
ئەلنىڭ ھۈكۈمى لىللا- ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى
2025-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ھىدايىتۇللا ئوغۇزخاننىڭ جىنسى پاراكەندىچىلكى ھەققىدە كەسكىن بايانات ئېلان قىلىپ، ھىدايىتۇللا ئوغۇزخاننىڭ دەرھال ئىستىپا بىرىشىنى ۋە يېڭىدىن بىر رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى بارلىققا كەلتۈرۈشىنى جاكارلىغان ئىدى. بۇ بايانات ئېلان قىلىنىپلا، شۇ كۈنى كەچتە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكى تەپتىش ھەيئىتى ئىچكى قىسىمدا يىغىن ئېچىپ، تەپتىش ھەيئىتىنىڭ ئىلگىركى قارارىغا ئاساسەن ۋاقىتلىق ۋەزىپىسدىن توختىلىغان ھىدايىتۇللا ئوغۇزخاننىڭ ئورنىغا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالاربىرلىكىنىڭ سابىق رەئىسى ئاتاۋۇللا شاھيارنىڭ خەلىقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكى ۋە شەرقى تۈركىستان مائارپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتىنىڭ مۇۋەققەت رەئسى بۇلۇپ سايلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكى تەپتىش ھەيئىتىنىڭ بۇ قارارىغا قارىتا دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇر جامائىتى نارازىلقىنى ئپادىلەپ بۇ قارارنىڭ دىمكۇراتىك ئۇسۇلدا بولمىغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. مەنمۇ بىر كۈزەتكۈچى بۇلۇش سۈپتىم بىلەن بۇ ئىشلارنى كۈزىتىپ ئۈزەمنىڭ تەنقىدى پىكىرنى بايان قىلىشنى مىللەت ئالدىدىكى بىر بۇرچۇم دەپ قاراپ ئۈزەمنىڭ ھىس قىلغانلىرى ئاساسىدا بۇ يازمامنى خەلقىمگە سۇندۇم. مەن ئاتاۋۇللا شاھيارنى ياخشى تۇنۇيمەن، ئۇمۇ مېنى ئوبدان بىلىدۇ. بىز بىر قانچە قېتىم سۆھبەتلەردىمۇ بولغان. ھەتتا مېنىڭ بىر قانچە سۇئالىم ئۇنى قاتتىق تەمتىرىتىپ قويغاچقا، ئۇ ھازىرغىچە مەندىن ئۆزىنى ئىزچىل قاچۇرۇپ كەلدى.

ئۈچ يىلنىڭ ئالدىدا، يەنى 2022-يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرىدا، مەن مىللەتنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلغاننىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نېمە؟ دەپ بىر يازما يازغان ۋە يازمامنى شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رەئىسى ئاتاۋۇللا شاھيارغا ۋاتىسئەپتىن ھەم ئىلخەتتىن ئەۋەتىپ، ئاتالمىش ئۆلىمالارنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق پەتىۋا چىقىرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدىم. كېيىن يەنە تېلفۇندا كۈرۈشۈپ، بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرغانمۇ بولدۇم.
ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلالايمەنكى، ئاتاۋۇللا شاھيار شۇ ۋاقىتتا، مەن سىلنىڭ يازمىللىرىنى تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم، ياخشى يېزىپلا. بىز ئۆلىمالار بىرلىكىدىكىلەر بۇ ھەقتە سۆھبەت قىلىپ، ئىككى ھەپتە ئىچىدە بىر پەتىۋا چىقىرىپ جاۋاب بىرىمىز، دەپ ۋەدە قىلغان ئىدى. ئەپسۇس، ئىككى ھەپتە ئۆتتى، ھەتتا ئىككى ئاي ئۆتتى. مەن ھېچقانداق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەندىن كىيىن، ئالدىراشچىلىقتا ئۇنتۇپ قالغان بولسا ئىسىگە سېلىپ قۇياي، دەپ يەنە تېلفۇن قىلىپ كۈرۈشسسەم، ھە ماقۇل دىدى. يەنە ساقلىدىم، ساقلىدىم، ساقلىدىم … ئاي ئۆتتى، يەنە جاۋاب يوق. كېيىن يەنە ئۇچۇر قىلسام، ئۇ شۇ ھامان مېنى ۋاتىسئەپتىن چەكلەپ قويدى.
خۇلاسە كالام، ئەسلىدە، ئۆز مىللىتىنىڭ ھەققىگە خىيانەت قىلغاننىڭ ئىسلامدىكى ھۆكمى نىمە؟ دىگەن مەسىلىگە پەتىۋا پىچالماسلىقىدا سەۋەب بار ئىكەن. بولمىسا نىمە ئۈچۈن پەتىۋا پىچىمىز دەپ ۋەدە بەرگەن ئاتاۋۇللا شاھيار تۇيۇقسىزلا ئۆزگىرىپ مېنى قارا تىزىملىككە تىقىپ ئۈزىنى ئېلىپ قاچىدۇ؟ ئۇنىڭ ۋە ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ پەتىۋا بەرگۈدەك بىلىمى ھەم سالاھىيىتى يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار. ئەمسە ئاتاۋۇللا شاھيار رەھبەرلىكىدىكى ئۆلىمالار بىرلىكىنى پەتىۋا پىچىشتىن تۇسۇپ تۇرغان سىرلىق كۈلەڭگە نىمە؟
مەن يەنە شۇنداق دەيمەنكى، ۋەتەننىڭ كېلىچەكى، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە پەتىۋا بېرىشتىن ئۈزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەن، ئۆلىما دىگەن چىرايلىق سۈپەت بىلەن سۈپەتلەنگەن ئاتاۋۇللا شاھيارنىڭ خەلىقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكى، شۇنداقلا شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسى بۇلۇپ سايلىنىشى، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دەۋاسىغا قىلىنغان خىيانەت، رەببىمىزنىڭ ئالدىدا كەچۈرگىسىز جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.
ئەي، خەلقىم، سىلەرنىڭ سۈكۈت قىلىشىڭلار، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرشىىدە نۇرغۇنلىغان ھەقسىزلىقنىڭ يامراپ كىتىشىگە، ئادالەتنىڭ ھىچنىمگە ئەرزىمەي رىياكارلىق، مەنمەنچىلىك، ساختىلىقنىڭ ۋىروستەك تارقىلىپ كىتىشىگە سەۋەب بولماقتا. قاچانغىچە ھەقسىزلىككە سۈكۈت قىلىمىز؟ بىز قىيامەت كۈنى ئاللاھنىڭ ئالدىدا ھەقسىزلىققا قارشى سۈكۈتتە تۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن نىمە دەپ جاۋاب بىرىمىز؟
جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان ۋېدىيوسىدا خەلىققە خىتاب قىلىپ خەلىقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكى يېڭى بىر رەھبەرلىك كوللېكتىپىنى تېزدىن سايلاپ چىقىش كېرەك دىگەن كەسكىن سۈزى بىزنى چۇڭقۇر ئويلىنىشقا دالالەت قىلىدۇ. بۇ رەھبەرلىك كوللېكتىپى چۇقۇم خەلق ھىمايە قىلىدىغان، خەلق بىلەن ئورگانىك باغ قۇرالايدىغان، خەلقنى يىتەكلەپ ماڭالايدىغان، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىدە مىللەتنىڭ ئورتاق مەنپەتىنى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيالايدىغان، نەپسى خاھىشىدىن ۋازكىچىپ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەنپەئەتىنى تۈركىيە مەنپەئەتىگە ئۈستەك قىلىپ بەرمەيدىغان، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى دېگەن نامنى سۇيىئىستىمال قىلىپ، ئەمەلىيەتتە تۈركىيە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر شۆبىسى بولۇپ قالمايدىغان، پارىخورلۇق، زىناخورلۇق، مۇناپىقلىق ۋە ۋەتەنساتقۇچلۇقتىن دوزاخنىڭ ئوتىدىن قاچقاندەك قورقۇپ قاچىدىغان بولۇشى كېرەك.
ئۇنداقتا، بۇ رەھبەرلىك كوللېكتىپى قانداق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ؟ مېنىڭچە، تۈركىيە ئىچىدىكى كۆزگە كۈرۈنگەن زىيالىلاردىن، ھەققانىيەت ئۈچۈن ئاللاھدىن قۇرقۇپ دادىل پەتىۋا پىچالايدىغان دىنىي ئۇستازلاردىن، ۋەتەنپەرۋەر سىياسى پائالىيەتچىلەر، جۈملىدىن ھەرقايسى ساھەنىڭ كۆزگە كۈرۈنگەن ۋەكىللىرى بىر يەرگە يىغىلىپ، بۇ مۇقەددەس خىزمەتنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى كېرەك.
بىز ئەمدى دادىدىن بالىغا، پىرىدىن مۇرىتىغا قالىدىغان دەۋا ئەندىزىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرشىنى يىلتىزىدىن ئىسلاھ قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان ئىسلاھاتچىلىق ئىدىيسىگە ئىگە رەھبەرلەرگە موھتاج. يېڭىچە قەدەم ئېلىپ، خەلىقئارالىق كۈنتەرتىپ بىلەن ئورگانىك بىرلىشەلەيدىغان لوبىچى رەھبەرلەرگە موھتاج. خەلقئارا تەشكىلاتلار بىرلىكى بۇرنىنىڭ ئۈچىنى كۆرمەسلىكى، ئۆتمۈشىدىن دەرس ئېلىپ ئۆزىنىڭ تىزگىنىنى ئىشەنچلىك، ئىلىملىك ۋە ۋەتەن ئاشىقى كىشىلەرگە تاپشۇرۇشى زۆرۈر.
ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئۆز كادروسى بىلەن دەرھال ئىستىپا بېرشى، تۈركيەدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار، زىيالىلار، تەشكىلاتلار ۋە خەلق ۋەكىللىرى، كۆزگە كۈرۈنگەن سىياسى پائالىيەتچىلەر بىرلىكتە جىددى بىر يىغىن چاقىرىپ قانداق قىلغاندا شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرشىنى دەۋېرگە ماس قەدەمدە ئېلىپ بارالايمىز؟ يەنىلا ئەنئەنۋى دەرنەكچىلكنى ئاساس قىلغان كونا مۇقامدىكى سايلام ئۇسۇلىدا رەھبەرلىك قاتلىمىنى بارلىققا كەلتۈرەمدۇق؟ ياكى ئىسلاھات خارەكتېرلىك يېڭىچە تەدبىر بىلەن قايتىدىن تەشكىللىنىپ دىمكۇراتىك ئۇسۇلدا رەھبەرلىك قاتلىمىنى سايلاپ چىقىپ تەشكىلىي قۇرۇلمىزنى يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىىپ ھەمكارلىق مىخانىزىمى سېستىمىسنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بىر شەخسكە، بىر كوللىكتىپكە ياكى بىر جامائەتكە باغلىنىپ قالدىغان قاتمال سېستىمىنى ئىسلاھ قىلىپ ھەممە نەرسە ئوچۇق، سېستىمىلىق ۋە تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىدىغان بىر تەشكلىلى مىخانىزىمىنى قۇرۇپ چىقالامدۇق؟ دەپ ئىسلاھات روھى قەدەمنى بېسىش كېرەك. چۈنكى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرشى بىزدىن جىددى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەقەززار قىلىۋاتىدۇ. دۇنيا مىللەتلىرى ئىسلاھات ئارقىلىقىلا قەدىنى تىكلەپ تەرەققى قىلدى. ئەمما بىز ئەنئەنۋى دەرنەكچىلىككە كانىدەك چاپلىشىپ قالغان كۈنىمىز بۈگۈنكى ئاچچىق رىياللىق. غەپلەتتىن ئويغىنايلى! ئۇيقىمىزنى ئاچايلى. ئىسلاھات قەدىمىنى ئالايلى. ئۈزىمىزنى ئىسلاھ قىلىش بىلەن قەدىمىزنى باشلايلى!.مانا بۇ،دىياسپۇرادىكى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرشى ئۈچۈن كېچە – كۈندۈز ئۈمىد ۋە ئىستىقبال چۈشەيدىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ شۇنداقلا نۆۋەتىكى ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى.
دىياسپۇرادىكى 70 نەچچە يىللىق شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرەش يۇلدىكى تەجىربىلەردىن شۇنى ھىس قىلدۇقكى، بىزنىڭ مۇستەقىللىق كۈرشىمىزدىن بىر ئىلمىي خۇلاسە چىقىرشىمىز نۆۋەتىكى زۈرۈرىيەت.
ئەزىز قېرىنداشلار، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشى بىزدىن جىددى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى، قايتىدىن تەشكىللىنىپ يېڭىدىن شەكىللىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان يېڭى دۇنيا تەرتىپىدىن ئورۇن ئېلىشنى، مۇھىمى، نۆۋەتتىكى پۇرسەت ۋە خىرىسلەرگە ياخشى تەييارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بىز ئۇيقۇمىزنى ئاچايلى، تارىختىن بۇيان دۇنيا مىللەتلىرى ئىسلاھات ئارقىلىقلا قەدىنى تىكلەپ تەرەققىي قىلدى. بىز ئۇيغۇرلارمۇ ئەنئەنۋى دەرنەكچىلىككە كانىدەك چاپلىشپ يېتىپ، كېلىۋاتقان يېڭى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيلى. چۈنكى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقىنىڭ بۇرۇنراق ئەسلىگە كېلىشى دەرنەكچىلەرنىڭ، دىكتاتور تەشكىلات زالىملىرىنىڭ ئەمەس، بەلكى ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر ئەزىمەتلىرىنىڭ تەخىرسىز ۋە بىردىنبىر غايىسى !
خەلىق ئېيىتماس، ئېيىتسا يالغان ئېيىتماس دەپ قالغىنىغا خەلىقىم بىر نىمە دىسۇن!
قۇشۇمچە: بۇ ماقالىگە مۇناسىۋەتلىك ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇرنىڭ فېيسبۇك ھىسابىدىكى ئۇلانما:
https://www.facebook.com/share/18fwUJrEBE/?mibextid=wwXIfr
ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر
يېزىلغان ۋاقتى: 2025-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى