دەنھاقتا ئۇيغۇر ئادالىتىنىڭ غەلىبىسى: ئەركىنلىكىمىزنى قوغدىغانلارنى قوللايلى

« ھەرقانداق يەردىكى ئادالەتسىزلىك، ھەممە يەردىكى ئادالەتكە تەھدىتتۇر»- مارتېىن لۇتېركېڭ

« سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ»- ئۇيغۇر ماقال-تەمسىلى

دەنھاق (Den Haag) شەھىرىدىكى قەدىرلىك ۋەتەنداشلار ۋە ھەققانىيەتنى سۆيگۈچى قوللىغۇچىلىرىم،

دەنھاق شەھىرى دۇنيادا تىنچلىق، ئادالەت ۋە دېموكراتىيەنىڭ سىمۋولى. ئەمما، 2026-يىلى 14-فېۋرال كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئاتلىغان باستۇرۇش سىياسىتى دەل مۇشۇ ئەركىنلىك قورغىنىنىڭ ئىچىدە — دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا (Stadhuis) ئۆزىنى كۆرسەتتى. مېنىڭدەك تىنچ بىر نامايىشچىغا قىلىنغان بۇ ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇم دەنھاقنىڭ دۇنيادىكى تىنچلىق، ئادالەت ۋە دېموكراتىيەنىڭ سىمۋولى دېگەن ئابرۇيىغا سۈركەلگەن قارا داغ ئىدى.

شۇ كۈنى خىتايلارنىڭ چاغان بايرىمى تەبرىكلىنىۋاتقان زالدا، مەن بىر ئۇيغۇر نامايىشچى سۈپىتىدە تىنچ شەكىلدە پىكىر ئەركىنلىكىمنى ئىپادىلىگەن ئىدىم. ئەمما خىتاي تەرەپدارلىرى مېنىڭ بوينۇمنى بوغۇپ، قولۇمدىكى پىلاكاتنى تارتىۋېلىپ، مېنى زورلۇق بىلەن سىرتقا سۆرەپ چىقاردى. بۇ ۋەھشىيلىك پەقەت ماڭا قىلىنغان ھۇجۇم ئەمەس، بەلكى خىتاي زۇلمىنىڭ ياۋروپانىڭ سىياسىي يۈرىكىگە قىلغان بىر تەھدىتى ئىدى.

بىز يالغۇز قالمىدۇق! ئۇيغۇر ئاۋازى پارلامېنتتا ياڭرىدى!

دەنھاق شەھەرلىك پارلامېنتتىكى ئۈچ جەسۇر پارتىيە ۋەكىلى — Hera Butt (GroenLinks)، Samir Ahraui (PvdA) ۋە Lotte van Basten Batenburg (VVD) بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمىدى. ئۇلار شەھەر باشلىقىغا 10 تۈرلۈك ئۆتكۈر سوئال سۇنۇپ، خىتاينىڭ بۇ زوراۋانلىقىنى پارلامېنت كۈنتەرتىپىگە ئەكىلدى.

بۇ كۈچلۈك بېسىم نەتىجىسىدە، دەنھاق شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە شەھەرلىك ھۈكۈمەت ئەزالىرى  (B&W) رەسمىي جاۋاب بېرىپ، ماڭا قىلىنغان بۇ مۇئامىلىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان زوراۋانلىق » دەپ جاكارلىدى.

بۇ نېمە ئۈچۈن مۇھىم؟

دەنھاق — گوللاندىيەنىڭ سىياسىي مەركىزى. بۇ يەردە ئۇيغۇر ئاۋازىنىڭ چىقىشى پەقەت گوللاندىيە سىياسىتىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. دەنھاق پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش — خىتاينىڭ ياۋروپادىكى ئۇزۇن قولىنى كېسىپ تاشلاش دېمەكتۇر.

18-مارتتىكى چاقىرىقىم:

بىزنى ئەڭ قىيىن كۈنىمىزدە، خىتاي زوراۋانلىرىنىڭ ئالدىدا يالغۇز قويمىغان دوستلىرىمىزنى بۈگۈن بېلىتىمىز بىلەن قوللىشىمىز كېرەك. سىياسىي ئاۋازىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، دەنھاق شەھىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى ۋە ئادالەتپەرۋەرلەرنى 18-مارت كۈنى GroenLinks-PvdA ۋە VVD پارتىيەلىرىنىڭ ۋەكىللىرىگە بېلەت تاشلاشقا چاقىرىمەن.

كېلىڭلار، بېلىتىمىز ئارقىلىق دۇنياغا شۇنى بىلدۈرەيلى: ئۇيغۇر ئاۋازىنى ھېچكىم بوغۇپ ئۆچۈرەلمەيدۇ!

ئادالەت ئۈچۈن، بىز بىلەن بىللە بولغانلارغا بېلەت بېرەيلى!

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

يېزىلغان ۋاقتى: 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى