
بۇرۇن دۇنيا ئۇيغۇرلارنى ئانچە تونۇمايتتى. ھازىر بولسا، دۇنيا ئۇيغۇرلارنى تونۇدى. ئۇلارنىڭ دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز بېسىۋېلىنىپ، مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، «شىنجاڭ» دېگەن مۇستەملىكە نامىغا ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدى. مانا بۇ دۆلەتنىڭ بايرىقى — ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق — خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلاردا لەپىلدەپ، دۇنياغا ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە تونۇلۇۋاتىدۇ.
بۈگۈن پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخىرلاشتى. دۇنيادا دۆلەتلىرى بۇ مۇسابىقىنى نەق مەيداندىن تارقىتىپ، خەلقىگە ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە ھاياجان مىنۇتلىرىنى بەخش ئەتتى. مانا بۇ ھاياجان ۋە ئىشەنچنىڭ ئىچىدە، دۇنيا تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كېتىۋاتقان، خىتاي تاجاۋۇزچى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ، مىللىي كىملىكىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭىدىن بىر ئۈمىد ئېلىپ كەلدى.
خەلقئارا تەنتەربىيە ساھەسى ھەر دائىم «تەنتەربىيە سىياسەتتىن خالىي» دەپ جار سالىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، تەنتەربىيە ھەرگىزمۇ سىياسەتتىن خالىي ئەمەس. ئەكسىچە، ئېزىلگەن مىللەتلەر ئۈچۈن پۇتبول مەيدانى بىر «قورالسىز جەڭ مەيدانى»دۇر. 1986-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا مارادونانىڭ ئەنگلىيەگە قارشى غەلىبىسى ئارگېنتىنا خەلقى ئۈچۈن مالۋىناس ئۇرۇشىدىكى مەغلۇبىيەتنىڭ مەنىۋى ئۆچ ئېلىشى ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش بىر سىمۋوللۇق غەلىبە قايتىلاندى.
2026-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، كانادانىڭ ۋانكوۋەر شەھىرىدىكى BC Place تەنتەربىيە سارايىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ D گۇرۇپپىلار بويىچە ئاۋسترالىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسىدە بۇ مۇسابىقىنى كۆرگىلى كىرگەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان بايرىقى (كۆك بايراق) نەق مەيدان ئېكرانلىرىدا لەپىلدى. بۇ كۆرۈنۈش ھەتتا خىتاينىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان (CCTV-5) ئارقىلىقمۇ نەق مەيداندا كۆرۈندى. بۇ كۆرۈنۈشنى دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلار كۆرۈپلا قالماي مىليونلىغان كىشى — جۈملىدىن ۋەتەن ئىچىدىكى پۇتبول ھەۋەسكار ئۇيغۇرلارمۇ كۆردى. بۇ پەقەت بىر بايراقنىڭ لەپىلدىشى ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مىللىي غۇرۇرىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدە قايتا نامايان بولۇشى ئىدى. شۇڭا دىياسپورادىكى ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالغان ئۇيغۇر مىللىي روھى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بۇ كۆرۈنۈشنى ئۇيغۇرلار توختىماي ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقاتتى.

ئۇيغۇرلارنىڭ غۇرۇرى بولغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە لەپىلدىشى تۇنجى قېتىم ئەمەس. 2002-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، جەنۇبىي كورىيەنىڭ سېئۇل شەھىرىدىكى دۇنيا لوڭقىسى تەنتەربىيە سارايىدا ئۆتكۈزۈلگەن 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى C گۇرۇپپىسىدىكى خىتاي بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىسى ئەنۋەر توختى بۇ مۇسابىقىدە دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈچ مېتر چوڭلۇقتىكى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى خىتاي ۋارتاسىنىڭ ئارقىسدا تۇرۇپ لەپىلدەتكەن. بۇ كۆرۈنۈشمۇ خىتاينىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزورلىرىدا كۆرسىتىلگەن. ئەمما ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن.


خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىلدىن بۇيان ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا جازا لاگېرلىرىنى قۇرۇپ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر مىللىي روھىنى بوغۇپ تاشلىدۇق دەپ ئويلىغان ئىدى. 2026-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن» نى رەسمىي ئىجرا قىلىپ ئۇيغۇر مىللىي روھىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى قانۇنلاشتۇرغان بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غۇرۇرى بولغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ دۇنيا مۇسابىقىسىدە لەپىلدىشى ۋە خىتاينىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كۆرسىتىلىشى خىتاينىڭ مەنىۋى قورغانلىرىنى يېپيېڭىدىن يېرىپ تاشلىدى.
دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە كۆك بايراقنىڭ لەپىلدىشى ئۇيغۇر روھىنى ئويغاتتى. ۋەتەن ئىچىدىكىلەرگە بۇ تېخىمۇ باشقىچە سىگنال بەردى: «دۇنيا بىزنى كۆرۈۋاتىدۇ، بىزنىڭ مەسىلىمىز دۇنيا سىياسىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.» ئۇلار ئۆز ئۆيلىرىدە، خىتاينىڭ قاتتىق نازارىتى ئاستىدا تۇرۇپمۇ CCTV ئېكرانىدا ئۆز بايرىقىنى كۆرۈپ چەكسىز مەنىۋى كۈچكە تولدى. «بىز يالغۇز ئەمەس، بىزنىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىز يەنىلا دۇنيادا لەپىلدەۋاتىدۇ» دېگەن ئۈمىد ئۇلارنىڭ قەلبىنى ھاياجانغا سالدى.
2026-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكانىڭ ئاتلانتا شەھىرىدىكى Mercedes-Benz Stadium دا ئۆزبېكىستان بىلەن كونگو مۇسابىقىسىدە، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى تۇمارىس ئالماس ئائىلىسى بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى لەپىلدىتىپ كۆتۈردى. بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا بۇ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆ بايراق مەيداننىڭ چوڭ ئېكرانىدا پەيدا بولۇپ، پۈتۈن مەيداننى نۇرلاندۇرغاندەك بولدى.

2026-يىلى 6-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇمارس خانىمنىڭ قىزى شەرقى تۈركىستان بايرىقىنى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقە مەيدانىدا لەپىلدەتمەكتە
لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ FIFA غا كۆرسىتىۋاتقان قاتتىق بېسىمى دەرھال ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى. FIFA خادىملىرى دەرھال ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، بايراقنى تارتىۋالماقچى بولدى ۋە تۇمارىس خانىمنى بالىلىرىنىڭ كۆزى ئالدىدا مەيداندىن سۈرەپ چىقىرىشتى. بۇ جەرياندا FIFA خادىملىرى بايراقنى «نەپرەت سىمۋولى»، «قىرغىنچىلىق بايرىقى» دەپ ھاقارەت قىلدى. بۇ خىتاينىڭ FIFA غا بېسىم قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بايرىقىنى مۇسابىقىگە كىرگۈزۈشتىن ھۇشيارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، ئېكرانغا چىقىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق چارە تەلەپ قىلغانلىقىنىڭ ئەكسى ئەمەسمۇ؟
خىتاي نېمىشقا بۇنداق كۆك بايراقتىن قورقىدۇ ۋە لەنەتلەيدۇ؟ چۈنكى بۇ بايراق خىتاينىڭ مىلياردلىغان پۇل خەجلەپ قۇرغان يالغان تەشۋىقاتىنى، جازا لاگېرلىرىنى ۋە روھىي قورقۇنچ تاملىرىنى بىرلا سىلكىنىش بىلەن يېرىپ تاشلايدۇ. ئۇ بايراق كۆتۈرۈلگەن ھەر بىر پەيت، خىتاينىڭ «شىنجاڭ» دېگەن يالغىنىنى پاش قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى دۇنياغا جاكارلايدۇ.
بايراق دېگەن مىللىي غۇرۇرنىڭ ئىپادىلىنىشى. ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ بايرىقىدا «نەپرەت» بولمايدۇ. ئەگەر بىر بايراق «نەپرەت سىمۋولى» دەپ ئاتالسا، بۇ پەقەت خىتايدەك تاجاۋۇزچى دۆلەتنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ كىملىكىنى خۇنۇكلەشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىش ئويۇنىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ھەرىكىتى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قورقۇنچىنى ئاشكارىلايدۇ: بىر پارچە كۆك رەخت ئۇلارنىڭ مىلياردلىغان تەشۋىقاتىنى بىرلا سىلكىنىشتە يېرىپ تاشلىيالايدۇ.
ئەۋلادلار ۋەسىيىتى ۋە كەلگۈسىنىڭ سىگنالى
بۈگۈن خىتاي زۇلمىدىن قېچىپ دىياسپورادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار دۆلەتلىرىدە ئوقۇتماقتا. بۇ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ھازىر ئۆز قابىلىيىتى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن ئىلىم-پەن، سەنئەت ۋە تەنتەربىيە قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيىتىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئۇيغۇرلار — تەنھەرىكەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان، پۇتبولچىلىقنى قىزغىن سۈيدىغان بىر خەلق. شۇڭلاشقا، بەلكىم يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ پۇتبول مۇسابىقىلىرىدە يېشىل مەيدانغا چىقىپ توپ تېپىدىغان ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ياش ئۇيغۇر پۇتبولچىلار يېتىشىپ چىقىشى مۇمكىن.
شۇ كۈنلەر كەلگەندە، ئاشۇ مەيدانلاردا پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ ئۇتۇق قازانغان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ غەلىبىسى ئارقىسىدا، يىللاردىن بېرى چەتئەللەردە ۋەتەنسىزلىك دەردىدە قەلبى ئازابلانغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھىجرەتتىكى ھەسرەتلىك ۋەسىيەتلىرى ياتىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنىڭ روھى دۇنياسىغا مۇنداق بىر تەربىيەنى سىڭدۈرمەكتە: «بالام، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆز تىرىشچانلىقىڭ بىلەن كۆزگە كۆرۈنگۈدەك بىر ئۇتۇق قازانساڭ، ئۆزۈڭنىڭ بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى ئىكەنلىكىڭنى، ئاتا-ئاناڭنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچى دۆلىتى ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىقى ۋە زۇلمىدىن قېچىپ چەتئەللەردە ياشىغانلىقىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالما! شۇ چاغدا ئۆز مىللىتىڭنىڭ ئىرادىسىنى ئىپادىلە، ئۆزۈڭنىڭ ئۇيغۇرلىقىڭنى دۇنياغا بىلدۈر!».
ئاشۇ قەلبى پۇچلانغان ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ روھى دۇنياسىغا سىڭدۈرگەن ۋەسىيىتى بىلەن چوڭ بولغان پەرزەنتلەر ئىچىدىن، بەلكىم بىر كۈنى مىلياردلار كۆرۈۋاتقان شۇنداق چوڭ دۇنياۋى مەيداندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ چىقىشى ياكى ئۈستىگە: «شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ زېمىنى ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭدۇر! ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك!» دەپ يېزىلغان لوزۇنكىنى كۆتۈرۈپ دۇنياغا جاركارلىشى مۇمكىن.
خىتاينىڭ ئەڭ قورقىدىغىنى دەل مۇشۇ مىللىي روھنىڭ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا كۆچۈپ قايتىدىن ئويغىنىشىدۇر. دۇنيا لوڭقىسىدىكى بۇ كۆك بايراق خىتايغا شۇنى جاكارلىدى: سەن قانچىلىك جازا لاگېرى قۇرما، قانچىلىك قانۇن چىقارما، بىر مىللەتنىڭ ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈشىنى ۋە قەلبىدىكى كۆك بايراقنى ھەرگىز ئۆچۈرەلمەيسەن!
ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق! دېگەن روھ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ چاقنىسۇن!.
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2026-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى


