۇنياۋى شەرەپكە ئېرىشكەن ئاشۇ سۈرەتنى كۆرۈپ، ۋۇجۇدۇمدا ئاچچىق بىر سىلكىنىش ھېس قىلدىم. كۆز ئالدىمدا 2026-يىلى 14-فېۋرال كۈنى، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ئادالىتىنىڭ سىمۋولى بولغان دەنھاخ (The Hague) شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا بېشىمغا كەلگەن پاجىئەلىك مەنزىرىلەر قايتا كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى.

شۇ كۈنى، خىتاي ئەلچىخانىسى ئۇيۇشتۇرغان «يېڭى يىل» تەبرىكلەش پائالىيىتىدە، مەن قولۇمدا بىر پارچە پىلاكات تۇتۇپ، تىنچ شەكىلدە ئۆز نارازىلىقىمنى بىلدۈرۈۋاتقىنىمدا، خىتاي ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى ۋە گوللاندىيەدىكى ئىككى خىتاي تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ماڭا ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم قىلدى. قوللىرىمنى قايىرىپ  پىلاكاتنى تارتىۋېلىپ قايتۇرۇپ بەرمىدى. بوينۇمنى جەينىكى بىلەن بوغۇپ، يەرگە يىقىتىپ نەق مەيداندىن سۆرەپ چىقىپ كەتتى.

بىر تەرەپتە ئامېرىكىدىكى بىر ئائىلىنىڭ ئايرىلىش ئازابىنى تەسۋىرلىگەن سۈرەت دۇنياۋى مۇكاپات بىلەن ئۇلۇغلانسا، يەنە بىر تەرەپتە دۇنيانىڭ دىمكۇراتىيە ۋە ئادالەتنىڭ سىمووۋىلى بولغان دەنھاخ شەھرىنىڭ يۈرىكىدە، شەھەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ ئىچىدە بىر ئىنساننىڭ بوغۇلغان ئاۋازى ۋە يەرگە يىقىتىلغان گەۋدىسى تاراتقۇلار تەرىپىدىن باستۇرۇپ قويۇلدى.

مەن مېدىيا ساھەسىدىكى مۇشۇ ئادالەتسىزلىكنى ۋە ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن، قولۇمغا قەلەم ئېلىپ بۇ ئاچچىق سېلىشتۇرمىنى يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم.

سىستېمىلىق ئايرىۋېتىش ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش

ئامىستېردامدىكى word press photo تەرپىدىن يۇقىرى باھا بېرىلگەن ئامېرىكىدىكى سۈرەتتە، بىر ئائىلىنىڭ قانۇنىي سىستېما تەرىپىدىن مەجبۇرىي پارچىلىنىۋاتقان ئاچچىق دەقىقىسى خاتىرىلەنگەن. ئۇ يەردە دۆلەت ئاپپاراتى ئۆز قانۇنىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولسا، دەنھاخ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا يۈز بەرگىنى تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بىر رېئاللىق — خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ «دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشى» (Transnational Repression) ئىدى.

مېنىڭ قولۇمدىكى پىلاكات خىتاي ھۈكۈمىتىدىن پەقەت بىرلا سوئالنى سورايدىغان قورال بۇلۇپ: «خىتاي ئىشغالىيتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا غايىب بولغان 19 ئائىلە ئەزالىرىم، خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان ئىرقى قىرغىنچىلقىنىڭ جانلىق ئىسپاتى، شۇنداقلا مىليۇنلىغان غايىب بولغان ئۇيغۇرنىڭ جانلىق بىر كارتىنسى ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ خىتاي ھۈكۈمىتنى ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى. ئەپسۇس دېموكراتىيەنىڭ سىمۋوللۇق مەركىزىدە، يات بىر دۆلەتنىڭ يەنى خىتاي دۆلىتىنىڭ زوراۋان كۈچلىرى تەرىپىدىن گوللاندىيە پۇقراسى بولغان بىر ئۇيغۇرنىڭ قولىنىڭ قايرىلىپ پىلاكاتنىڭ ۋەھشىيلەرچە تارتىۋېلنىشى ۋە بۇينىنى ۋەھشىيلەرچە قايرىپ يەرگە يىقىتىپ زوراۋانلىق بىلەن نەق مەيداندىن ئېلىپ چىقىپ كىتىلشى دېموكراتىيەنىڭ يۈزىگە سۈركەلگەن بىر قارا داغ بۇلۇپ قالدى.

كۆرۈنۈشتىكى ئوخشاشلىق، ماھىيەتتىكى زىددىيەت

كارول گۇزىنىڭ سۈرىتىدە ئائىلىسىدىن ئايرىلىۋاتقان دادا ۋە بالىلارنىڭ پىغانى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ — دۆلەت كۈچىنىڭ بىر ئائىلىگە كۆرسەتكەن سىستېمىلىق بېسىمىنىڭ ھۆججەتلىك ئىسپاتى. مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن ۋەقەدىمۇ ئوخشاش بىر كۆرۈنۈش بار: بىر ئۇيغۇرنىڭ بويۇن ۋە قوللىرى قايىرىلىپ، قولىدىكى سۈرەتلەر ۋە پىلاكاتلار زوراۋانلىق بىلەن تارتىۋېلىنغان. يۈزەكى قارىغاندا، ھەر ئىككىلىسىدە «تۇتقۇن قىلىش» ۋە «ئايرىۋېتىش» بار.

ئەمما ماھىيەتتە، ئامېرىكىدىكى سۈرەت پاجىئەنىڭ گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە مۇكاپاتلاندى، دۇنيا ئۇنىڭغا قاراپ ئېچىندى. مېنىڭ قولۇمدىكى سۈرەتلەر بولسا، زوراۋانلار تەرىپىدىن زورلۇق بىلەن ۋەھشىيلەرچە تارتىۋېلىندى.

بىر تەرەپتە سۈرەت ئارقىلىق پاجىئە پاش قىلىنىۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتە سۈرەتنى يوقىتىش ئارقىلىق ھەقىقەتنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇش بار ئىدى.

ھەقىقەت بىلەن مەنپەئەتنىڭ توقۇنۇشى: نەق مەيداندىكى سۈكۈت

شۇ كۈنى دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا گوللاندىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق تاراتقۇلىرى، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى ۋە پروفېسسىيونال فوتوگرافلىرى بار ئىدى. خىتاي ئۆز كۈچىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن، دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار ئۈسكۈنىلەرگە ئىگە ئاشۇ داڭلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئالاھىدە تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئۇلار مېنىڭ بوينۇمنىڭ بوغۇلۇشىنى، قۇلۇمدىكى پىلاكىتىمنىڭ تارتىۋېلىنىشىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ۋە خاتىرىلىدى.

ئەمما ئەپسۇسكى، ھېچقايسىسى بۇ ھەقىقەتنى ئېلان قىلمىدى. نېمىشقا؟

بەلكى خىتاينىڭ كۆڭلىنى رەنجىتىشتىن، ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرىنى يوقىتىپ قويۇشتىن ياكى خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورققاندۇر. مانا مۇشۇ يەردە، ئاخباراتچىلىقنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋەزىپىسى — ھەقىقەتنى ئاشكارىلاش — مەنپەئەتپەرەسلىك ئالدىدا تىز پۈكتى.

NOS، RTL، Omroep West قاتارلىق قاناللارغا شۇ كۈندىكى ماتېرىياللارنى ئەۋەتىپ بەرگەن بولساممۇ، ئۇلار سۈكۈتنى تاللىدى.

ئاددىي تېلېفون ۋە ۋىجداننىڭ غەلىبىسى

ئەمما ھەقىقەت يوشۇرۇلۇپ قالالمىدى. شۇ كۈنىدىكى ۋەھشىي زوراۋانلىقنىڭ ئىسپاتى بولغان ۋىدېيونى، خىتاي ئۆكتىچىسى شىڭ سۇڭلىن (Xing Songlin) ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى تېلېفونى بىلەن مەخپىي خاتىرىلىگەن ئىدى. ئۇ پروفېسسىيونال فوتوگراف ئەمەس، پەقەت ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ قالالمىغان ئاددىي بىر ئىنسان ئىدى.

مەن بۇ ۋىدېيونى AD Amersfoort گېزىتىنىڭ مۇخبىرى Iris van den Boom خانىمغا ئەۋەتتىم. Iris خانىم نەق مەيداندا بولمىسىمۇ، ۋىدېيونى كۆرۈپلا ھەقىقەتنى ئېچىش ئۈچۈن مۇخبىرلىق ئەخلاقىنى ھەممىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئەتىسىلا — 16-فېۋرالدا — خىتاينىڭ زوراۋانلىقىنى پاش قىلغان تۇنجى خەۋەرنى ئېلان قىلدى.

گوللاندىيەدىكى چوڭ تاراتقۇلار خىتاي ئالدىدىكى مەنپەئەتتىن قورقۇپ سۈكۈت قىلسا، Iris خانىم 19 ئائىلە ئەزاسى خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلقىنىڭ قۇربانى بولغان، ئاۋازسىز قالغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ساداسىغا ئايلاندى.

فوتوگرافلىق ئەخلاقىنىڭ ئىككى قۇتۇبى

ئامېرىكىلىق فوتوگراف كارول گۇزى ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن پەرۋا قىلماي، بىر ئائىلىنىڭ پارچىلىنىشىدىكى ئازابنى دۇنياغا ئاشكارىلاپ، فوتوگرافچىلىق ئەخلاقىنىڭ چوققىسىنى نامايەن قىلدى. ئەمما دەنھاقتىكى نەق مەيداندا بولغان ئاخبارات ۋاستىلىرى سۈكۈتنى تاللاپ، ئاخبارات ئەخلاقىغا خىيانەت قىلدى. ئەگەر ئۇلارمۇ دادىل بولغان بولسا، بەلكى بۈگۈن خىتاينىڭ ياۋروپانىڭ مەركىزىدىكى زوراۋانلىقى پۈتۈن دۇنياغا باشقىچە پاش بولغان بولاتتى.

ئەپسۇس، ھەقىقەت بىلەن مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ زىددىيەت، بىر ئۇيغۇرنىڭ غايىپ بولغان ئائىلىسىنىڭ قىسمىتىنى يوشۇرۇشقا سەۋەبچى بولدى. دۇنيا بىر تەرەپتە ئامېرىكىدىكى ئائىلە ھىجرانىنى مۇكاپاتلار بىلەن ئالقىشلىسا، يەنە بىر تەرەپتە خىتاينىڭ ياۋروپانىڭ مەركىزىدىكى زوراۋانلىقىنى مەنپەئەت ئۈچۈن كۆرمەسكە سالدى.

مارتىن ليۇتېر كىڭ ئېيتقاندەك: «تارىخ شۇنى خاتىرىلەيدۇكى، بۇ دەۋردىكى ئەڭ چوڭ پاجىئە يامانلارنىڭ زۇلۇمى ئەمەس، بەلكى ياخشىلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىدۇر.»

دېموكراتىك دۆلەتلەر سىرتتىن كەلگەن بۇ مۇستەبىت «ئۇزۇن قول»لارنى كېسىپ تاشلىشى، ئاخباراتچىلار بولسا كامېرا ئوبيېكتىپىنى مەنپەئەتكە ئەمەس، ۋىجدانغا توغرىلىشى كېرەك. بىر تەرەپتە مۇكاپاتلانغان ئازاب، يەنە بىر تەرەپتە سۈكۈت بىلەن يوشۇرۇلغان زوراۋانلىق. بىرىنچى سۈرەت كۆز يېشىنىڭ خاتىرىسى بولسا، ئىككىنچى سۈرەت ھەق-ئادالەت تەلەپ قىلغان ۋىجداننىڭ جەڭگىدۇر.

ھەقىقەتنى سۆزلىگەنلەرنىڭ نامى مەڭگۈ قالىدۇ، مەنپەئەت ئۈچۈن سۈكۈت قىلغانلار بولسا تارىخنىڭ ئادىل سوتىدىن قۇتۇلالمايدۇ. ئادالەت يولىدا چەككەن ئازابنىڭ ھۆرمىتى مەڭگۈلۈكتۇر!

قۇشۇمچە: بۇ ماقالىنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسى Bitter Winter دا ئىلان قىلىندى. ئۇلۇنىشى تۆۋەندە:

ماقالىنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخىسى Bitter Winter دا

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

يېزىلغان ۋاقتى: 2026-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى

مەنبە:

https://www.instagram.com/p/DXeaaE3DLpy/?img_index=1&igsh=ejM5MXJ0MWZpYmli