
2026-يىلى 1-ئىيۇل — خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۇنيا تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر سىياسىي ۋە كۈلتۈر قىرغىنچىلىقىنىڭ قانۇنىي ئاساسى بولغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان قاباھەتلىك كۈندۇر. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قانۇنى خىتاي بولمىغان بارلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز كۈلتۈرى، دىنى، تىلى ۋە كىملىكىنى تولۇق يوقىتىپ، ئۇلارنى پۈتۈنلەي ئاسلىماتسىيە قىلىشنى نىشان قىلغان. شۇڭا، ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» غا قارشى دۇنياۋى نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئامىستېردامنىڭ دام مەيدانىدا گوللاندىيە تىبەتلەرنى قوللاش تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
نامايىشقا قاتناشقان ھەرقايسى مىللەت ۋەكىللىرى يەنە پات ئارىدا خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغان گوللاندىيە تاشقى سودا ۋە تەرەققىيات ھەمكارلىقى مىنىستىرى سىيۇرد سىيۇردسما (@ministerBHOS) نىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، بۇ مەجبۇرىي ئاسلىماتسىيە قانۇنىغا بولغان جىددىي ئەندىشىلىرىمىزنى ۋە تەلەپلىرىمىزنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈشىنى قەتئىي تەلەپ قىلىپ، رەسمىي ئىمزالىق خەت يوللىدۇق.

مەن بۇ نامايىشقا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن نۇتۇق سۆزلىدىم. نۇتۇقۇمدا، خىتاينىڭ بۇ ئاسلىماتسىيە قانۇنى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىقىنى دەرھال توختىتىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. شۇنداقلا، گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ بۇ ئىنسانىيەتكە قارشى سىياسەتلىرىگە قاراپ تۇرماي، ئاكتىپ كۈچ چىقىرىشقا ۋە قەتئىي ئاۋاز چىقىرىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىق قىلدىم.
نۇتۇقنىڭ تولۇق تېكىستى
«ھۆرمەتلىك ئادالەتپەرۋەرلەر، كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى،
بۈگۈن بۇ يەردە، تىبەتلىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تەكلىپى بىلەن سىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش مەن ئۈچۈن چوڭ بىر شەرەپتۇر. بۈگۈن، 2026-يىلى 1-ئىيۇل، بىز ئامىستېردامنىڭ مەركىزىدە، بېيجىڭ مۇستەبىت تاجاۋۇزچى ھاكىمىيىتىنىڭ يېڭى بىر قورقۇنچلۇق قەدىمىگە — خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» -نىڭ رەسمىي يولغا قويۇلۇشىغا شاھىت بولۇش ۋە ئۇنڭغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن جەم بولدۇق.

بۇ قانۇننىڭ ئەسلى ماھىيىتى بىزگە ئىنتايىن ئېنىق بولۇشى كېرەك: بۇ ھەرگىزمۇ «ئىتتىپاقلىق» تىن دېرەك بەرمەيدۇ؛ بەلكى خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن قانۇنىي بىر قورالدۇر. بۇ، خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى بارلىق رايونلاردا مەجبۇرىي ئاسلىماتسىيەنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا قانۇنىي تۈس بېرىش ۋاسىتىسىدۇر.
مەن بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن شۇنى جاكارلايمەنكى، بىز بۇ قانۇننى شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان جىنايەتلەردىن ئايرىپ قارىيالمايمىز. بېيجىڭ يىللاردىن بېرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ۋەھشىلەرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، جازا لاگېرلىرىغا تۈركۈملەپ قاماش، تىلىمىز، كۈلتۈرىمىز ۋە دىنىي ئېتىقادىمىزنى سىستېمىلىق ۋەيران قىلىش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا. بۇ يېڭى قانۇن بولسا ئەنە شۇ ۋەھشىي ۋە ۋەيران قىلغۇچى غەرەزنىڭ كېيىنكى قەدىمىدۇر!
خىتاي رېجىمى بۇ قانۇن ئارقىلىق مۇستەقىل كىملىكلەرنى يوقىتىشنى قانۇنىيلاشتۇرماقچى. ئۇ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، گۇاڭشى، كانتونىيە ۋە خوڭكوڭنىڭ ئۆزگىچە تىللىرى، باي كۈلتۈرلىرى ۋە تارىخىي مىراسىنى بىۋاسىتە نىشانلىغان. بېيجىڭنىڭ تۈپ مەقسىتى — بىزنىڭ ئۆتمۈشىمىزنى ئۆچۈرۈپ، بىرلا سۈنئىي «جۇڭخۇا مىللىي كىملىكى» نى مەجبۇرىي تېڭىش ئارقىلىق، بىر «مىللەتلەر تۈرمىسى» بەرپا قىلىشتۇر. ئۇلار تاشقى قىياپىتى ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما روھىي جەھەتتىن تولۇق خىتايلاشقان، ئۆزىگە ئىتائەتمەن قۇللارنى يېتىشتۈرۈپ چىقماقچى.


بۈگۈن بىزنىڭ بۇ يەردە بىر سەپتە تۇرۇشىمىز مۇنداق بىر ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ: بېيجىڭنىڭ زۇلۇمى بىر-بىرىگە باغلانغان، شۇڭا بىزنىڭ قارشىلىقىمىزمۇ بىرلىكتە بولۇشى كېرەك. بىز رەھىم-شەپقەت تىلەپ يېلىنىدىغان ئاجىز ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەمەس، بەلكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن يوق قىلىنغان ئەركىنلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىۋاتقان، ئەركىنلىككە ئىنتىلىۋاتقان مىللەتلەرمىز!
بىز دام مەيدانىدىن بېيجىڭغا شۇنى ئېنىق جاكارلايمىزكى، بىز سۈكۈت ئىچىدە ئۆلۈپ كېتىشنى قەتئىي رەت قىلىمىز! كىملىكىمىزنىڭ بىر مۇستەبىت رېجىم تەرىپىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلىشىگە قەتئىي يول قويمايمىز!
بىز يەنە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاگاھلاندۇرىمىز: خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي شېرىكلىك سىلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئاسلىماتسىيەگە قارىتا كور قىلىپ قويمىسۇن. زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىش — جىنايەتكە شېرىك بولغانلىقتۇر. بىز دېموكراتىك دۇنيانىڭ قۇرۇق باياناتلارنىلا بېرىپ قويماي، بەلكى بۇ قانۇنغا قارشى ھەل قىلغۇچ ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشىنى ۋە ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنى چاقىرىمىز.


تىبەت، شەرقىي تۈركىستان، جەنۇبىي موڭغۇلىيە، گۇاڭشى، كانتونىيە ۋە خوڭكوڭدىن كەلگەن بارلىق قېرىنداشلىرىم: بىزنىڭ بىرلىكىمىز بېيجىڭنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەھىمىسىدۇر. ئۇلاردا قورال بار، ئۇلاردا پۇل بار، ئەمما بىزدە ھەقىقەت بار ۋە بىزنىڭ ياشاشقا بولغان، يوق قىلىۋەتكىلى بولمايدىغان ئىرادىمىز بار. بىز بىرلىكتە بۇ مۇستەبىتلىكنى يېڭىپ چىقىمىز.
دىققەت بەرگەنلىكىڭلارغا رەھمەت! شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك! تىبەتكە ئەركىنلىك! گۇاڭشىغا ئەركىنلىك! كانتونىيەگە ئەركىنلىك! جۈملىدىن بارلىق ئىشغال ئاستىدىكى مىللەتلەرگە ئەركىنلىك ۋە ئادالەت!».
يېزىلغان ۋاقتى: 2026-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى
قۇشۇمچە: نامايىشقا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر






