ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخدىكى دەۋىر بۆلگۈچ ئىنقىلاپ -بارىن ئىنقىلاپى

يا مۇستەقىللىق يا ئۈلۈم- خاتىرەمدىن

بۈگۈن 4-ئاينىڭ 5-كۈنى ،بۇنىڭدىن 35 يىل ئىلگىركى بۈگۈنكى كۈندە يەنى 1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى خىتاي ئىشخالىيتىدىكى شەرقى تۈركىستاننىڭ بارىن يېزىسىدا بارىن ئىنقىلابى پارتىلغان كۈن. بۇ كۈن باتۇر، قەھىرىمان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا مۇستەملىكە بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، ئازاتلىق، مۇستەقىللىق ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقنىڭ سىگنالىنى بەرگەن كۈن، شۇنداقلا دۇنياغا <<بىزتېخى  ھايات، بىزگە ھۆرلۈك كېرەك>> دىگەن ساداسىنى ياڭراتقان كۈن. شۇنداقلا ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا تاجاۋۇزچى خىتاي ھۈكۈمىتىگە قارشى شانلىق ئىنقىلاب سەھىپىسنى ئاچقان كۈن.

بۇ ئىنقىلابنىڭ ئالدىدىكى ۋەزىيەتكە قارايدىغان بولساق ماۋزىدۇڭنىڭ ئۈلىمى بىلەن ئاخىرلاشقان مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن، بولۇپمۇ خىتاي كومپارتىيسى مەركىزى  كومىتىتىنىڭ 11-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمى يىغىنىدىن كېيىن  خىتاينىڭ سىياسى ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىدا بەزى ئۆزگۈرۈشلەر بولدى. پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىمۇ ئاتالمىش مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ھەر خىل بۆھتانلار بىلەن قولغا ئېلىنغان زىيالىلار، ئۆلىمالار، مەمۇرى كادىرلار، بايلار ۋە جامائەت ئەرباپلىرى قاتارلىق مىللەتنىڭ سەرخىللىرى ھېساپلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ كۈپۈنچىسى تۈرمىلەردىن قۇيۇپ بىرىلىپ نامى ۋە خىزمەتلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلدى. ھەمدە مائارىپ، ئەدەبىيات -سەنئەت، نەشىرياتچىلىق ۋە دىنىي ئىشلار جەھەتتە زور تەرەققىياتلار بولدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تىل-يېزىقىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەن قەدىمقى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىغا ئائىت، بىباھا قىممەتكە ئىگە ئېسىل كىتابلار ۋە ئىلمىي ماقالىرىلار ئارقا-ئارقىدىن روياپقا چىقتى.

شۇنداقلا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ « ئىز»، « ئويغانغان زىمىن» ، تۇرغۇن ئالماسنىڭ « ئۇيغۇرلار»، « ھونلار تارىخى»، « قەدىمقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى»، ئارخىلوگ ۋە تارىخشۇناس قۇربان ۋەلى تەھىرلىگەن « بۇغراخانلار تەزكىرسى» قاتارلىق كىتابلار نەشىر قىلىنىپ،  ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخ ئېڭى، مىللىي كىملىكىنىڭ كۈچىيشىگە تۈرتكە بولدى. مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدا ھەرقايسى شەھەر ۋە يېزىلاردا چېقىۋېتىلگەن ۋە چوشقا قۇتىنىغا ئۆزگەرتىلگەن مەسچىتلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلۇپ ۋە قايتىدىن سېلىنپ مەسچىتلەردە دىنىي تەلىم -تەربىيە ئېلىشىغا يول قۇيۇلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە داڭلىق دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم خاتىبلىق قىلىۋاتقان قاغىلىقتىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتنىڭ ئۈزىدىلا نەچچە مىڭلىغان دىنىي ئۇستازلار يىتىشىپ چىقىپ ئۇيغۇر دىنى كىملىك روھىنىڭ قايتا تىرلىشى بارىن ئىنقىلابىنىڭ بارلىققا كىلشىدە ئۆز ئىپادىسنى تاپتى. بارىن ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىسى قەھىرىمان زەيدىن يۈسۈپ ئەنە شۇلارنىڭ بىرسى ئىدى.

ئۇزۇن مەزگىل پۇختا تەييارلىق قىلغان زەيدىن يۈسۈپ 1989-يىلى 11-ئايدا سەپداشلىرى  بىلەن بارىن يېزىسىدا « شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتيىسى» نى قۇرۇپ چىقىدۇ. « شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيسى » نىڭ  خىتابنامىسدا خىتاي تاجاۋۇزچى ھۈكۈمىتىگە قارشى قۇراللىق ئۇرۇش قوزغاپ شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ 3- جۇمھۇرىيەتنى ئېلان قىلىش ئېنىق بەلگىلنىپلا قالماستىن بەلكى ئۇرۇشنىڭ سىتىراتىگىيەلىك نىشانى ئۈچ لىنىيەدە ئېلىپ بېرىش بەلگىلەندى.

بىرىنجى لىنىيە-مەركىزى قىسىم، ئىككىنجى لىنىيە- شەرقى قىسىم، ئۈچۈنجى لىنىيە-شىمالى قىسىم.

بىرىنجى لىنىيەدىكى مەركىزى قىسىمنىڭ ۋەزىپىسى ئۇمۇمى ئۇرۇشقا قۇماندانلىق قىلىش، مەركىزى رايۇندىكى كونكېرىت ۋەزىپىسى : بىرىنجى يۈلنىشتە چاقماق تىزلىكىدە ھەركەت قوزغاپ ئاقتۇ ناھىيسىنىڭ ژاندارما ئەتىرتىنى باستۇرۇپ پۈتۈن قۇرال-ياراق، ئوق-دورىلارنى قولغا چۈشۈرۈش، ناھىيلىك ھۈكۈمەت قاتلاملىرىدىكى بارلىق ئالاقە قۇراللىرىنى ئۈزۈپ تاشلاش. ئىككىنجى يۈلنىشتە قەشقەر شەھىرىدىكى ۋالىي مەھكىمسىنى، پارتىكوم بىناسىنى  ئىگەللەپ 3- قېتىملىق  «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتى » نى جاكارلاش ئىدى. ئۈچۈنجى يۈلنىشتە شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتى ھۈكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى چىگىرىدىن بۈسۈپ چەتئەلگە چىقىپ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىش.

ئىككىنجى لىنىيەدىكى شەرقى قىسىمنىڭ كونكىرىت ۋەزىپىسى: بىرىنجى يۈلنىشتە 22-ئاپىرىل قۇمۇل-تۇرپان تۈمۈر يۇلىنى پارتىلتىپ ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىسدىن كىلىۋاتقان پويىزلارنى چۆلىكتە توختۇتۇش، بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۈكۈمىتنى ئالاقىزادە قىلىپ خىتاي ھۈكۈمىتنىڭ شەرقى تۈركىستانغا پويىز ئارقىلىق ئەسكەر يۆتكەش يۇلنى ئۈزۋېتىش.

ئۈچۈنجى لىنىيەدىكى شىمالى قىسىمنىڭ كونكېرىت ۋەزىپىسى: 1-يۈلنىشتە سېۋىت ئىتىپاقى چىگىرىسدا قۇراللىق تۇقۇنۇش چىقىرىپ خىتاي ئەسكىرى كۈچىنى ئالاقىزادە قىلىش. ئىككىنجى يۈلنىشتە- چەتئەلگە قېچىپ چىقىپ مەركىزى قىسىم ئەزالىرى جاكارلىغان « شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتى » ھۈكۈمىتنى ئېلان قىلىش. بۇ ئۇرۇش پىلاندىكى ئىككىنجى لىنىيە بىلەن ئۈچۈنجى لىنىيە خىتاي ھۈكۈمىتنى ئالاقىزادا قىلىش، ئۈركىتىش، دىققىتىنى چېچىش، كۈچىنى بۈلۈشتىن ئىبارەت تاكتىكىلىق رۇلنى ئۈتەيدىغان، بىرىنجى لىنىيە بولسا، ئاساسى سىتىراتىگىيەلىك نىشاندىن ئىبارەت قەشقەر شەھرىدە مۇستەقىللىقنى جاكارلايدىغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان.

مانا مۇشۇنداق پۇختا تەييارلىق قىلغان زەيدىن يۈسۈپ شەرق تۈركىستاندا ختاي تاجاۋۇزچى ھاكىميىتىگە قارشى قۇراللىق پارتىزانلىق ھەركەت قىلىشنىڭ ماددى ۋە مەنىۋى ئاساسىنى بەرپا قىلىدۇ. بۇ ھەركەت پىلانى بۇيچە  1990-يىلى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەرقايسى جايلرىدىن بارىن يېزىسىغا توپلانغان ئىنقىلابچىلار ئالدى بىلەن ئاقتۇ ناھىيسنىڭ ساقچى ئىدارىسى ۋە ژاندارما ئەتىرتىگە ھۇجۇم قىلىپ قۇراللارنى ئولجا ئېلىپ ئارقىدىن قەشقەرگە يۈرۈش قىلىپ قەشقەر ۋالىي مەھكىمسى ۋە پارتىيە ئورگانلىرىنى ئىگەللەپ  ئۈچۈنجى قېتىملىق « شەرقى تۈركىستان » جمھۇرىيتىنى ئېلان قىلماقچى، شۇنداقلا پۈتۈن شەرقى تۈركىستاندا بىرلا ۋاقىتتا ئىنقىلاپ قوزغىماقچى ئىدى. بىراق بۇ ھەركەت پىلانى خائىن، مۇناپىق رېھىم دانىش موللانىڭ ساتقىنلىقى تۈپەيلىدىن ئاشكارىلنىپ كەتكەچكە، ئىنقىلاب  مۇددەتىن 17 كۈن بۇرۇن يەنى 5-ئاپرىلدا بارىن يېزىدا باشلىندۇ.

بارىن قەھىرىمانلىرى بىلەن قۇيۇق ئالاقە قىلىپ ھەمسۆھبەتتە بولغان 20 يىلدىن ئارتۇق خىتاي تۈرمىسدە يېتىپ تۈركىيەدە ۋاپات بولغان سىياسى پائالىيەتچى ئابدۇلھەمىت ئۇيغۇرنىڭ ھايات ۋاقتىدا ماڭا بارىن ئىنقىلابى ھەققىدە خېلى كۆپ ئۇچۇرلارنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇيغۇرنىڭ بايان قىلىشچە، بارىن ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىسى 26 ياشلىق زەيدىن يۈسۈپ شەرقى تۈركىستاننىڭ بىرقىسىم شەھەر ۋە يېزىللىرىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگەللەيدۇ. ئۈزى بىلەن ئوخشاش پىكىردىكى كىشلەر بىلەن تۇنۇشۇپ ئۇلارنى تەشكىللەيدۇ، ئۇلارغا ھەربى تەلىم -تەربىيە بىرىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارغا ئاددى ئۇسۇل بىلەن گىرانات ،قول بومبىسى، پارتىلاتقۇچ بومبا ياساش ۋە پارتىلتىش تېخنىكىسىنى ئۈگتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، مىلتىق ئېتىش، قېلىچۋازلىقنىمۇ ئۈگتىىپ  قوزغىلاڭ قىلىشقا پۇختا تەييارلىق قىلىدۇ. 700 نەپەردىن ئارتۇق پىدايى جەڭپى 17 دانە چـوڭ ـ كىچىـك مىلتىــق، تاپانچـا، 64 دانە يەرلىك ئۇسـۇلدا ياسـالغان بومبـا، 150 دانە قـېلىچ، پىچـاق، پالتـا ۋە 20 تۇياقتىن ئارتۇق سەرخىل ئاتلارنى ھازىرلايدۇ. ئەينى چاغدا دۇنيادا ئەڭ كۆپ قۇشۇنغا ۋە ئىلغار ھەربىي قۇرالغا ئىگە خىتايغا بۇنچىلىك ئاجىز كۈچ بىلەن قارشى تۇرۇش ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر ئىش دەپ قارلاتتى. ئەمما ئەركىنلىكنى، مۇستەقىللىقنى بەدەل تۈلەش ئارقىلىق ئارقىلىق ئىرىشكىلى بۇلدىغانلىقىنى بىلدىغان بارىن ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ئەقلىگە سىغاتتى.

4-ئاينىڭ 5- كۈنى 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر بامدات نامزىدىن يېنىپ ئۆزلىرى تەييارلىغان ھەرخىل قۇراللار، قول بومبىلارنى يۇشۇرۇن ئېلىپ يېزلىق ھۈكۈمەتنىڭ ئالدىغا بارىدۇ. ھۈكۈمەت خادىملىرى چىقىپ نىمىگە كەلدىڭلار ؟ دىگەندە،

  1. خىتاي كۆچمەنلىرىنى توختۇتۇش
  2. پىلانلىق تۇغۇتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش
  3. ئىچكىردىن كۆچۈرۈپ كىلىنگەن خىتايلارنى قايتۇرۇپ كېتىش
  4. شىنجاڭنىڭ (شەرقى تۈركىستاننىڭ) بايلىقىنى ئۈزى ئىشلىتىش، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كەتمەسلىك
  5. ھاشار-ئالۋاڭنى يوق قىلىش

دىگەن 5 تەلەپنى ئوتتۇرغا قۇيدۇ. يېزىلىق ھۈكۈمەت خادىملىرى سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ بۇ ئەھۋاللارنى يۇقۇرى دەرىجىلىك ھۈكۈمەتكە مەلۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قۇراللىق ئەسكەرلەر بارىن يېزىسنى قورشاپ ئىنقىلابچىلارغا ئوق چىقىردۇ. ئېتىشىش كەسكىن داۋاملىشىدۇ. ئىنقىلابچىلارمۇ ئۆزلىرى ئالدىدىن پۇختا تەييارلىق كۆرگەچكە  ئۆزلىرى تەييارلىۋالغان قۇراللار بىلەن قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ خىتاي ئەسكەرلىرىدىن نۇرغۇن قۇراللارنى غەنىمەت ئالىدۇ. قۇماندان زەيدىن يۈسۈپ سۇ مۇنارىغا چىقىۋېلىپ ئىنقىلابچىلارغا ئوق ئېتىۋاتقان خىتاي ئەسكەرلىرىنى پارتىلتىمەن دەپ مۇنار تەرەپكە قاراپ ماڭغان ۋاقىتتا بۆكتۈرمىدىكى خىتاي ئەسكىرى ئۇنىڭ پۇتىغا ئوق ئاتىدۇ. قان ئېقىپ تۇرغان پۇتىنى سۆرەپ مۇنارغا يېقىنلىشۋاتقان زەيدىن يۈسۈپ خىتاي ئەسكەرلىرى تەرپىدىن ۋەھشىيلەرچە شېھىت قىلىندۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسنى مۇئاۋىن باش قۇماندان، قۇشۇمچە مالىيە باشلىقى بولغان ئابدۇغېنى تۇرسۇن ئۈستىگە ئالىدۇ، ئۇ: بىز بۇ يەردە بۇنداق ئۇرۇش قىلساق قىرلىپ تۈگەيمىز دەپ خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇرۇشقاچ، تاغ تەرەپكە  چىكىندۇ. تاغدا يەتتە كىچە-كۈندۇز خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ئېتىشدۇ. ئەسكەرلىكتىن قايتىپ كەلگەن مۇھەممەد تۇرسۇن دىگەن جەڭچى بۇ ئۇرۇشتا كۆپ پىداكارلىق كۆرسىتىپ خېلى كۆپ خىتاي ئەسكەرلىرىنى ئۆلتۈرىدۇ. خىتاي ھۈكۈمىتى بىر قىرغىز ئوۋچىنى سېتىۋېلىپ مۇھەممەت تۇرسۇننى ئۆلتۈرۈشكە تاغقا مەخپى ئەۋەرتىدۇ. بۇ خائىن قىرغىز ئۇنى كەينى تەرەپتىن ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ. كىيىنكى كۈنلەردە بۇ قىرغىز ساراڭ بۇلۇپ قالىدۇ.

زەيدىن يۈسۈپ باشچىلقدىكى بۇ  ئىنقىلاب خىتاي ھۈكۈمىتى جاللاتلىرىدىن دىڭ شاۋپىڭ، جىياڭزىمىن، لىى پىڭ قاتارلىقلارنى قاتتىق چۈچۈتكەن. بۇ جاللاتلار بارىن ئىنقىلابىنىڭ شەرقى تۈركىستاننىڭ باشقا شەھەر ۋە يېزىللىرىغا كېڭيىپ كىتىشتىن قاتتىق قورقۇپ، ئىنقىلابنى تۈپ يىلتىزدىن يۇقىتىش ئۈچۈن زامانىۋى ئورۇش ئەسلىھەلىرىنى ئىشقا سېلىپ قانلىق باستۇرغان، نەتىنجىدە  1990-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى باشلىنىپ يەتتە كىچە كۈندۈز داۋاملاشقان بۇ ئىنقىلاب، خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ پۈتۈن يېزىنى مۇھاسىرگە ئېلىپ ئۆيمۇ-ئۆيگە كىرىپ قىرغىنچىلىق قىلشى بىلەن قانلىق باستۇرۇلغان. بارىن ئىنقىلابىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان بىر خىتاي ئەسكىرى كىيىن ئامرىكىغا قېچىپ چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارىن يېزىسىدا ئېلىپ بارغان قوراللىق باستۇرۇش ھەرىكىتىدە كۆرگەنلىرىنى« ئەركىن ئاسىيا » رادىيوسىدا ئاشكارىلىغان. ئۇنىڭ دىيىشچە پۈتۈن بارىن يېزسسىدىكى خەلىق مەيلى ئىنقىلابقا قاتناشقان ياكى قاتناشمىغان بولشىدىن قەتئىنەزەر تۇتۇلغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن. خىتاي ئەسكەرلىرى ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، باللىرىنى ئىمتىۋاتقان بىگۇناھ ئاياللارنى ھەتتا نارسىدە بۇۋاقلارنىمۇ ۋەھشىيلەرچە ئېتىپ ئۆلتۈرۈگەن.

خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى قانلىق جىنايەتلىرى خەلىقئارا جەمئىيەت ۋە كىشلىك ھۇقۇق ئورگانلىرى تەرپىدىن ئەيىبلەنگەن. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 1999-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشلىك ھۇقۇقلىرى ھەققىدە 92 بەتلىك مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ « بارىن ئىنقىلاب » نى باستۇرۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە جاۋابكار بۇلۇشقا ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كەڭ كۆلەملىك كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە باستۇرۇشلىرىنى توختىتىشقا چاقىرغان.       

بارىن ئىنقىلابى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس، قەھرىمان مىللەت ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايغا مەنسۇپ ئەمەسلىكىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق روھىنى نامايەن قىلغان دەۋىر بۆلگۈچ ئىنقىلاب. بۇ ئىنقلاب گەرچە مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان بولسىمۇ ئەمما دۇنيا مەتبۇئاتلىرىنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ ئۇيغۇرنى قايتىدىن نامايەن قىلىپ ئۇيغۇر مەسلىسنى دۇنيا مىقياسىدا ئاڭلاتتى. نۇرغۇن دۆلەتنىڭ  ئاخبارات ۋاستىللىردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاتلىققا بولغان ئۈمىدى،مۇستەقىللىق ئىشەنچىسدىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر، ئانالىزلار ئېلان قىلىندى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسردە ئىككى قېتىم مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇپ ئۈزىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلغانقىغا ئائىت تارىخىي مەلۇماتلار تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇلدى.

بىز ھەريىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى دىياسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار بۇ شەرەپلىك ئىنقىلابنى ئىپتىخارلىنىش ۋە پەخىرلىنىش ئىچىدە خاتىرلەيمىز. ھەمدە بۇ ئىنقىلاپتا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتى ۋە بارلىقىنى خەلقنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن بېغىشلىغان ئاشۇ شەھىدلىرىمىزنى قايغۇ-ھەسرەت ئىچىدە ئەسلەيمىز، زەيدىن يۈسۈپتەك قەھرىمانلىرىمىزدىن پەخىرلىنىمىز. شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىغا قارشى كۆرەش ئىرادىسىنى نامايەن قىلغان بۇ ئەھمىيەتلىك كۇننى مەڭگۈ ئۇنۇتمايمىز. بارىن روھىي تۇتاشتۇرغان ئوتتەك ئىرادە قەلبىمىزدە مەڭگۇ يالقۇنلايدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىللىرىنىڭ مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلۇپ ئۈزىمىزنىڭ مۇستەقىللىقىنى  قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئاداققىچە كۈرەش قىلىش بىزنىڭ ۋىجدانى بۇرچىمىزدۇر.

مەنبە:  بارىن ئىنقىلابىنىڭ 15 يىللىقى، تور دۇنياسى

يېزىلغان ۋاقتى: 2023-يىلى بارىن ئىنقىلابىنىڭ 33 يىللىقىدا تۈنجى. قېتىم يېزىلغان ۋە زىمىستان تورىدا ئېلان قىلىنغان. 2025-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى بارىن ئىنقىلابىنىڭ 35-يىللىقىدا قايتىدىن تۈزتىلىپ تۇلۇقلاندى.