
2026-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۈنى، گوللاندىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى NOS نىڭ مۇخبىرى «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارىماي شىنجاڭ بىلەن بولغان سودا كەسكىن ئاشتى» ناملىق پاكىتلىق خەۋەر ھەققىدە مەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەت جەريانىدا مەن، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پېداگوگىكا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولۇپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۆزۈم شاھىت بولغان ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردىم. يەنى ئۇدا ئىككى يىل، 2003- ۋە 2004-يىللىرىنىڭ سىنتەبىر ئاخىرىدىن ئۆكتەبىر ئاخىرىغىچە، ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەننىڭ 2- ۋە 3-تۈۋەنلىرىگە مەجبۇرىي پاختا تېرىش ئەمگىكىگە ئېلىپ چىققان ئىدۇق. خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مائارىپ سېستىمىسىغا يوشۇرۇنغان «ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش» نامىدىكى بۇ مەجبۇرىي پاختا تېرىش ئەمگىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن شاھىت سۈپىتىدە بايان قىلىپ، گوللاندىيە خەلقىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى بايقۇت قىلىشقا چاقىردىم. بۈگۈنكى تېما باشقا مەزمۇندا بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ھەقتە كۆپ توختالمايمەن، ئەمما بۇنى ئايرىم بىر تېما قىلىپ، «خىتاينىڭ مائارىپ سېستىمىسىدىكى پەرق ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا مائارىپ سېستىمىسىغا يوشۇرۇنغان مەجبۇرىي ئەمگەككە نەزەر» ناملىق ئايرىم بىر ماقالىدە تەپسىلىي توختىلىمەن.
بۇ قېتىملىق دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خەۋەردىكى سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتىم. گوللاندىيە پارلامېنتى 2021-يىلى 2-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ياۋروپادا تۇنجى بولۇپ ئېتىراپ قىلغان ئىدى. ئەپسۇسكى، ئارادىن 5 يىل ئۆتۈپ، گوللاندىيەنىڭ خىتاي ئىشغالىيتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىن ئىمپورت قىلغان تاۋارلىرى 478 مىليون دوللارغا يېتىپ، تارىختا يېڭى بىر رېكورت ياراتقان. بۇنىڭغا قارشى گوللاندىيە پارلامېنتىدا بىر مۇنازىرە قوزغاپ، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بىرەر تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ چارىسىنى ئىزدەپ يۈرەتتىم. «تىلىسەڭ تاپارسەن» دېگەندەك، بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ ئەمەلىي قەدىمى تاشلاندى.

2026-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، دېنىك پارتىيەسىنىڭ (Denk) لىدېرى، شۇنداقلا پارلامېنت ۋەكىلى ستېفان ۋان بارلې (Stephan van Baarle) بىلەن ئىشخانىسدا كۆرۈشكىنىمدە، ئۇ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى NOS نىڭ مەن بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى كۆرۈپ چىققانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ھەقىقەتەن ئىنتايىن ياخشى بىر سۆھبەت بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مۇنداق بىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدۇم: «2021-يىلى گوللاندىيە پارلامېنتىدا شۇرد شۇدىسما (Sjoerd Sjoerdsma) نىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش تەكلىپ لايىھەسى قوبۇل قىلىنغان ئىدى. ھازىر شۇرد شۇدىسما ھۆكۈمەتتە تاشقى سودا ۋە تەرەققىيات مىنىستىرى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بۇ تەكلىپ لايىھەسى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە قارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى يىللاردا خىتاي بىلەن بولغان سودىنىڭ ئېشىپ كېتىشىنى توسۇپ قالالمىدى. ئەكسىچە، خىتاي بىلەن بولغان تىجارەتنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە چىققانلىقىنى قانداق چۈشىنىشكە بولىدۇ؟ بۇنىڭغا قارىتا سىزنىڭ پارلامېنتتا بىرەر يېڭى تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئىمكانىيىتىڭىز بارمۇ؟» ستېفان ۋان بارلې بۇ سوئالىمغا قارىتا، ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

2026-يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى
ۋەدىنىڭ رىياللىقتا قىممىتنى تېپىشى
5-ئاينىڭ 23-كۈنى، مەن دېنىك پارتىيەسىنىڭ (Denk) ئامستېردام شۆبىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ئالاھىدە پائالىيەتكە تەكلىپ بىلەن قاتناشتىم. پائالىيەت جەريانىدا، پارتىيە لىدېرى، ھۆرمەتلىك ستېفان ۋان بارلې (Stephan van Baarle) ئەپەندى بىلەن ئايرىم كۆرۈشتۈم. ئۇ ماڭا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە، 21-ماي كۈنى پارلامېنتقا سۇنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئىككى تەكلىپ لايىھەسىنىڭ (motie) يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغانلىقىنى ئېيتتى. مانا بۇ بىر خۇشاللىنارلىق ۋە تارىخىي يېڭىلىقتۇر: ئۇ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىغا زەربە بېرىدىغان ئىككى تەكلىپ لايىھەسى 2026-يىلى 21-ماي (پەيشەنبە) كۈنى بىرلا ۋاقىتتا پارلامېنتتا ناھايىتى يۇقىرى ئاۋاز بىلەن رەسمىي ماقۇللىنىپتۇ! بۇ، بىر كۈن ئىچىدە گوللاندىيە پارلامىنتىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغان ئىككى كۈچلۈك شاپلاق بولدى.
بىر كۈندە ماقۇللانغان ئىككى تارىخىي تەكلىپ لايىھەسى
بىرىنچى شاپلاق (تەكلىپ نومۇرى: 21501-02, nr. 3409): گوللاندىيە ھۆكۈمەت سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى ئاشكارە، ئېنىق تەرىقىدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدىغان قارار لايىھەسى. بۇ تەكلىپ پارلامېنتتا 117 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.
ئىككىنچى شاپلاق (تەكلىپ نومۇرى: 21501-02, nr. 3410): ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى تۇرۇش نىزامنامىسىنى گوللاندىيە دۆلەت ئىچىدە ئىمكانقەدەر ئەڭ قاتتىق ۋە نىشانلىق شەكىلدە ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشىغا ئۈزۈل-كېسىل قارشى تۇرۇش تەكلىپ لايىھەسى. بۇ قارار تېخىمۇ زور بىر ئۈستۈنلۈك بىلەن، يەنى 126 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى.
بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ چەكسىز سۆيۈندۈم ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈردۇم.دېنىك پارتىيەسىنىڭ (Denk) لىدېرى ستېفان ۋان بارلې تېخى ئالدىنقى ئايدىلا، يەنى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى مېنىڭ دەنھاق (The Hague) شەھىرىدىكى ھۆكۈمەت زالىدا خىتايلارنىڭ يېڭى يىل تەبرىكلەش پائالىيىتى جەريانىدا ئېلىپ بارغان تىنچ نامايىشىمغا خىتايلارنىڭ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم قىلغانلىقىدەك «چېگرا ئاتلاپ باستۇرۇش سىياسىتى»گە قارشى، «گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەكلىپ لايىھەسى»نى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ تەكلىپنىڭ 116 ئاۋاز بىلەن ماقۇللىنىشىغا سەۋەبچى بولغان ئىدى. ئارىلىقتىن قىسقا ۋاقىت ئۆتۈپ، يەنە پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ ئىككى يېڭى تەكلىپ لايىھەسى خىتاي ئۈچۈن ئېغىر بىر سىياسىي زەربە، بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن غايەت زور غەلبىدۇر.
ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە قارشى ئادالەتنىڭ غەلبىسى: مەجبۇرىي ئەمگەك چەكلىمىسى
نۆۋەتتە گوللاندىيەنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان مەھسۇلات مىقدارى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن بولۇپ، خىتاي سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كوزىرلىرى ئارقىلىق غەرب دۆلەتلىرىنى جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى گەرچە 2024-يىلى «مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى چەكلەش نىزامنامىسى»نى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ نىزامنامىنىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنىش ۋاقتى 2027-يىلى 1-ئاي قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى.
مىنىستىرلىقلار ۋە شىركەتلەر ئاكتىپ بىر ئەمەلىي ئىش قىلماي، پەقەت 2027-يىلىنى كۈتۈپ ۋاقىتنىڭ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان بىر پەيتتە، گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ 3410-نومۇرلۇق تەكلىپنى 126 ئاۋازدەك مۇتلەق كۆپچىلىك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىشى — ھۆكۈمەتكە «2027-يىلىنى ساقلاپ ئولتۇرماي، دۆلەت ئىچىدە دەرھال ئەڭ قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قوي» دەپ بۇيرۇق بەرگەنلىكىدۇر. بۇ قارار، گوللاندىيە بازارلىرىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەن قاپقارا ماللاردىن بالدۇرراق پاكىزلاش ئۈچۈن تاشلانغان ئىنتايىن ئۆتكۈر قەدەم. بۇ غەلبە ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرگىمۇ كۈچلۈك بىر بېسىم ۋە ئەينەك بولىدۇ. ئەگەر بىرلا دۆلەت بۇ قارارنى ئالدىن ئىجرا قىلسا، باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ كۆز يۇمۇپ تۇرالمايدۇ.
كىچىك دۆلەتنىڭ چوڭ مەسئۇلىيىتى: كېيىنكى قەدەمدە نېمە قىلىشىمىز كېرەك؟
ئامېرىكا، گېرمانىيە، فىرانسىيەدەك چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى خىتايغا بارغاندا ئىقتىسادىي مەنپەئەت تۈپەيلى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئاشكارە ئوتتۇرىغا قويالمايۋاتقاندا، گوللاندىيەدەك بىر كىچىك دۆلەتنىڭ پارلامېنت ئارقىلىق ھۆكۈمەتكە «سودا زىيارىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىنى ئاشكارە، ئېنىق تەرىقىدە كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قوي» دەپ ۋەزىپە يۈكلىشى بىزگە يېڭى يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.
بىز ئۇيغۇرلار بۇ تارىخىي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، تۆۋەندىكى پىلانلارنى جىددىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك:
- ياۋروپا مىقىياسىغا كېڭەيتىش (زەنجىرسىمان رېئاكسىيە): ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەردە (مەسىلەن گېرمانىيە، فرانسىيە، بېلگىيە قاتارلىق) پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دەرھال ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرىغا بېسىم ئىشلىتىپ، گوللاندىيەنىڭ بۇ ئىككى قارارىنى ئۈلگە قىلغان ھالدا ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ پارلامېنتلىرىدىمۇ مۇشۇنداق قارارلارنىڭ ئېلىنىشىغا تىرىشىشى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن پارلامېنت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى پارلامېنتتا دادىللىق بىلەن لايىھە سۇنۇشقا ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشى لازىم.
- ياۋروپا پارلامېنتىغا بېسىم ئېلىپ كېلىش: ئەگەر ياۋروپادىكى بىر قانچە دۆلەت پارلامېنتىدا مۇشۇنداق ئوخشاش مەزمۇندىكى قارارلار ئېلىنسا، بۇ نۆۋەتتە ياۋروپا پارلامېنتىدا (European Parliament) ئومۇمىيۈزلۈك بىر سىياسەت شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەردىن ياۋروپا پارلامېنتىغا بارغان ۋەكىللەر بۇ ئاساستا خىتاي-ياۋروپا سودا مۇناسىۋىتىگە بىر تۇتاش كىشىلىك ھوقۇق شەرتى قويالايدۇ.
- ئىجرا قىلىنىشىنى نازارەت قىلىش: بىز گوللاندىيە تاشقى سودا مىنىستىرلىقى ۋە خىتايغا بارىدىغان سودا ئۆمىكى ئەزالىرىنىڭ ئارقىسىدىن قالماي، ئۇلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك پاكىتلىرى بىلەن تەمىنلەپ، پارلامېنتنىڭ بۇيرۇقىنى رەسمىي ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرلىشىمىز لازىم.
خۇلاسە
سۆھبىتىمىز جەريانىدا ستېفان ۋان بارلې ۋە دەينك پارتىيەسىنىڭ (Denk) ئەزالىرى بىزنىڭ ئادالەتكە بولغان تەشنالىقىمىزنى ۋە مىننەتدارلىقىمىزنى چىن كۆڭلىدىن ھېس قىلدى.
بۇ قېتىمقى ئىككى سىياسىي قارار خىتاينىڭ نومۇسسىز سىياسىتىگە بېرىلگەن ئېغىر زەربە. ئەمدىكى ۋەزىپە — گوللاندىيەدىن چاقنىغان بۇ ئادالەت ئۇچقۇنىنى پۈتۈن ياۋروپا مىقىياسىغا يېيىش ۋە خىتاينىڭ زۇلمەتلىك تېمىنى تولۇق يىقىتىشتىن ئىبارەتتۇر!
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر (Abdurehim Gheni Uyghur)
يېزىلغان ۋاقتى: 2026-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى
بۇ يازمىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنىڭ ئۇلانمىلىرى:
https://www.tweedekamer.nl/kamerstukken/moties/detail?id=2026Z10528&did=2026D23816
https://www.tweedekamer.nl/kamerstukken/moties/detail?id=2026Z10529&did=2026D23817


