تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيتىدىكى  ئابدۇرېھىم غېنىنىڭ نۇتۇقى

دام مەيدانىدىكى ئەركىنلىك ساداسى: تانكىلاردىن چىگرا ئاتلاپ باستۇرۇشقىچە زۇلۇمغىچە تىز پۈكمىگەن ئۇيغۇر روھى

قەدىرلىك دوستلار، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك سۆيگۈچى پىداكارلار،

بۈگۈن بىز ياۋروپانىڭ، گوللاندىيەنىڭ قەلبى بولغان مۇشۇ ئامىستېردام دام مەيدانىدا، تارىختىكى ئەڭ قاراڭغۇ، ئەڭ قانلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى — 1989-يىلىدىكى «4- ئىيۇن» تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقىنىڭ 37 يىللىقىنى ئەسلەش ئۈچۈن جەم بولدۇق.

ئامىستېردامنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ مەيداندىن تۇرۇپ، ئەينى يىلى تيەنئەنمېن مەيدانىدا ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان بارلىق ئەركىنلىك جەڭچىلىرىگە، بولۇپمۇ ئاشۇ ھەرىكەتنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە بېشىغا ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ سىموۋىلى بولغان ئۇيغۇر دوپپىسىنى كىيىپ، ئانا تىلىدا «قوزغال!» دەپ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ۋە بۇ قېتىملىق ھەرىكەتنىڭ داھىيلىرىدىن بىرى بولغان ئۆركەش دۆلەتتەك باتۇر پەرزەنتلىرىمىزگە چوڭقۇر ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن!

ئەزىز دوستلار،

1989-يىلى خىتاي كومپارتىيسى دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا تيەنئەنمېن مەيدانىغا تانكىلار بىلەن بېسىپ كىرىپ  ئوقۇغۇچىلارنى ۋەھشىيلەرچە قىرىپ تيەنئەنمېن مەيداننى قان دېڭزىغا ئايلاندۇردى. ئۇلار زوراۋانلىق ئارقىلىق ئەركىنلىك ئارزۇسىنى يوقاتماقچى بولدى. ئەمما ئۇلار بىر نەرسىنى بىلمىدى: ئەركىنلىك روھىنى تانكا بىلەن بېسىپ ئۆلتۈرگىلى بولمايدۇ!

ئاشۇ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ سىياسىي كىرىزىسىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئۆز دۆلىتىنىڭ چەكلىمىدىن ئاشقان زوراۋانلىق سىياسەتلىرىنى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتتى. 1990-يىلى 5-ئاپرېلدا ئۆز خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بارىن مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ جەڭچىلىرىنى ۋەھشىيلەرچە باستۇرۇپ، بارىن قىرغىنچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تيەنئەنمېن مەيدانلىرىدا دېموكراتىيە مەشئىلىنى ئەڭ بۇرۇن كۆتۈرگەن جەڭگىۋار ئۇيغۇر خەلقى، 90-يىللاردىن باشلاپ «ھاكىمىيەت دۈشمىنى» گە ئايلاندۇرۇلدى ۋە بۈگۈن پۈتۈن بىر مىللەت بويىچە ئاشكارە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە. چۈنكى خىتاي مۇستەبىتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ جىسمىدىكى ئەركىنلىك ۋە قارشىلىق روھىدىن ئەجەللىك قورقىدۇ!

دوستلار، خىتاينىڭ زۇلمى پەقەت ۋەتەندىكى لاگېرلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالغىنى يوق!

بۈگۈن خىتاي كوممۇنىست ھۈكۈمىتىنىڭ چېگرا ئاتلاپ باستۇرۇش زۇلمى، قورقۇتۇش، روھى تېرورلۇق، زوراۋانلىق تاكتىكىسى بىز ياشاۋاتقان مۇشۇ دېموكراتىك گوللاندىيە تۇپرىقىغىچە يېتىپ كەلدى. 2-ئاينىڭ 14-كۈنى، دەنھاق (The Hague) شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا (Stadhuis) خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمى پائالىيىتى مەزگىلىدە، مەن ئۆزۈم يالغۇز، تىنچ شەكىلدە نامايىش قىلىپ، خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان لوزىنكىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان ئىدىم. ئادالەت ۋە دېموكراتىيەنىڭ سىمۋولى بولغان بۇ تۇپراقتا، مەن خىتاي ئامانلىق ساقلىغۇچىلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە جىسمانىي ۋە روھىي تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدىم!

