«ئاق قەغەز ھەركىتى» رەسۋاچىلىقىغا كۈچلۈك رەدىيە

دولقۇن ئەيسا بىلەن مەمەت توختىغا نارازىلىق بىلدۈرەيلى!

ئۇيغۇر كىشلىك ھۇقۇق قۇرلىشىنىڭ تىۋېتتىر ھىساباتىدا بۈگۈن يەنى 2023-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى  دولقۇن ئەيسا، مەمەت توختى قاتارلىقلارنىڭ ئاق قەغەز تۇتۇپ خىتاي دىمكۇراتچىلىرىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىنىڭ خىتاي ۋېروسىنى نۆلگە چۈشۈرۈش تېرۇرلۇق سىياسىتىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا قاتتىق ئىجىرا قىلنىشى نەتىنجىسدە 2022-يىلى 24-نويابىر ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن غايەت زور ئوت ئاپىتىدە 40 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ بىلەن بىھودە ئۈلۈپ كەتكەنلىكىگە سۈنئىي ھىسداشلىق قىلىپ ئۇيغۇرنى سەكرەش تاختىسى قىلىپ «ئاق قەغەز ھەركىتى» قوزغىغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلىدى.

تىۋېتتىر ئۇلۇنۇشى:

https://x.com/uyghuradvocacy/status/1728174385964658715?s=46&t=odoOOdDGJBd7fLPxXTF7CA

بۇلتۇر خىتاي دىكمۇراتچىلىرى « ئاق قەغەز ھەركىتى» قوزغىغاندا دىياسپۇرادىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ سىياسى ئالىي مەسلىھەتىچىسى ئەركىن سىدىق، كەينىدىنلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ بېرلىن ئىشخانسىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن ئاق قەغەز تۇتۇپ خىتاي دىمكۇراتچىلىرنىڭ بۇ ھەركىتىگە ئاۋاز قوشقان ئىدى.  ئاق قەغەز ھەركىتى باشلانغاندىلا گوللاندىيەدىكى خىتاي دىمكوراتچىلىرىمۇ مەن بىلەن ئالاقىلىشىپ  «ئاق قەغەز ھەركىتى» گە مىنىڭمۇ ئاۋاز قۇشۇپ قوللىشىمنى ئېيىتقاندا مەن ئۇلارغا

«ئاق قەغەز ئاق پېتى قالماسلىقى كېرەك! ئۇنىڭغا چۇقۇم شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن <شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنىڭ بىردىن-بىر كاپالىتى> دەپ يېزىلىشى كېرەك! سىلەر بىزنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىمىزگە ھۆرمەت قىلشىڭلار كېرەك!»

دەپ ئۇلارغا ئۈزەمنىڭ پىكىرىنى ئېيتسام ئۇلار بۇنىڭغا قۇشۇلمايدىغانلىقىنى ئېيىتتى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ تەلپىنى كەسكىن رەت قىلدىم.

بۇ «ئاق قەغەز ھەركىتى» نىڭ كەينىدىكى بىر ئۇيۇننىڭ بارلىقىنى ھىس قىلىپ دەرھال مەن بۇ «ئاق قەغەز ھەركىتى» ھەققىدە ئىزدىنىشنى باشلىدىم.خىتاي دىمكۇراتچىلىرى  قوزغىغان

«ئاق قەغەز ھەركىتى» نىڭ ئەسلى مەقسىتىدە شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى كوممۇنىست ھاكىمىيەتنى تەخىتتىن چۈشۈرۈش، شۇنداقلا جۇڭخۇا دۆلىتىگە قارشى تۇرغان مۇستەقىللىق كۈچلىرىنى بۇ ھەركەتكە يېقىن كەلتۈرمەسلىكتىن ئىبارەت بىر ئىدىيە بار ئىكەن.

 مەن دەرھال بۇ «ئاق قەغەز ھەركىتى» گە قارشى نارازىلقىمنى ئىپادىلەپ «ئاق قەغەز ئاق پېتى بۇيىچە قالماسلىقى كېرەك! بۇنىڭغا چۇقۇم شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن خەتلەر يېزلىشى كېرەك» دىگەن پىكىرنى ئوتتۇرغا قويدۇم.  ھەمدە بۇ ھەقتە ۋېدىيولۇق سۆزلەپ دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسنى ئىپادىلەيدىغان «شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىردىن-بىر يۇلى» دىگەن خەتنى چىرايلىق لاھىيلەپ دۇنيا خارەكتېرلىك «كۆك قەغەز ھەركىتى» باشلاش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويدۇم. 

خىتاي دىمكۇراتچىلىرنىڭ ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن باشلىغان بۇ «ئاق قەغەز ھەركىتى» شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەركىتىگە قارشى بىر ئىدىيە ئىدى.

«ئۇنداقتا بىز نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق ئىرادىسگە زىيانلىق بولغان بىر ھەركەتكە قارىغۇلارچە ئەگىشىمىز؟! بىزئۇلاردىن يىراق تۇرشىمىز كېرەك! بىز ئۈزىمىزنىڭ ئىشىنى ئۆز ئالدىمىزغا ئۈزىمىز قىلشىمىز لازىم! بىز خىتاي دىمكۇراتچىلىرىغا ئۆز ھەركىتىمىزنىڭ رولنى تۇتقۇزۇپ قويماسلىقىمىز لازىم! رولنى چۇقۇم ئۈزىمىزنىڭ قۇلىدا تۇتۇپ ئېلىپ مېڭشىمىز لازىم! بىز قاچانغىچە خىتاي دىمكۇراتچىلىرى باشلاپ بەرگەن ھەركەتنىڭ كەينىدىن قارىغۇلارچە ئەگىشىمىز؟!» دىگەن تەشۋىقاتنى ئۇيغۇرلارغا تەشۋىق قىلدىم. بۇ ۋاقىتتا خىتاي كوممۇنىستىلىرىنىڭ خىتاي ئىچىدىكى ۋەزىيىتى ناھايتى كەسكىن بۇلۇپ، خىتاي دۆلىتى بىر ئىنقىلابى بۇرلۇش باسقۇچىغا كىرگەن ئىدى. «خىتايدا سىياسى ئۆزگىرىش يۈز بېرىش ئېھتىمالىقى كۈچلۈك…» دىگەندەك گەپ-سۆزلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىۋالاتتى.

بۇ ۋاقىتتا كانتونىيە، جىن دۆلىتى، خاڭكۇڭلىقلار، مانجۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادسنى دۇنياغا بىلدۈرۈپ مۇستەقىللىق خىتابنامىسنى ئېلان قىلدى. بۇنداق بىر سەزگۈر ۋەزىيەتتە بىز ئۇيغۇرلارمۇ دۇنياغا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسنى ئەكىس ئەتتۈردىغان بىر ئورتاق خىتابنامىنىڭ ئېلان قىلىشنىڭ پەيتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدۇم. ئەپسۇس بۇ پىكىرگە ئاۋاز قۇشدىغانلار بەك ئاز چىقتى.

دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇرنىڭ ئالدىدا بىزنىڭ مەقسىدىمىز شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل قىلىش دەپ يالغان گەپ قىلىپ خەلىقنىڭ ئاغزىغا قۇرۇق ئىمزەك سېلىپ، خەلىقئارا سەھنىلەردە بىزنىڭ مەقسىدىمىز ئۆز تەقدىرىمىزنى ئۈزىمىز بەلگىلەش دىگەندەك بىر باشقا ئىككى قالپاق كىيۋالغاندەك ئەھۋالى ھەممىمىزگە ئايان. ئەمدى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە

«جۇڭخۇا دۆلىتىگە قارشى تۇرغان مۇستەقىللىق كۈچلىرىنى ئاق قەغەز ھەركىتىگە يېقىن كەلتۈرمەسلىك!» دىگەن ئىدىيە ئاساسىدا باشلىغان «ئاق قەغەز ھەركىتى» نى دولقۇن ئەيسا بىلەن مەمەت توختى نىمە ئۈچۈن بىر يىللىقىنى خاتىرلەيدۇ؟!

ئۇلار بۇ ھەقتە مىللەتكە ئېنىق بىر چۈشەنچە بەرسۇن! ئۇلارنىڭ جاۋاب بىرىش مەجبۇرىيتى بار…

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

2023.11.24