
”مۇستەملىكە ئاستىدىكى بىر خەلقنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىنى ‘تېررورلۇق’ دەپ ئاتاش — پەقەت تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئۆز جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ھىيلىسيدۇر.“
— نىلسون ماندېلا
2008-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ كۆزى خىتايغا تىكىلگەن بىر چاغدا — يەنى مۇسابىقە باشلىنىشتىن تۆت كۈن بۇرۇن، 8-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەشقەر شەھىرى سەمەن يولىدا، چەتئەللىكلەر ئەڭ كۆپ چۈشىدىغان شادلىق مېھمانخانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا چوڭ بىر سىياسىي زىلزىلە يۈز بەردى. 33 ياشلىق ئابدۇراخمان ئازاد ۋە 29 ياشلىق قۇربانجان ھېمىت ئىسىملىك ئىككى پىدائىي قەشقەر چېگرا مۇداپىئە قوراللىق ساقچى ئەترىتىگە ھۇجۇم قىلىپ، 17 خىتاي ئەسكىرىنى ئۆلتۈرۈپ، 15 نى ئېغىر يارىلاندۇرۇشتەك جەسۇرانە ھەرىكىتى بىلەن دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنى لەرزىگە كەلتۈردى. بۇ پىداكارلىق خەۋىرى بىر سائەت ئىچىدىلا خەلقئارالىق چوڭ ئاخبارات سۇپىلىرىدا ئېلان قىلىنىپ، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئېغىر سىياسىي كىرزىس ۋە زۇلۇمنى دۇنياغا ئاشكارا قىلىپ قويدى.
بۇ ئازاتلىق ھەركىتى خىتاي دۆلەت ئاپپاراتى تەرىپىدىن دەرھال ”ئاشقۇن تېررورلۇق ھۇجۇمى“ دەپ خاراكتېرلەندى. ئەمما بىر تەرەپلىمە سىياسىي تەشۋىقاتلارنىڭ سىرتىدا، بۇ ۋەقەگە ئوبېكتىپ سېلىشتۇرما ئوبزور ئارقىلىق قارىغاندا، ئۇنىڭ ئادەتتىكى بىر جىنايەت ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۆپ يىللىق سىستېمىلىق زۇلۇم ۋە مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتلىرىگە قارىتا ئوتتۇرىغا چىققان ئاممىۋى ئىنكاسى ئىكەنلىكى ئايان بولىدۇ.
2008-يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئالدىدا شەرقىي تۈركىستاندا يولغا قويۇلغان يۇقىرى بېسىملىق نازارەت سىياسەتلىرى جەمئىيەتتە كۈچلۈك پىسخىكىلىق بېسىم ۋە كىرزىس پەيدا قىلىپ، بۇ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان چەكتىن ئاشقان ئاسسيملىياتسىيە سىياسىتى، قانلىق باستۇرۇشلىرى ۋە ئايىغى چىقماس بېسىملىرىنىڭ سەۋەبى قانداقتۇر خىتاي باياناتلىرىدىكىدەك ”تېررورلۇق“ ئەمەس، بەلكى بىر خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىچىلىككە قارشى ھەقلىرىنى قوغداش يولىدا تۆلەۋاتقان قانلىق بەدىلى ۋە دۇنيانىڭ ئۇنى كۆرمەسكە سېلىشى ئىدى. خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتى 1949-يىلى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇرلارغا قارىتا قوراللىق قىرغىنچىلىقلىرى ۋە مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. سەمەن يولى ئازادلىق ھەرىكىتى دەل مۇشۇنداق ئېغىر مۇستەملىكە سىياسەتلىرى ۋە ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي كىرزىسنىڭ پارتلاش نۇقتىسى ئىدى.
بۇ قارشىلىق كۈرىشىنى 33 ياشلىق ئابدۇراخمان ئازاد بىلەن 29 ياشلىق قۇربانجان ھېمىت ناھايىتى ئەتراپلىق پىلانلىغان بولۇپ، ئۇلار يۈك ئاپتوموبىلى ۋە قولدا ياسالغان ئاددىي ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ، قەشقەر سەمەن يولىدا ئەتىگەنلىك چارلاش قىلىۋاتقان خىتاي قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ ۋەقەدە ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم تەپسىلات — نىشاننىڭ خاراكتېرىدۇر. ھۇجۇم جەريانىدا ئادەتتىكى بىگۇناھ پۇقرالارغا ياكى ئەتراپتىكى ئاممىغا ھېچقانداق زىيان يەتمىگەن، نىشان پەقەت ۋە پەقەت خىتاي دۆلىتىنىڭ زوراۋانلىق ئاپپاراتى بولغان قوراللىق ساقچىلارغا قارىتىلغان. بۇ ئامىل ۋەقەنىڭ نۇقۇل بىر مەقسەتسىز زوراۋانلىق ئەمەس، بەلكى ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزگۈچى دۆلەت ئاپپاراتىغا قارىتىلغان مەقسەتلىك سىياسىي ئىنكاس ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

تارىخقا قارايدىغان بولساق، كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش — مۇستەملىكە قىلىش ۋە مۇستەملىكىگە قارشى كۈرەشتىن ئىبارەت بولۇپ، كۈچلۈكلەرنىڭ نەزىرىدە ئاجىزلارنىڭ ئازادلىق كۈرەشلىرى ھەمىشە ”تېررورچىلىق“ ۋە ”زوراۋانلىق“ دەپ ئاتالسا، ئاجىزلارنىڭ نەزىرىدە بولسا ئۇ ھەققانىيەت كۈرىشى دەپ قارالغان. ھەتتا خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى (ج ك پ) نىڭ ئۆز تارىخىمۇ بۇ خىل قوش ئۆلچەمنىڭ ئەڭ روشەن مىسالىدۇر. ئۆز ۋاقتىدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ياپونىيە قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقاندا، خىتاي كوممۇنىستلىرى ئارقا سەپتە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلغان، پارتىزانلىق، سۇيقەست ۋە قوراللىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان. ج ك پ ئۇ چاغدا ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىلمىشلىرىنى ”مىللىي ئازادلىق“ ۋە ”تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەش“ دەپ پەردازلىغان ئىدى. ئەمما ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى ئۆز قولىغا ئالغاندىن كېيىن، خىتاي ھاكىمىيىتى ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشتىكى تاكتىكىلىرىنى ئۇنتۇپ، ئۆزلىرى مۇستەملىكە قىلىۋالغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەڭ ئاددىي قارشىلىق كۈرەشلىرىنى دەرھال ”تېررورلۇق“ دەپ بىر تەرەپلىمە بايانات بېرىپ دۇنيانى ئالداپ كەلمەكتە.
1945-يىلدىن بۇيان، دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر (مەسىلەن، ئافرىقا ۋە ئاسىيادىكى سابىق مۇستەملىكىلەر) مۇستەملىكىچىلىككە ۋە دۆلەت زوراۋانلىقىغا قارشى ئازادلىق كۈرەشلىرىنى ئېلىپ بارغان. شۇ دەۋرلەردە كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن ”تېررورلۇق“ دەپ بۆھتان چاپلانغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئىزچىل قارشىلىقى غەلبىگە ئېرىشىپ، مۇستەقىللىققا ئېرىشكەندە ئازادلىق كۈرىشى سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىندى. ئەمما ئۇيغۇرلار خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى چىققاندا، ئۇلارنىڭ قارشىلىقى ھېچبىر مۇستەقىل خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ تەكشۈرۈشى بولماستىنلا، خىتاينىڭ بىر تەرەپلىمىلىك باياناتى بىلەن دەرھال «تېررورلۇق» دەپ تەبىرلەندى.
ھەتتا «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» (Human Rights Watch) قاتارلىق مۇستەقىل ئورۇنلار نىشاننىڭ پەقەت قوراللىق خىتاي ئەسكەرلىرى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، خىتاي ھاكىمىيىتى 2009-يىلى 4-ئاينىڭ 9-كۈنى قەشقەر تەنتەربىيە سارىيىدا يېپىق ئوچۇق سوت ئېچىپ، ئىككى ياشنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ، شۇ كۈنىلا شېھىت قىلدى. خىتاي سوتى ھۆكمىدە ئۇلارنى «ئولىمپىكقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، پارتلاتقۇچ بومبا ياساش ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆز تەشۋىقاتىنى مەجبۇرىي تېڭىش ئارقىلىق خەلقئارالىق ئادالەت سۈرۈشتۈرۈشنى تەلتۆكۈس يوقاتتى. بۇ دەل كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن تەھرىرلەنگەن گېئوپولىتىكىلىق تىلنىڭ ئادالەتسىزلىكىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
2008-يىلىدىكى قەشقەر سەمەن يولى ئازاتلىق ھەركىتى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى بىر باستۇرۇش دولقۇنىنى باشلاشقا باھانە قىلىندى. خىتاي دۆلىتى بۇ ئازاتلىق ھەركىتىنى خەلقئارا سەھنىلەردە ئۆزىنىڭ ”تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش“ تېمىسىغا ماسلاشتۇرۇپ تەشۋىق قىلىپ، كېيىنكى يىللاردا يولغا قويۇلىدىغان سىستېمىلىق يىغىۋېلىش لاگېرلىرى، رەقەملىك نازارەت سىستېمىلىرى ۋە ئىرقچىلىق سىياسەتلىرىنى شەرئىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن قورال قىلىۋالدى. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇيغۇر قارشىلىق تارىخى جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ ۋەقە ئاستىن-ئۈستۈن بولۇۋاتقان زۇلۇمغا بەرگەن سىياسىي ئىنكاسنىڭ ئۆتكۈر بىر كۆرۈنۈشى بولۇپ، خەلقنىڭ ئۆز قەدىر-قىممىتىنى قوغداش يولىدا قانچىلىك ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى تارىخقا يېزىپ قالدۇردى.
4-ئاۋغۇست سەمەن يولى قارشىلىق ھەرىكىتى — كۆپ مەنبەلىك تاكتىكا، يۇقىرى دەرىجىلىك پىلان ۋە ئادالەت ئۆلچىمىنىڭ ئەڭ روشەن نەمۇنىسدۇر. قەھرىمان قۇربانجان ھېمىت ۋە ئابدۇراخمان ئازاد ئىنتايىن ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ، بىرەر بىگۇناھ پۇقراغا ياكى ئاممىغا زىيان يەتكۈزمەي، پەقەت تاجاۋۇزچى خىتاينىڭ 17 ئەسكىرىنى يوقىتىپ، 15 نى ئېغىر يارىلاندۇردى. ئۇلار بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈش ھارپىسىدا پۇتۇن دۇنيادا كۈچلۈك زىلزىلە قوزغاش ئارقىلىق، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا ۋە مۇستەملىكىچىلىككە ھېچقچان باش ئەگمەيدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دۇنياغا جاكارلىدى.

قۇربانجان ھېمىت بىلەن ئابدۇراخمان ئازاد — بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مەڭگۈ پەخىرلىنىپ تىلغا ئېلىشىغا ئەرزىيدىغان مىللىي قەھرىمانلىرىمىزدۇر. بىز خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ۋە مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەن ئاشۇ تەنتەنىلىك كۈنلەردە، قەشقەر سەمەن يولىدا بۇ ئىككى قەھرىمانىمىزنى چوڭقۇر ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ ھەيكىلىنى تىكلەيمىز. بىر خەلق ئۆز قەھرىمانلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۆز مىلىتىنىڭ ئازاتلىق كۈرشىدىكى تىز پۈكمەس قەھىرىمانلىقى، جاسارىتى، پىداكارلىقى بىلەن تونۇيدۇ؛ ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ قەلبىدىكى ئەركىنلىك ۋە قەھرىمانلىق روھى دەل مۇشۇنداق ئۆچمەس ئىزلانى قالدۇرغانلارنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئارقىلىق تىكلىنىدۇ.
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر