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئەركىن گوللاندىيەنىڭ قەلبىدە، سۆز ئەركىنلىكىنى دەپسەندە قىلىپ، مەندەك خىتاينىڭ 70 نەچچە يىلدىن بۇيانمۇستەملىكە ئاستىدا ياشىغان ئۇيغۇرخەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر نامايىشچىغا: «سەن جازا لاگېرىغا لايىق! سەن ئۆلۈمگە لايىق! سېنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن!» دەپ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن تېررورلۇق ئېلىپ باردى. بۇ — ئەينى يىلى تيەنئەنمېندا ئوقۇغۇچىلارغا ئوق چىقارغان، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا مىليونلىغان ئىنساننى لاگېرلارغا سولىغان مۇستەبىت تېررورلۇق خاراكتېرنىڭ ياۋروپادىكى نوقۇل ئەكس ئېتىشىدۇر!

ئەمما بىز سۈكۈت قىلمىدۇق، بىز تىز پۈكمىدۇق!

بىزنىڭ ھەققانىي كۈرىشىمىز ۋە قارشىلىق روھىمىز گوللاندىيە دۆلىتىنى ئويغاتتى. مەن بۈگۈن مۇشۇ مەيداندىن تۇرۇپ، گوللاندىيە پارلامېنتىغا ۋە دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمىتىگە ئۆزۈمنىڭ چوڭقۇر رەھمىتىنى جاراڭلىق ئاۋازدا بىلدۈرىمەن!

گوللاندىيە پارلامېنتى بۇ ۋەھشىيلىككە قاراپ تۇرماي، مەخسۇس تەكلىپ لايىھەسى (motie) قوبۇل قىلدى. دەنھاق شەھەر باشلىقى ئاشۇ خىتاي ھۇجۇمچىلىرىنىڭ قىلمىشىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ جاكارلاپ، خىتايلارنىڭ بۇندىن كېيىن دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەت زالىدا يېڭى يىل بايرىمى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشىنى پۈتۈنلەي چەكلىدى!

مانا بۇ — ھەقىقەتنىڭ ۋە ئادالەتنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ئاتلاپ باستۇرۇشتەك رەزىل سىياسىتى ئۈستىدىن قازانغان غەلىبىسىدۇر! بۇ — ئۇيغۇرلارنىڭ قەيەردە بولمىسۇن ناھەقچىلىككە قارشى تۇرالايدىغان ۋە دۇنيانى ئادالەتكە چاقىرالايدىغان قەھرىمان خەلق ئىكەنلىكىنىڭ يەنە بىر قېتىملىق ئىسپاتىدۇر!

قەدىرلىك نامايىش ئەھلى،

بۈگۈن بىز 4-ئىيۇن قۇربانلىرىنى ئەسلەۋاتقاندا، خىتاي خەلقى ۋە پۈتكۈل دۇنيامۇ بىر ھەقىقەتنى بىلىشى كېرەك:

ئۇيغۇرلار بۇ دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك كۈرىشىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەشئىلىنى ياققۇچى باتۇر خەلقتۇر. بىز بۇ مەشئەل ئۈچۈن، بۈگۈن پۈتۈن بىر مىللەت بويىچە ئەڭ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەۋاتىمىز.

بىز خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن، دېموكراتىيە سۆيگۈچى بارلىق ئىنسانلاردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ئەركىنلىك، مۇستەقىللىق ۋە ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق كۈرەشلىرىنى ئېتىراپ قىلىشىنى ۋە ئاخىرىغىچە قوللىشىنى تەلەپ قىلىمىز. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولماي تۇرۇپ، خىتايغا دېموكراتىيە كەلمەيدۇ؛ ئۇيغۇرلار مۇستەملىكىدىن قۇتۇلماي تۇرۇپ، بۇ دۇنيادا ئادالەت بولمايدۇ!

ئەينى يىلى بېيجىڭدا كۆتۈرۈلگەن، بۈگۈن گوللاندىيە مەيدانلىرىدا يالقۇنجاۋاتقان «قوزغال!» روھى ۋاقىتتىن ھالقىپ، قۇل بولۇشنى خالىمايدىغان ھەر بىر يۈرەكتە مەڭگۈ ياشايدۇ. بۇ ئەركىنلىك ئۇچقۇنى تېخىمۇ يالقۇنلاپ، مۇستەبىت خىتاي دۆلىتىنى يىقىتىپ، خىتاي خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىغا شۇنداقلا خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، كانتونىيە، گۇاڭشى، مانجۇرىيە قاتارلىق بارلىق مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىغا تۈرتكە بولغۇسى!

بۇ نامايىشتا توۋلانغان چاقىرىقلار

يوقالسۇن مۇستەبىت خىتاي رېجىمى!

يوقالسۇن ئىشغالىيەت ۋە مۇستەملىكىچىلىك!

شەرقىي تۈركىستانغا ئازادلىق!

تىبەتكە ئازادلىق!

جەنۇبىي موڭغۇلىيەگە ئازادلىق!

كانتونىيەگە ئازادلىق!

گۇاڭشىغا ئازادلىق!

مانجۇرىيەگە ئازادلىق!

بارلىق خىتاي خەلقىگە ئەركىنلىك!

رەھمەت سىلەرگە!

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

ۋاقتى: 2026-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى