
ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا، رەڭگى رويىڭ سامان بولماس- ئۇيغۇر ماقال تەمسىلى
خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئانا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىن ئايرىلىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا — دىياسپورادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر توپلىمى ئۈچۈن، مىللىي كىملىكنى، ئانا تىلنى ۋە مۇقەددەس قىممەت قاراشلارنى قوغداش ھەم كەلگۈسى ئەۋلادلارغا ئامان-ئېسەن يەتكۈزۈش مۇساپىرلىق قىسمىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ ئالىي بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىدۇر.
ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى ھەر يىلى ئەنئەنىۋى يوسۇندا ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان قۇربان ھېيت ۋە روزا ھېيتلاردا «ھېيتلىق نېسىۋىمىزگە بىرگە تېتىيلى» ناملىق پىروگرامما ئاساسىدا، ئۆزىمىزنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى ئاساس قىلغان ئىجتىمائىي يىغىلىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بۇ پائالىيەتلەر مۇساپىرچىلىقنىڭ ئېغىر كۈنلىرىدە قەلبى پۇچلانغان، ۋەتىنىنى سېغىنغان ئۇيغۇر جامائىتىنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، كۆڭۈللەرگە تەسەللىي بېرىشتە تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتىدۇ. دەرۋەقە، بۇ يىلمۇ 2026-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن قۇربان ھېيتلىق پائالىيەت دەل مۇشۇ تارىخىي بۇرچنىڭ دىياسپورادىكى جانلىق بىر كارتىنىسى ۋە مىللىي روھنىڭ ئوتلۇق نامايەندىسى بولدى.

سىستېمىلىق كۈن تەرتىپ ۋە كۆڭۈللەرنى نۇرلاندۇرغان دەقىقىلەر
پائالىيەت بېكىتىلگەن كۈن تەرتىپ بويىچە ناھايىتى سىستېمىلىق، تەرتىپلىك ۋە قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئېلىپ بېرىلدى. رىياسەتچى ئەلىشەرنىڭ ئوچۇق چىرايلىق يېتەكچىلىكىدە باشلانغان بۇ مۇبارەك سورۇن، ئالدى بىلەن مۇھەممەدئۆمەر قارىھاجىمنىڭ يېقىملىق ئاۋازىدا ئوقۇلغان مۇقەددەس ئىلاھىي كىتابىمىز — قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن نۇرلاندى. ئارقىدىنلا، كۆڭۈللەرنى تىترىتىپ، مىللىي غۇرۇر ۋە ئۆتمۈشنىڭ شانلىق يادنامىلىرىنى ئويغاتقان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت مارشى ياڭرىدى.
جەمئىيەت رەئىسى ئۇبۇلقاسىم ئابدۇئەزىز ئېچىلىش سۆزىدە، ئالدى بىلەن پۈتۈن ھازىر بولغۇچىلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى سەمىمىي مۇبارەكلىدى. ئۇ ئۆز سۆزىدە، مۇساپىرچىلىق ھاياتىمىزدا ئازراق بولسىمۇ پۇچلانغان قەلبىمىزگە روھىي ئوزۇق بېغىشلاش، ياش پەرزەنتلىرىمىزگە ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى تونۇتۇش ھەمدە كۆپ خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئۆزلىك تۇيغۇسىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى، بۇ پائالىيەتنىڭمۇ دەل مۇشۇ مەقسەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

سورۇن ئەھلىنىڭ كۆڭلىنى ئەڭ يورۇتقان تېمىلارنىڭ بىرى — جەمئىيەتنىڭ تەلىم-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى يۈسۈپجاننىڭ «تەشكىلاتنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىمىزدىكى رولى» تېمىسىدىكى ئەھمىيەتلىك لېكسىيەسى بولدى.
بۇ لېكسىيە بىزگە مۇساپىرەتتە بىر تەن، بىر جان بولۇپ ئۇيۇشۇشنىڭ، تەشكىلىي قۇرۇلمىلار ئەتراپىدا زىچ جەملىنىشنىڭ ھاياتىي مۇھىملىقىنى يەنە بىر قېتىم چوقۇم ئەسكەرتتى.
كۆڭۈللەرگە ھاياجان سالغان زېھىن سىناش ۋە قېرىنداشلىق مېھرى
پائالىيەتنىڭ ئەڭ قىزغىن، ھەرىكەتچان ۋە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان قىسمى — چوڭلار ۋە كىچىك بالىلار ئۈچۈن ئايرىم-ئايرىم ئورۇنلاشتۇرۇلغان، زامانىۋى تېخنىكا بىلەن بېيىتىلغان «كاھۇت (Kahoot) زېھىن سىناش ئويۇنى» بولدى. بۇ جەرياندا ھەممە ئۆزئارا قىزغىن مۇسابىقىلىشىپ، كۆڭۈللۈك دەقىقىلەرنى ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرگە، ئۆزىمىز ئۈچۈن ناھايىتى زۆرۈر بولغان نۇرغۇنلىغان مىللىي، دىنىي ۋە تارىخىي بىلىملەرنى قايتىدىن ئۆگىنىۋالدۇق ۋە پىششىقلىدۇق. بۇ جەريان سورۇنغا ئۆزگىچە بىر جانلىقلىق، ئۈمىد، تەپەككۇر ۋە ئىلىم تۈسىنى بەردى. مائارىپ ۋە تەربىيە بۆلۈمى تەرىپىدىن سىستېمىلىق تەشكىللەنگەن بۇ بالىلار پائالىيەتلىرى بىزگە ياش ئەۋلادلارنىڭ كەلگۈسىدىن يۈكسەك ئۈمىد بېغىشلىدى.

ھەدىيە ۋە سوۋغاتلار ئارقىلىق رىغبەتلەندۈرۈش
پائالىيەت جەريانىدا، جەمئىيەت ئاياللار بۆلۈمىنىڭ خىزمەتلىرىدە ئاكتىپ پىداكارلىق كۆرسىتىپ، ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ رۇياپقا چىقىشى ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈۋاتقان خانىم-قىزلار ئالاھىدە رىغبەتلەندۈرۈلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامىستېردامدىكى دام مەيدانىدا ئىزچىل تۈردە يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئېلىپ بېرىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچى ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى جەسۇرانە قەدەملىرى يۇقىرى باھاغا ئېرىشتى. ئۇنىڭ خىتايلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەش پائالىيتى مەزگىلىدە كۆرسەتكەن جاسارىتى ۋە ئىزچىل تىرىشچانلىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، گوللاندىيە پارلامېنتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەكلىپ لاھىيەسى» نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە دەنھاخ (گاگا) شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىتايلارنىڭ يېڭى يىللىق رەسمىي بايرام ئۆتكۈزۈشىنى چەكلەش قارارىنىڭ چىقىرىلىشىغا سەۋەبچى بولغانلىقىدەك پىداكارلىقى ياد ئېتىلىپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە مۇكاپات تارقىتىلدى.

ئەڭ قىممەتلىك كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى، كىچىك بالىلارغا ھېيتلىق پۇل ۋە ئالاھىدە مۇكاپات بۇيۇملىرىنىڭ تارقىتىلىشى بولدى. بۇ پەقەتلا بىر ماددىي ياردەم ياكى ئاددىي كۆڭۈل خوشلۇقى ئەمەس، بەلكى
پەرزەنتلىرىمىزنىڭ روھىي دۇنياسىغا «ھېيتلىق پۇل»، «ھېيتلىق يوقلاش» ۋە «مېھرىبانلىق» تىن ئىبارەت ئۇيغۇرنىڭ ئۆزگىچە مىللىي كۈلتۈرى ۋە گۈزەل ئەنئەنىلىرىنى سىڭدۈرۈشنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بىر مېتودىدۇر.
كىچىك قەلبىدە ھېيتنىڭ خۇشاللىقىنى ۋە قەدىرلىنىشنى تېتىغان بالا، ئۆز مىللىتىنى ۋە دىنىنى سۆيىدىغان، ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىدىن چەكسىز پەخىرلىنىدىغان بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ.

ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدە ياشاشنىڭ ھاياتىي ئەھمىيىتى
يىغىپ ئېيتقاندا، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى تەرىپىدىن ھەر يىلى ئەنئەنىۋى ۋە كوللېكتىپ ھالدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بۇنداق پائالىيەتلەر بىزگە ئىنتايىن مۇھىم بىر ھەقىقەتنى، ھاياتىي بىر دەرسنى ھېس قىلدۇرىدۇ:
بىز ئۇيغۇر سۈپىتىدە پەقەت ئۆزىمىزنىڭ جامائىتى، ئۆز كۈلتۈرىمىزنىڭ ئىجتىمائىي توپلىمى ئىچىدە زىچ ياشىغاندىلا، مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاپ قالالايمىز. ۋەتەنسىزلىكنىڭ، دىياسپورادىكى تارقاق ھالەتتە ياشاشنىڭ سوغۇق شاماللىرى بىزنى ياتلاشتۇرۇشقا، غەربلىشىشكە ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۆز ئانا تىلىمىزدا پاراڭلىشىدىغان، بىرلىكتە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، شادلىق ۋە غەملىرىمىزنى ئورتاقلىشىدىغان جامائەت سورۇنلىرى بىزنىڭ مەۋجۇتلۇق قالقىنىمىزدۇر. ئۇيغۇرلۇقنى، ئۇيغۇر كۈلتۈرىنى، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىمىزنى پەقەت ئۆزئارا ئۇيۇشقان، بىر-بىرىگە تىرەك ۋە يۆلەك بولغان مۇشۇنداق قۇتلوق «ئۇيغۇر تۇپى (مۇھىتى)» دىلا ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

بۇ كۆڭۈللۈك پائالىيەت ئاخىرىدا كوللېكتىپ تاماقلىنىش ۋە قېرىنداشلارنىڭ ئۆزئارا سەمىمىي، قىزغىن ھېيتلىشىشى بىلەن غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى. بىزگە ئۆز كىملىكىمىزنى قايتىدىن تونۇتقان، غەربەتتىكى غېرىبلىقىمىزنى ئائىلە ئىسسىقلىقىغا ئايلاندۇرغان يورۇق كۈنلەرنى سوۋغا قىلغان جەمئىيەت رەھبەرلىرىگە ۋە بارلىق پىداكار خىزمەتچىلەرگە چەكسىز رەھمەت ئېيتىمىز. ئۆزلىكىنى ساقلىغان، كۆزلىرى نۇرغا، قەلبى ۋەەتەن سۆيگۈسىگە تولغان ياش ئەۋلادلار بىلەن دىياسپۇرا ئۇيغۇر جامائىتى ئەبەدىي ياشىسۇن.
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2026-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى


